بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى
This content is not yet available in your language.
خەلقئالەم ئالدىدا بەنى ئىسرائىل توغرا بىلەن خاتانى ئېنىق ئايرىپ، رەھىملىك ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى قىزغىن سۇيۇپ، ئاللاھنىڭ مېھىر - شەپقىتى ۋە يېتەكچىلىكىگە مۇشەررەپ بولدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قانداقمۇ ئېچىلمىسۇن، ئېتىقاد بۇلاقلىرى قانداقمۇ بۇلدۇقلاپ ئۇرغۇمىسۇن!؟ ھەقىقەتنىڭ مۇجىزىسى ئاجايىپ نۇر چاچماقتا، ئۇلار بۇنىڭغا كۆزىنى ئۆزمەي زەن قويۇپ قارىشاتتى. ئەمدى ئۇلار ئارامخۇدا تىرىكچىلىك قىلاتتى. پىرىئەۋنىڭ پوپوزىسدىن ياكى ئۇنىڭ پىرىئوۋچەك ھۆركىرىشىدىن قورقۇش بىھاجەت ئىدى. ئۇلار قىبتلارنىڭ زېمىنىدىن ئايرىلىپ، خاتىرجەملىككە يېتىشتى، بۇ مۇستەبىتلەردىن نېرى كېتىشنى ئىزدەيتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يېتەكلەپ بەيتۇلمۇقەددەسكە كېتىۋاتقان تۇنجى كۈنى ئاخشىمى ئاللا ئۇنىڭغا تۇپتۇز ئازادە يول ھازىرلاپ بەرگەنىدى. ئۇلار ۋەھىملىك سۈرگۈنگە ئۇچراپ ھەم ئېتىقادنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئاخىر قۇرغاق مىسىر زېمىنىدىن ئايرىلدى. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىردىنلا شىددەتلىك دولقۇنلاۋاتقان پايانسىز دېڭىز پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ يولىنى توستى. كىشىلەر بۇنىڭدىن تەشۋىشلەندى، قورقتى. پىرىئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دەمبەسقەدەم قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. پىرىئەۋن ئۇلارنى تۇتۇپ كېتىش كويىدا
ئىدى. ئۇ ئۇلارنى قاچقان قۇللار، ئىسيانكار مالايلار، دەپ لەشكەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئات - ئۇلاغلىرىنى توپلاپ، كېچە - كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا پىر ئەۋنىنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارغا يېتەيلا دەپ قالغانىدى.
بەنى ئىسرائىللار بارغانسېرى تەشۋىشكە چۈشتى، پەرىشانلىق ۋە غەم - قايغۇ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ھەرىدەك چاقاتتى، ئۆلۈم ۋە ئالاپەت قەدەممۇقەدەم قىستاپ كېلىۋاتاتتى، پىر ئەۋنىنىڭ تورلىرى ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئالدىدا تۇراتتى. بەنى ئىسرائىللار خۇددى پايانسىز قاقاس قۇملۇقتا قېپقالغاندەك، پاناھ تىلەپ ئالە - پەرياد قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشقانلارمۇ، بىر - بىرىنى ئەيىبلەشكەنلەرمۇ، ئۈمىدسىزلەنگەنلەرمۇ بار ئىدى. ئالە - پەرياد قىلغۇچىلار ئىچىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارەنلىرىدىن ئىبنى نۇنەيمۇ بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئى ئاللاھنىڭ مۇڭداشچىسى۱، سەن قانداق پىلانلىغانىدىڭ؟ بىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر بالا - قازاغا دۇچ كېلىپ قالدۇق. ئالدىمىزدا پايانسىز دېڭىز، ئارقىمىزدا مۇدھىش دۈشمەن، ئەمدى بىز ئۆلىدىغان بولدۇق.
— ئاللا ماڭا دېڭىز يولىدا مېڭىشقا ئەمر قىلغان، دېدى مۇسا ئەلەيھىسسالام، — بەلكىم ھازىر قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۇنىڭدىن كۆرسەتمە سوراش ۋاقتى بولۇپ قالغاندۇ.
كىشىلەرنىڭ ئەمدىلا يانغان ئۈمىد ئوتىنى نائۇمىدلىك تېزلا ئۆچۈرۈۋەتتى. ئادەملەر توپى ئىچىدە پاتىپاراقچىلىق كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى قېپقالغان كىچىككىنە ئۈمىد ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەسەللىسى تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنغاي، ئاللا چوقۇم ئۇلارغا رەھىم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقان مۇستەبىت زالىملارنىڭ ھۇجۇمىغا
۱. بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللا بىلەن مۇڭداشقانىڭدىن.
تاقابىل تۈرۈشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «قولۇڭدىكى ھاسىنى دېڭىزغا ئۆز!» دەپ بېشارەت بەردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام دەرھال شۇنداق قىلدى. شۇ ھامان زۈلمەت غايىپ بولۇپ، ئۈمىدسىزلىكنىڭ پەردىسى كۆتۈرۈلۈپ، ئاللاھنىڭ كارامىتى بىلەن دېڭىزدا ئون ئىككى يول پەيدا بولدى - دە، ئون ئىككى سىبتى قەبىلىسى بىردىن يولغا ماڭدى. ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ خەيرخاھلىقى بىلەن كىشىلەر بۇ يولغا كىرىپ ئىشەنچ بىلەن ئالغا قاراپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئۆز ئەلچىسىنى قوغدىماقتا ئىدى. ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا شۇنداق دېدى: «سەن ئۇلار ئۈچۈن دېڭىزدىن بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەر، پىر ئەۋنىڭ سىلەرنى قوغلاپ كېلىشىدىن قورقما.»
بەنى ئىسرائىل قەبىلىلىرى پىخەتەر يەرگە قاراپ چاپاتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۈرۈلگەن سۇ خۇددى تاغدەك ئېگىزلەپ كەتكەندى، كىشىلەر ئامان - ئېسەن ئۆتمەكتە ئىدى.
كىشىلەر پىر ئەۋن لەشكەرلىرىنىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ سۇدا پەيدا بولغان مۇشۇ يول بىلەن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە ئەنسىزلىككە چۈشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قورقۇپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا چارە ئىزدەشمەكتە ئىدى. ئۇلار پىر ئەۋنىڭ قوغلاپ كېلىپ زەربە بېرىشىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئىلگىرىكىدەك ئېچىنىشلىق كۈنگە قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ھەممەيلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەلمۇرۇشتى. بۇنداق سىناق ئالدىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يەنىلا ئاللاھقا تايىنىپ قۇتۇلۇشقا توغرا كېلەتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام دېڭىزنىڭ ئەسلى ھالەتكە كېلىپ پىر ئەۋنى ئايرىۋېتىشنى ۋە قوغلاپ كېلىۋاتقان زوراۋانلارغا تاقابىل تۈرىدىغان كۈچلۈك توسۇق بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام قەتئىي نىيەتكە كېلىۋىدى، ئاللا ئۇنىڭغا:
«دېڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلما، قولۇڭدىكى ھاسىنىمۇ دېڭىزغا ئۇرما!» دەپ بېشارەت بەردى. بۇ بېشارەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتىغا ئامان - ئېسەن يېتىپ بارىدىغانلىقى، پىرىنەۋىنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
پىرىنەۋى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى يولنىڭ تۇپتۇز ئىكەنلىكىنى، بۇ يول بىلەن بەنى ئىسرائىلنى قوغلاپ تۇتقىلى يولىدىغانلىقىنى پەملەپ ھەددىدىن ئاشتى. پىرىنەۋى لەشكەرلىرىگە: — قاراڭلار، بۇ قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇشىمىز ئۈچۈن، دېڭىز مېنىڭ ئىرادەم ۋە پەرمانىم بىلەن ئىككىگە يۆلۈنۈپ، بىزگە يول ئېچىپ بەردى، — دېدى.
پىرىنەۋىنىڭ لەشكەرلىرى بىردىنلا روھلاندى - دە، گويا ئۇششۇك ھەرە ئۇۋىسىدىن قوزغالغاندەك، دېڭىزدىكى يولغا قاراپ ئاتلىنىپ، بەس - بەس بىلەن بەنى ئىسرائىلنى قوغلىدى. ئۇلار دېڭىز يولىنىڭ يېرىمىغا كېلە - كەلمەيلا، ئىككى تەرەپتە تۈرۈلگەن سۇ بىردىنلا قوشۇلۇپ، پىرىنەۋىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بىرىمۇ ساق قالماي ھەممىسى دېڭىزغا غەرق بولۇپ ئۆلدى.
پىرىنەۋى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتى ۋە شان - شۆھرىتىنى ئۇتتۇپ، ئۇزۇندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ھەقىقەتنى چۈشەندى، ئۆزىنىڭ قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان دۆت ھەم پەس بىر بەندە ئىكەنلىكىنى، ئۈستىدىكى قارا بۆلۈنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ھەقىقەتنىڭمۇ ئۆز قەلبىگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى سەزدى.
بۇ جىددىي پەيتتە، پىرىنەۋى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئاللاھقا ئىشىنىمەن. ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئېتىقاد قىلغىنىلا بىردىنبىر ئىلاھدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بىرىدۇرمەن.»
ئاللا بۇ زالىمنى قوبۇل كۆرمىدى. بۇ زالىمنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە زىرائەتلىرىنى خاراب قىلدى، ئۇنىڭ زوراۋانلىقىغا تېگىشلىك جازا بەردى.
دېڭىز سۈيى قوشۇلۇپ، ئاجايىپ ھۆركىرەشكە باشلىدى. بەنى ئىسرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن:
مۇسا ئەلەيھىسسالام:
— ئاللا پىر ئەۋنى يوقاتتى، ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى دېڭىزدا ھالاك بولدى، دەپ جاۋاب بەردى.
— ئى مۇسا، پىر ئەۋنى ئۆلمەيدۇ، ئەجەپا، سەن ئۇنىڭ شۇنچە ئۈزۈن ياشىغانلىقىنى كۆرمىگەنمىدىڭ؟ ئۇ ئۇنى - بۇنى تەلەپ قىلىپ ياشايدىغان ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاشمايدۇ، — دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئوي - خىياللىرى شۇ قەدەر غەلىتە بولغانىكەن، ئۇنداقتا، ئۇلار ئاشۇ ساختا، قىلچە قىممىتى يوق ئەپسانىلەرنىڭ غېمىدە بولسۇن، يەنىلا ئاللا قۇدرەتلىك، ئاللا بىر ئەمر قىلىۋىدى، دېڭىز پىر ئەۋنىنىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلماي دولقۇن بىلەن سوقۇپ قىرغاققا ئىنتىزىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ سۆز - چۆچەكلىرىنى بېسىقتۇردى. بەلكىم بەزىلەر: «پىر ئەۋنى باشقا بىر دۇنيادا ھايات ياشايدۇ» دېيىشكەن، يەنە بەزىلەر يالغان ئەپسانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كازاپلىق قىلىشقان بولغىنىتى، ئەمدى ئاللا ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئاچالماس قىلىۋەتتى. ئاللا دېڭىزغا ئەمر قىلىپ، سېسىپ كەتكەن بۇ جەسەتنى تاشلاتقۇزۇۋەتتى. بەنى ئىسرائىل ھاڭ - تاڭ بولۇشقان ۋە تەمتىرەشكەن ھالدا بۇ قۇدرەتلىك، ئۆكتەم پادىشاھنىڭ جەسىتىگە قاراپ قېلىشتى. ئاللا پىر ئەۋنى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى سۇغا غەرق قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، پىر ئەۋنىنىڭ جەسىتىنى ئىبرەت قىلىپ، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. بۇ رەببىلئالىمىنىڭ ئىلتىپاتى ئىدى.
تۇر تېغىدىكى ئەھدە
بۆلۈم: “تۇر تېغىدىكى ئەھدە”مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىنىڭ خاسىيىتى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرى ئۆزلىرى تاللىغان جايغا خاتىرجەم ئورۇنلاشتى. ئۇلارغا ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قانۇن لازىم ئىدى. شۇڭا، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ئۆزلىرىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە يېتەكلەيدىغان ۋە ئۆزلىرىنى نىشانسىز تۇرمۇش ئىلكىدە جان تالىشىشتىن ھەم ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ يېڭىلىپ قېلىشتىن خالىي قىلالايدىغان بىر كىتاب ئاتا قىلىشنى تىلىدى.
ئاللا ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىپ ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇشنى، ئاندىن سىنا تېغىغا بېرىپ پەرمان كۆتۈپ تۇرۇشنى ئەسر قىلدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەسر - پەرمانلىرى بىلەن تولغان كىتابقا ئېرىشەتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام يەتمىش ئەرنى تاللاپ، ئاللا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يولغا چىقتى. لېكىن ئۇ ئۆزى ئالدىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سىنا تېغىغا باشقىلاردىن بالدۇر يېتىپ باردى. ئاللا ئۇنىڭدىن بالدۇر كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ:
— ئۇلار مېنىڭ كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ. مەن سېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بالدۇر كەلدىم، — دېدى. ئاللا ئۇنى ئىلگىرىكىدىن ئون كۈن ئۇزارتىپ قىرىق كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرۇدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز كىشىلىرىدىن ئايرىلغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئاكىسى ھارۇن ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇردى. ھارۇن كۆپچىلىكىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىممەتلىك بەخت ئېلىپ كېلىشىنى كۈتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام سىنا تېغىغا بارغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقىغا نائىل بولدى. ئاللا ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي
سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ۋەھىمە ۋە خاتىرجەمىزلىكنى تۈگەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە تەلپۈنۈش ئوتى يالقۇنلىدى، تەشنالىق قىزغىنلىقى تولۇپ تاشتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:
— ئى رەببىم، ماڭا يېقىنراق كەلسەڭ، جامالىڭنى ئېنىقراق
كۆرۈۋالسام، دېدى. نېمە ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى ئاللانى كۆرۈشنى ئويلاپ باقمىغان؟ چۈنكى، ئۇ ئاللا تاپشۇرغان ئىشىنى قوبۇل قىلىشنى بەخت، ئىگىسىنىڭ غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى خۇشاللىق، دەپ قارايتتى. ئۇ ئىگىسىنىڭ ھۈزۈرىدىن دۇنيادا ھېچكىم ئېرىشمىگەن نەرسىگە، يەنى ئالىيجاناب مەقسەتكە، رەھىملىك ئارزۇغا مۇشەررەپ بولدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بەيغەمبەر ئىدى. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن: «بىزگە ئاللانى كۆرسەتسەڭچۇ» دەپ تەلەپ قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ تەلەپنى ئاللاھقا ئېيتىمىغانىدى.
ئاللا خىتاب قىلىپ:
— سەن مېنىڭ جامالىمنى كۆرەلمەيسەن. بىراق، سەن ئاشۇ تاغقا دىققەت بىلەن قارىغىن، مۇبادا ئۇ ئۆز جايىدا مىدىرلىماي تۇرسا، سەن مېنىڭ جامالىمنى كۆرەلەيسەن، — دېدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام تاغقا قاراپ تۇردى، تاغ بىردىنلا غۇلاپ ئولتۇرۇشۇپ كەتتى… مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇلۇغ مۆجىزە ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتىن ئەيمىنىپ تىترەپ، گويا چاقماققا سوقۇلغاندەك يەردە دۇم يېتىۋالدى. ئاللا ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام چۈش كۆرۈپ ئويغانغاندەك بولدى — دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇلۇغ جانابىي ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇدى.
— ئى رەببىم، سەن ماڭا ئاتا قىلغان بۇ شان — شۆھرەتكە
ئىلگىرى ھېچكىم ئېرىشىپ باققان ئەمەس، دېدى. ئى مۇسا، دېدى ئاللا، — مەن سېنى تاپشۇرۇقۇمنى ئېلىپ كىشىلەر ئارىسىغا بېرىشقا تاللىدىم. ھازىر سەن بۇ تاپشۇرۇقنى ئالدىڭ، ماڭا شۇكۇر ئېيتقىن.
بەنى ئىسرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇز كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. لېكىن كۈتۈلمىگەندە، ئۇنىڭ ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن: «مۇسا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، لەۋزىدە تۇرماي، بىزنى بۇ قاراڭغۇ تۇن ئىلكىگە تاشلىۋەتتى. بىز ھازىر بىرەر ئادەمنىڭ بىزگە يول كۆرسىتىپ، بىزنى ھىدايەتكە باشلىشىغا شۇقەدەر موھتاج تۇرساق!» دەيدىغان مىش - مىش گەپلەر تارقالدى.
— مۇسا قايتىپ كەلمەيدۇ، سىلەر بىر ئىلاھ تاللىۋېلىشىڭلار كېرەك. مۇسا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنى ئىزدەيمەن دەپ بېرىپ، يولدىن ئېزىقىپ كېتىپ ئىشىڭلارغا بەرھەم بەردى، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى.
شۇ ئەسنادا، شەيتان ئەلەيھىلەن كىشىلەرنىڭ مەيۇسلىمنىۋاتقانلىقىنى پەملىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئاللاھقا ئىشەندى، ھەر خىل بۇنقا چوقۇنغانلاردىن ئىدى. بۇ ئادەملەر سامسىرىغا: — باشقىلارنىڭ بىر ئىلاھى بولغىنىدەك، بىزگىمۇ بىر ئىلاھ تېپىپ بەرسەڭچۇ، — دېدى.
سامسىرى بۇ ئادەملەرنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەردىن بىر كامار كۆلاپ، بىر سىقىم زىننەت بۇيۇمىنى كامارغا تاشلىدى. ئاندىن ئوت يېقىپ، ئۇلاردىن بىر ئالتۇن موزاي ياسىدى. ئۇنىڭ تېنىمۇ بار، ئۇنىمۇ بار ئىدى، سۆڭەكلىرى بىلەن گۆشلىرى ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ شۇنچە ئوماق ئىدىكى، كىشىلەر ئۇنى بەس - بەس بىلەن كۆرۈشتى.
بەنى ئىبرائىل ئالتۇن موزايغا مەپتۇن بولۇپ، باش ئۇرۇپ چوقۇنۇپ كەتتى. ھارۇن بىئارام بولۇپ ۋە قايغۇرۇپ چېنىدىن جۇدا بولغىلى ئاسلا قالدى - دە، ئۇلارغا:
— ئەي خالايىق، سىلەر بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ كەتسىڭلار، سىلەرنىڭ ئىگەڭلار رەھىملىك ئاللادۇر، ماڭا ئەگىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، دېدى. لېكىن، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگۈچە ئالتۇن موزايغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھارۇن ۋە ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ كەلگۈچىلەر ئورنىدىن دەس تۇرۇشتى. ئۇلار بىرەر جاڭجال چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل پىرقە - گۈرۈھلارغا بۆلۈنۈپ كېتىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغۇلۇشتىن ئەنسىرەيتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تۇرۇپ بۇ ۋەقەنى بىلدى، ئاللاھتىن ئۇنىڭغا:
مۇسا ئەلەيھىسسالام بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى. ئۇ يىراقتىنلا چۇقان - سۈرەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەقىقىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى بىلدى. كىشىلەر ئالتۇن موزاينى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشىۋاتاتتى. بۇ ھال مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇ قولىدىكى نەرسىنى ناشلاپلا ھارۇنغا قاراپ چاپتى ۋە ئۇنىڭ بېشىنى تۇتۇپ قاتتىق سىلكىپ تۇرۇپ دېدى:
— سەن ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ يولۇمغا باشلىمايسەن؟ چاققان بول، ئۇلارنى تېزدىن توۋا قىلدۇر، ئۇلارنىڭ بۇ چۈشكۈنلۈكىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئاللاھقا شەك كەلتۈرىدىغان بۇ ئوتتى ئۆچۈر! ھارۇننىڭ كۆڭلى لاسسىدە بولۇپ، ئۇنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ تەشۋىشلىنەتتى ھەم ھەسرەت چېكەتتى. ئۇ ئىنىسىدىن
— چېنىم ئۇكام، ساقىلىم بىلەن چېچىمنى قويۇپ بەرگىن، ئۇلار مېنى بويسۇندۇرۇۋالدى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. سەن دۈشمەنگە ئويۇن قىلىپ بەرمىگىن، مېنى يولدىن ئازغانلار قاتارىدا كۆرمىگىن. ئى رەھىملىك ئۇكام، مەن ئۇلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارسام، سېنىڭ مېنى بەنى ئىمرائىل ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى، گېپىمنى ئاڭلىمىدى، دېيىشىڭدىن قورقمەن، — دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپى يېنىپ، بۇ ۋەقەنى بىرقەدەر سوغۇق قانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن بۇ پاراكەندىچىلىكنىڭ سەۋەبىگە ۋە مۇشرىكلارنىڭ باشلىقلىرىغا، شۇنىڭدەك ھىدايەتنى تاشلاشقا قۇتراتقۇچىلارغا دىققەت قىلدى. ئۇ سامىرىغا مۇنداق دېدى:
— سامىرى، بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟
مۇسا ئەلەيھىسسالام خالايىقنىڭ ئالدىغا كېلىپ دېدى:
— ھوي خالايىق، سىلەر ئۆز ئىگەڭلەرگە ۋەدە قىلغان ئەمەسمىدىڭلار، سىلەر ئاشۇ ۋەدەڭلەرگە داۋاملىق ئەمەل قىلامسىلەر ياكى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ ۋەدەڭلەرگە خىلاپلىق قىلامسىلەر؟
— بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلىنمايمىز، دېيىشتى خالايىق جاۋاب بېرىپ، — لېكىن بىرمۇنچە گۇناھنى يۈكلىۋالدۇق، سامىرى ئالتۇن موزاي ياساپ بىزنى قۇتراتقاچقا، بىز ئازدۇق.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بولدىن ئازغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدى ۋە شۇنداق دېيىشتى:
— ناۋادا، ئاللا بىزنى ئەپۇ قىلمايدىكەن ۋە بىزگە رەھىم
قىلمايدىكەن، بىز چوقۇم چوڭ زىيان تارتىمىز. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: — سىلەر ئالتۇن موزايغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارنى ۋەيران قىلدىڭلار، — دېدى. — بىز ھازىر قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ — دەپ سورىدى
كىشىلەر.
ئاللاھقا قەسەم بېرىپ، ئۇنىڭدىن گۇناھىڭلارغا مەغپىرەت تىلەڭلار، — دەپ جاۋاب بەردى مۇسا ئەلەيھىسسالام. ئۇلار يەنە مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن قەسەم بېرىش ۋە مەغپىرەت تىلەشنىڭ چارىلىرىنىمۇ سورىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام دېدى: — سىلەر ئۆز نەپىسىڭلارنى توسۇپ، ھەسەتخورلۇقنى تۈگىتىڭلار، خام خىيالنى تاشلاپ گۇناھىڭلارنى يۈيۈڭلار، ھەممە بەتتىيەتلىكنى تاشلاپ، بارلىق بولمىغۇر ئوي - خىياللاردىن ئېرى تۇرۇڭلار… ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ سەسىمىي مۇراجىمىنىنى قوبۇل قىلدى، كەرسى كەڭ ئاللا ئۇلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى. كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ تۇيۇق يولغا باشلىغان سامىرىنى ئاللا جازالايدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭغا يېقىن يولىمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تۇرمايدۇ، ئۇ تاكى ئاخىر زامان بولغۇچە ھېچكىم ھېسداشلىق قىلمايدىغان، ھېچقانداق ئادەم يېقىن يولىمايدىغان ۋە ئۇچراشمايدىغان يىرتقۇچقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ بىر ئاسىي، گۇناھكار سۈپىتىدە دوزاخقا كىرىدۇ، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئازاب چېكىدۇ. مانا بۇ مەلئۇنلارنىڭ ئېچىشلىق ئاقىۋىتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرى ياسىغان ئالتۇن موزاينى كۆيدۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىدى. سامىرى پەيدا قىلغان جىنايى ۋەقە مانا يوشۇنداق تاياغلاشتى.
سامىرىينىڭ موزايلىق پىتنىسى
بۆلۈم: “سامىرىينىڭ موزايلىق پىتنىسى”ئۇ چاغدا ئاللا بەنى ئىسرائىلغا خىلمۇخىل مېھىر - شەپقەت قىلىپ، بەخت - سائادەت ئاتا قىلغانىدى. ئۇلار پىر ئەۋىنىڭ ئىلىكىدە توپتوغرا بىر ئەسىر ئازاب چەككەنىدى. ئاللا ئۇلارنى قۇتۇلدۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا پىر ئەۋىنى يوقاتتى. بۇرۇن ئۇلار خار قۇللار ئىدى، كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشتى؛ بۇرۇن نادانلىقتا يولدىن ئازغۇچىلار ئىدى، ئەمدىلىكتە، ئاللا ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىغا ئۆز ئەلچىسىنى ئەۋەتتى ۋە مېھىر - شەپقەت ياغدۇردى، خۇشاللىق بېغىشلىدى، ئىلگىرىكىلەر كۆرۈپ باقمىغان ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدى.
ئاللا ئۇلارغا مېھىر - شەپقەت، بەخت - سائادەت ۋە ئۈمىد - ئارزۇ بېغىشلىغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى يېتەكلەپ سۆرىيىدىكى بەيتۇلمۇقەددەسكە، يەنى ئاللا ئىبراھىم خېلىلىللاغا ئاللاھنىڭ قانۇنى بويىچە ھەققانىي كىشىلەرنىڭ پادىشاھى بولۇشقا ئىجازەت قىلىنغان جايغا بېرىش توغرىسىدا بېشارەت بەردى.
بەنى ئىسرائىل ئىلگىرى قىبتلارنىڭ دەپىندە قىلىشىغا ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمىغا، بۇرنى كېسىلىشتەك جازاغا ۋە ھەرخىل خورلۇققا ئۇچرايتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قىبتلارغا باش ئېگىپ ئىتائەت قىلىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.
ئۇلار ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرنى، ئۇرۇش قىلىپ ئەرىقەتكە بېرىپ، ھىسلار ۋە كەنتانلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ يەرلەردىكى مۇنبەت زېمىننى ئۆزىنىڭ زېمىنى قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان بىردىنلا بوشىشىپ، قورقۇپ كېتىشتى ۋە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يالۋۇرۇپ:
ئۇ يەردىكىلەر بەك يامان، بىز ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىلەيمىز، ئۇلار ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەندىلا، بىز ئاندىن ئۇ يەرگە كىرەلەيمىز، دېيىشتى.
ئۇلار ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى چىقىرىۋېتىشتە يەنە مۆجىزىگە تايىنىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار ھېچقانداق كۆچمەيلا ياكى بىرەر ئادەم چىقىم تارتمايلا كىرىشنى ئويلايتتى. ئەمما، تەقۋادار ئىككى مۇمىن مەسىلىگە ئۇلاردەك قارىمىدى، ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىگىمۇ ئەگەشمىدى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ:
ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بېرىش كېرەك! ئەگەر سىلەر ھۆجۇم قىلىپ بارساڭلار، بويسۇندۇرغۇچى بولالايسىلەر. مۇبادا سىلەر مۇمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ئىشىنىڭلار، — دېيىشتى.
لېكىن ئۇلار ئۆز ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاشۇ گەپلىرىنى يەنىلا تەكرارلىدى، ھەتتا يۈز - خاتىر قىلمىدى، ئاڭسىز، نادانلىقتىن غوۋغا پەيدا قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. رەھىم - شەپقەتچىلەر سەۋرىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغان گەپلەرنى قىلىشىپ:
ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە، بىز ھەرگىز بارمايمىز، مەن رەببىڭ بىلەن بىللە بېرىپ جەڭ قىلغىن، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ كۈتۈپ تۇرايلى، — دېيىشتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەتراپقا سەپسېلىپ چىقتى، ئاكىسى ھارۇن ۋە ھېلىقى ئىككى مۇمىندىن باشقا، ئىشەنگۈدەك ۋە تايانغۇدەك بىرەر ئادەممۇ تېپىلمىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام تەرەپتىكى بۇ بىرنەچچەيلەن ئەڭ ئاجىز، ئىقتىدارسىز قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن سان جەھەتتىن كۆپ دەرىجىدە ئۈستۈن بولغان لەشكەرلەرگە دۇچ كەلدى. شۇڭا، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا تەلپۈنۈپ:
— ئى رەببىم. مەن ۋە ئاكام قاتارلىق بىرنەچچە كىشىلا قايتۇق. بىزنى ئاشۇ مۇشرىكلاردىن جۇدا قىلغايمەن. — دەپ ئىلتىما قىلدى.
ئاللا ئۇنىڭغا مۇنداق بېشارەت بەردى:
— ئۇلار ئادەم قەدىمى تەكىمگەن مۇشۇ چۆلدە ئېزىقىپ كېتىدۇ. گىياھ ئۈنىيەيدىغان بۇ قاقاس جەزىرىدە تەمتىرەپ يۈرىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە قىرىق يىل تۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، يېڭى، كۈچلۈك بىر ئەۋلاد مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ.
