كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ۋە مەردلىك
كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، كېچىرىمچانلىق ۋە مەردلىك (سوئال 894 – 933)
بۆلۈم: “كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، كېچىرىمچانلىق ۋە مەردلىك (سوئال 894 – 933)”جاۋاب: سىلىق ۋە ئەدەپلىك سۆزلەش كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە ئىخلاسىنى قازىنىشنىڭ يولى. قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد نىسا -114 سۆرىسى ئايەت. (بەقەرە سۆرىسى -83 ئايەت.) ئەلەيھىسسالامنى ماختاپ: ئاللاھنىڭ﴿ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كەتكەن بولاتتى 1﴾ دېگەن. ئەمەلىيەتتە، قوپال ۋە يامان سۆز ئۆزىگە نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك تېپىشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ. خەلقىمىزدە «تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى «ساقايمايدۇ دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. تىلنى ئاللاھ تائالا ياخشى يولغا قوللىنىشقا ۋە ياخشى سۆز قىلىشقا ياراتقان. ياخشى سۆز ھەر جايدا ئالقىشقا لايىق بولىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى سۆزنىڭ قىممىتى يۇقىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: ياخشى﴿ سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا 2 ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۆرىدۇ﴾ دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۆنىگە ئىشىنىدىكەن 3، ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۇكۇت قىلسۇن» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە چىرايلىق» : سۆزدە سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دېگەن. ئال ئىمران سۆرىسى -159 ئايەت. (فاتىر سۆرىسى 35 - ئايەت.) مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.) مۇنازىرىلىشىشتىكى -ئەدەب ئەخلاق.
جاۋاب: ئىنسانلار بىرى-بىر بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدىغان ۋە بىرىنىڭ-بىر ھەمكارلىقىغا ھەمىشە مۇھتاج بولىدىغان مەۋجۇدات بولغانلىقى، كۆز قاراشلىرى، تەپەككۇر قىلىش تەرزى، شۇنداقلا جەمئىيەتنى چۆشىنىش سەۋىيىسى بىر خىل بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار ۋە قارىمۇقارشى پىكىرلەر مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ مۆشكىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق ئورتاق بىر پىكىرگە كېلىشتۇر. سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بىرىنى-بىر چۆشىنىش ئىنسانلارغا خاس ئالاھىدىلىكتۇر.
جاۋاب: دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس -ئەدەب ئەخلاقى بولغىنىدەك، مۇنازىرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەخلاقى-ئەدەپ باردۇر. مۇنازىرىنىڭ غەلىبىلىك نەتىجىگە ئېرىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئىلمى قىممەتكە ئىگە بولىشى ئۆچۆن ئۇنىڭ ئەخلاقىغا-ئەدەپ رىئايە قىلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى مۇنازىرە ئەخلاقنىڭ-ئەدەپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە : ئالىدۇ: ﴿وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ﴾ يەنى «ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە 1 مۇنازىرىلەشكىن». غەلىبىلىك مۇنازىرە ھەر ئىككى تەرەپتە ئۇنىڭ ئەخلاقلىرى-ئەدەپ تولۇق بولغان مۇنازىرىدۇر. مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاقى-ئەدەپ ئۆچ تۆرلۆك بولۇپ، ئۇلار: (1) مۇنازىرىلىشىشنىڭ شەرتلىرى (2) مۇنازىرە ئەسناسىدىكى ئەخلاقلار-ئەدەپ (3) مۇنازىرىدىن كېيىنكى ئەخلاقلار-ئەدەپ.
جاۋاب: ئالدى بىلەن مۇنازىرىلەشكۆچىلەرنىڭ نىيىتىنىڭ توغرا بولۇشى شەرت. نىيەتنىڭ توغرا بولىشىدىن مەقسەت ھەقىقەت ۋە توغرىلىق قايسى تەرەپتە بولسا ئۇنى قوبۇل قىلىپ كۆچلەندۈرۈشنى نىيەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەكسىچە، مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گەپدانلىقىنى ئىزھار قىلىش ياكى قارشى تەرەپنى قانداقلا بىر يول بىلەن چۆشۆرۈش، ئۆزىنىڭ پىكرى گەرچە ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، ئۇنى كۆچكە ئىگە قىلىش نىيىتى بىلەن مۇنازىرىگە كىرىش مۇنازىرىدىن ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجە بەرمەيدۇ. مۇنازىرىلەشكۆچىلەرنىڭ مۇنازىرىلىشىدىغان ماۋزۇ ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلىق بولىشى لازىم. شۇنىڭدەك مۇنازىرىلەشكۆچىلەرنىڭ راستچىل بولىشى، دەۋاسىدا ۋە كەلتۆرگەن پاكىتلىرىدا-دەلىل سەمىمى، توغرا بولىشى، كۆچلەندۈرمەكچى بولغان مەسىلىنىڭ توغرىلىقىغا ۋە ھەقلىقىغا ئۆزى ئىشىنىدىغان بولىشى ۋە سەۋرچان بولىشى، ئاچچىقلاپ قالماسلىقى تەلەب قىلىنىدۇ.
جاۋاب: مۇنازىرە ئەسناسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقلارنىڭ-ئەدەپ بېشىدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپسىز مەنبەگە ئىتتىپاقلىشىش مەسىلىسى كېلىدۇ. بۇ دېگەنلىك مۇنازىرىنى باشلاشتىن ئاۋۋال، ئىختىلاپلاشقاندا مۇراجىئەت قىلىش ئۆچۆن تەرەپلەر ئۆز ئارىسىدىكى ئەسلى مەنبەگە كېلىشىۋېىلىش لازىم. ئەسلى مەنبە مۇنازىرە ماۋزۇسىنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ يا ئەقلىي قائىدىلەر ياكى نەقلىي مەنبەلەر بولىدۇ. ئاندىن مۇنازىرىنى بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىلەردىن باشلاش لازىم. چۆنكى مۇنداق قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ-بىر كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشى ئۆچۆن ياخشى شارائىت-شەرت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مۇنازىرىدە قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆڭۆل قويۇپ ياخشى ئاڭلاش، دىققەتنى شەخسنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى كۆز قاراشقا قارىتىش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، مۇنازىرە ئەسناسىدا سىلىق سۆزلۆك بولۇش قاتارلىقلار مۇنازىرىدە بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. بۇ ماۋزۇدىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئەڭ ياخشى ئۆلگىدۇر.
جاۋاب: مۇنازىرىدىن كېيىنكى ئەخلار-ئەدەپ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، مۇنازىرە پايدىسىز قالىدۇ. شۇڭا مۇنازىرىدىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەخلاقلارغا-ئەدەپ رىئايە قىلىش زۆرۈدۇر: ئۇلاردىن بىرى، ھەقىقەت ئاچچىق بولسىمۇ ئۇ قايسى تەرەپتە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قوبۇل قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇنازىرىدە يېڭىپ چىققان بولسا، ئۇنىڭغا مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك، يېڭىلغان بولسا رەنجىپ قالماسلىق، مۇنازىرىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ بىرىنىڭ-بىر غەيۋىتىنى قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
جاۋاب: كەڭ قورساقلىق تولىمۇ ئېسىل خۇلق بولۇپ، پەيغەرمبەرلەرنىڭ ۋە ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ خۇلقىدۇر. ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۆرىۋېتىش، ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ- زىيىنىغا بولغان -تەقدىردىمۇ ئېتىراپ قىلىش كەڭ قورساقلىقتىن سانىلىدۇ. قەلبنىڭ كۆرەلمەسلىكتىن، ئاداۋەتتىن، دۈشمەنلىكتىن، ئۆچمەنلىكتىن ۋە باشقا ناچار ئىللەتلەردىن ساغلام بولۇشى ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن سانىلىدىغان گۆزەل ئەخلاقلاردۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبى پاك، كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ بولىدۇ، باشقىلارغا ھەسەت قىلمايدۇ، ئۆچمەنلىك قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر - بىرىڭلار بىلەن ئاداۋەت قىلىشماڭلار، بىر ـ بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار، ئۆچمەنلىك قىلىشماڭلار، بىر - بىرىڭلارنى تەرك ئەتمەڭلار، ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار، بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر دىنى قېرىندىشىغا ئۆچ كۆندىن ئارتۇق 1 ئاداۋەت ساقلىشى توغرا ئەمەس».
جاۋاب: ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتكە غەمكىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلىرىغا خۇشال بولىدۇ، ئۇلارغا كەلگەن ئامەتلەرگە قىزغانمايدۇ، ھەسەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگىلىك بەندىلىرى قىلغان، قۇرئان كەرىمدە كەلگەن مۇنۇ دۇئانى قىلىدۇ: !پەرۋەردىگارىمىز﴿ بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن. !پەرۋەردىگارىمىز سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، بەندىلىرىڭگە 2 مېھرىبانسەن﴾.
جاۋاب: ئىچى تارلىق ۋە كۆرەلمەسلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىرى بويىچە، «كېسەللىك» تۇر. خۇددى مېكروبلار تەننى كاردىن چىقارغىنىدەك، ھەسەت ھەسەت قىلغۇچىنىڭ روھىنى پۆچەكلەشتۆرىدۇ، چىرىتىدۇ. ھەسەت ھەسەت قىلىنغۇچى ئۆچۆن ھېچبىر زىيان يەتكۆزەلمەيدۇ، بەلكى بارچە زىيىنى ھەسەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. باشقىلارغا ھەسەت قىلىدىغان ئادەم روھىي جەھەتتىن ھەمىشە بىئاراملىقتا ئۆتىدۇ، كېيىنچە، بۇ بىئاراملىق ئۇنىڭ بەدىنىگە تەسىر قىلىدۇ ــ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىكى مەنىۋى كېسەللىك ماددىي كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ، ئاخىرى شۇنىڭ بىلەن تۆگىشىدۇ. قەدىمدە بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن: تەرجىمىسى: سەۋىر قىلغىن ھەسەت قىلسا، سەۋرىڭ ئۇنى ئۆلتۆرەر، تۆگىگەندە يېقىلغۇ، ئوتمۇ ئۆزىن كۆيدۈرەر. بىر ـ بىرىگە ھەسەت قىلىدىغان، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئتېراپ قىلمايدىغان ۋە ئۆزلىرىدىن چىققان ئىقىدارلىق كىشىلەرنى قوللىمايدىغان مىللەت يېتەكچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، بېشىغا كەلگەن كاژلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. بىز ئەنە شۇنداقلارنىڭ قۇربانىمىز. ھەتتا بىراۋدىن سادىر بولغان خاتالىقلارنى ياكى كۆڭۆلسىزلىكلەرنى ئۇ كىشى ئۆزۈر ئېيتىپ، كەچۆرۈم سورىمىسىمۇ، بەلكى بىرەر ئۆزۈر سەۋەبلىك ياكى ئۇقۇشماسلىقتىن شۇنداق بولغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئۇنى كەچۆرىۋېتىش ھەقىقىي ئالىيجانابلىقنىڭ ۋە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. «اصْبِرْ عَلَى حَسَدِ الحَسُودِ فَإِنَّ صَبْرَكَ قَاتِلُهْ … فَالنَّارُ تَأْكُلُ بَعْضَهَا إِنْ لَمْ تَجِدْ مَا تَأْكُلُهْ» ئەپۇچانلىق گۆزەل ئەخلاقتۇر.
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ تۆرلۆك قوزغاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى ئاددىي ئىشلار ئۆچۆنمۇ نادانلىق قىلىپ قويىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۆر تەپەككۇرى ۋە ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدۇ ۋە تۆرلۆك قىيىنچىلىقلار ئۆستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىتتىكلىك، ئېغىر - بېسىقلىق، ئالدىراقسانلىق، سەۋرچانلىق، سەزگۆرلۆك، دېۋەڭلىك قاتارلىق خىسلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەسلى خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور دەرىجىدە باغلىق بولسىمۇ، ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ باشقىلارغا مۇلايىم بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار. ھەقىقىي ئۇلۇغ ئادەم كامالەتكە يەتكەنسېرى كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولىدۇ. ئەپۇچان بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۆرىدۇ.
جاۋاب: غەزەب ئادەم ئەۋلادىنىڭ قەلبىدە يانغان چوغدۇر. كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكى، گۆرەن تومۇرلىرىنىڭ كۆپۆرۈپ كەتكەنلىكى غەزەبنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان ۋاقتى بولۇپ، ئۇنى يېڭىشنىڭ چارىسى ئورنىدىن قوزغالماسلىق، ئۆرە تۇرغان بولسا ئولتۇرۇۋېلىشتۇر. غەزەبنىڭ كەينىگە كىرگەن ئادەم خۇدىنى بىلمەي ئىشلارنى ئەسلىگە كەلتۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇپ قويىدۇ. بەزى كىشىلەر غەزەبلەنگەندە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ، داۋاملىق تىرىكىپ يۆرىدۇ، ئېغىزىدىن كۆپۆك قاينىتىپ تىللايدۇ، قارغايدۇ. مۇنداق قىلىش ئىنسانى گۆزەل ئەخلاققا زىت كېلىدىغان قىلىقلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «مۆمىن ئادەم كىشىلەرنى تىللىمايدۇ 1، لەنەت ئوقۇمايدۇ، سەت گەپ قىلمايدۇ ۋە ھاياسىزلىق «قىلمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. تىز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم كۆپ ھاللاردا ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ نۇرغۇن ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ. ئادەتتە ئىشىك ئېچىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنى تىللايدۇ، قولىدا تۇرمىغان سايماننى سۇندۇرۇپ قويىدۇ، ئۆركىگەن ھايۋاننى قارغايدۇ. غەزەبنىڭ زىيىنى تولا، ئاقىۋىتى خەتەرلىك. شۇڭا غەزىبى قوزغالغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئىنسان باتۇر ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن «سىلەر قانداق ئادەمنى باتۇر «دەيسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچكىم يېقىتالمايدىغان ئادەمنى باتۇر دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: غەزەبلەنگەن» ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتالىغان ئادەم ھەقىقىي باتۇردۇر» 1 ( دەيدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسان ئۆزىنى قانچە تۇتۇۋالغانسېرى، غەزەبنى قانچە بېسىۋالغانسېرى، ئېغىزىغا قانچە ئىگە بولغانسېرى، كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكىنى قانچە ئەپۇ 2 قىلغانسېرى ئۇنىڭ كىشىلەر ۋە ئاللاھ نەزىرىدىكى ھۆرمىتى يۇقىرى )بولىدۇ (. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئۇلۇغ ئۇستاز مۇھەممەد غەزالىينىڭ خلق» المسلم» ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم كىشىلەر بىلەن، خۇسۇسەن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمىشە ئىناق ۋە ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. چۆنكى ئۇنىڭ دەستۇرى بولغان 1 قۇرئان كەرىم: ئاللاھنىڭ﴿ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار ۋە ئايرىلماڭلار﴾ دەپ تەلىم بېرىدۇ. دۇنيادا كىشىلەرنى بىرلىككە، ئىناقلىققا چاقىرمايدىغان بېرەر دىن ياكى پەلسەپە تېپىلمايدۇ. ھەر كىم -«بىرلىك كۆچ، ئىناقلىقتىن قۇۋۋەت «تۇغۇلىدۇ دېگەن ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىزمۇ: «بىرلەشكەن ئۇزار، ئايرىلغان تۇزار» دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئۆتمۆشلەردە بىز بىرلىكتە، ئىناقلىقتا باشقىلارغا ئۆلگە ياراتقان خەلقمىز. شۇڭا بىز ئۇيغۇر»«يەنى»ئۇيۇشقان ، بىرلەشكەن» دەپ ئاتالغان ئىكەنمىز. ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇ نامغا لايىق بولماي تۇرماقتا.
جاۋاب: ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن خەزرەج، ئەۋس دەپ ئىككىگە بۆلۆنۆپ، يىللار، ھەتتا ئەسىرلەر بويى بىر ـ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قان تۆكۆشكەن مەدىنىلىكلەرنىڭ ۋەھىيىنىڭ تەربىيىسى ۋە ئىماننىڭ كۆچى بىلەن ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ قانداق ئۆزگەرگەنلىكى ۋە يەرشارىدىكى بارچە مىللەتلەر ئۆچۆن ئىناقلىقتا ئۆلگە بولغانلىقى تارىخ قەتئىي ئونۇتمايدىغان مەشھۇر بىر ۋەقەلىكتۇر. ئۇلار مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزئارا بىرلەشكەندىن باشقا، مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىر مۇسۇلمانلار بىلەن خۇددى نەسەبتىكى قېرىنداشلاردەك ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ، مال ـ مۆلۆكلىرىنى تەڭدىن بۆلۆشىدۇ، ھەتتا كۆپ ئاياللىرى بولغانلار مەككىدىن كەلگەن بويتاق مۇھاجىرلارغا ئاياللىرىدىن ئاجرىشىپ، ئىددەتلىرىنى توشقۇزۇپ ئۆيلەندۈرۈپ قويۇش تەكلىپىنى قويىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ تەكلىپنى چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار شۇنداق بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشى نەتىجىسىدە، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆندىن ـ كۆنگە كۆچىيىپ بېرىپ، ئاخىرى ئۆچ قىتئەنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولغان. ئال ئىمران -103 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: قولدىن كەتكەن كۆپ نەرسىلەر قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۆچۆن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، ئىنساننىڭ قولىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «كۆپىنچە كىشىلەر قەدرىنى بىلەلمەيدىغان ئىككى نەرسە باردۇر: ئۇنىڭ بىرى تەن ساقلىقى، يەنە 1 بىرى ۋاقىتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
جاۋاب: ئۆزىنىڭ پايدا – زىيىنىنى بىلىدىغان، ئەقىللىق كىشىلەر چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ. چۆنكى ۋاقىت ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ھەر نەرسىسىدۇر. ئەگەر ئۇ ۋاقتىنىڭ قولدىن كېتىشىگە يول قويسا، ئۇنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن بىھۆدە ئۆتكۆزىۋەتسە، نادانلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۆرىۋالغانغا ئوخشاش بىلىدۇ. ئىنسان تىنىمسىز ھالدا ئالدىغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتىدۇ. پەلەكنىڭ ھەر بىر ئايلىنىشى ئۇزۇن يولدىكى باسقۇچلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان يېڭى بىر تاڭدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنساننىڭ مانا بۇ ھەقىقەتنى چۆشىنىپ ئۇنى كۆز ئالدىدا ئايان بولىۋاتقاندەك سېزىشى، ئىلگىرى بولغان ۋە كېيىن بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۆرگۆزۈشى ئاقىلانىلىق !ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ قەدرىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار «ۋاقىت قىلىچقا ئوخشايدۇ، سەن كەسمىسەڭ، سېنى ئۇ «كېسىدۇ دېگەن ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت» مەيدانىغا بەندىنىڭ قەدىمى قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۆگەتكەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۆزگەنلىكىدىن، مالنى-پۇل نەدىن تېپىپ، نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن 2، ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن». قىسقىسى، كۆزلەر ۋاقىتنىڭ چەكلىك تەسىرىنى يۆزەكى كۆرۈشتىلا كۆرىدۇ. ئەمما ۋاقىت چىرايلارغا قورۇق، تەنلەرگە ئاجىزلىق، چاچ ۋە ساقاللارغا ئاقلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە ئاخىرى ئەجەلنىمۇ چاقىرىپ كېلىدۇ. دېمەك، بۇ ھاياتلىق مۇساپىسى ئۇزۇن مۇسابىقىلەرگە تەييارلانغان مەيدان بولۇپ، ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلگەنلەر ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانلىق بۇرچىنى جايىدا ئورۇنداپ ، نەتىجە يارىتىش بىلەن ئاللاھنى ۋە خەلقىنى مەمنۇن قىلالىغانلار ئۇتۇپ چىقىدىغان مۇسابىقىدۇر. بۇخارى رىۋاسيىتى. () ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
جاۋاب: ھەرقانداق بىر مەقسەت ياكى غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۆن ھىممەتلىك بولۇش شەرت. ھىممەت سۆزى بېرەر ئىشنى قىلىش ئۆچۆن ئىنتىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ھىممەت ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ھىممەت ئۆستۆنلۆك ياكى تۆۋەنلىك بىلەن تەرىپلىنىدۇ. كىشىلەر ھىممەت جەھەتتە بىر خىل بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ ھممىتى ئالىي بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ھىممىتى تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەنلىكتىن ئەڭ ئاددى دەرىجىلەرگىچە چۆشۆپ قالىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پەقەت تىلى بىلەنلا ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلاردا شۇ غايىلىرىگە يېتىش ئۆچۆن ھىممەت بولمايدۇ. مۇنداقلا مەغرۇرلاردۇر. وما نيل طالبVا بالتمني ولكن يؤخذ الدنيا ًباhغ تەرجىمىسى: ئەمەلسىز ئارزۇ بىلەنلا غايىگە يېتىلمەس، ۋەلېكىن دۇنيامۇ مېھنەتسىز كەلمەس.
جاۋاب: ئالىي ھىممەتلىك ۋە غايىلىك بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى كۆرەش، تىرىشچانلىق، قىلماقچى بولغان ئىشقا چىن ئىخلاس باغلاش، تارىخلاردا نەتىجە ياراتقان ئۆلگىلىك كىشىلەرنىڭ كەچۆرمىشلىرىنى ئوقۇپ ئىبرەت ئېلىش، ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، كۆنلۆك ئىش تەرتىبىگە ئەمەل قىلىش ۋە مۇھىم ئىشلارنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇش، تاكامۇللۇققا قاراپ ھارماستىن ئىلگىرىلەش، ھىممەتنى زەئىپلەشتۆرىدىغان بارلىق ئامىللاردىن يىراق بولۇش قاتارلىقلاردۇر. ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەر ئۆتكەنگە ھەسرەت چەكمەيدۇ، ئەتىنى كۆتمەيدۇ ۋە بۆگۆنىنى غەنىيمەت بىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن كۆپ دەرتلىنىدۇ، ۋاقىتنى نەق ئالتۇن دەپ بىلىدۇ، ئۆزى ئىرادىلىك، پىكرىدە مۇستەھكەم بولىدۇ ۋە ئىككىلىنىشى ئاز بولىدۇ.
جاۋاب: ئىنسان ھاياتىدا ھىممەتنىڭ رولى چوڭ بولۇپ، كىشىلەر كۆز يەتمىگەن مەنزىللەرگە ئۆزلىرىدىكى ئالىي ھىممەتنىڭ شاراپىتى بىلەن يەتكەنلىكىگە تارىخ گۇۋاھتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق. ئالىي ھىممەتنىڭ نەمۇنىلىرىنى كۆرەلەيمىز. تارىخشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە، بىر ئۇممەتنى بەرپا قىلىش شۇ غايىنى ئۆزلىرىگە نىشان قىلغان زەنجىرسىمان بىرقانچە ئەۋلادقا ئېھتىياجلىقتۇر. ئەمما ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۇممىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار غايىسىنى چارەك ئەسىرگىمۇ يەتمەيدىغان ئاز بىر ۋاقىت (يىل 23) ئىچىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرالىدى.
جاۋاب: كىشىلەرنىڭ ئالىي ھىممەتلىك بولىشى شەرىئەت ۋە ئەقىل ھەر ئىككى تەرەپتىن تەلەپ قىلىنغان بىر ئىش. تۆۋەندىكىلەر ھىممەتنى كۆتىرىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەمچى بولىشى مۇمكىن: (1) كۆرەش ۋە تىرىشچانلىق. ھاياتلىق ئىمان ۋە كۆرەشتىن ئىبارەت بولۇپ، كۆرەش قىلماستىن نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ. «بىز ئۆچۆن كۆرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز» 1 (. (2) چىن ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۆلىنىش ۋە يۆزلىنىش. ئالىي ھىممەتمۇ بىر كاتتا نېمەت بولۇپ، ئۇ سورالماستىن بېرىلمەيدۇ. (3) ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق نوقتىسىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆچۆن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. (4) كاتتىلارنىڭ كەچۆرمىشلىرىنى ئوقۇپ ئىبرەت ئېلىش. (5) ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش. (6) كۆنلۆك ئىش تەرتىبىگە ئەمەل قىلىش ۋە مۇھىم ئىشلارنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇش. (7) ھەر ئىشتا ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن رىقابەتلىشىش. (8) تاكامۇللۇققا قاراپ ھارماستىن ئىلگىرىلەش. (9) ھىممەتنى زەئىپلەشتۆرىدىغان بارلىق ئامىللاردىن يېراق بولۇش.
جاۋاب: ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەرنىڭ سۆپەتلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: (1) ئۆتكەنگە ھەسرەت چەكمەيدۇ، ئەتىنى كۆتمەيدۇ ۋە بۆگۆنىنى غەنىيمەت بىلىدۇ. (2) پەس -ئارزۇ ھەۋەسلەردىن پۆتۆنلەي يىراق بولۇپ، ھەمىشە ئۇلۇغ ۋە كاتتا ئىشلارنى ئويلايدۇ ۋە تۇرماستىن يۇقىرىغا ئىنتىلىدۇ. (3) كىشىلەرگە ياخشى مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە ئۇمۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. (4) قىلغان ھەر بىر ئىشىدا يۇقىرى ھىممەتلىك بولىدۇ، كېلىچەكتىن ھەمىشە ئۆمىدۋار بولىدۇ. (5) ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن كۆپ دەرتلىنىدۇ، ۋاقىتنى نەق ئالتۇن دەپ بىلىدۇ. (6) ئۆزى ئىرادىلىك، پىكرىدە مۇستەھكەم بولىدۇ ۋە ئىككىلىنىشى ئاز بولىدۇ. (7) ئىنسانىيەتنىڭ، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ. (8) مەسئۇلىيەتچالىقى يۇقىرى بولىدۇ ۋە ھەمىشە ئويغاق ھەم ھوشيار بولىدۇ. (9) ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى بىلىدۇ ۋە ۋاقا ئورۇندايدۇ. (10) ئادەتتىكى كىشىلەر ھەۋەس قىلغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ. بەلكى تەلىبى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆمىد ۋە ئۇنىڭ ھاياتتىكى رولى ئۆمىد ــ مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئۆمىد ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ئىشتا، ھەر ۋاقىت ئۆمىدۋار بولىدۇ. چۆنكى مۇنداق ئادەم ئەڭ ئاۋۋال خورلۇقنى ئەزىزلىققا، پېقىرلىقنى بايلىققا، ئاجىزلىقنى قۇدرەتكە، قىيىنچىلىقنى ئوڭايلىققا، قۇللۇقنى ھۆرلۆككە ئايلاندۇرۇشقا قادىر بولغان ئىلىم ـ ھېكمەتلىك، چەكسىز كۆچ ـ قۇۋۋەتلىك ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىدۇ. ئۆمىد ئىماننىڭ مېۋىسى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قولدىشىدۇر. ئىمان بولغان قەلبتە چوقۇم ئۆمىد بولىدۇ. تارىخلار گۇۋاھكى، ئۆمىد كىشىلەرنى كۆز يەتمىگەن ئارمانلارغا ئېرىشتۆرگەن.
جاۋاب: ئىلىم ـ پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، كەشىپىياتلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تۆرلۆك يېڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئاسارەتتىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۆچۆنمۇ ئۆمىدنىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. ئەگەر ئالىملار ۋە كەشىپىياتچىلار ئۆز زامانلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە كۇپايە قىلىپ، كېلەچەك ئۆچۆن ئىزدەنمىگەن ۋە ئۆمىد بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمىگەن بولسا ئىدى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىر ئىزدىلا توختاپ قالغان، سىرلار يېشىلمىگەن، كەشىپىياتلار مەيدانغا كەلمىگەن ۋە يېڭىلىقلار ئىجاد قىلىنمىغان بولاتتى. ئىنسانلار زامانىمىزدىكىدەك، پەن ـ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان بولار ئىدى.
جاۋاب: خۇددى ئۆمىد ئىماننىڭ قولدىشى بولغىنىدەك، ئۆمىدسىزلىك كۇپرىلىقنىڭ جورىسىدۇر. ئەجدادلىرىمىزمۇ: «ئۆمىدسىز ــ «شەيتان دەپ توغرا ئېيتقان. ئۆمىدسىزلىك بىلەن كۇپرىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرى ئۆچۆن سەۋەبچىدۇر. ئۆمىدسىزلىك كۇپرىلىقنى كەلتۆرىدۇ، كۇپرىلىق ئۆمىدسىزلىكنى كەلتۆرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: شۆبھىسىزكى» ، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۆمىدسىزلىنىدۇ» دەيدۇ.
جاۋاب: بىزنىڭ كۆندىلىك ھاياتىمىزدا ئۆمىدۋار بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مىساللار كۆپ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا نەتىجە قازىنىش ئۆمىدىنى يوقاتقان ۋاقىتتا، ئۇ، ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، كىتاب، دەپتەر، قەلەم، مەكتەب دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن زىرىكىدۇ، بۇلار ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدۇ. چۆنكى ئۇ قانچە قىلسىمۇ بەرىبىر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا قىلىنغان نەسىھەت، تەربىيە، مۇناسىپ مۇھىت، ئالاھىدە خۇسۇسى دەرسلەر ۋە باشقىلارنىڭ ھېچبىرى كار قىلمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىمتىھاندىن ئۆتۆشكە بولغان ئۆمىدى قايتىدىن تۇغۇلغاندىلا، دەرسكە كىرىشەلەيدۇ. شىپا تېپىشىدىن ئۆمىدى ئۆزۈلگەن كېسەلمۇ شۇنداق. شۇنىڭدەك، ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشتىن ئۆمىدىنى يوقاتقان ۋاقتىدا، يورۇق دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زۇلمەت كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭغا سەۋەبلەر تۆگىگەن، چارە قالمىغان، ئۆزى بولسا تۆگەشكەن بولۇپ ھېس قىلىنىدۇ.
جاۋاب: پاكىزلىق ۋە تازىلىق ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ۋاقىت تازىلىققا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ تېنى، كېچەكلىرى-كىيىم، ئىچى-ئۆي، ئاراملىرى-ھويلا ھەمىشە پاكىز، خۇشپۇراق بولىدۇ. پاكىزلىق ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام مەدەنىيىتىدۇر. پەيغەمبەر 1 «پاكىزلىق : ئەلەيھىسسالام ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلار ـ 6 ئەسىردىن بىرى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا، ھەر ۋاقىت تازىلىق قىلىپ، پاكىز، ئېسىل، خۇشپۇراق يۆرۈشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ كەلگەن.
جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭغا بۇيرۇشىدا، ئۇلارنىڭ تەن ساقلىقى، روھى، دىنى ئۆچۆن پايدىلىق بولغان كۆپلىگەن ئالىي ھېكمەتلەر باردۇر. قىسقىسى، بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى يېقىمسىز ھىدلار يوقىلىدۇ، ۋۇجۇدنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاشىدۇ. پائالىيەتچانلىقى ئاشقان ئادەم مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى روھلۇق، جوشقۇنلۇق بىلەن كامىل ئورۇنداش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدە روھ بىلەن تەن ئوتتۇرىسىدا پاكىزلىق تەرەپتىن باغلىنىش بولۇپ، بەدەن كىرلەشكەن ۋاقىتتا روھ چۆشكۆنلىشىدۇ، بەدەن پاكىز، تازە بولغان ۋاقىتتا روھمۇ جانلىنىدۇ.
جاۋاب: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھازىرمۇ سۇ قىس، بۇجاينىڭ مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرىكى ھالىغا قارايدىغان بولساق، شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەبىستاننىڭ سۇ قىس، قورغاقچىلىق چۆللىرىدە، تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قوللارنى يۇيۇشقا، كۆندە ئاز دېگەندە بەش قېتىم تاھارەت ئېلىپ، قول ـ پۇتلارنى، يۆزنى، گاھ پۆتۆن بەدەننى يۇيۇشقا، جۆمە، ھېيت ۋە مېيت نامازلىرىغا، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە، توي ـ تۆكۆنلەرگە ۋە نەزىر ـ چىراغلارغا بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، خۇشپۇراق بۇيۇملىرىنى ئۆزىگە، كىيىمىگە چېچىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆگەتكەن ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر مەدەنىيەتلىك ئىلغار بىر دىن ئىكەنلىكى مۇنازىرە قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
جاۋاب: تازىلىق ۋە پاكىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلتۆرگەن، ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقتۇر. شۇڭا «تەن : ئۇلاردا ساقلىق زور– «بايلىق، ساغلام» تەندە ساپ ئەقىل» دەيدىغان ئەقلىيەت سۆزلەر بار. بۇ سۆز جەۋھەرلىرىنىڭ بىباھا قىممىتى ۋە ئىلمىي ئاساسىي بار. چۆنكى تەن ساغلام بولغاندىلا ھەر قانداق ئىشنى كۆڭۆلدىكىدەك ئورۇندىغىلى بولغىنىدەك، تازىلىق ۋە پاكىزلىققا ھەر دائىم ئەھمىيەت بەرگەندىلا تەن ساقلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا تازىلىق ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش ساغلام– بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تازىلىققا رىئايە قىلىشنى ئادەت قىلغاندىلا ساغلام، زېرەك، چېچەن ۋە قاۋۇل بولغىلى بولىدۇ. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش – بىر مىللەتنىڭ ساپاسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسىدۇر. مۇسۇلمانلار، جۆملىدىن ئۇيغۇرلار تازىلىق ئادىتىنى ئەڭ ئاۋۋال يېتىلدۈرگەن خەلقتۇر. چۆنكى ئۇلارنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم: ئاللاھ﴿ ھەقىقەتەن تەۋبە 1 قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ، پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾ دەپ تەلىم بېرىدۇ.
جاۋاب: ئۇيغۇرلار ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتلىك، ئىلغار مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك بارچە خىسلەتلەرنى ۋە گۆزەللىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان خەلق. ئۇلارنىڭ باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن ئۆزگىچىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە: بىرىچىدىن، ئۇيغۇرلار مۇھىت تازىلىقىغا، جۆملىدىن ئارام-ھويلا، مەسچىت، ساراي، ماكانلارنىڭ-ئۆي تازىلىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايونلاردا بۇ ئادەتنىڭ نەقەدەر گۆللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چۆنكى ئۇيغۇرلار مۇھىت تازىلىقىنى مىللىي ئەنئەنە ۋە دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ئورمان ئۆستۆرۈپ، باغۋاران بىنا قىلىپ، گىياھ-گۆل تېرىپ مۇھىتنى گۆللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا «بېغى خەلقىمىزدە يوقنىڭ نېنى دەيدىغان «يوق ھېكمەت ئورۇن ئالغان. پەيغەمبەر قانداقلا» : ئەلەيھىسسالام بىر ئادەم بىرەر دەرەخ تىكسە، ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار ياكى ئۇچار قۇشلار ئۇنىڭ بەقەرە -222 سۆرىسى ئايەت. ) ( مېۋىسىدىن 1 يېسە، ئۇنى تىككەن كىشىگە سەدىقىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۆچىنچىدىن، ھويلا ئاراملارغا سۇ سېپىپ پاكىز سۆپۆرۈش ئۇيغۇر -خانىم قىزلىرىنىڭ ھەر كۆنلۆك سەھەر تۇرۇپ پۆتتۆرىدىغان بىرىنچى ئىشى. ئۇيغۇرلار ئەتىگەنلىك نامازدىن پارىغ بولغاندا، بالىلارنى تۇرغۇزۇپ، كىيىندۈرۈپ، ئۆي ئىچىنى پاك پاكىز تازىلاپ بولۇپ، ئاندىن ناشتا قىلىدۇ. ئەخلەتنى، يۇندىنى ھەرگىز يول بويلىرىغا، سۇ قاناللىرىغا تۆكمەيدۇ. شۇنداقلا يولدىكى توسقۇنلارنى ئېلىۋېتىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، قۇدۇق قېزىش قاتارلىقلارنى چوڭ ساۋابلىق ئىش دەپ بىلىدۇ. زىرائەتلەرنى، گىياھلارنى-گۆل نابۇت قىلمايدۇ. تۆتىنچىدىن، ئۇيغۇرلار شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناماز مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى بولۇپ، پاكلىق، پاكىزلىق ۋە تاھارەت بولمىسا ناماز قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار شەخسىي تازىلىقنى قانداق شارائىتتا بولمىسۇن ھەر دائىم ئۆز ۋاقتى سائىتىدە مۇنتىزىم ئورۇندايدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىكى بۇخىل مۇنتىزىم شەخسىي تازىلىقنى باشقا ھېچقانداق بىر مىللەتتە كۆرگىلى بولمايدۇ. بەشىنچىدىن، ئومۇمىي ئۇيغۇرلار ئىچمەك-يېمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ئىچمەكتىكى-يېمەك ھارام-ھالال مەسىلىسىگە ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۆنكى، مۇسۇلمانلار ھالال ئوزۇقلۇقلارنى يېيىشكە ۋە ھارامنى يېمەسلىككە بۇيرۇلغان. ئۇيغۇرلاردىن دىنى ئىنتايىن سۇس، ھەتتا كوممۇنىست بولۇپ كەتكەنلىرىنىڭمۇ چوشقا گۆشىنى يېمەسلىكى بۇنىڭ مىسالى. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن بىر خەلق. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
جاۋاب: ئىسلام دىنى مۇھىتنى ئاسراش ۋە تەبىئەتنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەڭ زور ئەھمىيەت بەرگەن بىر ئۇلۇغ دىن. بۇنى ئىسلام دىنىنىڭ پۆتۆن تەلىماتلىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھىتنى ئاسرايتتى، تەبىئەتنى سۆيەتتى. ئىسلام قوشۇنلىرىنى جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىش ئالدىدا ھەمىشە ئۇلارغا، دەرەخلەرنى-دەل كەسمەسلىككە، ئۆسۆملۆكلەرنى يۇلماسلىققا ۋە زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى. مۇندىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغانلارنى مەككىنىڭ دەرەخلىرىنى-دەل سۇندۇرشتىن، گىياھلىرىنى-گۆل ئۆزۈشتىن ۋە ھەر قانداق بىر ئۆسۆملۆكنى يۇلۇشتىن مەنئى قىلغانلىقىنىمۇ مۇھىت ئاسراشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى دەپ چۆشىنىشكە بولىدۇ.
جاۋاب: تەبىئەت ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتىدۇر. ئاللاھ تائالا تەبىئەتنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۆچۆن يارىتىپ بەرگەن. ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ تەبىئەتكە قارىتىلغان بۇرچى تەبىئەتتىن يوللۇق ھالدا پايدىلىنىش، ئۇنى بۇلغىنىشتىن، كىرلىنىشتىن ۋە بۇزۇلۇشتىن ئاسراش، ئۇنى سۆيۆش ۋە قوغداشتىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: ئۇيغۇرلار قەدىمقى چاغلاردىن باشلاپلا مۇھىتنى ئاسراش ۋە تازىلىقىغا رىئايە قىلىشتا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولۇپ كەلگەن بىر مىللەت. ئۇلار تەبىئەت قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى يېشىل-ياپ، -باغۇ بوستانلىق ۋە بەكمۇ چىرايلىق بولغاچقا، تارىختىن بىرى ھەركىمنىڭ زوقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلاردا ئىلگىرى بار بولغان ئادەت-ئۆرپ، دىنىي ئاڭ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈلۆپ «ياش كېلىنىۋاتقان نوتا كۆچەتنى كەسسە ياكى ئۇشتىۋەتسە، شۇ ئادەم ياش ئۆلۆپ قالىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە خەلق تەمسىلىنى پاساھەتلىك ئىلمىي يەكۆن دېيىشكە بولىدۇ.
جاۋاب: دىنىمىزدا تەبىئەتنى بۇلغاش، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇش، دەرەخ – ئورمانلارنى نابۇت قىلىش گۇناھ ھېسابلانغىنىدەك، دەرەخ تىكىش، مۇھىتنى يېشىللىقلار بىلەن زىننەتلەش ساۋابلىق ئەمەلدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «قانداقلا بىر ئادەم بىرەر دەرەخ تىكسە، ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار ياكى ئۇچار قۇشلار ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېسە، ئۇنى تىككەن كىشىگە سەدىقىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ» 1 ( دەپ كۆرسەتكەن. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
جاۋاب: ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۆ بىلەن كۆرسىتىلگەن ساداقەتتۇر. ئىخلاسنىڭ ئەكسى رىيادۇر. قىلىنغان ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىخلاس توغرۇلۇق كەلگەن ئايەت ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە ئاساسلانغاندا، نىجات يولى پەقەت ئىخلاستىدۇر. ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ۋە ماددىي، مەنىۋىيىتىگە كېپىللىك قىلالايدىغان ئىخلاستىن بۆلەك ئىككىنچى بىر خىسلەت يوقتۇر. ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىخلاس باغلاپ قېتىرقىنىپ قىلىش ھەقىقەتەن مۇھىم بىر ئىشتۇر. چۆنكى زەررىچىلىك ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەل، ئىخلاسسىز قىلىنغان مىڭلارچە ئەمەل - ئىبادەتتىن ئېتىبارلىقتۇر.
جاۋاب: ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىخلاس تەلەپ قىلىنىدۇ. ناماز ئوقۇشتا، روزا تۇتۇشتا، زاكات بېرىشتە، ھەج قىلىشتا، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتا، يېتىم – يېسىرلارغا ياردەم قىلىشتا، ھالال رىزىق ئۆچۆن ئىشلەشتە ئىخلاس باغلاپ ئىش قىلىش لازىم. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىخلاسى باردۇر، مەسىلەن: سەمىمىي ئىخلاس بىلەن باغلانغان مۇھەببەتنىڭ بىر زەررىسى بېرەر مەنپەئەت يۆزىسىدىن باغلانغان مۇھەببەتتىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە قىممەتلىكتۇر. چىن مۇھەببەتنى كۆرۈشنى خالىغان كىشى ئانىلارنىڭ تەبىئىتىگە قارىسا بولىدۇ. ھەقىقىي خالىس مۇھەببەتكە ئانىلار سازاۋەردۇر. ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۆچۆن نۇرغۇنلىغان جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، چىن دىلىدىن بالىلىرى ئۆچۆن كۆيۆپ – پىشىپ، چوڭ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ قىلغانلىرى ئۆچۆن بالىلىرىدىن بېرەر مۇكاپات ياكى سوۋغا - سالام تەمە قىلمايدۇ، بىرەر پايدا كۆزلىمەيدۇ. ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغان ئىكەن، شۇنداق چىن ئەقىدە ۋە سۆيگۆ بىلەن ئىخلاس قىلغاندا، ئاندىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇخلىسىغا ئايلىنىدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئەمەل - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ياكى كۆپ كىشىلەرنى دىنغا ئەگەشتۆرۈش بىلەن قازىنىلمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى پەقەت ئىخلاس بىلەنلا قازىنىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز ياكى بېرەر ياخشى نىيەت ھەقىقىي سائادەتكە ۋە مەڭگۆلۆك نىجاتلىققا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەمەل - ئىبادەتلەرنىڭ كۆپ قىلىنىشىغىلا قارىماستىن، بەلكى قەلبتىكى ئىخلاسقا قاراش كېرەك. چۆنكى كېرەك بولغىنى ئىخلاستۇر. زادى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمەستىن باشقا مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ قىلىنغان پۆتۆن ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلەر بىكاردۇر. مەسىلەن: كۆمۆر كىلولاپ ھەتتا توننىلاپ، ئالتۇن گرامملاپ تارتىلىدۇ. ئىخلاسلىق ئەمەل ئالتۇن بولسا، ئىخلاسسىز ئەمەل كۆمۆرگە ئوخشايدۇ. بۇ مىسالدىن ئىخلاسلىق ئىبادەت بىلەن ئىخلاسسىز ئەمەل - ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرۈنۆپ تۇرۇپتۇ.
جاۋاب: كەمتەرلىك ــ ھەقىقەت قانداقلا بىر كىشى تەرىپىدە بولسا، چوڭلىق قىلماي ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرگە كەمتەرلىك، مېھرى - مۇھەببەت ۋە يۇمشاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتۇر. كەمتەرلىكنىڭ ئەكسى كىبىر ئۆزىنى) چوڭ تۇر (ساناش. بۇ تەرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىبىر ــ ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى كۆزگە 1 ئىلماسلىقتۇر». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى جۆملىلىك ئىخچام سۆز بىلەن ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ مەنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن.
جاۋاب: ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى: ئۆزىنىڭ نەزىرىدە، يۆز - ئابرويدا ياكى بايلىقتا ياكى مەنسەپتە ياكى ھۆرمەتتە ياكى نەسەبتە تۆۋەن سانالغان ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭ ھەق سۆزىنى ياكى ئۇنىڭدىكى ھەققانىي تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى: پېقىرلارنىڭ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۆزىنى ئۇلارغا تەڭ قىلمىغانلىقتىن غادىيىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۇلارغا سۆز قىلىشتىن قىسىلىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خوش ياقمىغان قىياپەتتە ئاڭلاش ۋە كۆرگەنلا ئادەمگە سالام قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەتتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھەققىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئۇلارنى ئازارلىغانلىق ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا تۇتقانلىقتۇر. ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان، ھەتتا دىنسىزلارمۇ رەت قىلالمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەم سۆيۆلۆشكە ھەقلىق بولمايدۇ، بىر كۆنى ئۇ چوقۇم خار بولماي !قالمايدۇ ئاللاھ تائالا ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ھەر زامان چۆكتۆرۈپ، كەمتەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەنىنى ھەر زامان كۆتۆرۈپ كەلدى. ئۆزىنى يەر يۆزىنىڭ ئىلاھى دەپ ئېلان قىلغان پىرئەۋن، بايلىقىغا ئىشىنىپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان قارۇن، مەنسىپىگە ئىشىنىپ ھەقىقەتكە قارشى چىققان ئەبۇ جەھىل قاتارلىق زالىملارنىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. چۆنكى چوڭلۇق ۋە كاتتىلىق پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاس بولغان ھوقۇقتۇر. ئاللاھ تائالادىن ئۇنى ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( تالاشقانلار ئەڭ ئېچىنىشلىق ئازابلار بىلەن جازالىنىپ كەلمەكتە.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان 1 ئادەم جەننەتكە «كىرمەيدۇ . ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: «چوڭلۇق بىلەن ئىززەت مېنىڭ كىيىملىرىم. بۇ ئىككىسىنى مەندىن تالاشقانلارنى چوقۇم 2 «جازالايمەن . قۇرئان كەرىم لۇقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىنى بايان قىلغان. لۇقمان ھەكىم مۇنداق دېگەن: كىشىلەردىن﴿ مەنسىتمەسلىكتىن يۆز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ 3﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىدىن ئۆرنەكلەر ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن پۆتۆن ئەھۋالىنى بىلىدىغان ھايات شېرىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 4 ئەخلاقىنى تەرىپلەپ: «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان «ئىدى دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشىغان ۋە ئۇنىڭ پۆتۆن ئەھۋاللىرىنى بىلىدىغان ساھابىلەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، قارشى تەرەپ قولىنى تارتمىغىچە، ئۇنىڭ قولىنى قويۇپ بەرمەيتتى، بىراۋغا سالام قىلسا تەبەسسۇم بىلەن تولۇق سالام قىلاتتى، قارشى تەرەپ يۆزىنى چۆرۈمىگىچە، يۆزىنى باشقا ياققا چۆرۈمەيتتى، قانداقلا بىر ئولتۇرۇشلاردا، ھەرگىز تۆرگە چىقمايتتى، بەلكى قەيەردە بوش ئورۇن بولسا، شۇ يەردە ئولتۇراتتى، ساھابىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى، پېقىرلارنى يوقلاپ، ھال - ئەھۋالىنى سوراپ 5 تۇراتتى، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشاتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى» . بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىش ئالدىدا تارتىنغانلىقتىن، مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) لۇقمان -18 سۆرىسى ئايەت. (ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.) مۆمىننىڭ -65 ئەخلاقى بەت. ) ( تەمتىرەپ قالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغالله ! تەمتىرىمە» مەن پادىشاھ ئەمەسمەن، پەقەت مەككىدە قۇرۇتۇلغان گۆشنى يەپ ھايات كەچۆرىدىغان ئاياللاردىن 1 بىر ئايالنىڭ بالىسىمەن» دېگەن. بىراۋ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كىرگىنىدە، سىزنىڭ ئاز - تولا مەنسىپىڭىز ياكى ئىلمىڭىز ياكى خەلقنىڭ نەزىرىدىكى يۆز - ئابرويىڭىز سەۋەبلىك سىزدىن تارتىنىپ تۇرغىنىدا، ئۇنىڭغا مەن» ئاددىي بىر دېھقاننىڭ بالىسىمەن» ياكى ئاددى» بىر ھۆنەرۋەننىڭ ياكى ئاددى بىر ئىشچىنىڭ بالىسىمەن» دەپ ئېيتىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەمتەرلىكنى !ئۆگىنىۋېلىڭ.
