تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

پەيغەمبەرلىك ماقامى ۋە ئەۋەتىلىش سەۋەبى (سوئال 97 – 99)

بۆلۈم: “پەيغەمبەرلىك ماقامى ۋە ئەۋەتىلىش سەۋەبى (سوئال 97 – 99)”
97سوئال:پەيغەمبەر دېگەن كىم؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر — ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر.

98سوئال:پەيغەمبەرلەر قانداق زاتلار؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىپ ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدۇر. ئۇلار بارلىق گۇناھ، مەئسىيەت ۋە كەمچىلىكلەردىن پاك، مەسۇم (گۇناھسىز) زاتلاردۇر.

99سوئال:پەيغەمبەرلەر نېمە ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋە يامان ئىشلاردىن قايتۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرگە چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.

پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى ۋە قۇرئاندىكى ناملىرى (سوئال 100 – 103)

بۆلۈم: “پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى ۋە قۇرئاندىكى ناملىرى (سوئال 100 – 103)”
100سوئال:پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى قانچە ۋە ئۇلار قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىنسانىيەت تارىخىدا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، قۇرئان كەرىمدە پەقەت 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

101سوئال:قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەر كىملەر؟#

جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەر: ئادەم، ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۈسۈپ، ئەييۇب، شۇئەيب، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلايمان، يۇنۇس، ئىلياس، ئەليەسە، زۇلكىفل، زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت 5 پەيغەمبەر «ئۇلۇل ئەزم» (ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر) دەپ ئاتىلىدۇ.

102سوئال:يۇقىرىقىلاردىن باشقىلارنىمۇ پەيغەمبەر دېيىشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۈزەير، لوقمان ۋە زۇلقەرنەين قاتارلىق ئۈچ زاتنىڭ ئىسىملىرى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس، كۆپ ساندىكى ئالىملار ئۇلارنى تالانتلىق ياخشى بەندىلەر دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ھەدىس ۋە تارىخ كىتابلىرىدا شىس، يۇشەئ، خىزىر، بەشىر، دانىيال، ئىشموئىل، ئەرمىيا، ھەزقەل، جىرجىس، ھەبقوق ۋە ھەنزەلە ئەلەيھىسسالاملارنىڭمۇ پەيغەمبەرلىكى بايان قىلىنغان.

103سوئال:پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلىش توغرىمۇ؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە ئىمان ئېيتمىغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ، ئۇ مۇسۇلمان بولالمايدۇ. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئىمانى دۇرۇس ئەمەس.

(1) نىسا سۈرىسى 150-151 ئايەتلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى (سوئال 104 – 108)

بۆلۈم: “پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى (سوئال 104 – 108)”
104سوئال:پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەتلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بەرھەق ئەلچىلەر ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەتلەر ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلەردۇر.

105سوئال:پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاۋۋالقىسى كىم ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى كىم؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقىسى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

106سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كېلەمدۇ؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر».

(1) ئەھزاب سۈرىسى 40-ئايەت
107سوئال:پەيغەمبەرلەرگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ھەق ۋە راستتۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى كامىل يەتكۈزۈپ، ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان مەسۇم زاتلاردۇر دەپ ئىمان ئېيتىش كېرەك.

108سوئال:پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ئىمان كەلتۈرۈش. (2) ئىسىملىرى مەلۇم بولغان 25 پەيغەمبەرگە تەپسىلىي، قالغانلىرىغا ئىجمالىي ئىمان ئېيتىش. (3) ئۇلاردىن سادىر بولغان ھەق خەۋەرلەرگە ئىشىنىش. (4) بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش ۋە ئەمەل قىلىش.

(1) شۇئەرا سۈرىسى 105-ئايەت
(2) نىسا سۈرىسى 65-ئايەت

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دۇرۇدلار (سوئال 109 – 115)

بۆلۈم: “ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دۇرۇدلار (سوئال 109 – 115)”
109سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزدۇر، بارلىق ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئەڭ شەرەپلىك پەيغەمبەردۇر. ئۇ پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ساماۋىي دىنلارنى تاماملىغۇچىدۇر.

110سوئال:پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر قايسىلار؟#

جاۋاب: مىڭلاپ دەلىللەر باردۇر: قولىدا مەيدانغا كەلگەن مۆجىزىلەر، غەيبتىن خەۋەر بېرىشى، باشقا كىتابلاردىكى بېشارەتلەر، دۈشمەنلىرىنىمۇ قايىل قىلغان ئېسىل ئەخلاقى ۋە شانلىق ھاياتىدىكى جانلىق پاكىتلار.

111سوئال:پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزە قۇرئان كەرىمدۇر.

112سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇش نېمە بىلەن بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە، يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.

113سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قانداق دوست تۇتۇش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھتىن باشقا ھەممىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈپ، چەكسىز ئىخلاس ۋە سۆيگۈ بىلەن دوست تۇتۇش كېرەك. ھەدىستە: «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن ئارتۇق ياخشى كۆرمىگۈچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ» دېيىلگەن.

(1) ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى
114سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟#

جاۋاب: ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەتلەردىندۇر. ئاللاھ تائالا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە سالام يوللاڭلار» دەپ بۇيرۇغان.

(1) ئەھزاب سۈرىسى 56-ئايەت
115سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇت قايسى؟#

جاۋاب: ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇت — «دۇرۇدى ئىبراھىمىيە»دۇر: «اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».

(1) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.