تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ئاپتور ھەققىدە

مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ تەرجىمىھالى

بۆلۈم: “مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ تەرجىمىھالى”

مۇھەممەد يۈسۈپ 1968-يىلى خوتەن ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىك يېشىدىن باشلاپلا ئىلىمگە قىزىققان بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ قارىيلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

1984-يىلى ناھىيىلىك چوڭ جامەدە تۇنجى قېتىم خەتمە قۇرئان ئوقۇپ، جامائەتنىڭ ۋە ئەل-يۇرتنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1984–1985-يىللىرى ئارىسىدا مەخپىي مەدرىسىلەردە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامىي ئىلىملەردىن دەسلەپكى ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، چەت ئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن 1986-يىلى 6-ئايدا ۋەتەندىن ئايرىلغان. ھەج زىيارىتىنى تاماملاپ، ئىلىم مەنبەسى بولغان مىسىرغا بارغان.


مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەھسىلى

بۆلۈم: “مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەھسىلى”

1986-يىلى 9-ئايدا مىسىردىكى دۇنياغا داڭلىق ئەل ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈم تەييارلىق سىنىپىغا كىرگەن. كۈچلۈك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 4 يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى مۇسابىقە ۋە ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق 3 يىلدا تاماملىغان.

1989-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1993-يىلى شەرىئەت پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.


تەلىم-تەربىيە ۋە جامائەت خىزمەتلىرى

بۆلۈم: “تەلىم-تەربىيە ۋە جامائەت خىزمەتلىرى”
  • تۈركىيە (1993–1995): ئەزھەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل شەھىرىدىكى بىر مەدرىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىق تالىپلارغا ئەرەب تىلى، قىرائەت ۋە پىقھى دەرسلىرىنى بەرگەن.
  • قازاقىستان (1995–2001): ئالمۇتا شەھىرىدىكى «تۈرك-قازاق» ئىنىستىتۇتىدا ئۇزۇن يىل ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ مەزگىلدە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» قاتارلىق گېزىتلەردە خەلقنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي ئېھتىياجلىرىغا بېغىشلانغان يۈزلىگەن قىممەتلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
  • سەئۇدى ئەرەبىستان (2001-يىلدىن ھازىرغىچە): 2001-يىلىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئاپتورنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى

بۆلۈم: “ئاپتورنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى”

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئەسەر يېزىش جەريانىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىق (ۋەسەتىييە) پىرىنسىپىنى ئىزچىل چىڭ تۇتقان. ئۇ ھەرقانداق رادىكاللىقتىن، ئەسەبىيلىكتىن، چەكلىمىلىكتىن ۋە مەزھەپپەرەسلىكتىن نېرى تۇرۇپ، دەلىللەرنى ئاساس قىلغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ياقلايدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرىدە ئىمان بىلەن گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇستەھكەم باغلىنىشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان.

ئاپتور ھازىرغىچە 20 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان، 10 پارچىدىن ئارتۇق نوپۇزلۇق ئىسلامىي ئەسەرنى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەمدە كۆپلىگەن تور بەتلەردە، گېزىت-ژۇرناللاردا 100 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.


ئاپتور يازغان ۋە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر

بۆلۈم: “ئاپتور يازغان ۋە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر”
  1. «ئىسلامدا ئائىلە تۈزۈمى»: 1-نەشرى 1996-يىلى، 2-نەشرى 2002-يىلى ئىستانبۇلدا، 3-نەشرى 2010-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
  2. «ئىسلام ئەقىدىلىرى»: 1-نەشرى 1997-يىلى ئالمۇتىدا (ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقىدا)، 2-نەشرى 1998-يىلى قەشقەردە، 3-نەشرى 2003-يىلى، 4-نەشرى 2004-يىلى ئىستانبۇلدا، 5- ۋە 6-نەشرلىرى 2005-، 2006-يىللىرى قازاق تىلىدا، 7-، 8-، 9-نەشرلىرى 2008-، 2009-، 2010-يىللىرى ئالمۇتىدا ئارقىمۇئارقا بېسىلغان.
  3. «ناماز ۋە ئۇنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرى»: 1-نەشرى 1998-يىلى ئالمۇتىدا (ئەرەب ۋە سىلاۋيان يېزىقىدا)، 2-نەشرى 2007-يىلى ئىستانبۇلدا، 3-نەشرى 2008-يىلى، 4-نەشرى 2012-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
  4. «ناماز ھەققىدە ساۋات»: 1-نەشرى 1998-يىلى، 2-نەشرى 2006-يىلى، 3-نەشرى 2008-يىلى، 4-نەشرى 2009-يىلى، 5-نەشرى 2010-يىلى ئالمۇتىدا بېسىلغان.
  5. «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى»: 1-نەشرى 1999-يىلى ئالمۇتىدا، 2-نەشرى 2004-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
  6. «دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى» (ماقالىلەر توپلىمى): 1-نەشرى 1999-يىلى، 2-نەشرى 2005-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
  7. «زاكات كىتابى»: 2003-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
  8. «دۇئا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى»: 2004-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
  9. «ئىلاھىي قورغان»: 1-نەشرى 2005-يىلى، 2-نەشرى 2006-يىلى، 3-نەشرى 2010-يىلى ئىستانبۇلدا، 4-نەشرى 2012-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
  10. «غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز»: 2004-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
  11. «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى»: 1-نەشرى 2005-يىلى ئىستانبۇلدا، 2-نەشرى 2007-يىلى رىيادتا، 3-نەشرى 2009-يىلى ئالمۇتىدا، 4-نەشرى 2011-يىلى مەككىدە نەشر قىلىنغان.
  12. «ئىسلامدىكى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار»: 1-نەشرى 2009-يىلى ئىستانبۇلدا، 2-نەشرى 2010-يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
  13. «بەش پەرز ۋە ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» (6 كىتابنىڭ توپلىمى): 2009-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
  14. «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات»: 1-نەشرى 2009-يىلى بېيرۇتتا، 2- ۋە 3-نەشرلىرى 2012-يىلى ئىستانبۇل ۋە بېيرۇتتا، 4-نەشرى 2013-يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
  15. «دىن ۋە ھايات (1600 سوئالغا جاۋاب: 2009-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان؛ كېيىن تولۇقلىنىپ «دىن ۋە ھايات»2000 سوئالغا جاۋاب)» نامىدا 2-نەشرى 2010-يىلى، 3-نەشرى 2011-يىلى بېيرۇتتا، 2013-يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
  16. «ئىسلام ئەخلاقى»: 2010-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
  17. «بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز»: 2012-يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
  18. «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟»

نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى باشقا ئەسەرلىرى

بۆلۈم: “نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى باشقا ئەسەرلىرى”
  • «قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى»
  • «غۇربەتتىكى ياشلىق» (شېئىرلار توپلىمى)
  • «يۈرەك سىرى» (شېئىرلار توپلىمى)
  • «مانا بۇ ئىسلام»
  • «قۇرئان كەرىم بىزنىڭ نىجات يولىمىز»
  • «ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماقامىنى قوغدايلى!» (ماقالىلەر توپلىمى)

ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان كىتابلىرى

بۆلۈم: “ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان كىتابلىرى”
  1. «التفسير الواضح» (روشەن تەپسىر) — دوكتور مەھمۇد ھىجازى.
  2. «الديانات في القرآن» (قۇرئاندىكى دىنلار) — دوكتور مەھمۇد شەرىف.
  3. «مختصر كتاب إظهار الحق» (ھەقىقەتنىڭ ئېلانى) — ئەللامە رەھمەتۇللاھ ھىندىي.
  4. «كتاب التوحيد» (تەۋھىد كىتابى) — شەيخ سالىھ فەۋزان.
  5. «العقيدة الصحيحة» (توغرا ئەقىدە) — سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز.
  6. «شرح أصول الإيمان» (ئىمان ئاساسلىرىنىڭ شەرھى) — شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن.
  7. «منهج أهل السنة والجماعة» (ئەھلى سۈننە يولى) — شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋەھھاب.
  8. «النصرانية في الأصل والواقع» (خرىستىئان دىنىنىڭ ئەسلى ۋە بۈگۈنى) — شەيخ مۇھەممەد ئابدۇللاھ سەھىم.
  9. «صفة صلاة النبي» (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش سۈپىتى) — شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانىي.
  10. «الوسائل المفيدة للحياة السعيدة» (بەختلىك ھاياتنىڭ پايدىلىق ۋاسىتىلىرى) — شەيخ ئابدۇراھمان ناسىر سەئدىي.
  11. «الدروس المهمة لعامة الأمة» (مۇسۇلمانلارغا مۇھىم تەلىماتلار) — شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز.
  12. «33 سبباً للخشوع في الصلاة» (نامازدا خۇشۇنىڭ 33 سەۋەبى) — شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد.
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.