تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

رەھىم-شەپقەت ۋە ئۇنىڭ يوللىرى

ئىسلام دىنىدا شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ياردەملىشىش (سوئال 805 – 821)

بۆلۈم: “ئىسلام دىنىدا شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ياردەملىشىش (سوئال 805 – 821)”
805سوئال:ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم - شەپقىتىگە ئېرىشىشنىڭ يولى نېمە؟#

جاۋاب: دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم - شەپقىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا رەھىم - شەپقەت قىلىشتۇر. چۆنكى بىر «: ھەدىستە 1 رەھىم - شەپقەت قىلمىغان ئادەم رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ كەلگەن.

806سوئال:شەپقەت-رەھىم نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: شەپقەت-رەھىم ئاتا - ئانىلارغا، بالىلارغا، ئەر - ئاياللار بىر - بىرىگە، ئۇرۇق تۇغقانلارغا-، قوشنىلارغا، قول ئاستىدىكىلەرگە، ھايۋانلارغا كامالىغا يەتكەن مۇھەببەت-سۆيگۆ، ئىنتايىن كۆيۆمچانلىق، ۋايىغا يەتكەن مېھرىبانلىق بىلەن سىلىق ۋە ئىللىق مۇئامىلە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

807سوئال:-ئاتا ئانىلارغا قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاتا - ئانىغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش ئۇلارنى قانداقلا بىر رەۋىشتە بولمىسۇن، رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا جان - دىل بىلەن خىزمەت قىلىپ، كۆڭۆللىرىنى ئېلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى يۆكىنى يەڭگىللىتىش، كۆڭۆلسىزلىكلىرىگە تەسەللى بېرىپ يېنىدا بولۇش، خوشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاتا - ئانىسىنى قاخشىتىپ، ئۇلارنى زار - زار يىغلاتقانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئاتا - ئانىسىنى ئالداپ قويۇپ يىگىتلەر بىلەن خۇپيانە مۇناسىۋەت قۇرغان قىزلار ئاتا - ئانىسىغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ياخشى ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىلار ئاتا - ئانىسىغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئۆيگە كىرگەندە ياكى چىققاندا ئىشىكنى ئاتا - ئانىسىنى چۆچۆتىۋاتىدىغان شەكىلدە قاتتىق ئاچىدىغان ياكى ياپىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئاتا - ئانىسىغا سۆز قىلغاندا ئاۋازىنى ئۇلارنىڭكىدىن يۇقىرى كۆتۆرىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئاتا - ئانىسىنى ھەر دائىم زىيارەت قىلىپ يوقلاپ، ھال - ئەھۋال سوراپ تۇرماستىن، تېلېفون ئارقىلىقلا ھال سوراپ قويىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ تېلېفوندىكى ئاۋازىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈشنى ۋە پىشانىسىگە سۆيۆپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاتا - ئانىسىغا ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئەۋەتىپ قويۇپ، ئۇلارنى ھەپتىلەپ، بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ كۆرمەيدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ مال - دۇنياسىغا، سوۋغا - سالاملىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىدارىغا موھتاج. ئاتا - ئانىلارنى بۇ نېمەتتىن نېمە ئۆچۆن مەھرۇم قىلىمىز؟ شەكسىزكى، مۇنداق قىلىدىغانلار ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقۇچى !بەخسىزلەردۇر.

808سوئال:ئۇرۇق - تۇغقانلارغا قانداق رەھىم - شەپقەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: ئۇرۇق - تۇغقانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش ئۇلارنى باي - كەمبەغەل دەپ ئايرىماستىن، قىلدى - قىلمىدى دەپ ھېساپلاشماستىن، ئىزدىمىدى دەپ ئاغرىنماستىن، ياخشى - يامان دەپ پەرقلەندۈرمەستىن، قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىش، قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلىرىغا ماددىي ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ قانداقلا بىر ئىشى ئۆچۆن ھازىر بولۇش، ھېيت - ئايەم كۆنلىرىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىنچى بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلىش، مۇسىبەتلىك ۋە غەمكىنلىك كۆنلىرىدە ئۇلارنىڭ يېنىدا بىللە بولۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۇلارغا سىلە - رەھىم قىلىشنى تەلەب قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى بايان قىلغان: «مەن رەھىم - شەپقەتلىك ئاللاھمەن. سىلە - رەھىمنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىسمىمدىن ‹رەھىم›بولغان ئىسمىنى بەردىم. سىلە - رەھىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارغا مەنمۇ رەھىم - شەپقىتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، ئۇنى ئۆزۈپ 1 قويغانلارغا مەنمۇ رەھمىتىمنى ئۆزۈپ قويىمەن».

809سوئال:بالىلارغا قانداق رەھىم - شەپقەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۆتۆن رەھىم - شەپقەت تۆرلىرىدە ئىنسانىيەتكە ئەڭ ياخشى ئۆلگە بولغىنىدەك، بالىلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشتىمۇ ئەڭ ياخشى ئۆلگە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۆنى ئەقرەئ ئىبنى ھابىس دېگەن كىشى بىلەن ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۆيۆپ، قۇچاقلاپ باغرىغا باسىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئەقرەئ ئىبنى ھابىس بۇ ئىشقا ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەپ: «مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ سۆيۆپ «باقمىدىم دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ تاش يۆرەكلىكىگە ئەجەبلىنىپ: «رەھىم - شەپقەت قىلمايدىغانلار 2 رەھىم - شەپقەتكە «ئېرىشەلمەيدۇ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك بالىلارغا بولغان رەھىم - شەپقىتى شۇنچىلىك چوڭ ۋە كۆچلۆك ئىدىكى، ھەتتا نامازنى باشلاپ، ئۇزۇن سۆرىلەرنى ئوقۇشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، «ئانىلىرى بىلەن مەسجىدكە كەلگەن كىچىك ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى. (ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.) بالىلارنىڭ 1 يىغىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، نامازنى قىسقا ئوقۇدۇم» دەيتتى. بۇ بىر تەرەپتىن بالىلارغا ئىچ ئاغرىتىش يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللارنىمۇ مەسجىدلەرگە ھازىر بولۇشقا تەشەببۇس قىلىش ئۆچۆن بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۆنى نەۋرىلىرىنى سۆيۆپ باغرىغا بېسىۋاتقاندا، سەھرالىق ئەرەبلەردىن بىرى، ساھابىلەردىن: سىلەردە» بالىلارنى سۆيۆش ئادىتى بارمۇ؟» دەپ سوراپ قالىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمگە ئېچىنىپ: ئاللاھ» سېنىڭ قەلبىڭدىن رەھىم - شەپقەتنى تارتىۋالغان تۇرسا، مەن 2 ئەمدى نېمە قىلالايمەن» دەيدۇ. بالىلارنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، قورسىقىنى ياخشى تويغۇزۇپ باققانلىق ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغانلىققا ياتمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى كېلەچەكتە ئەلگە پايدىلىق ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش يولىدا كۆيۆمچانلىق كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ ئەقلىغا چۆشۆپ تۇرۇپ مۆشكىلىلىرىنى ۋە بارچە قىيىنچىلىقلىرىنى بىرگە ھەل قىلىش، ئۇلارنى ئۇرماستىن، خورلىماستىن ياخشى ۋە ئۆلگىلىك مۇئامىلە قىلىش رەھىم - شەپقەتنىڭ جۆملىسىدىندۇر. بالىلىرىغا قاتتىق قوللۇق قىلىش، ئۇلارنىڭ دەردىگە قولاق سالماسلىق، پىكىرلىرىنى ئاڭلىماسلىق، كۆڭلىنى چۆشەنمەسلىك، باغرىغا بېسىپ، پىشانىسىگە سۆيۆپ كۆڭلىنى ئالماسلىق قاتارلىق بىر يۆرۈش سەلبىي مۇئامىلىلەر رەھىم - شەپقەتنى بىلمەيدىغانلارنىڭ قىلىقىدۇر.

810سوئال:ئاياللارغا قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئەڭ مېھىر - شەپقەتلىك زات ئىدى. ئاياللىرىغا بەكمۇ كۆيۆنەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، دەردلىرىنى كۆڭۆل قويۇپ تىڭشايتتى. پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردىمۇ ئاياللىرى بىلەن كېڭىشەتتى، پىكىرلىرىنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) )ئالاتتى 1 (. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئاياللىرىغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلىپ: «مۆمىنلەردىن ئىمانى ئەڭ كامىل بولغىنى ئەخلاقى ئەڭ گۆزەل بولغىنىدۇر، سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە «قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر 2 ( دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار سەپەرگە چىققانلىرىدا، ئاياللارنى تۆگىلەر كۆتۆرىدىغان مەپىلەرگە ئولتۇرغۇزۇپ ھۆرمەت بىلەن ئېلىپ ماڭاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يول بويى تۆگىلەرنى يېتىلەپ ماڭغانلارغالله «بۇ نازۇك شېشىلەرنى 3 سىلىق ئېلىپ مېڭىڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلىپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى نازۇك شېشىلەرگە ئوخشاتقان. ھەقىقەتەن ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى نازۇكلىقتا خۇددى شېشىگە ئوخشايدۇ، ئاياللار ئومۇمەن ھېسسىياتچان بولغانلىقتىن تېز رەنجىپ قالىدۇ ۋە تېز ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارغا ئىنتايىن سىلىق مۇئامىلە قىلىشتىن باشقىسى ئىشقا يارىمايدۇ. مېھىر - مۇھەببەت ئاياللارنى ئاسراش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشتىن باشلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدە ۋە ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدە: ئاياللارغا» ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ تەكىتلىگەن.

811سوئال:قىزلارغا قانداق شەپقەتلىك-رەھىم بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: قىزلارنى ئوغۇللاردىن تۆۋەن كۆرۈش، ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى تەبىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېغىر ئىشلارغا «قىز ، بۇيرۇش بالا ئوقۇپ نېمە بولاتتى«دەپ ئۇلارنى ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىش، ئۆگەي ئانىسىنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلارنى ئېزىش، ھاقارەتلەش، ھەتتا ئۇرۇش، ئۇلارنىڭ دەردىگە قولاق سالماي، نازۇك كۆڭلىگە ئازار قىلىش قاتارلىق ناچار ئىشلارنى مەككە ئازات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆمرە (قىلىش ئۆچۆن مەككىگە قاراپ ئاتلىنىپ، مەككە يېقىنىدىكى»«ھۇدەيبىيە دېگەن جايغا كەلگەندە، مەككىلىك كۇپپارلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە مەككىگە كىرىشىگە يول قويمىغان. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىلىكلەر بىلەن كېلىشىم تۆزۈپ بۇ يىل مەدىنىگە قايتىپ كېتىپ، كېلىدىغان يىلى ئۆمرىگە كېلىش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئون يىللىق ئۇرۇش …توختىتىش. قاتارلىقلار ئىشلاردا ئىتتىپاقلاشقان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ئۆمرە قىلماستىن مەدىنىگە قايتىشى كېرەك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى مەككىدە قۇربانلىق قىلىش ئۆچۆن ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى شۇ يەردە بۇغۇزلاشقا بۇيرىغاندا، مۇسۇلمانلار مەككىگە كىرەلمىگەنلىكلىرىگە ھەسرەتلىنىپ، ماللىرىنى بۇغۇزلاش ئەمرىنى دەرھال ئورۇندىماستىن تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىپ، پىكرىنى سورىغاندا، ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچىكىمگە گەپ قىلماي ئاۋۋال ئۆزى قۇربانلىق مېلىنى بۇغۇزلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى بۇغۇزلاشقا كىرىشىدۇ، بۇنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىقلىرىنى بۇغۇزلاپ چىقىدۇ. ئىبنى ماجە ۋە دارىمى رىۋايىتى.) بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمدەد رىۋايىتى. ) ( قىلىدىغان ئاتىلار قەلبلىرىدىن رەھىم - شەپقەت سۇغۇرۇپ ئېلىنغان بەختسىز كىشىلەردۇر. مۇنداقلار قانچىلىك تەقۋا سۆرەتلىك مۇسۇلمان بولۇپ كەتسۇن، قانچىلىك چوڭ ئالىم - ئۆلىما ياكى قارى - قۇرئان، ھاجى - ھەرەم بولۇپ كەتسۇن، بەرىبىر كۆڭلىدە رەھىم - شەپقەت بولمىغان ئىكەن، مۇنداقلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن. قىزلارنىڭ سەبىيلەرچە پاك ھېسسىياتىنى سۇيئىستېمال قىلىپ، ئۇلارغا يالغاندىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغانلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئورنىدا !قويسۇن ئۇلارنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئىپپىتى ۋە نومۇسى قانچىلىك قىممەتلىك بولسا، شۇ قىزلارنىڭمۇ ئىپپەت - نومۇسى شۇنچىلىك قىممەتلىكتۇر. بىراۋنىڭ نومۇسىنى ئاياق ئاستى قىلىش ئۇنى ئۆلتۆرگەنلىك بىلەن تەڭ. ساددا قىزلارنى ئالداپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زالىم خوجايىنلارنىڭ ئويۇن - كۆلكىسىنى قىزىتىش ئۆچۆن يېقىلغۇ قىلىپ بېرىۋاتقان ۋىجدانسىز ئىپلاسلار ئاللاھ تائالادىن قورقمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ جىنايەتنىڭ بەدىلىنى ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرى ياكى ئاچا - سىڭىللىرى تۆلەيدىغان بىر كۆننىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ھەزەر !قىلسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نازۇك«شېشىلەر»دەپ سۆپەتلىگەن بۇ شېشىدەك نازۇك يۆرەكلەرنى خىيانەت پىچىقى بىلەن تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۆرۈشتىن، شېشىدەك نازۇك كۆڭۆللەرنى بىر ئۆمۆر ھەسرەت - نادامەتكە قويۇشتىن ھەزەر !قىلسۇن بۇ خىنايەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىدىن ياكى كېيىنچە، ئۆز قىزلىرىدىن بىرەرسىگە يېنىپ قېلىشىدىن !قورقسۇن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ»«قىل قىلما»«ۋە دېگەن ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە كېچىكتۆرسىمۇ،»قۇل نى ھەققى» ئاخىرەتكە كېچىكتۆرگىنى يوق. ئىنسانلارغا قىلىنغان قانداقلا بىر زۇلۇم، ھەقسىزلىق ۋە يامانلىقنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ھايات مۇساپىسىدىكى تەجرىبىلەر بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.

812سوئال:ئائىلىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ يېتەرلىك تەۋسىيىلەرنى قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قول ئاستىڭلاردىكىلەر سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارغا ئوخشاشتۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى، نېمە يېسەڭلار ئۇلارغىمۇ شۇنىڭدىن يېگۆزۈڭلار، نېمە كىيسەڭلار ئۇلارغىمۇ شۇ كىيگەنلىرىڭلاردىن كىيگۆزۈڭلار، ئۇلارنى كۆچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار، ئۇلارنى شۇنداق ئىشلارغا بۇيرىغىنىڭلاردا، ئۇلارغا «ياردەملىشىڭلار 1 (. بۇ نېمىدېگەن ئېسىل !تەۋسىيە قايسى دىن ۋە قايسى قانۇندا بۇنداق باراۋەرلىكنى ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( تاپالايسىز؟ قانداق باي ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئۆزى كىيگەن ئالىي توننى ياكى قىممەتلىك كاستۇم - بۇرۇلكىلارنى كىيگۆزىدۇ؟ قايسى باي ئۆزىنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلگە قىلغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلىدۇ ــ كىيگۆزىدۇ ۋە !يېگۆزىدۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ھاياتى ۋە ساھابىلەرنىڭ كەچۆرمىشلىرى بۇنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ بارلىق ساھابىلەر ۋە ئىسلامنىڭ كېيىنكى ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىرىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى دەپ تونۇيتتى ۋە ئۇلارغا ئۆز بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسى قارا تەنلىك زەيد ئىبنى ھارىسەنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سانىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەيد» ئىبنى مۇھەممەد» دەپ ئاتىغانلىقى ۋە زەيدنىڭ مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا تونۇلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

813سوئال:ھايۋانلارغا قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتتى، يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا چۆشۆپ سۇ ئىچتى. سىرتقا چىققىنىدا، ئۇسسۇزلىقتىن تىلى ساڭگىلاپ، تۇپراقنى يەۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە بۇ› ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ ‹كېتىپتۇ دېدى - دە، قۇدۇققا چۆشۆپ ئۆتىكىگە سۇ تولدۇرۇپ، ئۆتىكىنى چىشى بىلەن چىشلەپ قۇدۇقتىن چىقىپ، ھېلىقى ئىتنى سۇغاردى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا 1 خۇرسەن بولۇپ، ئۇنىڭ بارچە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت «قىلىۋەتتى . سىز ھاياتىڭىزدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كوچىدا يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ يۆرگەن بىرەر ئىتنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدىڭىزمۇ؟ ياكى سىزگە تەلمۆرۈپ كەلگەن بىچارە ئىتنى پاسكىنا› ‹ھايۋان دەپ پۇتىڭىز بىلەن تېپىۋېتىپ كېتىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى قىلىپ يارىتىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بىچارە ھايۋانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تاماشاسىنى قىزىتىش ئۆچۆن قۇربان قىلىپ، ئىتلارنى تالاشتۇرۇش، قوچقارلارنى ئۆسۆشتۆرۈش، خورازلارنى چوقۇشتۇرۇش، قۇشلارنى ئوق ئېتىش مەشقلىرىدە قارىغا ئېلىش قاتارلىق شەپقەتسىزلىكلەرنى قىلغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىرەر قۇشقاچ چاغلىق بىر جانلىقنى بىھۇدە ئۆلتۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۆنىدە ئەلۋەتتە بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئۇنىڭ 1 سورىقىنى «قىلىدۇ دېگەن سۆزىنى !بىلمەمدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. بىر كۆنى ئۇلارغا بىر مۆشۆك سەۋەبلىك دوزىخى بولۇپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال بىر مۆشۆكنى نان ياكى سۇ بەرمەستىن ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۆمىگە سەۋەب بولغانلىقى 2 ئۆچۆن دوزىخى بولۇپ كەتكەن» . بىر مۆشۆكنىڭ ئۆلۆمىگە سەۋەب بولغان بىر مۇسۇلمان ئايال دوزاخقا كىرگەن يەردە، ھايۋانلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىش ۋە تاماشانى قىزىتىش ئۆچۆن قاراپ تۇرۇپ ھايۋانلارنى قىينايدىغانلارنىڭ، ھەتتا بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆلۆمىگە سەۋەب بولىدىغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى قانداق !بولار؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى» بىر قۇشقاچ چاغلىق بىر جانلىقنى بۇغۇزلىغاندىمۇ، ئۇنىڭغا رەھىم - شەپقەتلىك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قىيامەت كۆنىدە 3 رەھىم - شەپقىتىنى چوقۇم كۆرسىتىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆلتۆرۈپ يېيىشنى ھالال قىلىپ بەرگەن ھايۋاننى بۇغۇزلاشتىمۇ، ئۇنىڭغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۆنى بىر ئادەمنىڭ بىر قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا، بىر قوينى ئۆلتۆرگىلى سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇ ئادەمگە: ھەي» !سېنى مالنى ئىككى قېتىم ئۆلتۆرمەكچىمۇسەن؟ ئۇنى ئۆلۆمگە سىلىق ئېلىپ بار، پىچاقنى مالنىڭ كۆزىگە كۆرسەتمە، ئۇنى ئىتتىكلىتىپ ئاندىن بۇغۇزلا» دەپ كايىغان. ئاللاھ تائالا خىزمىتىمىزگە سېلىپ يوللۇق پايدىلىنىشىمىز ئۆچۆن بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن شۇ ھايۋانلارنىڭ جېنى بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا جان ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ جېنى ئاغرىيدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ دەرىجىدىكى تاش يۆرەك ئىنسانلارنىڭ جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالىشى !ناتايىن چۆنكى جەننەت رەھمەتتۇر. ئۇ پەقەت رەھىم - شەپقەتلىك بولغانلارنىلا قوبۇل !قىلالايدۇ جەننەتكە ئىبادەتنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ شەپقىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەنلا كىرگىلى !بولىدۇ.

814سوئال:رەھىم - شەپقەت پۆتۆن ئىشلاردا تەلەب قىلىنامدۇ؟#

جاۋاب: رەھىم - شەپقەت بىلەن سىلىقلىق مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى جمى ھەرىكەتلىرىدە ــ ئىبادەتلىرى، دەم ئېلىشى، مۇئامىلىسى، ئولتۇرۇپ - قوپۇشى، شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىدا ــ بولمىسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. پەيغەمبەر ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايىتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.) ئىمام بۇخارى ۋە تابەرانى رىۋايىتى. ) ( ئەلەيھىسسالام: «سىلىقلىق قايسى نەرسىگە كىرسە، ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ، ئۇ قايسى 1 نەرسىدىن يۇلۇپ ئېلىنسا، شۇ نەرسىنى سەتلەشتۆرىۋېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

815سوئال:ئاسىي - گۇناھكار كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق ئىدىڭلار 2، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات «قىلدى دېيىش ئارقىلىق بىزنى ئۆتكەن كۆنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزغا، كىشىلەرنى گۇناھ - مەسىيەتلىرى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلماسلىقىمىزغا، ئۇلارغا نەپرەت قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى چەتكە قاقماسلىقىمىزغا ۋە ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ، يامان يولدىن قايتۇرىشىمىزغا چاقىرىدۇ. گۇناھ قىلمايدىغان، خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق دۇنيادا. ھەر قانداق ئادەم گۇناھ قىلىدۇ ۋە خاتالىشىدۇ. ئەمما مۇھىم بولغىنى ئۆز گۇناھىنى تونۇپ، توغرا يولغا قايتىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: ھەر» قانداق ئادەم بالىسى خاتالىشىدۇ 3، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بىز مۇسۇلمانلاردا ھازىرلا مەسجىدتىن چىقىپ، ھەتتا تاھارەت بىلەن تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغانلارنى، ئادەم ئالدايدىغانلارنى ۋە كىشىلەرگە قوپال سۆز ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىدىغانلارنى ئۇنچىۋالا ئەيىبلەپ كەتمەيدىغان، ئەمما بىراۋنى قىسمەن شەخسىي گۇناھ بىلەن ياكى ئازراق ئەيىب بىلەن ئۇچرىتىپ قالغىنىدا، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ كېتىدىغان كەيپىيات بار. ئاللاھ تائالا گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى يامان كورىدۇ، مۇسۇلمان ئادەممۇ گۇناھنى مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، ھەممىسىنى يامان كۆرىشى لازىم. لېكىن ئاللاھ تائالا گۇناھ قىلىپ ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقان بەندىدىن يالغان ئېيتىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بەندىنى بەكرەك يامان كۆرىدۇ. چۆنكى ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقنىڭ گۇناھى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇنى كەچۆرىۋېتىدۇ. ئەمما باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقنىڭ گۇناھى ئۇنداق ئاسان كەچۆرۈلمەيدۇ. زىيانغا ئۇچرىتىلغۇچى شەخس ئۇنى كەچۆرمىگىچە ئاللاھ تائالا كەچۆرمەيدۇ. چۆنكى ئۇ قۇل ھەققى !ئەمەسمۇ؟

816سوئال:ئېزىلگەنلەرگە قانداق رەھىم - شەپقەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. (نىسا -94 سۆرىسى ئايەت.) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. ) ( رەھىم - شەپقەت قىلىش ھەركىمنىڭ قۇدرىتى يېتىشىچە پەرزدۇر. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەققانىي دەۋالىرىنى يۆرگۆزۈش، پۇل - مال ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىغاندا، ئۇلار ئۆچۆن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بۇ دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر بىر - بىرىنى سۆيۆش، بىر - بىرىگە رەھىم - شەپقەت قىلىش ۋە بىر - بىرىگە ھېسداشلىق قىلىشتا، قايسىبىر ئورگىنى ئاغرىسا، پۆتۆن ئورگانلار ئىسمىداش ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئورتاق 1 بولىدىغان بىر تەنگە ئوخشايدۇ».

817سوئال:كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى يۆگەش ئۇلارغا شەپقەت-رەھىم قىلغانلىقمۇ؟#

جاۋاب: گۇناھكارلارنى ئىنسانلار ئالدىدا رەسۋا قىلماسلىق، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى يۆگەش ئۇلارغا شەپقەت-رەھىم قىلغانلىق بولۇپ گۆزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئاچىدىغانلار، گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىنسانلار ئارىسىغا يايىدىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ۋە ئازابىغا لايىق بولغۇچى ئەخلاقسىز مەخلۇقلاردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مۆمىنلەر ئۆستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۆبھىسىزكى، دۇنيا ۋە 2 ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا «قالىدۇ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قانداقلا» بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن 3، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۆنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن. ئەمما كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ۋە ئەيىبلىرىنى يۆگەش ئىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن گۇناھلار دائىرىسىدىلا بولىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، گۇناھكارنىڭ گۇناھىنى يۆگىدىم دەپ، جىنايەتكارلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۇكۇت قىلىشقا، ناھەقچىلىككە جىم تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئوغرىنىڭ ئوغرىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەن ئىشچىنىڭ ياكى كادىرنىڭ كەمچىلىكىنى يوشۇرۇش، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۆرىشىگە يول قويۇش قاتارلىق ئىشلار قىلمىشتا ئۇلارغا شېرىك بولغانلىق سانىلىدۇ.

818سوئال:ئادەم ئۆز – ئۆزىگە قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشى كېرەك؟#

جاۋاب: ئادەم باشقىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك ۋە كۆيۆمچان بولۇپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالسا بولامدۇ؟ ئادەم ئۆزىگە قانداق رەھىم - شەپقەت قىلىدۇ؟ بۇخارى رىۋايىتى. ) ( نۇر سۆرىسى -19 ئايەت. ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋاسيىتى. ) ( ئادەم ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، زىنا قىلماسلىق بىلەن، ئۆزىنىڭ يۆز - ئابرويىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن ۋە ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۆچۆن زىيانلىق بولغان گۇناھ - مەسىيەتلەردىن قول ئۆزۈش بىلەن ئۆزىگە رەھىم - شەپقەت قىلغان بولىدۇ.

819سوئال:پۆتۆن ئىنسانىيەتكە قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى كاپىر بولسۇن، پۆتۆن ئىنسانىيەتكە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش ھەرگىز قىيىن ئىش ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئاسان. ئىنسانلار قايسى دىنغا، قايسى ئىرققا، قايسى رەڭگە ۋە قايسى دۆلەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا ناھايىتى يۇمشاقلىق بىلەن ئادالەتلىك ھالدا مۇئامىلە قىلىش، ھەركىمگە تەبەسسۇم بىلەن قەلبىنى ئېچىش، پېقىرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، مەيلى ماددىي جەھەتتىن، مەيلى مەنىۋى جەھەتتىن كۆچىنىڭ يەتكىنىچە ياردەم قولىنى سۇنۇش، يېتىملارنى سۆيۆش، ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۆرىۋېتىش، تونىمايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق گۆزەل ئەخلاقلار بىلەن رەھىم - شەپقەتنى پۆتۆن ئىنسانىيەتكە يەتكۆزگىلى بولىدۇ. لەززەتلىك تائاملار بىلەن غىزالىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزنىڭ بىرەرسىدە، قوشنىلىرىڭىزدىن بەزى بىچارىلەرنىڭ يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، كىيگىلى يوق، بىر پۆتۆن يوقلۇق ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئۇلارغا بىرەر قاچا تاماق بەرگىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئاتىسى يوق، ئائىلىسى كەمبەغەل بىر يېتىم بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كىرىپ، بىر قۇر كىيىم كىيگۆزۈپ قويغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئانىسى يوق، دادىسى سىرتتا ئىشلەپ ئۆيىنىڭ كەملىرىنى تولۇقلاش يولىدا يۆرگەنلىكتىن، ھالىغا يېتەلمىگەن، بىراۋ بىلەن بىر سائەت مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشقا زار - زار بولىۋاتقان، كۆڭلى دەردلىك بىرەر يېتىم بالىنى ئۆيىڭىزگە چاقىرىپ، باش - كۆزىنى سۆرتۆپ، ئىسسىق بىر قاچا تاماق يېگۆزۈپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بەش مىنۇت مۇڭداشقىنىڭىزنى، دەرتلىرىگە قولاق سالغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ بىرەر قېتىم بولسىمۇ، كوچىدا ياكى يولدا بىر ناتونۇش ئادەم بىرەر تاغار يۆكنى ئۆستىگە ئېلىپ قويۇشىڭىز ئۆچۆن سىزدىن ياردەم سورىغاندا، ئىشىم ئالدىراش دېمەستىن دەرھال يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ئاران - ئاران مېڭىپ كېتىۋاتقان بىر ناتونۇشنى ماشىنىڭىزغا ياكى ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرغۇزۇپ بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ يولدا قالغان بىرى ئۆچۆن ئالدىراش ئىشىڭىز بولسىمۇ توختاپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ گېزىت - ژۇرناللاردا ياكى تېلېۋىزوردا ياكى ئېنتېرنېت تورلىرىدا، جىددىي ماددىي ياردەمگە موھتاج بولىۋاتقانلار توغرۇلۇق بېرىلگەن ئېلانلارنى كۆرگىنىڭىزدە، بىرەر قېتىم شۇلارغا ئاز بولسىمۇ ياردەم پۇلى ئەۋەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئەگەر يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ جاۋابى «ھەئە بولسا، سىز رەھىم - شەپقەتلىك ئادەمسىز، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىزنى قورشايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر جاۋابىڭىز ياق»«بولسا، سىز تاش يۆرەك ئادەمسىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنسىز، كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىشنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىشكە زور ئېھتىياجلىق ئىكەنسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە باشقىلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن:»كىم بىرەر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرەر قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۆنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۆرۈۋېتىدۇ، كىم بىرەر يوقسۇلغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى يۆگىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيبلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ، بەندە بۇرادىرىنىڭ ياردىمىدە بولغان مۇددەتچە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ 1 ياردىمىدە «بولىدۇ . خۇلاسە كالام، رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش قىيىن ئەمەس، مەسىلە ۋاقىتنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدە ياكى قول ئىلكىدە بولمىغانلىقىدا ياكى رەھىم - شەپقەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكتە ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق مەسىلە قەلبلەردىن رەھىم - شەپقەتنىڭ سۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىدە، يۆرەكلەرنىڭ تاشقا ئايلىنىپ !قالغانلىقىدا كۆندىلىك بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە فاتىھە سۆرىسىنى ئوقۇش جەريانىدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆرىدىكى «ئەررەھمانىر رەھىم» يەنى) ناھايىتى مېھرىبان ۋە تولىمۇ (شەپقەتلىك دېگەن سۆپىتىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كۆندە، 33 قېتىم تەكرارلاپ تۇرۇپمۇ يۆرىكى يۇمشىمىغان مۇسۇلماننى نېمە دېگىلى !بولسۇن؟

820سوئال:ئىلىم - پەننى ئىشلىتىشتە قانداق رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش كېرەك؟#

جاۋاب: ھۆرمەتلىك كىتابخان، ئىلىم - پەن ئۆچۆنمۇ رەھىم - شەپقەت كېتەمدۇ؟ دەپ ھەيران قالغانلىقىڭىز ئېنىق. ئەمما رەھىم - شەپقەتنى چىقىش يولى قىلمىغان ئىلىم - پەننىڭ بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە، ماڭا قوشۇلىسىز. ھازىرقى دۇنيانىڭ ھالىغا قارايدىغان بولساق، كۆندىن - كۆنگە ئىلىم - پەن ئىلگىرلىگەنسېرى رەھىم - شەپقەت ئازىيىۋاتماقتا. ئىلىم - پەن ئېلىپ كەلگەن ئاتوم تىرمىزى رىۋايىتى. ) ( بومبىلىرى ۋە راكىتالار بىلەن مىليونلىغان ئىنسان ئۆلمەكتە.

821سوئال:نېمە ئۆچۆن ئىلىم - پەننىڭ ئىلگىرلىشى بىلەن رەھىم - شەپقەت ئازلاپ كېتىدۇ؟#

جاۋاب: چۆنكى رەھىم - شەپقەت بىلەن قوراللانمىغان، ئىمان ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغان ھەر قانداق ئىلىم - پەن بالايىئاپەت ۋە !كرىزىستۇر شۇڭا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئىلىم ھەققىدىكى پۆتۆن بايانلىرىدا رەھىم - شەپقەتنىمۇ بىرگە بايان قىلغان. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن رەھىم - شەپقەت يانداشتۇرۇرپ كەلتۆرۈلمىگەن ئىلىم ھەققىدىكى باياندىن بىرنىمۇ تاپالمايسىز. «ئۇلار !پەرۋەردىگارىمىز› سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە 1 ‹ئالىدۇ «دەيدۇ . «ئۇ ئىككىسى بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ رەھمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە 2 خاس ئىلمىمىزنى بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى ئۇچراتتى» دېگەن ئايەتلەر 3 بۇنىڭ )مىسالىدۇر (. غافىر -7 سۆرىسى ئايەت. (كەھف -65 سۆرىسى ئايەت.) مىسىرلىق ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق ئەمر عقيدة» خالىدنىڭ ناملىق المؤمن» ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ) ( ئېلىندى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.