ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى (ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە)
ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئېھسان (سوئال 780 – 804)
بۆلۈم: “ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئېھسان (سوئال 780 – 804)”جاۋاب: ھەممە ئادەم ھەقىقەتنى سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئەمما بەزىلەر ھەقىقەتنى ئېغىزىدىلا سۆيسە، بەزىلىرى كۆڭلىدىلا سۆيىدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن سۆيىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. مەلۇمكى، ھەقىقەتنى ئېغىزدا سۆيگەنلىك ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. ھەقىقەتنى كۆڭۆلدە سۆيگەنلىكمۇ ئىشقا يارىمايدۇ. بەلكى ھەقىقەتنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن چىن قەلبىدىن سۆيۆش تەلەب قىلىنىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ھەقىقەتنى ئېغىزىمىزدا سۆيگىنىمىزدەك، ئەمەلىيىتىمىزدىمۇ سۆيەلىگەن بولساق ھالىمىز باشقىچە بولغان بولار ئىدى، ئەلۋەتتە.
جاۋاب: شەكسىزكى، «ھەقىقەتنى تىن «سۆيۆش ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاق بارچە گۆزەل ئەخلاقلارنىڭ باش تاجىسى ۋە جەۋھىرىدۇر. چۆنكى، ھەقىقەتنى سۆيۆش ۋە ھەقىقەت ئۆچۆن ئۆز مەنپەئەتلىرىدىن ۋازكېچىش ئىنساندىكى ئەڭ ئېسىل خۇلق بولۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغۋار پەزىلەتلەر ۋە گۆزەل ئەخلاقلار مەيدانغا كەلگەندەك، باتىلنى سۆيۆش ۋە باتىلنى مۇداپىئە قىلىش ئىنساندىكى ئەڭ رەزىل خۇلق بولۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان رەزىللىكلەر ۋە يامان قىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، ھەقىقەتنى» سۆيۆش» ئومۇمىي گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. ئۇنىڭدىن بارچە گۆزەللىكلەر ۋە ياخشىلىقلار تۆرلىنىپ چىقىدۇ.
جاۋاب: «ھەقىقەتنى - «سۆيۆش ھەقىقەتنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۆستۆن بىلىش، ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قوغداش يولىدا جان پىدا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ھەقىقەتنى» تىن سۆيۆش» ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاقتىن ھەقىقەت ئۆچۆن ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش، راستچىللىق، ئادالەت، ۋاپادارلىق، ئىشەنچلىك بولۇش، سەمىمىيلىك، ۋەدىسىدە تۇرۇش، ۋاپادارلىق قاتارلىق كۆپلىگەن گۆزەل ئەخلاقلار تۆرلىنىپ چىقىدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش ھەقىقەتنى سۆيگەنلىكنىڭ ئەڭ راستچىل ۋە ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىدۇر.
جاۋاب: «ھەقىقەتنى تىن سۆيۆش» ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاقتىن چەتنەپ كېتىشتىن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ھەقسىزلىق، خىيانەت، ۋاپاسىزلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان رەزىل قىلىقلار تۇغۇلىدۇ.
جاۋاب: «ھەقىقەتنى تىن سۆيۆش» ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاقتىن چەتنەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، نەپسنىڭ ھەر قانداق ھەۋەسلىرىگە بويسۇنۇش بولسا، بەزىسى كۆڭۆلنىڭ پەسلىكى، باشقىلارنى يامان كۆرۈش خاھىشى ۋە شەيتانغا ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى «ھەقىقەتنى كە سۆيۆش» چاقىرىدىغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ. چۆنكى قۇرئان كەرىم ئەڭ چوڭ ھەقىقەت بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ھەقىقەت ۋە ھەقىقەتنى سۆيۆش ئۇنىڭ پۆتۆن بايانلىرىغا ئىچۆرۈلگەن. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭ مىسالى: بىلىڭلاركى﴿، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۆزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇپرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۆچىدۇر، ھېكمەت بىلەن 1 ئىش قىلغۇچىدۇر﴾. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرنىڭ قەلبىگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۆزۈپ، كۇپرى بىلەن مەسىيەتنى-گۇناھ يامان كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مەلۇمكى، ئەڭ-ئىمان چوڭ ھەقىقەت بولغان ئاللاھ تائالانى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئىماننى سۆيۆش ھەقىقەتنى سۆيگەنلىكنىڭ ۋە ھەقىقەتنى باتىلغا ئۆستۆن قىلغانلىقنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىدۇر. چۆنكى ئىسلام دىنىدا ئىمان كەلتۆرۈشكە بۇيرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ھەقتىن كەلگەن ھەقىقەتلەردۇر. ھەقىقەتنى سۆيۆش باتىلنى يامان كۆرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. كۇپرى بىلەن مەسىيەت-گۇناھ باتىل بولغانلىقتىن، ھەقىقەتنى سۆيگەن مۆمىنلەرنىڭ ئۇلارنى يامان كۆرۈشى تەبىئىي ئەھۋال. چۆنكى بىر قەلبتە ئىككى زىت نەرسە بىرلەشمەيدۇ. ھەقىقەتنى سۆيۆپ، ئۇنى ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىدىن، شەھۋەتلىرىدىن ۋە بارچە ئىستەكلىرىدىن ئارتۇق كۆرگەنلەر ھەقىقەتكە باش ئېگىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، توغرا يولغا ھىدايەت تاپقان. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ نەپسىي ھەۋەسلىرىگە، شەھۋەتلىرىگە، شەخسىي غەرەزلىرىگە ماسلاشمىغان ھەقىقەتنى يامان كۆرگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا ئىنكار قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ -ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغانلار كاپىرلار قاتارىدىن بولغان. ھەقىقەتنى يامان كۆرگەنلەرنىڭ ھەقىقەتكە چاقىرغۇچىلار بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلغۇچىلارنىمۇ يامان كۆرىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ نەپسانىيىتىگە مۇۋاپىق كەلگەن باتىلنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ھىدايەتكە ئەگىشىشتىن مەنىۋى كورلۇقنى ئۆستۆن كۆرىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. شۇڭا ئاللاھ تائالا سەمۇد قەۋمى ھەققىدە مۇنداق ھۇجۇرات -8-7 سۆرىسى ئايەتلەر. (دېگەن: ﴿ سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق يەنى)ئازغۇنلۇق نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۆپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق 1 ئازابى ھالاك قىلدى. ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى قۇتقۇزدۇق﴾. ئايەتتىن مەلۇمكى، سەمۇد قەۋمى مەنىۋى كورلۇقتىن ئىبارەت كۇپرىنى ھىدايەتتىن ئىبارەت ئىماندىن ئارتۇق كۆرگەن. چۆنكى كۇپرىلىق باتىلنى سۆيگەنلىك، ھىدايەت ھەقىقەتكە ئېسىلغانلىقتۇر.
جاۋاب: ئىماننى سۆيۆپ، كۇپرىنى يامان كۆرىدىغان مۆمىنلەردىن بەزى كىشىلەرمۇ گاھىدا ئۆزلىرىنىڭ نەپسىي خاھىشلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەقىقەتلەرنى يامان كۆرىدۇ ۋە نەپسىي ئاۋارىگەرچىلىكى سەۋەبلىك كۇپرىدىن تۆۋەن بەزى باتىللارنىمۇ سۆيىدۇ. بۇ ھازىرقى زاماندىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئەھۋالى.
جاۋاب: كۇپرىنى سۆيۆپ، ئىماننى يامان كۆرىدىغان مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەردىن بەزى كىشىلەرمۇ ئۇلاردىكى ئىنسانىي خىسلەت ۋە قىسمەن ساغلام تەبىئەتنىڭ تۆرتكىسى بىلەن ئىماندىن باشقا بەزى ھەقىقەتلەرنى سۆيىدۇ. چۆنكى مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەر ئىچىدىن بەزىبىر كىشىلەر باركى، ئىنساپ، ئادالەت، راستچىللىق، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئىنتىزامچانلىق جەھەتلەردە، زامانىمىزدا مۇسۇلمان ئاتىلىپ قالغان كۆپ ساندىكى ئىنسانلاردىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. بىز كۆرىۋاتقان رىئاللىقمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى نىسبىي ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. بەزى مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىقلارنى ئۇلاردىكى نەپسىي خاھىشنىڭ تۆرتكىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن باتىلغا بولغان نىسبىي مايىللىقنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولغاندەك، مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەردىن بەزىسىنىڭ ئەخلاقىدىكى گۆزەللىكلەرنى ئۇلاردىكى ئىنسانىي ھېس ۋە قىسمەن ساغلام تەبىئەتنىڭ تەسىرى بىلەن ھەقىقەتكە بولغان نىسبىي مايىللىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ.
جاۋاب: ھەقىقەت گەرچە ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ، نەپسىي خاھىشىنى يېڭىپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش راستىنلا ئالىي پەزىلەتنىڭ چۆنكى.نەتىجىسىدۇر ئەخلاقنىڭ ئاساسلىق جەۋھىرىدىن، ياخشىلىقنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق بېرىش خىسلىتىدىن مەھرۇم قالغان ئادەم ھەقىقەت ئۆزىگە ئېنىق ئايان بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا باش ئەگمەيدۇ. چۆنكى مۇنداق ئادەم پەزىلەتتىن مەھرۇم.
جاۋاب: دۇنيادا ئەڭ كەچۆرۈلمەس تۇزكورلۇق ۋە ئەڭ رەزىل ئەخلاق فۇسسىلەت -18-17 سۆرىسى ئايەتلەر. ) ( بىراۋنىڭ ئانىسىنىڭ-ئاتا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقىدۇر. ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ خەسىسلىك ۋە ئەڭ ئەخلاقسىزلىق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىشتۇر. چۆنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۆتۆن ئالەملەر ئۆچۆن رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن يېگانە پەيغەمبەر. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئۇ ئېلىپ كەلگەن رەھمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكتۇر. بۇنىڭدىنمۇ بەك خەسىسلىك ۋە ئەڭ قەبىھ ئەدەپسىزلىك ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان رەببىنى ئىنكار قىلىش، ئۇنىڭ ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۆچى، ھايات بەرگۆچى، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى، يامانلىقنىڭ جازاسىنى بەرگۆچى يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتۇر. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ يامان تۇزكورلۇق !بارمۇ؟ ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە ئىنكار قىلغان ئادەم ئەڭ چوڭ، تەڭداشسىز بىر ھەقىقەتنى رەت قىلغان بولىدۇ. مۇنداقلاردىن ئىنسانىي خىسلەت ياكى ئەخلاقنىڭ ئەسىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. چۆنكى مۇنداقلا رەزىللىك پاتقاقلىقىغا بېشىغىچە پاتقانلاردۇر. ئەقىل ھوشى– جايىدا، سۆزلىرى-گەپ ۋە تۇرۇشلىرى-يۆرۈش نورمال بىر ئادەمنى «ساراڭ» دەپ سۆپەتلىگەن بىرىنى ئوپئوچۇق يالغان سۆزلىدى، دەيمىز. چۆنكى ئۇ ئوپئوچۇق بىر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان بولدى. ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەممىگە رىزق بەرگۆچى ئىكەنلىكى خۇددى نۇرلۇق قۇياشتەك ھەممىگە روشەن، ئېنىق تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىنكار قىلىش ھەقىقەتەن چوڭ ھەقسىزلىك ۋە ھەقىقەتكە قارشى ئىشلەنگەن كەچۆرۈلمەس جىنايەتتۇر. شۇڭا ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىنكار قىلىش ئەڭ قەبىھ ئەخلاقسىزلىقتۇر. شۇنىڭدەك، پەزىلەت ئىگىسىنىڭ پەزىلىتىنى، ئىلىم ئەھلىنىڭ بىلمىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىش گۆزەل ئەخلاقتىن مەھرۇم قالغان بەختسىزلەرنىڭ ئىشىدۇر.
جاۋاب: -ئادالەت ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى زىيادە-كەم قىلماستىن بېرىشتۇر. ئادالەتنى بەرپا قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆچۆن دىنىي، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتتۇر. ئادالەتنى بەرپا قىلىش ھەقىقەتنى سۆيگەنلىكنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. چۆنكى ئادالەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۆرۈش ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەت تەقەززا قىلغان نەرسىنى يۆرگۆزۈشتۇر. دېمەك، ئادالەت بىلەت ھەقىقەتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى ئىنتايىن زىچ باغلىنىشتۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئادالەت بىلەن ھەقىقەتنىڭ ھەمىشە بىرگە باغلىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئاللاھ﴿ قۇرئاننى ھەق بىلەن چۆشۆردى ۋە ئادالەتنى چۆشۆردى. سەن نېمە بىلىسەن؟1 قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن﴾. بىز﴿ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى …چۆشۆردۇق 2﴾.
جاۋاب: ھەقىقەتنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەم چوقۇم ئادالەتلىك بولىدۇ. چۆنكى ئادالەت ئۆزى ئېتىراپ قىلغان شۇ ھەقىقەتنى روياپقا چىقىرىدىغان نەرسە. ئادالەتنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ ھەقىقەتنى سۆيگەنلىكىدە شەك بار.
جاۋاب: ئادالەت تەلەب قىلىنىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپتۇر. ئۇلاردىن مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ئادەم باشقۇرۇشتا ئادالەتلىك بولۇش مەسئۇللۇق مەيلى خاس بولسۇن، مەيلى ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، ھەر بىرىدە ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ئادالەت پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈش تەلەب قىلىنىدۇ. ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتتە ھەق ئېگىلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەقلىق بولمىغانلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىق ۋە ئاممىغا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ يۆكسىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئىش تەقسىماتىدا ئادالەت بىلەن ئىش كۆرۈش قاتارلىقلاردۇر. (2) دەۋا ئىشلىرىدا ئادالەتلىك بولۇش شۇرا -17 سۆرىسى ئايەت. (ھەدىد -25 سۆرىسى ئايەت.) دەۋا ئىشلىرىدا ئادالەتلىك بولۇش دېگەنلىك دەۋاگەرلەر ئوتتۇرىسىدا ھۆكۆم قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ئادالەت پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈشى، قايسىبىر تەرەپكە يان باسماسلىقى، ياكى ھەقسىزلىق قىلىپ زىيانغا ئۇچراتماسلىقى، ئادالەتپەرۋەرلىككە نۇقسان يەتكۆزىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى قاتارلىقلاردۇر. ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۆم قىلىش ئۇلاردىن ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قارشى تەرەپتىن ئېلىپ بېرىش بىلەن بولىدۇ. ئارىسى بۇزۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۆم قىلىش ئۇلارنى چىرايلىقچە ياراشتۇرۇپ قويۇش بىلەن بولىدۇ. گۇناھكار ئۆستىدە ھۆكۆم قىلىش ئۇنىڭغا يېتەرلىك جازاسىنى بېرىش بىلەن بولىدۇ. (3) گۇۋاھلىق بېرىشتە ئادالەتلىك بولۇش گۇۋاھلىق بېرىشتە ئادالەتلىك بولۇش دېگەن گۇۋاھچىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن ئەينەن كۆرگەن ياكى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئېنىق ئاڭلىغان ئىشلارغا راستچىللىق بىلەن ئەينەن گۇۋاھلىق بېرىشى دېگەنلىكتۇر. گۇۋاھلىقنى توغرا ئادا قىلىش گۆزەل ئەخلاقتىن بولسا، گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش ياكى يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش ئەڭ يامان رەزىللىكتۇر. شۇنىڭدەك گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇشمۇ چوڭ گۇناھتۇر. چۆنكى گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش كىشىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى-ھەق قولغا كەلتۆرۈشىنى توسىۋالغانلىق بولۇپ، چوڭ ھەقسىزلىكنى سادىر قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: گۇۋاھلىقنى﴿ يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. االله قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۆچىدۇر 1﴾. ئەمما يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىپ بىراۋنى ئاساسسىز قارىلاش ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېغىر، كەچۆرۈلمەس گۇناھ سانالغان «بۇھتانۇل ئەزىم» ئەڭ) چوڭ دۇر (بۆھتان. (4) خاتىرىلەپ يازغاندا ئادالەتلىك بولۇش ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھوقۇقلارنى-ھەق يازغان كاتىب ئۇنىڭغا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى راستچىللىق ۋە ھوشيارلىق بىلەن توغرا يېزىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئەكسىچە ئىش كۆرۈش ئەخلاقىي رەزىللىك ۋە ھوقۇقلارنى-ھەق زايە قىلىۋەتكەنلىكتۇر. (5) ئاياللارنىڭ-ئەر بىرىگە-بىر ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىشى ئاياللارنىڭ-ئەر بىرىگە-بىر ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىشى دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلەرنى، مەجبۇرىيەتلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن بويىچە تولۇق ۋە ئادالەتلىك ھالدا ئادا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. (6) بالىلارغا ئادالەتلىك بولۇش بەقەرە -283 سۆرىسى ئايەت. ) ( بالىلارغا ئادالەتلىك بولۇش دېگەنلىك بالىلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتتە-مېھرى، مۇئامىلىدە، تەربىيىدە، ئوقۇتۇشتا، ئىشقا بۇيرۇشتا، بىر نەرسە بېرىشتە ۋە ئانىنىڭ-ئاتا قولىدىن كېلىدىغان پۆتۆن ئىشلاردا ئادالەت بىلەن ئىش كۆرۈشى دېگەنلىكتۇر. (7) تارازىدا ئادالەتلىك بولۇش تارازىدا ئادالەتلىك بولۇش دېگەنلىك تارازىدا تارتقاندا ياكى قانداقلا بىر ئۆلچەك بىلەن ئۆلچىگەندە ئالدامچىلىقتىن تامامەن خالىي بولغان ھالدا، راستچىللىق بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئالغاندا تولۇق تارتىپ ئېلىپ، ساتقاندا كەم تارتىپ بەرگۆچىلەرنى قىيامەت كۆنىگە ئىشەنمىگۆچىلەر دەپ سۆپەتلەش ئارقىلىق ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى ۋەدە قىلىش بىلەن تەھدىد ياغدۇرغان. ئۆلچەمدە)﴿ ۋە (تارازىدا كەم بەرگۆچىلەرگە !ۋاي. ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ. كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ . ئۇلار بۆيۆك بىر كۆندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ. ئۇ كۆندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ 1 پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ﴾. (8) نەسەبتە ئادالەتلىك بولۇش نەسەبتىكى ئادالەتتىن مەقسەت بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ نەسەبىگە مەنسۇپ بولىشى دېگەنلىكتۇر. ئەكسىچە، بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىدىن تېنىپ، ئۆزىنى بېقىۋالغان ئۆگەي دادىسىنىڭ نەسەبىگە مەنسۇپ قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر. مۇنداق قىلىش ئادالەتسىزلىك بولغاننىڭ ئۆستىگە چوڭ ھەقسىزلىكتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھەر كىمنى ئۆز ئاتىسىغا مەنسۇپ بولىشىنى بۇيرىغان. سىلەر﴿ بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ئۆز) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكۆمىدە قىلمىدى، يەنى)بۇ بۇنىڭ ئەكسىنى دەۋا (قىلىش پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ. ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار 2، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر﴾. (9) كىشىلەرنى ياراشتۇرۇشتا ئادالەتلىك بولۇش بىرى-بىر بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئىككى پىرقە مۇسۇلمانلارنى، بىرى-بىر بىلەن خۇسۇمەتلىشىپ قالغان كىشىلەرنى، ئارىسى بۇزۇلغان دوستلارنى، ئائىلىسىنى بۇزۇش ئالدىدا تۇرغان خوتۇننى-ئەر ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئادالەت پىرىنسىپلىرى بويىچە ياراشتۇرۇپ قويۇش دېگەنلىكتۇر. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادالەت تەلەب قىلىدىغان پۆتۆن ئىشلاردا، ھوقۇق-ھەق مەسىلىلىرىدە ئادالەت پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈش تەلەب قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كىشىلەرنى ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا چاقىرغان مۇتەففىفىين -6-1 سۆرىسى ئايەتلەر. (ئەھزاب -5-4 سۆرىسى ئايەتلەر.) ئەمىرلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئېيتقىن: «ئاللاھ چۆشۆرگەن (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» ﴾ (1). ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئادالەتلىك بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: ئى﴿ !مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن 2 قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر﴾. شۇرا سۆرىسى -15 ئايەت. ) ( مائىدە -8 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: ئىھسان ــ دىننىڭ ئىمان ۋە ئىسلامدىن كېيىنكى مەرتىبىسى بولۇپ، ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ﴾(1) يەنى «ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتتى«دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۆنكى ئەرەب تىلىدىكى»«ئىھسان سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى ئىتقان»«يەنى قېتىرقىنىش، مۇكەممەل قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئىھسان سۆزىنىڭ سۆز يىلتىزى سۆزى»«ھەسەن بولغان پۆتۆن شەكىللىرى بىلەن قۇرئان كەرىمدە 195 قېتىم، ئىھسان»«12 سۆزى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىھساننىڭ نەقەدەر يۇقىرى مەرتىبىلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان ئاللاھ): كەرىمدە 2 سىلەرنى ئادالەتكە ۋە ئىھسانغا (بۇيرۇيدۇ ) دېگەن (. ئىھسان ئىبادەتتە، ئىبادەتنىڭ شەرتلىرىنى، پەرز، ۋاجىب ۋە سۆننەتلىرىنى، شۇنداقلا قائىدىلىرىنى-ئەدەب تولۇقلاپ، چىن دىلى بىلەن ئاللاھ تائالاغا باغلىنىپ، گۇيا ئۇنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇ-ھېس ئىچىدە ئۇنىڭغا بەندىچىلىك ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىھسان مۇئامىلىدە، ئانىغا-ئاتا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش، تۇغقانلارغا-ئۇرۇق رەھىم-سىلە قىلىش، قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھەرىكەتلەردە-ئىش، سۆزدە-گەپ، سېتىم-ئېلىم ئىشلىرىدا ھەققانىي ۋە توغرا بولۇش، كىسىلەرگە زەخمەت-زىيان يەتكۆزۈشتىن يىراق تۇرۇش بىلەن بولىدۇ. ئىھسان كىشىلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ھەر خىل شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن: يېتىملەرگە قارىتىلغان ئىھسان ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ياخشى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى-ھەق قوغداش بىلەن ئادا تاپىدۇ. يوقسۇللارغا قارىتىلغان ئىھسان ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، دەرتلىرىگە دەرمان بولۇش بىلەن بولىدۇ. سەجدە -7 سۆرىسى ئايەت. ( ) نەھل ئايەت-90 سۆىرىسى ئومۇمىي ئىنسانلارغا ئىھسان قىلىش سۆزدە ۋە مۇئامىلىدە ئۇلارغا يۇمشاق سىلىق ۋە توغرا بولۇش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى-ھەق قوغداش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ياخشىلىق تىلەش بىلەن ئادا تاپىدۇ. ھايۋانلارغا ئىھسان قىلىش ھايۋانلاردىن يوللۇق پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قىينىماسلىق، كېسەل بولسا داۋالىتىش، ئاچ قويماسلىق، كۆتىرەلمەيدىغان يۆكنى ئارتماسلىق ۋە شەپقەت-مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەمەلدە ۋە ئىشتا ئىھسان قىلىش ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، ساختىلىقتىن، ئالدامچىلىقتىن يىراق بولۇپ ھەر ئىشنى ئىخلاس بىلەن قىلىش بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەنمۇ ئەخلاقتىن سانىلامدۇ؟ دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، ئىھسان گۆزەل ئەخلاقلار ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى سانىلىدۇ. چۆنكى ئىسلام دىنىنىڭ چاقىرىقى ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ــ ئىبادەت، مۇئامىلە، -گەپ سۆز، -ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قېتىرقىنىپ، بېرىلىپ، پۇختا ۋە ياخشى قىلىش ــ ئىسلام ئەخلاقىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى تەكىتلەپ 1:»ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ» دېگەن.
جاۋاب: ئىھسان ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن يوقاپ كېتىشكە باشلىغان، ئىسلام دۇنياسىدا تېپىلىشى ئىنتايىن ئاز بولغان بىر مۇھىم ئەخلاقتۇر. بۇ شۇنچە ئەھمىيەتلىك بىر ئەخلاق بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلاردىن، ھەتتا دىيانەتلىك سانالغان كىشىلەردىنمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. ئەپسۇسلىنارلىقكى، ئىھساندىن ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاقتىن ئومۇمىي مۇسۇلمانلار پايدىلىنالمىغان بىلەن غەرب دۇنياسى بۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا غەلىبە قىلغان. ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەرىشتە جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىنسان سۆرىتىدە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىسلام بىلەن ئىمان ھەققىدە سورىغاندىن كېيىنلا ئىھسان ھەققىدە سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئىھساننى ھەر نەرسىگە 2 «پۆتىۋەتكەن . دېمەك، بىز كىچىك-چوڭ، مۇرەككەپ–ئاددى ھەرقانداق ئىشتا ئىھسان بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز. چۆنكى، ئىھسان ئىماننىڭ تەقەززاسى ۋە گۆزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسىدۇر. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تەرك ئېتىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق تەبەرانىي رىۋايىتى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.) ئادا قىلماستىن، ئىھساننى شەكلىي ئىبادەتلىرىمىزگىلا قىسقارتىپ قويۇپ، ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي ۋە چوڭقۇر مەنىسىدىن غەپلەتتە قېلىپ، دىنىمىزنىڭ روھىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن ئىستىگەنلىرىدىن يىراقلىشىپ قالغانلىقىمىز ئۆچۆن بۆگۆنكى ھالغا چۆشۆپ قالغانمىز. ھىدايەت، ئىمان، ھىدايەت بىز مۇسۇلمانلاردا بار، شەپقەت-رەھىم بىز مۇسۇلمانلاردا بار، دۇنيانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى يەنىلا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىدىن چىقىدۇ، تېخنىكىدا-پەن ئىلگىرىلەش ۋە باشقىلارغا بېقىنماستىن ھۆر، قۇدرەتلىك، باياشات ھايات كەچۆرۈشنىڭ پۆتۆن ئامىللىرى بىز مۇسۇلمانلاردا بار. پەقەت بىزدە كەم بولغىنى ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، راستچىللىق، سەمىمىيلىك، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئىنتىزامچانلىق، ئىناقلىق، ئۆزئارا مۇھەببەت-سۆيگۆ، -ئىنساپ ئادالەت، تىرىشچانلىق، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئەدەبىي جاسارەت قاتارلىق مۇھىم غەرب دۇنياسى تېخنىكا-پەن ياكى مەرىپەت-ئىلىم دېگەنلەرنى بىلمىگەن چاغلاردا بىز مۇسۇلمانلار دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا ئىدۇق، ھازىرقى پەنلەرنىڭ-ئىلىم نەزىرىيىۋى ئاساسلىرىنى سالغۇچىلار ئىبنى سىنا، فارابىي، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى رۇشدى، خارەزمى قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىدى. ئەمما بىز ئەخلاق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ، شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئىناقسىزلىق ئىللەتلىرى بىزدە باش كۆتۆرگەندىن كېيىن، ئارقىغا چېكىندۇق، پەن-ئىلىم، تەرەققىيات ۋە كەشپىيات نۆۋىتىنى باشقىلارغا ئۆتكۆزۈپ بېرىپ، ئۆزىمىز مەنىۋى قاششاقلىق بىلەن ھەر تەرەپتىن نامراتلىققا مۇپتىلا بولدۇق. ھازىرقى كۆندە ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر دەپ سانالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، راست سۆزلەش، سەمىمىيلىك قاتارلىق ئىنسانىي ئەخلاقلار بار. دېمەك، ئۇلاردا بىزدىكى ياسالما ئەخلاقلار يوق، ئەمما بىر قىسىم ئىنسانىي ئەخلاقلار بار. خەلقىمىزدىمۇ «قېتىرقىنىپ ئىشلىگەن ئادەم راۋاج تاپىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر بار. بىز قايسىبىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىۋاتىمىز؟ شەكلىي ئىبادەتلىرىمىز ۋە ياسالما ئەخلاقىمىزدىن باشقا قايسىبىر ئەھۋالىمىزنى ئىسلاھ قىلالىدۇق؟ بۇ ئورۇندا يالغان» ناملىق مۇنۇ شېئىرىمنى كەلتۆرۈشنى خالايمەن: گەر يانمىسا، مەسلەك ئۆچۆن يۆرىكىڭدە بىر ئاتەش بىرەر ئۇتۇق قازىنىمەن دېگەنلىرىڭ يالغان. دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىڭدا، قېتىرقىنىش يوق ئىكەن، ئىخلاسىم بار، ئەقىدەم چىن، دېگەنلىرىڭ يالغان. ئىخلاس، ئىھسان ھەم ئەقىدە، لاپلار بىلەن بولماس، ئەمەل قىلماي، مۇسۇلمانتىم دېگەنلىرىڭ يالغان. ئۆلچەم ئەمەس تەقۋالىققا شۇ زاھىرى ئىبادەت، ناماز بىلەن ئىھسان قىلدىم دېگەنلىرىڭ يالغان. قىياپىتىڭ تەقۋا، مۆمىن، ئەمما ئىچىڭ خارابكەن، سەن ئۆزۈڭنى ياخشى ساناپ يۆرگەنلىرىڭ يالغان. تۇرسا نەپسىڭ ساڭا ھاكىم، كەسپىڭ پۇرسەت پەرەسكەن، گۆزەل ئەخلاق تونلىرىغا كىرگەنلىرىڭ يالغان. قىلغان ئىشىڭ ياتا-يېرىم، سەن ئۇنىڭغا رازىكەن، يېگەن لوقمام ھالال-پاك دەپ، يۆرگەنلىرىڭ يالغان. ئادەم ئوغلى ئۆگىنىدۇ، تا قەبرىگە كىرگىچە، مەن ھەممىدە بەركامال دەپ، يۆرگەنلىرىڭ يالغان. بۇ زاماندا ئىسلام ئەھلى بۇ كېسەلگە مۇپتىلا، تەقدىرىم شۇ نە قىلارمەن دېگەنلىرىڭ يالغان. چەتكە ئالما سەن ئۆزۈڭنى ئەي بىچارە قەلەمكەش، بۇ كېسەلدىن مۇستەسنامەن دېگەنلىرىڭ يالغان.
جاۋاب: ئىبادەت بىلەن ئىھسان ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىبادەتنى قېتىرقىنىپ، ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە، تولۇق ئادا قىلىش ئىھساندۇر. شۇڭا جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىھسان دېگەن نېمە؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغالله «ئىھسان ــ خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى 1 كۆرۈپ تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ، ئىبادەتتىكى ئىھسان. ئىنسان ناماز، زاكات ۋە روزىغا ئوخشاش ئىبادەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پۆتۆن ئىشلىرىنى ئىھسان تەرىقىسىدە قېتىرقىنىپ قىلىدىغان بولسا، ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە نەتىجە قازىنالايدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە قۇلچىلىق قىلغان بولىدۇ. چۆنكى، مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ئادەم پۆتۆن تۇرۇشلىرىدا-يۆرۈش ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. ئىبنى ماجە رىۋايىتى. ) (.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا﴾ يەنى «ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئانىغا-ئاتا 1 ئىھسان قىلىشىڭلارنى پەرز «قىلدى دەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى: -ئاتا﴿ ئانىغا ئىھسان ﴾قىلىش تىن ئىبارەت بىر جۆملە سۆز كۆپلىگەن مەنىلەرنى ئىخچام ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا بۇ بىر جۆملە سۆز ئارقىلىق بىزنى -ئاتا ئانىمىزغا ئىھسان قىلىشنىڭ چوڭقۇر مەنىلىرىگە باشلايدۇ. ئۇلارغا ئىھسان قىلىش ئۇلارغا ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن باشلاپ، مۇلايىملىق بىلەن، سىلىق ۋە ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىش، پەس ئاۋازدا ئەدەبلىك سۆز قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى، دىن ۋە دۇنيالىق قانداقلا بىر خىزمىتى ئۆچۆن ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقىچە بولغان بىر يۆرۈش پەرزەنت بۇرچلىرىنى مۇكەممەل دەرىجىدە، قېتىرقىنىپ ئادا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. -ئاتا ئانىنىڭ خىزمىتىنى يۆرەكتىن قېتىرقىنىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىھسان قىلىش ھەر قانداق پەرزەنت ئۆچۆن پەرزدۇر. چۆنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەتتىن كېيىنلا بۇيرىغان پەرزى -ئاتا ئانىغا ئىھسان قىلىشتۇر. ئىھسان»«سۆزى ياخشىلىق قىلىش دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، پېقىرلارغا ياخشىلىق قىلىش دېگەندەك ئىختىيارىي -خەير ئىھسان ۋە سەدىقىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما -ئاتا ئانىغا قارىتىلغان ئىھسان سۆزى»ياخشىلىق دېگەن قىلىش» مەنىدە كەلمەيدۇ. چۆنكى -ئاتا ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش بالىلار ئۆستىدىكى مۇقەددەس بۇرچتۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ خالىسانە ھالدا قىلىپ قويىدىغان خىزمەت ياكى خەير ئىھسان- ئەمەس. -ئاتا ئانىسى ئالدىدىكى بۇ مۇقەددەس بۇرچىنى تەرك ئەتكەن كىشى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ.
جاۋاب: قىزلارغا ئىھسان قىلىش ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق پۆتۆن ئىشلىرىغا كۆڭۆل بۆلۆپ، ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان مەنپەئەتلەرنى كەلتۆرۈشتە قېتىرقىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۇلارنى تەربىيىلەشتە، بېقىشتا، قاتارغا قوشۇشتا قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇنىڭ ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇلارغا ئىھسان قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بۇ ئىككىسىنىڭ ئىسرا سۆرىسى -23 ئايەت. ) ( سەۋەبى 1 بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ».
جاۋاب: تەبىئىيكى، ئىھسان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنىش بىلەن قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۆتۆن پەرزەنتلىرىگە، خۇسۇسەن، سۆيۆملۆك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئىھساننىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆلگىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى. قاچانلا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇراتتى ۋە پېشانىسىگە سۆيۆپ يېنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. ھازىرقى زاماندا قانچىلىك ئاتا قىزلىرىغا شۇنچىلىك مېھرىبانلىقنى ۋە ھۆرمەتنى كۆرسىتەلەيدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىسى، دۆلەتنىڭ رەئىسى، مەسجىدنىڭ ئىمامى، ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەم خەلقنىڭ نەزىرىدە ئەڭ چوڭ -ھۆرمەت ئېھتىرامغا سازاۋەر بولغان كاتتا بىر پەيغەمبەر شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئالدىغا كىرگەن قىزىغا ئالاھىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سالام بەرگەن ۋە باغرىغا باسقان يەردە، ئادەتتىكى ئىنسانلار قانداق بولىشى كېرەك؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ كەمتەرلىكى ئالدىدا بەزىبىر دىندار قىياپەتتىكى كىشىلەرنىڭ، موللا ئاتالغانلارنىڭ، ھاجى - ھەرەم بولغانلارنىڭ ۋە -ئاز تولا مەنسەپكە ياكى بايلىققا ئېرىشىپ غادايغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماسلىقىنى، ئائىلىسىنى لاگىرغا ئوخشاش قىلىۋېلىشىنى نېمە دېگىلى بولسۇن؟
جاۋاب: ىنى چىرايلىقچە بېرىپ، ئۇنى يولغا سېلىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئېسىل ئەخلاقى ئىنسانلارغا ئەڭ ئەدەبلىك رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىش ئۇسۇلىنى ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىنى ئۆگىتىدۇ. ھازىرقى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ مەدەنىيەتلىك ئىنسانلىرىنىڭ كۆپلىرىدە بولمىغان، بەزىلىرىدە بولغاندىمۇ تېخى يېتىلىپ تولۇقلانمىغان گۆزەل ئەخلاقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدا تولىقى بىلەن بار ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى پۆتۆن ئىنسانىيەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە ئىنتايىن موھتاج. قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى كۆڭۆل قويۇپ، تولۇق ئاڭلاشنىڭ ئۆزى ئىھسان قاتارىغا كىرىدىغان گۆزەل ئەخلاقتۇر. نەھل -125 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئەبۇ ۋەلىد – ۋەلىدنىڭ دادىسى دېگەن سۆز بولۇپ، ئەرەبلەر ھۆرمەت يۆزىسىدىن بىرىنى-بىر ) ( پالانىنىڭ” “دادىسى دەپ چوڭ بالىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىشىدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُوا الَّتِي هِيَ أَحْسَنُ﴾ يەنى «مېنىڭ بەنلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ئەڭ چىرايلىق سۆزلەرنى قىلسۇن» 1 ( دەيدۇ. ھەر قانداق يەردە ئالقىشلىنىدىغان، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىدىغان، تاشتەك قاتتىق يۆرەكلەرنىمۇ ئېرىتىدىغان، قوپاللىق بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان سېھىرلىك نەرسە چىرايلىق !سۆزدۇر.
جاۋاب: ئىھسان ھەممە ئىشتا تەلەب قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشلىرىنى ئەستايىدىل قىلىشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قېتىرقىنىپ ئورۇندىشى، ئاتا - ئانىنىڭ بالىلىرىنى كۆڭۆل بۆلۆپ تەربىيىلىشى، سودىگەرلەرنىڭ ۋە دۇكاندارلارنىڭ خېرىدارلارغا سەمىمىي بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋە مۇئەللىملىرىگە ساداقەتمەن بولۇشى، ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالنىڭ ئېرىگە ساداقەتمەن ۋە راستچىل بولۇشى، دوستنىڭ دوستقا سەمىمىي بولۇشى قاتارلىق گۆزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى ئىھساندىن سانىلىدۇ. ئىسرا -53 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: رەھىم - شەپقەت ھەممىمىز ياخشى بىلىدىغان، قولاقلارغا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان بىر سۆز. رەھىم - شەپقەتنىڭ مەنىسى ھەممىگە شۇنچىلىك ئېنىق تونۇشلۇق بولسىمۇ، رەھىم - شەپقەت ئارىمىزدا تېپىلىشى ئىنتايىن ئاز بولغان، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدىن ئۆچۆرۈلۆپ كەتكەن بىر ئەخلاققا ئايلىنىپ قالدى. بىزدىن تەلەب قىلىنغىنى رەھىم - شەپقەتنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا ئىجرا قىلىشتۇر.
جاۋاب: ھازىرقى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ ئەخلاققا نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. رەھىم - شەپقەتنىڭ يوقىلىشى بىلەن جىنايەتلەر كۆپەيدى، ئاتوم بومبىلار ئىنسانىيەت ھاياتىنى تەھدىت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان، بىر لەھزە ئىچىدە مىليونلارچە ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ھالغا كەلدى. پۆتۆن ئىنسانىيەت ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم - شەپقىتىگە زور ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھەممە ئۇنىڭ رەھىم - شەپقىتىنى تىلەيدۇ. بىز مۇسۇلمانلارمۇ ھەمىشە، ھەر نامىزىمىزدا ۋە دۇئالىرىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە رەھىم - شەپقەت قىلىشىنى، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى سوراپ كېلىۋاتىمىز. ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن، بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم - شەپقىتىگە موھتاج بولغاندىكىن، نېمە ئۆچۆن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە رەھىم - شەپقەت قىلمايمىز؟ «ئاللاھ ، ھالبۇكىـ تائالا بەندىلىرىدىن پەقەت رەھىم - شەپقەتلىك بولغانلىرىغىلا رەھىم 1 «قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ناھايىتى تولۇق ۋە شامىل دەرىجىدە ئىپادىلەپ: «رەھىم - شەپقەت قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا رەھىم شەپقىتىنى بېغىشلايدۇ. يەر يۆزىدىكىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىڭلار، ئاسماندىكى زات ئاللاھ(تائالا سىلەرگە 2 رەھىم - شەپقەت قىلىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىستىكى يەر» يۆزىدىكىلەرگە» دېگەن سۆز مۇسۇلمانلارنىلا ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچار قۇش ۋە ھەرقانداق جان ئىگىسىگە رەھىم شەپقەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا شەپقەتنى-رەھىم تاپقىلى بولمايدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.) تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى. ) (.
