ئىپپەت-شەرم، ھايا ۋە گۈزەل سۆزلەش ئەدەبى
شەرم-ھايا، ئىپپەت ۋە تىلنى پاك تۇتۇش ئەدەپلىرى (سوئال 857 – 893)
بۆلۈم: “شەرم-ھايا، ئىپپەت ۋە تىلنى پاك تۇتۇش ئەدەپلىرى (سوئال 857 – 893)”جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق ۋاپادار بولىمىز؟ ھالبۇكى، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشاش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقى ئۆچۆن ئۇنىڭغا ۋاپادار ئىدى. ئەمدى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشىمايۋاتىمىز، ئۇنىڭغا قانداق ۋە نېمە ئىشتا ۋاپادار بولالايمىز؟ دېگەن سوئال ئەقلىڭىزگە كېلىدۇ. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بىر جۆملە سۆز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇنىڭ سۆننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ھاياتىمىزنىڭ پۆتۆن ساھەلىرىدە ئۆلگە قىلىشتۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە رىئايە ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( «قىلغۇچىلاردۇر 1 ( دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان بەلگىلىگەن شەرتلىرىگە، قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان !ئادەمدۇر ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئەھدىنى بۇزۇش مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بىر ئادەمدە كامىل مۇسۇلمانلىق بىلەن مۇناپىقلىق ھەرگىز بىرلەشمەيدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى غالىپ كەلسە، شۇ تەرەپ بېسىپ چۆشىدۇ ۋە ئۇ ئادەم شۇ تەرەپكە مەنسۇب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى: ﴿وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ ۖ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا﴾ يەنى «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قىيامەت) (كۆنى ئەھدە ئۆستىدە يەنى) ئەھدىگە ۋاپا قىلغان 2 ـ قىلمىغانلىق (ئۆستىدە ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق «قىلىنىسىلەر دەپ بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھدىسىنى بۇزىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلارنىڭ ئىمانى كامىل ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ: ئەھدىسىگە» ۋاپا قىلمايدىغان ئادەمدە 3 دىيانەت يوق» دېگەن. چۆنكى ئىنساننىڭ ئەھۋالى ئىسلامنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئەمەل قىلمىغىچە تۆزەلمەيدۇ. ئىسلام بىر پۆتۆن ھايات نىزامى بولۇپ، ئۇ بۆلۆنمەيدۇ. ھۆنەرۋەن ياكى رېمونتچى بىراۋغا پالانى كۆنى كېلىڭ ئىشىڭىز ھازىر بولىدۇ، دەپ ۋەدە قىلىدۇ، ئەمما دېگەن كۆندە كەلگىنىدە، بۇ كاززاپ ھۆنەرۋەن ياكى رېمونتچى ھېچقانداق خىجىللىق ھېس قىلماستىن ياكى ئۆزۈرمۇ ئېيتماستىن، يوق باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقا بىر كۆنى كېلىشىنى ئېيتىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بىر ناچار ئادەت. بىز مۇشۇ ھالىتىمىز ۋە مۇشۇ ناچار ئەخلاقىمىز بىلەن تۇرۇپ قانداقمۇ ئاللاھ» بىزگە ياردەم بەرمەمدۇ؟ تۇرمۇشىمىزنى غەربلىكلەرنىڭكىدەك پاراۋان قىلىپ بەرمەمدۇ؟ ئاللاھ مۆمىنلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدى؟» دېيەلەيمىز؟ غەربلىكلەردە بىر - بىرىنى ئالداش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، يالغان سۆزلەش !يوق ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدە تولىقى بىلەن بار. ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ھەقلىق بولۇشتىن قانچىلىك يىراقلىشىپ قالغانلىقىمىزنى ئەمدى !چۆشەندىڭىزمۇ؟
جاۋاب: زامانىمىزدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋاپاسىزلىقنىڭ بىرى قەرز مۇئامىلىسىدە ۋاپاسىزلىق قىلىشتۇر. بىراۋغا ھاجىتى چۆشكەندە، ئۇنىڭدىن بىر يۆەن چاغلىق قەرز ئېلىش ئۆچۆن قىلمىغىنى قالمايدىغان، بۇخارى ۋە ھاكىم رىۋايىتى. (ئىسرا -34 سۆرىسى ئايەت.) ئەۋرىشىمدەك تولغىنىپ يۆرۈپ، قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۆۋەنچىلىك بىلەن نەچچە قېتىم تازىم قىلىپ، ئۆزىنى يالغاندىن ۋاپادار كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھاجىتىنى راۋا قىلىۋالغاندىن كېيىن، تەتۆر قارىۋالىدىغان، قەرزنى سورىسا يالغان ۋەدىلىرى ۋە يوق ئۆزۈرلىرى بىلەن قەرز ئىگىسىنى قايىل قىلىپ، قەرزىنى ئارقىغا سۆرەيدىغان نامەردلەرنى ھەر جايدا كۆرۈۋاتىمىز. مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان ‹قىل›، ‹قىلما› دېگەن ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى خالىسا ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەن، خالىسا تەۋبىسىز كەچۆرۈۋېتىدۇ. چۆنكى ئاللاھ تائالا تولىمۇ كەچۆرۈمچان ۋە بەندىلىرىگە مېھرىبان زاتتۇر. ئەمما قۇل ھەققى يەنى ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى، مال - مۆلكىنى يەۋېلىشى ۋە ھەر قانداق بىر زىيانغا ئۇچرىتىشى قاتارلىق گۇناھلىرىدىن ئاللاھ تائالا ئۆتمەيدۇ. پەقەت ھەق ئىگىسى رازى بولغاندىلا، ئاندىن ئاللاھ تائالا رازى بولىدۇ. شېھىدلارنىڭ سوراق - سوئالسىز ھالدا، ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت. ئەمما بىراۋنىڭ ھەققىنى تۆلىيەلمەستىن ئۆلۆپ كەتكەن شېھىد جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۆلىمالار سۆزلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شېھىدنىڭ قەرزدىن 1 باشقا پۆتۆن گۇناھى كەچۆرۈم «قىلىنىدۇ دېگەن ھەدىسى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۆنكى قەرز ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە توسقۇن بولىدۇ. شۇڭا ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار بىراۋغا قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتتى. ھەتتا ئاللاھ يولىدا جىھادقا ھازىر بولغان مۇسۇلمانلار جىھادقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا «كىمدە بىراۋنىڭ ھەققى ياكى قەرزى بولسا قايتىپ ! «كەتسۇن دەپ ئېلان قىلىناتتى. پەيغەمبەر» ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قانداقلا بىر جىنازا ئېلىپ كېلىنسە: بۇنىڭ» قەرزى بارمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر قەرزى بولمىسا نامىزىنى چۆشۆرەتتى. قەرزى بولسا ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزى ئوقۇماستىن، ساھابىلارغا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى. چۆنكى ئۇنىڭ بىر كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇغانلىقى شۇ كىشىگە شاپائەت قىلغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ شاپائىتى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما قەرزدار كىشى بولسا، ئۇ كىشى گەردىنىدىكى قەرزىگە گۆرۈ قويۇلغاندۇر بولىدۇ، تاكى گەردىنىدىكى 2 قەرزىنى ئادا قىلمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ».
جاۋاب: ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋاپادارلىقنىڭ جۆملىسىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئاددى سانىلىپ كەلگەن چوڭ مەسىلىدۇر. ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، ۋەدىلەشكەن سائەتتە ھازىر بولماسلىق، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى زايا قىلىش ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (ئۇلۇغ ئالىم مەرھۇم سابىت «شېرىن داموللامنىڭ ناملىق كالام» ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر) تىلىدا يىلى-2007 ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان بېتىدىن-99 نۇسخىسى ئېلىندى. ئەڭ يامان ۋاپاسىزلىقتۇر. بۇ تۆردىكى ۋاپاسىزلىقتىن ھەممىمىز نېسىۋىمىزنى ئالماقتىمىز. بۇ ئۆچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مۆشكىلىسىدۇر. بىكار تەلەبلەردىن باشقا ھەر قانداق كىشى ئۆچۆن ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەتلىك بىر نەرسە. تىرىشچان ئادەملەر ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە كۆندۈزنى كېچىگە ئۇلىغۇسى كېلىدۇ. ئەمما بىكار تەلەبلەر ئۆچۆن كۆن ئۆتسە، سائەت توشسا بولدى. ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلايدىغان بىپەرۋالاردۇر. سائەت ئونغا ۋەدە قىلغان ئادەمنى سائەت ئون بىر ياكى ئون ئىككىلەردە ئاران تاپقانغا خوش بولىدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلار غەربلىكلەرنىڭ ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھاياسىزلىقلىرىنى دوراشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىشتەك ياخشى ئادەتلىرىنى ۋە ۋاقىتنى ئالتۇن بىلىپ ئۇنى زايا قىلماستىن پايدىلىنىدىغان روھىنى دورىسا !بولمامدۇ؟ ۋاقىت ھايات، ۋاقىت نەق پۇل، ۋاقىت ئىلىم، ۋاقىت سالامەتلىك، ۋاقىت پەن - تېخنىكا، ۋاقىت قىممەتلىك ھەر نەرسىدۇر. بەزى شىركەتلەر بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشسە، بەزىسىنىڭ بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران بولىدىغانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بەزى كېسەللەرنىڭ داۋالاشقا بىر مىنۇت كېچىكىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئۆلۆپ كېتىدىغانلىقىمۇ بىر رېئاللىق.
جاۋاب: مەيلى چوڭ، مەيلى ئاددى قانداقلا بىر ياخشىلىق قىلغان ئادەمنىڭ شۇ ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا رەھمەت سۆزىنى ئېيتىش ۋاپادارلىقنىڭ جۆملىسىدىن سانىلىدىغان گۆزەل ئەخلاق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپاتىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسەڭلار، نېمەتكە شۆكۆر قىلغانلىقىڭلارنى ئىسپاتلاش يۆزىسىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن شۆكۆرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە شۆكۆر قىلغۇچىلارنى «ياقتۇرغۇچىدۇر 1 (. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىراۋ تەرىپىدىن ئاتا ئىھسانغا ئېرىشكەن كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە لايىق نەرسە تاپالىسا مۇكاپاتىنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر تاپالمىسا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسۇن. ھەقىقەتەن نېمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئادەم شۆكۆر قىلغان ۋە ئۇنى تەرك ئەتكەن ئادەم نېمەتكە كۇپرىلىق قىلغان «بولىدۇ 2 (. تەبەرانى رىۋايىتى. (تىرمىزى رىۋايىتى.) ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا» ئەڭ شۆكۆر قىلىدىغان كىشى كشىلەرنىڭ ئىھسانىغا رەھمەت ئېيتىدىغان كىشىدۇر» يەنە بىر رىۋايەتتە: كىشىلەردىن» كەلگەن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقا شۆكۆر قىلىشنى بىلمەيدىغان 1 ئادەمدۇر» دەپ كەلگەن.
جاۋاب: شەكسىزكى، دۇنيادا ۋاپادارلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ھەققى بىزدە ئەڭ كۆپ بولغان كىشىلەر ئاتا - ئانىلاردۇر. ئاتا - ئانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالا بىزنى ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ھەقلىرىنى قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىپ ئۇلارغا بولغان ۋاپا بۇرچىمىزنى ئورۇنداشقا بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ ياخشىلىق قىلىشىم ئۆچۆن ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىم كىم؟ دەپ سورىغان سوئالىغالله «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن، ھەر قېتىم سورىغان سوئالىغا «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بېرىپ، تۆتىنچى قېتىم يەنە قايتا سۆرىغىنىدالله «ئاتاڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاتا - ئانىغا قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىق ئۇلارنىڭ ئۆلۆمى بىلەن توختاپ قالمايدۇ. بۇ ۋاپا بۇرچى ئۇلار ھاياتتىن كۆز يۇمغاندىن كېيىنمۇ بالىلىرىنىڭ گەردەنلىرىدە قالىدۇ.
جاۋاب: ھاياتلىق سەپىرىدە تونۇغان، بىللە بولغان، بىرگە ياشىغان بارلىق كىشىلەرگە ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلىش تەلەب قىلىنىدۇ. بالىلىق چاغلىرىڭىزدا بىرگە ئويناپ ئۆسكەن دوستلىرىڭىزغا، مەكتەب ھاياتىنى بىرگە ئۆتكۆزگەن ساۋاقداشلىرىڭىزغا، قوشنىلىرىڭىزغا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭىزغا، تونۇش - بىلىشلىرىڭىزگە ۋاپادار بولۇپ، ئۇلارنى ئونۇتماسلىقىڭىز، قولىڭىزدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى ئايىماي قىلىشىڭىز سىز ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋاپا بۇرچىدۇر.
جاۋاب: ھايات مۇساپىسىدىكى شېرىكىڭىز بولغان، خوشاللىق - غەمكىن، راھەت - جاپالىق كۆنلىرىڭىزدە سىزگە ھەمراھ بولغان جورىڭىزغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىڭىز ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋاپا بۇرچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 2: «ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىڭىز جورىڭىزدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا سىلىق ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش، ئۆي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياردەملىشىش، دەرتلىرىنى كۆڭۆل قويۇپ ئاڭلاش، كۆڭۆللىرىنى ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (بۇخارى، مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئازارلىرىغا سەۋر قىلىش، كەمچىلىكلىرىنى كەچۆرۈش، ئۇلارنى ئۇرماسلىق، ئازارلىماسلىق، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى، توغقانلىرىنى ۋە ئۆلگىلىك دوستلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن توسماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ۋاپادارلىق قىلغانلىقتۇر.
جاۋاب: ئىنسان كېلىشىم تۆزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۆزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۆچۆن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۆندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۆرىسىدە: ئەھدىگە) ۋاپا قىلىڭلار قىيامەت) (كۆنىدە ئەھدە ئۆستىدە ئەلۋەتتە سوئال – سوراق (قىلىنىسىلەر دەپ كەلگەن. ئادەمنىڭ گېپىدە تۇرۇشى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچلىك، گېپىدىن يېنىۋالمايدۇ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلىمايدۇ، دەپ تونۇلىشى ئۇنىڭ ئىنسانىي گۆزەل ئەخلاقىنىڭ نىشانىسىدۇر.
جاۋاب: ۋاپادارلىق ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ دىنى، ئىرقى ۋە رەڭگىدىن قەتئىينەزەر ئومۇم بولۇشى لازىم. چۆنكى پەزىلەت دېگەن بۆلۆنمەيدىغان بىر پۆتۆن نەرسە، ئادەمنىڭ بەزى كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇپ، يەنە بەزى كىشىلەرگە رەزىل ۋە سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇشى توغرا ئەمەس. قىلىنغان ۋەدە، تۆزۈلگەن كېلىشىم قانداقلا كىشى بىلەن بولسۇن، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش شەرتتۇر. ھەقىقىي دىيانەتلىك توغرا ئادەم ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى سەۋەبلىك ئايرىم مۇئامىلىدە بولمايدۇ. بەلكى ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. چۆنكى ياخشلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان ياخشلىقتۇر. شۇنداقلا يامانلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان يامانلىقتۇر. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشلا ھۆرمەتكە ئىگىدۇر. بۇنىڭ ئۆچۆن مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلىش، ياكى مۇسۇلمانلارغا سىلىق بولۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قوپال بولۇش توغرا ئەمەس.
جاۋاب: ۋاپادارلىق دېگەن ماۋزۇ ئىنتايىن چوڭ ماۋزۇ بولۇپ، ئۆسۆپ يېتىلگەن ۋەتەننىڭ غېمىنى يېيىش، ئاتا – ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ئىزدىشىپ تۇرۇش، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، پەرزەنتلەرنى ياخشى بېقىش، جورىسىغا سادىق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ 1 ھەممىسى ۋاپادارلىقنىڭ جۆملىسىدىن )سانىلىدۇ (. مىسىرلىق ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق ئەمر «عقيدة خالىدنىڭ ناملىق المؤمن» ئەسىرىدىن قىسقارتىپ (1) ئېلىندى.
جاۋاب: شەرم - ھايا ــ رەزىل ۋە قەبىھ ئىشلار ئالدىدا كۆڭۆلنىڭ سىقىلىپ، ئۇنى قىلىشتىن تارتىنىشى دېگەنلىكتۇر. ھايالىق ئادەم ئەخلاقسىزلىقلارنى ۋە قانداقلا بىر رەزىل ئىشنى قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا، ئىنسانلار ئالدىدا ۋە ۋىجدانى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن ئورۇنغا چۆشۆرۈپ قويۇشقا تاقەت قىلالمايدۇ - دە، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ.
جاۋاب: شەرم - ھايا گۆزەل ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى ئەڭ زور ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىدۇر. شەرم - ھايا خۇددى مېۋىنىڭ پوستىغا، ئادەمنىڭ كىيىمىگە ئوخشايدۇ، پوستى سويۇۋېتىلگەن مېۋە تېزلا بۇزۇلغاندەك، كىيىمسىز قالغان ئادەمنىڭ ئۇياتلىق جايلىرى ئېچىلىپ قالغاندەك، شەرم - ھايادىن ئايرىلىپ قالغان ئادەم ئىچكى دۇنياسىدىن بۇزۇلىدۇ، ئۇ تۆرلۆك يامانلىقلارنىڭ پاتقىقىغا پاتىدۇ. چۆنكى، –شەرم ھايا يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا، ھەر قانداق ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تۆرتكە بولىدىغان بىر خىل گۆزەل ئەخلاق. شەرم - ھايا ۋە نومۇس ئىنسان ئەقلىنىڭ ئۇل تېمى. قىسقىسى ئىماننىڭ پوستى شەرم – ھايا ۋە نومۇستۇر. پوستى سويۇۋېتىلگەن دەرەخ قۇرۇپ كەتكەندەك، شەرم – ھايا ۋە نومۇستىن ئايرىلغان ئىنسانمۇ ئىمانىي خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ۋىجدان بولسا ئىچكى نومۇستۇر. شەرم – ھايا بىلەن نومۇسچانلىق ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى بېيىتىپ، ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن گۆزەللىكتۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن ھايانى سۇغۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن ھايا سۇغۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كىمنىڭ نەپرىتىگە ۋە غەزىبىگە لايىق بىرى بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئامانەت يوقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئامانەت يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە خىيانەت قىلىدىغان خائىنغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇ خائىنغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن رەھىم - شەپقەت يوقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن رەھىم - شەپقەت يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ لەنەتكەردىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ لەنەتكەردى بولغاندىن كېيىن، ئىمان ئۇنىڭدىن چىقىپ 1 كېتىدۇ». بۇ ھەدىس قەلبتىكى كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى، بۇ باسقۇچلارنىڭ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ماڭىدىغانلىقىنى بىزگە ئىنچىكىلەپ بايان قىلىپ بېرىدۇ. كىشىنىڭ ھايا چۆمبىلى يىرتىلسا، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدا ئەيىبلىنىشلەردىن تەپتارتىپ قالمايدۇ. مۇنداقلار كىشىلەرگە ئازار قىلىدۇ. قول ئاستىدىكىلەرنى ئېزىدۇ. پەرزەنتلىرىگە ۋە قوشنىلىرىغا يېرىكلىك قىلىدۇ. بۇنداق ئادەمنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە ئۆچمەنلىك ئۇرۇغىنى سالىدۇ. بۇ دەرىجىگە يېتىپ قالغان ئادەمگە ھېچكىم ئىشەنچ قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. چۆنكى كىشىلەرنىڭ پۇل – مېلىنى يەۋېلىش ياكى ئابرويىنى تۆكۆشتىن خىجىل بولۇپ قالمايدىغان، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىشنى كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان ياكى مەجبۇرىيەتكە سەل قارايدىغان ياكى سودىدا ھىيلە ئىشلىتىدىغان ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنچ قىلغىلى !بولسۇن؟
جاۋاب: ئەرەب تىلىدىكى «ھايا» سۆزى «ھايات» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ھايالىق ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى ھايات، يەنى تىرىك بولىدۇ. ھايا قىلغان ئادەمنىڭ ھاياسى ئىچكى ھايات قاينىمىدىن چىققان بىر خىل كۆچ بولۇپ، بۇ كۆچ ئۇنى رەزىللىكلەرگە چۆشۆپ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ھايالىق ئادەمنىڭ قەلبى تىرىك، ھاياسىز ئادەمنىڭ قەلبى ئۆلۆك بولىدۇ. قەلبنىڭ ئويغاقلىقى ئاشقانسېرى ئۇنىڭ ھاياسى ئاشىدۇ. قەلبى ئۆلگەن ئادەمدە ھايانى قوزغايدىغان ھېسسىياتمۇ ئۆلگەنلىكتىن، مۇنداق ئادەم رەزىللىكلەرنى رەزىللىك دەپ بىلمەيدىغان ۋە ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا شەرم - ھايانىڭ يوقىلىشى بارلىق رەزىللىك ۋە يامانلىقلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ھاياسىز ئادەمدىن ھەممە يامانلىقلارنى كۆتۆشكە بولىدۇ.
جاۋاب: بېرەلمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. خىجىللىق قورقۇنچاقلىقتىن كېلىدىغان نەرسە. ئەمما شەرم - ھايا بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىرادىسى كۆچلۆك، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان ئادەمدە بولىدۇ. چۆنكى مۇنداق ئادەم رەزىللىكلەرگە چۆشۆپ قېلىشتىن ئۆزىنى ئۆستۆن تۇتىدۇ. خىجالەتتىن ئۆزىنىڭ يوللۇق ھەققىنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئادەم ھايالىق سانالمايدۇ. چۆنكى ھايالىق ئادەم ئېزىلىشكە، بوزەك قىلىنىشقا ۋە ناھەقچىلىككە رازى بولۇپ تۇرالمايدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھايا بىلەن ئىمان ئىككىسى قوشكېزەكلەر بولۇپ 1، بىرى يوقالسا، ئىككىنچىسىمۇ «يوقىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. «ھاياسىزدا ئىمان «يوق دېگەن سۆز بۇ ھەدىسقا ئاساسەن ئېيتىلغان بولۇشى ئېھتىمال. يەنە بىر ھەدىستە: ئىمان» ئاتمىش نەچچە شاخچە بولۇپ، ئۇنىڭ بىر شاخچىسى ھايادۇر» 2 ( دەپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم ئەلىشىر ناۋايى: ھاياسىزدا» ۋاپا يوق، ۋاپاسىزدا ئىمان يوق» دېگەن ئىكەن.
جاۋاب: شەرم - ھايا دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ۋە ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىشتۇر. گۇناھ - مەسىيەتلەر پەقەت ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلمىغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىنى بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۆرگەن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ كۆز ئالدىدا يامان ئىش قىلىشتىن ھايا قىلىدۇ - دە، نەدە بولمىسۇ يامان ئىش قىلىشتىن توسۇلىدۇ.
جاۋاب: شەرم ھايا بىلەن مېھرى – مۇھەببەت بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئىككى يۆزىگە ئوخشايدۇ. پەقەت بىرلا يۆزى بار قەغەزنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، شەرم – ھاياسىز مېھرى – مۇھەببەتنى، مېھرى – مۇھەببەتسىز شەرم – ھايانىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مېھرى – مۇھەببەت شەرم – ھايا دەرىخىنىڭ رەڭدار چاقناپ تۇرىدىغان خۇشبۇي، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان مېۋىسىدۇ. ئەڭ پەسكەش ئادەملەر نومۇس، ھايا ئېڭى يوق كىشىلەردۇر. مۇنداق كىشىلەرگە ھەممىلا يەردە نەپرەتلەر يېغىپ تۇرىدۇ. شەرم – ھايا بىلەن نومۇسنى يوقاتقان كىشىنى ئۆلۆك دەپ سانىسا بولىدۇ. ئىنساننىڭ بىرلا كەتكەن ئۇيات، نومۇسى قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۇيات، نومۇسىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ قوغدىشى 3 لازىم. شائىر تاگور: «گۆزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى رەڭدار» دېگەن ئىكەن. دۇنيادا قايسى رەڭ ئەڭ گۆزەل ۋە ئەڭ رەڭدار دېسە نومۇسچانلىقنى بىلدۈرىدىغان رەڭ ئەڭ گۆزەل دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. ئادەم خىجىل بولغاندا، ھايا قىلغاندا، نومۇس قىلغاندا تەنلىرى تىترەپ يۆزى قىزىرىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدىكى ھاكىم رىۋايىتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.) ھىندىستانلىق-تاگور ئاتاغلىق شائىر، پەيلاسوپ ۋە تەرىقەتچىلەرنىڭ مەنىۋى داھىسى بولۇپ، ) ( يىلى-1861 ھىندىستاندا دۇنياغا كەلگەن. كۆپلىگەن شېئىر، قەسىدە، بالىلار ھېكايىلىرى ۋە تىياتېر ئويۇنلىرىنى يازغان، 44 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر توپلىمى نەشر قىلىنغان، يىلى-1941 ئالەمدىن ئۆتكەن. قىزارغان ۋە ئوت ئالغان يۆزنىڭ رەڭگى ئەڭ گۆزەلدۇر.
جاۋاب: ھايا ۋە نومۇسچانلىق ئاللاھ ئاتا قىلغان چوڭ نېمەت. شەرم – ھايا بىلەن نومۇس پۆتكۆل گۆزەل ئەخلاقلارنىڭ يۆرىكى ۋە تۆپ يىلتىزىدۇر. شەرم – ھايا بىلەن نومۇس تۇيغۇسى ئىنسانلاردىكى ئەڭ ساپ، ئەڭ تەبىئىي بولغان ھېسسىي ھادىسە، ئۇ ئەڭ ئالىي ماقامدىكى ئەخلاق ئۇستازى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قۇلاقنىڭ قىزىرىشى بىلەن كۆزنىڭ ھەرىكىتى كىشىنىڭ چېھرىدە گەۋدىلەنگەن نومۇس تۇيغۇسىنى چەكسىز سېھرىي كۆچكە ئىگە قىلىدۇ. نومۇس تۇيغۇسى بولماي تۇرۇپ نومۇسچان يۆز بولمايدۇ. نومۇس تۇيغۇسى ئىنسانلارغا خاس ئالاھىدىلىك. شۇڭا ھايۋانلاردا مۇنداق تۇيغۇ بولمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ھايالىق ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى. ئەبۇ سەئىد خۇدىرى ئىسىملىك ساھابە: «رەسۇلۇللاھ يۆزى ئېچىلمىغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. ئۇنىڭ بېرەر ئىشنى ياقتۇرمىغانلىقىنى چىرايىدىن بىلگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆڭى سۆزۈك ۋە نېپىز ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئالىيجاناپ، ھايالىق بولغانلىقتىن كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ئۇلارغا يۆزمۇ بۆز تۇرۇپ ئېيتمايتتى» دېگەن. دېمەك، قىز – ئاياللار ئۆچۆنمۇ شەرم – ھايا ۋە نومۇس تۇيغۇسى ھاياتلىق دېمەكتۇر. ھەتتا ھاياتتىنمۇ قىممەتلىكتۇر. نومۇسنى قوغداش يولىدا جاننى پىدا قىلىش ئەڭ ئاددىي تەلەبتۇر. خۇددى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇزۇگۇم ۋە يەتتە قىزلىرىمدەك نومۇس ئابىدىلىرى تارىختىن بويان ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۆ بىلەن يادلىنىپ كەلمەكتە.
جاۋاب: بىر ئادەمدىكى شەرم - ھايا بىزگە شۇئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ ۋە ئەدەپ – ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. سىز بىر ئادەمنىڭ تېگىشلىك بولمىغان ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقى ياكى تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ قويغان ۋاقىتتا چىرايىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئويغاق، ئەسلىنىڭ پاك، تەبىئىتىنىڭ ساپ ئىكەنلىكىنىـ بىلىۋالالايسىز. شۇنداقلا بىرەرسىنىڭ پەس، گۇناھ ئىشلارنى ھايا قىلماستىن قىلىپ يۆرگەنلىكىنى، ئالغان – قويغىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ قولىدىن ياخشى ئىش كەلمەيدىغان كۆڭلى قارا، يۆزى قېلىن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.
جاۋاب: ھايانىڭ يوقىلىشى ئىشەنچ – ئامانەتنىڭ يوقىلىشىدۇر. كىمكى ھايانى يوقىتىدىكەن، ئۇ ئامانىتىنى يەنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن ئادەم جەمئىيەتتە قىممەتسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقلار ئۆزلىرىنىڭ نەپسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش يولىدا يۆگۆرىدىغان ياۋايىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. مۇنداقلار ئۆزلىرىدىكى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ئىللەتلىرى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋە ئەقلى قېلىن پەردىلەر بىلەن پەردىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ئازدۇرىدىغان، تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان نەپسىي ھەۋەسلەردىن باشقىسىنى كۆرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقلىرى ۋە بەزى يامانلىقلىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن تەپ تارتىش ھايانىڭ ئۆزىدۇر.
جاۋاب: ئەرەب سۆزىنىڭ«الشكر تىلىدىكى مەنىسى: رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە تەشەككۇر ئېيتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئىستىلاھىدا، ياخشىلىق قىلغاننىڭ ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇش، نېمەت بەرگۆچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى تىل، دىل ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەش دېگەنلىكتۇر. شۆكۆر ئىماننىڭ يېرىمى بولۇپ، يەنە بىر يېرىمى سەۋرچانلىقتۇر. ئىمان بۇ ئىككىسى بىلەن تاكامۇللىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن شۆكۆر ئەڭ يۇقىرى مەرتىبىلىك ئىبادەت سانىلىدۇ. ئىمام ئىبنى شۆكۆر» رەجەب تىل، دىل ۋە ھەرىكەت-ئىش بىلەن ئادا ).«قىلىنىدۇ»(1). تىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان نېمەت بەرگۆچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئىھسانلىرىنى-ئاتا تىل ئارقىلىق سۆزلەش ھەم ساناش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان رەببىڭنىڭ): كەرىمدە 2 نېمىتىنى سۆزلەپ )(بەرگىن ( يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى باشقىلار كەڭ سۆزلىگىن ۋە مىننەتدارلىقىڭنى سۆزدە ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكىن دەپ تەلىم بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى تېخىمۇ ئىزاھلاپ «: چۆشەندۈرۈپ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتنى كىشىلەرگە سۆزلەش شۆكۆر 3 قىلغانلىق، ئۇنى يوشۇرۇش تۇزكورلۇق قىلغانلىقتۇر دېگەن». دىل (2) بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۆكۆر نېمەت بەرگۆچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە -ئاتا ئىھسانلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، يۆرەكتىن ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۆش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەبىئىيكى، بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنى يۆرىكىدىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشەككۇر بۇرچى بارلىقىنى ھېس قىلغان ئادەم ئۇنى رازى ئىبنى -رەجەب تولۇق ئىسمى زەينىددىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەھمەد بولۇپ، ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ (نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن بىرى، ھىجرىيە-736 باغداتتا دۇنياغا كەلگەن، ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىدە ئوقۇغان، ئۆز زامانىسىدا كامالىغا يەتكەن مۇجتەھىدلاردىن سانىلىدۇ. 20 پارچىغا يېقىن چوڭ ھەجىملىك دىنىي ئەسەر يازغان. ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «بىرى فىقھى ناملىق»قائىدىلىرى ئەسىرىدۇر. ئەللامە ئىبنى رەجەب ھىجرىيە-795 يىلى ھازىرقى سۆرىيە پايتەختى دەمىشىق شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. دۇھا سۆرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى.) ئىما ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( قىلىش ۋە مەمنۇن قىلىش يولىدا قولىدىن كەلگەننى ئايىمايدۇ، ئۇنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار بۇنداق بولغان يەردە، تامامىي نېمەتلەرنىڭ ۋە چەكسىز ئىھساننىڭ-ئاتا يېگانە ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا بولغان تەشەككۇر بۇرچىمىزنى قانداق ئادا قىلىشىمىز كېرەك؟ ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرى ۋە چەكسىز ئىھسانلىرى-ئاتا بەدىلىگە بىزدىن كۆپ نەرسە سورىمايدۇ. پەقەت دىن ۋە دۇنيالىق ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش ۋە ھەر ئىشتا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ، قېتىرقىنىپ قىلىشنى سورايدۇ. بۇنىڭغىمۇ بېخىللىق قىلىمىزمۇ ئەمدى؟ (3) ھەرىكەت-ئىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۆكۆر نېمەت بەرگۆچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئىھسانلىرىنى-ئاتا -گۇناھ مەسىيەتلەرگە، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلارغا، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر يامان ئىشقا سەرپ قىلماستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەرمانلىرىنى-ئەمر ئورۇنداشقا ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: تەن ساقلىقتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتنى ئالايلۇق، ئۇنى تاماشا-ئويۇن ۋە ھارام كۆڭۆل ئېچىشلارقا ئىشلىتىپ تۆگەتمەستىن، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۆستىمىزدىكى پەرز، ۋاجىبلارنى ئورۇنداش ۋە ئىنسانىيەت ئۆچۆن پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۆزۈش بۇ نېمەتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۆكۆر ئادا قىلغانلىق بولىدۇ. ئەكسىچە قىلىش، نېمەت بەرگۆچىكە تۇزكورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ.
جاۋاب: نېمەت بەرگۆچىنىڭ نېمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا شۆكرى ئادا قىلىش ئەلۋەتتە نېمەتنىڭ تېخىمۇ زىيادە ۋە داۋاملىق بېرىلىشىگە، شۇنداقلا بەرىكەت بىلەن كۆپىيىشىگە تۆرتكە بولىدىغان بىر ئىبادەتتۇر. چۆنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان ): كەرىمدە نېمىتمگە شۆكۆر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار 1، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق )(بولىدۇ ( دەپ تەلىم بەرگەن. دېمەك، ئاللاھ تائالا شۆكۆر قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ، ئەمما ئۆز كۆچۆم بىلەن ئىشلەپ تاپتىمغۇ دەپ قارۇنچە مەغرۇرلانغۇچىلارنى ئەڭ ئىبرەتلىك جازالار بىلەن جازالايدۇ. مالنىڭ-پۇل شۆكرىسى ئۇنى ئىسراپ قىلماستىن، پايدىسىز ئىشلارغا بۇزۇپ چاچماستىن قوللىنىش، ئۇنىڭ زاكىتىنى تولۇق بېرىش ۋە ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ۋە ساۋاب بولىدىغان ئىشلارغا، شۇنداقلا ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالاغا شۆكۆر قىلىش «شۆكرى»خۇدايىم دەپ ئاغزاكى شۆكۆر ئېيتىش بىلەن ئادا تاپمايدۇ. بەلكى بۇ شۆكۆرنى ئەمەلدە قىلىپ كۆرسىتىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان ئى): كەرىمدە !مۆمىنلەر سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە ئاللاھنىڭ) شاپائەت (ئىزنىسىز بولمايدىغان كۆن يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۆلۆكلەردىن ياخشىلىق(يوللىرىغا سەرپ قىلىڭلار. تۇزكورلۇق قىلغۇچىلار راستىنلا ھەقسىزلىق)قىلغۇچىلاردۇر 1 دېيىش ( ئارقىلىق بىزنى شۆكۆرنىڭ ئىقتىسادتىكى مەنىسىگە باشلىماقتا. بۇ تۆردىكى شۆكۆر يوقسۇللارغا ۋە ھەر قانداق ھاجەت ئىگىسىگە ئاتىغانلىرىنى بېرىش بىلەنلا ئادا تاپىدۇ. مەرىپەتنىڭ-ئىلىم شۆكرىسى بىلگەنلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش، ئۇنى ئىنسانلارغا ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلگەن بىلىمىگە ئەمەل قىلمايدىغانلارنى سۆكۆپ مۇنداق دېگەن: ئى) !مۆمىنلەر سىلەر نېمە ئۆچۆن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار 2 ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان )(نەرسىدۇر (. مالنىڭ-پۇل زاكىتى شۇ مالدىن-پۇل مەلۇم مىقدارنى يوقسۇللارغا بېرىش بىلەن ئادا تاپقاندەك، ئىلىمنىڭ زاكىتى بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە بىلدۈرۈش بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى شۆكۆرنى لازىم قىلىدۇ ئۇلۇغ ئىسلام مۇتەپەككۇرى، مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد «تۇرمۇشىڭىزنى غەزالىي يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ «: يازغان ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ھەر بىر نەپەستە، تۇمۇرلاردىكى قاننى ئىتتىرگەن ھەربىر ھەركەتتە بىزنى قورشاپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز بۇ كاتتا نېمەتلەرنى كۆپىنچە ھېس قىلمايمىز ۋە بۇ نېمەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى لايىقىدا قەدىرلىيەلمەيمىز. بىز بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزلىكىدىن تەييارلانغان ھالدا قوبۇل قىلىمىز. بىز قىلماقچى بولغاننى شۇنداقلا كۆڭلىمىزگە كەلتۆرۈش بىلەنلا بۇ ئىش لىكىدىن ئەمەلگە بەقەرە -254 سۆرىسى ئايەت. (سەف -3-2 سۆرىسى ئايەتلەر.) ئاشىدۇ. مەسىلەن: ئولتۇرۇپـ قوپۇش، يۆرۈش ـ تۇرۇش ۋە ھاكازالارغا ئوخشىغان ئىختىيارىي ھەركەتلىرىمىز. بەزى نېمەتلەرنى چەكلىك شارائىتلاردا ۋە كۆڭۆللۆك مۇھىتلاردا ھېس قىلالايمىز. ئەمما بۇنى ھېس قىلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز. بۇ بىزنىڭ ئاللاھتىن يىراقلىقىمىز ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە قارىتا خاتا چۆشەنچىدە بولغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. ئاللاھ) سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۆرەتكە كىرگۆزدى، سۆرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە تۆرلۆك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ 1 پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى )(.بۆيۆكتۇر ( مۇشۇ بايانلاردىن كېيىن بىز ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا !قىلالىدۇقمۇ؟ مەلۇمكى، ياخشىلىق قىلغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىنسانىي !بۇرچتۇر دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ نېمەت ئىگىسىگە شۆكۆر قىلىشنى بىلمەيدۇ. گويا ئۇلار بۇ نېمەتلەرنى ئۆزىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەققىنى قايتۇرۇپ ئالغاندەك ياكى بۇ نېمەتلەر پەقەت ئۆزىگىلا خاستەك قوبۇل قىلىدۇ. بۇنداقلار باشقىلارنى ئۆزىگە ھەرگىزمۇ تەڭ قىلمايدۇ. بۇنداق تۇزكورچە چۆشەنچە ۋە تەپەككۇردىن ھەرگىزمۇ شۆكۆرنىڭ غۇنچىلىرى ئۆنمەيدۇ. بۇنداقلاردىن شۆكۆرنى كۆتكىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن سىز بەزى كىشىلەرگە ياخشىلىق قولىڭىزنى سۇنغان ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ئۆچۆن كۆپ جاپا تارتقان بولسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان پوزىتسىيىسى ناچار، مۇئامىلىسى سوغۇق ۋە رەھمەت سۆزى يوق بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى سىزنى نەپرەتلەندۈرەمدۇ؟ ھالبۇكى ئۇنداقلار مۇندىن بۇرۇن سىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولغان ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ) بەندىلىرىمدىن شۆكۆر قىلغۇچىلار 2 بەك )(ئاز ( دېگەن ئەمەسمۇ؟ دائېل )كارنېك ( بىزگە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇزكۇورلۇق مەسىلىسى غافىر سۆرىسى ـ 64 ئايەت. (سەبەئ -13 سۆرىسى ئايەت.) دائېل ئامېرىكىلىق-كارنېك مەشھۇر يازغۇچى، تونۇلغان پىسخولوگىيە ئالىمى،»دائېل ئامېرىكىدىكى ) ( كارنېك نامىدىكى ئىنسانىي «ئىنسانىي ئالاقىلار ئىنىستىتۇتى»نىڭ سابىق يىلى-1888.مۇدىرى نويابىر-24 كۆنى ئامېرىكىدا دۇنياغا كېلىپ، يىلى-1955 ئالەمدىن ئۆتكەن. دائېل كارنېك ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. «ئۇنىڭ قايغۇرماڭ، ھاياتنى يېڭىدىن»سۆزلەش ، «باشلاڭ «تاكتىكىسى، «قانداق قىلغاندا دوستلارنى قازانغىلى ۋە كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكىلى «بولىدۇ؟ ناملىق ئەسەرلىرى دۇنيا بويىچە شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. توغرۇلۇق مۇنداق بىر قانچە مىسالنى كەلتۆرىدۇ: سىز» بىراۋنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭدىن شۇ قىلغىنىڭىز بەدىلىگە رەھمەت سۆزى كۆتەمسىز؟ بەلكى شۇنداق قىلىشڭىز مۇمكىن. لېكىن سەمۇئېل» لايپتز» ئاۋۋال ئادۋوكات، كېيىنچە سوتچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا 78 كىشىنى توك ئورۇندىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۆم جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، قۇتۇلغانلاردىن بېرەرسىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتمىغان. )ئىسا ( پالەج كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 10 ئادەمنى بىركۆندىلا ساقايتقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن قانچە كىشىنى ئېيساغا رەھمەت ئېيتتى دەيسىز؟ ئارانلا بىر ئادەم. ئەمما باشقىلار شۇنچە ئەرزان رەھمەت سۆزىنىمۇ ئيتماستىن قايتىپ كېتىشكەنىدى. چارلىز شەۋاب ماڭا مۇنداق بىر قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇ بىر قېتىم ئىمبارگوغا ئۇچرىغان بىر بانكىچىنى تۆرمە جازاسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان. لېكىن بانكىچى ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىمۇ؟ ھەئە بىر كۆنى ئۇنىڭغا رەھمەت سۆزىنى ناھايىتى قىيىن دىيەلىدى، ئاندىن ئۇنى ئارقىسىدىن تىللاشقا باشلىدى.» دائېل كارنېك گويا ئاللاھنىڭ ئىنسان) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ نېمەتلىرىنى شەكسىز 2 ئىنكار )(قىلغۇچىدۇر ( دېگەن سۆزىنى شەرھلىگەندەك مۇنداق «دېگەن تۇزكورلۇق شۇنداق بىر تەبىئىي نەرسە بولۇپ، ئۇ يەرگە ئۆنگەن ئوت ـ چۆپلەرگە ئوخشاش بىراۋ ئۇنى تېرىماستىن ئۆزلىكىدىن ئۆنۆپ چىقىدىغان نەرسە، ئەمما شۆكۆر پەقەت ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش بىلەنلا ئۆنۆپ چىقىدىغان خۇشپۇراق گۆلگە ئوخشايدۇ. ئىنسان تەبىئىتى يەنىلا شۇ ئەزەلدىنكى تۇزكورلۇق تەبىئىتى بولۇپ، ئۇ مەڭگۆگە !ئۆزگەرمەيدۇ ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۇنى شۇ بۇيىچە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. نېمە ئۆچۆن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ يوقالغانلىقى ۋە تۇزكورلۇقنىڭ ئومۇملاشقانلىقىغا ھەسرەتلىنىمىز؟ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى ئونتۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىمىز ئۆچۆن كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى كۆتىدىغان بولساق، ئۆزىمىزگە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى كەلتۆرگەن»بولىمىز بۇ سۆز ئازراق ئوچۇقلىنىشقا مۇھتاج. ياخشىلىققا تۇزكورلۇق، ۋاپاغا جاپا قىلىش يامان خۇلۇقتۇر. كىشىلەر بۇنداق يامان خۇلۇقتىن قۇتۇلىشى لازىم. ئۇلارغا ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، ئېرىشكەن ئىھسانلارنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىش ئىسا ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى. (ئادىيات -6 سۆرىسى ئايەت.) )«كېرەك 1 (. ئىسلام دىنى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ئىسلام دىنى كىشىلەرنى نېمەت بەرگۆچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن ئادا قىلىشقا، ئەگەر باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن ياخشىلىق بەدىلىگە ئۇلارغا بېرىشكە ماددىي مۇكاپات تاپالمىساق تىلىمىز بىلەن رەھمەت ئېيتىشقا كۇپايىلىنىپ، ئۇنىڭ تولۇق مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىشىگە تاپشۇرۇش بىلەن كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرۈشىمىزگە چاقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپاتىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسەڭلار، نېمەتكە شۆكۆر قىلغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەش يۆزىسىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن شۆكۆرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە شۆكۆر قىلغۇچىلارنى )«ياقتۇرغۇچىدۇر 2 (. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىراۋ تەرىپىدىن ئاتا ئېھسانغا ئېرىشكەن كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە لايىق نەرسە تاپالىسا مۇكاپاتىنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر تاپالمىسا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسۇن. ھەقىقەتەن نېمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئادەم شۆكۆر قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرغان ئادەم نېمەتكە كۇپرىلىق قىلغان )«بولىدۇ 3 (. ئۇ يەنە مۇنداق «: دېگەن كىشىلەردىن كەلگەن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى 4 بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقا شۆكۆر قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمدۇر». يەنە بىر ھەدىستە: «ئازغا شۆكۆر قىلمايدىغان ئادەم كۆپكىمۇ شۆكۆر قىلمايدۇ، كىشىلەرگە 5 رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىگەن ئادەم ئاللاھقىمۇ شۆكۆر قىلمايدۇ».
جاۋاب: ئىھساندىمۇ-خەير ئەلۋەتتە نىيەتنىڭ دۇرۇس ۋە توغرا بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. چۆنكى نىيەت ھەر قانداق بىر ئىبادەتتە-ئەمەل تەلەب قىلىنىدۇ. مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزالىي مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: « ئىسلام دىنى مىننەتدارلىق بۇرچىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ رەزىللىكىنى سۆكۆش بىلەن بىرگە ئىھسان-خەير ئىگىلىرىدىن ئەمەللىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۆچۆن خالىس قىلىشلىرىنى تەلەب قىلىدۇ. چۆنكى نىيەتتە شەكىلۋازلىق قىلىش ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ. تەقدىرلەشكە سازاۋەر بولىدىغان ياخشىلىق بىراۋنىڭ رەھمەت ئېيتىشى ياكى مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىنى كۆزلىمەستىن، پەقەخالىس ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلەپ قىلىنغان ياخشىلىقتۇر. ئىسلام دىنى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بۇيرۇشتا كۆڭۆللەرنى دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە چوقۇنۇشنىڭ قۇللىقىدىن ئازات قىلىش ئارقىلىق ئۇنى مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھقىلا يۆزلەندۈرۈشنى مەخسەت قىلغان. مۇنداق كۆڭۆل ھەر قانداق بىر ياخشىلىقنى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ياكى ئابرويغا ئىگە بولۇش تەمەسىدىن قەتئىينەزەر ئىچىدىن كەلگەن تەبىئىي قىزىقارلىق، ھەقىقىي سەمىمىيەت ۋە ساپ نىيەت بىلەن قىلىدۇ. مانا بۇنداق ئالىيجاناپلىق ھەقىقىي ئىھساننىڭ تۆرتكىسىدۇر. مانابۇ ھەر قانداق گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئۆلگىسىدۇر. ئاللاھ خالىس ئۆزى ئۆچۆن قىلىنغانلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ ئىسلام دىنىنىڭ قەلبلەرنىـ پاك تۇتۇش ۋە ئىخلاسلىق بولۇشقا چاقىرىشى، شۇنداقلا ھەر ئىشتا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەش، ئەمەللەرنى رىيا، نىفاق ۋە ھەر قانداق بىر دۇنياۋى غەرەزلەردىن خالىي ھالدا ساپ قىلىشنى شەرت قىلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق «: دېگەن ئاللاھ مۇنداق مەن“دېدى ئەڭ ياخشى ھەمراھمەن. كىمكى ماڭا بىراۋنى شېرىك قىلىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ شېرىكىگە مەنسۇپ “بولىدۇ. ئى !ئىنسانلار ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ئۆچۆن خالىس قىلىڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىخلاسلىق ئەمەللەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ. سىلەر بۇ”ھەرگىز ئاللاھ ۋە سىلە ـ رەھىم دېمەڭلار“ئۆچۆندۇر. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سىلە ـ رەھىم ئۆچۆنلا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۆچۆن قىلىنغان ھېچ نەرسە يوق. بۇ”سىلەر ئاللاھ ۋە سىلەرنىڭ خاتىرەڭلار دېمەڭلار“ئۆچۆندۇر. بۇ ۋاقىتتا ئۇ پەقەت شۇ خاتىسى قىلىنغان ئىنسانلار 1 ئۆچۆن بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۆچۆن ھېچ نەرسە يوق». بۇ ھەدىس تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان. چۆنكى «سىز بۇ ئىشنى ئاللاھ ئۆچۆن ۋە پالانىنىڭ خاتىرىسى يۆزىسىدىن دېگىنىڭىزدە»قىلىمەن، سىز ئومۇمەن مەزكۇر پالانىنىڭ خاتىرىسىنى كۆزلىگەن بولىسىز، بۇنىڭدا ئاللاھ ئۆچۆن نېسىۋە يوق. ئەگەر ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۆچۆن نېسىۋە بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۆنكى ئاللاھ ئۆزى ئۆچۆن خالىس قىلىنغان ئەمەللەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ !ئەمەسمۇ؟ ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىز پۆتۆن ئىش ـ پائالىيەتلىرىمىزدە نىيىتىمىزنى ۋە ئەمەللىرىمىزنى كىشىلەرنىڭ ماختىشى، مىننەتدارلىق بىلدۈرىشى ۋە رەھمەت ئېيتىشىنى كۆتمەستىن، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش، ئابروي قازىنىش ۋە باشقىمۇ دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى 1 كۆزلىمەستىن پەقەت ئاللاھ ئۆچۆنلا خالىس قىلىشىمىز كېرەك».
جاۋاب: سەۋر - كۆڭۆل ھاۋايى – ھەۋەسنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئەقىلنىڭ ۋە شەرىئەتنىڭ نىداسىغا قولاق بېرىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۆمىد قىلىپ، بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش، ئازار، كۆلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا، مۇسىبەتلەرگە ۋە بالايىئاپەتلەرگە چىداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقاتماسلىق دېگەنلىكتۇر. سەۋرنىڭ مۇكاپاتىمۇ چوڭدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: سەۋر﴿ قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق 2 ساۋاب بېرىمىز﴾ دېگەن ئايەت بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
جاۋاب: ھەقىقىي سەۋر ئىنساننى گۇناھ، مەسىيەتلەردىن توسىدۇ ۋە ئۇ ئىشلارنى قىلماسلىققا ئۆندەيدۇ. ھەقىقى سەۋر ۋە چىدامغا ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت – تىت بولمايدۇ، گاڭگىراپ قالمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ چۆشىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە سىناقتىن ئۆتۆش ئۆچۆن كۆچ سەرپ قىلىدۇ. سەۋر كۆپلىگەن كىشىلەر چۆشەنگەندەك، ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا ۋە يامانلىققا كۆز يۇمۇپ جىم تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە، يامانلىقنى قايتۇرۇش، زۇلۇمنى يوق قىلىش ۋە ھەققانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇش ئۆچۆن ھارماي – تالماي ئىشلەش ۋە بۇ يولدا چىداملىق بولۇش سەۋرنىڭ جەۋھىرىدۇر.
جاۋاب: ئادەتتە ئۆزى قىزىقىپ كەتمەيدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، قىزىقىدىغان نەپسانىيەتچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىش پەقەت سەۋرچانلىق بىلەنلا ئەمەلگە مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد «غەزالىينىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ناملىق»يېڭىلاڭ ئەسىرىدىن. (نەھل 16 سۆرىسى – ئايەت.) ئاشىدۇ. چۆنكى ئىرادىلىك كىشىلەر ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، نەپسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىستەكلىرىنى سەۋرچانلىقىنىڭ سايىسىدا قايرىپ قويالايدۇ ۋە يولىغا داۋام قىلىدۇ. ئۆرۈكنى پىشىشتىن بۇرۇن قېقىۋەتكەن باغۋەن مول ھوسۇلدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۆتىدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. ئىنسان ئۆزىنى سەۋر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايدىغان، مەنزىل يىراق بولسىمۇ ئۆمىدسىزلەنمەيدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىق قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ ئۆستىگە ئېلىشتىن قورقمايدىغان، ئىرادىلىك، پاراسەتلىك، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ھامان ئوڭايلىقنىڭ، قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن يورۇقلۇقنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئۆمىدۋارلىق، يىراقنى كۆرەر، تەدبىرلىك بولۇشى لازىم.
جاۋاب: سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇش ھەر قانداق بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. سەۋر بىلەن چىدام ئىنسان ئۆزىنىڭ روھى ۋە نەپسىي خاھىشى بىلەن كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان گۆزەل ئەخلاق بولۇپ، بىر ھەدىستە: «ھېچكىمگە سەۋردىنمۇ ياخشىراق 1 سوۋغا بېرىلگىنى يوق» دېيىلگەن. چۆنكى سەۋرچانلىق بىلەن چىدام ئىنساننىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
جاۋاب: ئىنسان رېئال تۇرمۇشتا تەقدىرنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا ئۇچرايدۇ. بەزىلىرى شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋايساپ تەقدىردىن ۋە زاماندىن ئاغرىنىدۇ، سىناقلار ئالدىدا تەمتىرەيدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن سىناق دەپ قارىمايدۇ. نەتىجىدە شۇ سىناقلاردىن ئۆتەلمەي بىر ئۆمۆر قايمۇقىدۇ. بەزىلەر بولسا سىناق ۋە كۆلپەتلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ سىناق ۋە كۆلپەتلەرنى يېڭىش ئۆچۆن بارلىق سەۋەبلەرنى ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئاللاھنى ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، سىناقلاردىن ئۆتۆشكە ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سەۋر قىلغانلىقىغا ۋە چىداملىق بولغانلىقىغا كاتتا ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە پەقەت﴿ سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾ دەپ كۆرسىتىلگەن. چىداملىق بولۇش تۇرمۇشقا ئادىل قارايدىغان كىشىلەرنىڭ شوئارى، پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مىزانى بولۇپ، سەۋر بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەۋرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن قىيىن. شۇڭا ئۇسۇلى خەمسەدە رىۋايەت قىلىنغان. ) ( زۇمەر -10 سۆرىسى ئايەت. ()2 چىداملىق بولۇش ئۆچۆن سەۋرچان بولۇش كېرەك.
جاۋاب: نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ تائالا ساۋاب ۋە كۆپ ئەجىر بېرىشنى ۋەدە قىلغان سەۋرچانلىقنى توغرا چۆشەنمەستىن، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە ۋە ئېزىلىشكە رازى بولۇپ قاراپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى سەۋردىن سانايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا چۆشەنچە بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق قىلغۇچىلارنى يامان كۆرىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: ئۆزلىرى﴿ مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۆمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ 1 چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ )يوقمۇ؟ ( ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۆڭلار» دېدى ئۇلار) (ئۆلدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ) (نېمىتىگە شۆكۆر 2 قىلمايدۇ﴾ دېگەن ئايەتتە قىسسىسى بايان قىلىنغان ئىنسانلارمۇ زۇلۇمغا رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقىشنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۆچۆن ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچرىغانلار ئىدى. بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلدىن بىر قەۋمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبىرى ئۇلارنى دۈشمەنگە ) ( قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار ئۆلۆمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان، ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلگەن، ئاندىن پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسى بىلەن تىرىلگەن. مەنىۋى بايلىق ھەقىقىي بەخت – سائادەتتۇر بەختكە ئېرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى، مەيلى ساددا پىكىرلىك ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ياكى يېتىشكەن مۇتەپەككۇر، ئالىم بولسۇن ھامان بەختكە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ. شاھلار ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا بەخت ئۆچۆن ئاھ ئۇرسا، گادايلار غەرىبانە كۆلبىلىرىدە بەخت ئىزدەپ چوت سوقىدۇ ۋە ئەڭ شېرىن چۆشلەرنى كۆرىدۇ. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، مەنىۋىيىتى ساغلام، ئەقىل – ھوشى جايىدا بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە جاپا – مۇشەققەت ئىزدىمەيدۇ، ئۆز بەختسىزلىكىگە رازى بولمايدۇ. بىراق ئۇ ئاھ ئۇرۇپ، بۇ چوت سوقۇپ ئىزدەۋاتقان، ئىنتىلىۋاتقان بەخت زادى قەيەردە؟ ھەقىقىي بەخت زادى نېمىدە؟ بەختنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟ تارىختا تالايلىغان كىشىلەر بەخت ئىزدەپ ياشىدى. ئۇنىڭ ئۆچۆن توختاۋسىز كۆرەش قىلىپ كەلدى. بىراق ھەقىقىي بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىلەر بەخت ئەسلا مەۋجۇد بولمىغان جايلاردىن بەخت ئىزدەپ خۇددى باياۋاندىن گۆھەر ئىزدىگەن كىشىدەك ھالسىرىغان، سالپايغان ھالدا قۇرۇق قول قايتىشتى. دەرۋەقە كىشىلەر ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان، ماددىي مەئىشەتكە چۆككەنسېرى، نەپسىي خاھىشلىرىغا بېرىلگەنسېرى يېڭى كىرىزىسلارغا پېتىپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنداقتا بەخت زادى نەدە؟ ئۇ نېمىدە؟ جىسمانىي ئېچىرقاش تەننى زەئىپلەشتۆرۈپ، ئىنساننى نورمال جىسمانىي مەشغۇلات ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلسا، مەنىۋى ئېچىرقاش ئىنساننى ساغلام تەپەككۇر قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ مەھرۇملۇق ھەر بىر ئىنسان ئۆچۆن بىر پاجىئەدۇر. پاجىئە بولغاندىمۇ ھەر قانداق بىر پاجىئەنى بېسىپ چۆشىدىغان، ئۆز ئىچىدىن تۆگىشىش پاجىئەسىدۇر.
جاۋاب: بالىلار ھاياتلىقتىكى گۆھەرلەر. خۇددى ئەجدادلار «بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار» دېگەندەك، بالىلارسىز تۇرمۇشتا سائادەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا سائادەت-بەخت بالىلاردا دېيەلمەيمىز. چۆنكى رىئاللىقتا كۆرىۋاتىمىزكى، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادارلىق بىلەن ھەقلىق يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى تۇزكورلارچە قاقشاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. بالىلار بىز ئۆچۆن ئاللاھ تائالادىن بېرىلگەن نېمەت بولغىنىدەك، بىر تۆرلۇك سىناقتۇر. سىناقلاردىن ھەممىلا ئادەم ئۇتۇپ چىقالمايدۇ. بىلىڭلاركى)، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار 1، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۆچۆن بىر تۆرلۆك )(.سىناقتۇر ( ئەنفال -28 سۆىرىسى ئايەت. ) (.
جاۋاب: بىزگە يىراقنى يېقىن، قىيىننى ئوڭاي قىلىپ بېرىپ تۇرمۇشىمىزغا ھېسابسىز قولايلىقلارنى بەخش ئەتكەن پەن – تېخنىكىمۇ بىزنى بەختلىك قىلىشقا قادىر ئەمەس. ئەنگىلىيىنىڭ ھازىرقى زامان پەيلاسۇپى روسسېل «ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرەشتە پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ غەلىبە قىلدى. بىراق ئۆزى-ئۆز بىلەن بولغان كۆرەشتە غەلىبە قىلالمىدى. بۇ كۆرەشتە پەن – تېخنىكا ئەسقاتمىدى» دەپ يازىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى كۆتۆرۈلگەن، ماددىي تۇرمۇش ۋاستىلىرى قولاي بولغان، يېمەك – ئىچمەكتىن غەم – ئەندىشىسى بولمىغان، تۇرالغۇلىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەتتا يېزا ئىگىلىككە قەدەر يۆكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشقان، زامانىۋىلاشقان، ئومۇمەن باياشاتچىلىققا تولغان تەرەققى تاپقان ئەللەرگە قارايدىغان بولساق، شۇ ئەل پۇقرالىرىدىن نۇرغۇنلىغانلىرى ھەر ۋاقىت تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكى، قەلب ئازادىلىكىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكلىرىدىن قاقشايدۇ. بەختلىك بولۇش ئۆچۆن باشقا يوللارنى ئىزدەپ يۆرىدۇ. لېكىن يەنىلا ئۆزلىرى بىزارلىق ھېس قىلىۋاتقان بۇرۇقتۇرما، بىر خىل قېلىپتىكى تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ. چۆنكى ئىنسان تەن ۋە روھتىن پۆتۆلگەن يارالما. ئۇ فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئاش نانغا مۇھتاج بولغاندەك، روھىي جەھەتتىنمۇ مەنىۋى ئوزۇققا مۇھتاج بولىدۇ.
جاۋاب: نۇرغۇن ئىنسانلار ماددىي ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، ماددىي يۆكسەكلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئاشۇ ماددىي پاراغەتلەردە بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەندەك قىلغان بىلەن، يەنە بىر قىسىم قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ئاستا – ئاستا ھېس قىلىشماقتا. دېمەك، مال دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى، قورساقنىڭ توق، كىيىمنىڭ پۆتۆن بولىشىلا بەختتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ بەختنىڭ ئەمەلگە ئېشىش يولىدىكى ئاساسلىق ئامىلمۇ ئەمەس. ئەكسىچە مال – دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى بىر مۇنچە كىشىلەردە تولا چاغلاردا غەم – قايغۇنىڭمۇ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ، ئاخىرەتتىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ بۇ كىشىگە نىسبەتەن بىر ئاپەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
جاۋاب: سائادەت-بەخت دەل !ئۆزىمىزدە ئۇنى قانداق ئېچىش ۋە قانداق ھېس قىلىش پەقەت بىزگە باغلىق ئىش. چۆنكى سائادەت-بەخت دېگەن مەنىۋىياتقا تەئەللۇق ئۇقۇم. شۇڭا ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈپ، تارازا بىلەن تارتىپ ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇنى بايلىق كانلىرىدىن ياكى ئوردا خەزىنىلىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنى پۇلغا سېتىپ ئالغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ھەقىقىي بايلىق 1 ماددىي بايلىق ئەمەس، بەلكى كۆڭۆلنىڭ بايلىقىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بەخت شۇنداق نەرسىكى، ئىنسان ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ھېس قىلىپ تەڭداشسىز لەززەتكە نائىل بولالايدۇ. ئۇ قەلبنىڭ ئارامى، ۋىجداننىڭ راھىتى، كۆڭۆلنىڭ روشەنلىكىدۇر. ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ يۆرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىلىرىغىچە ئازادىلىك بولىدۇ. بەخت ئىنسان قەلبىدىن ئۇخچۇپ تۇرىدۇكى، ئۇ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنمايدۇ. ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاتا قىلالمايدۇ. ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەر باشلىرىغا ھەر قانداق بالا يى – قازا، دىشۋارچىلىق كەلسىمۇ پسەنت قىلمايدۇ. تۇرمۇش ئۇلارنى مۇشەققەتلىرى بىلەن كۆتۆۋالسىمۇ، ئۇلار ھاياتلىققا مەردانە ھالدا كۆلۆمسىرەيدۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. ) ( ئەدەبلىك سۆزلەش گۆزەل ئەخلاقتۇر.
جاۋاب: تىل ــ ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، پىكىر، ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش قورالى. بىر شەخسنىڭ سۆزلەش سەنئىتى شۇ شەخسنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارى، ئەخلاق - پەزىلىتى، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سۆزلەش ماھارىتى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ھۆنەر - سەنئەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئالاھىدە چوڭ سەنئەت. ئىسلام دىنى تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنى قانداق جايلارغا ئىشلىتىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئۆگەتكەن. قۇرئان كەرىمنىڭ: ئۇلارنىڭ﴿ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوقتۇر، پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۆرشكە 1 بۇيرىغان نىڭ)كىشىلەر يوشۇرۇن (سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾. ياخشى سۆز قىلىش ۋە تىلنى ھەمىشە شۇنداق ياخشى سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدىن بىر پارچىدۇر. چۆنكى كۆڭۆلدىكى پىكىرنى-ئوي تىل بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە ئىپادىلەپ بېرىش ئېسىل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ.
جاۋاب: كىشىلەرگە سىلىق ۋە ياخشى سۆز قىلىشتا ئەلۋەتتە ئىبادەتنىڭ ساۋابى بار. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئالغان ئەھدىدىمۇ چىرايلىق سۆز قىلىشنى شەرت قىلغان. ئۆز﴿ ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا - ئانىغا، ئۇرۇغ - تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ئەھدە 2 ئالدۇق﴾. بۇ ئايەتتە كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلىش ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ئالدىدا كەلگەن. بۇنىڭدىن ياخشى ۋە چىرايلىق سۆزنىڭ ساۋاب جەھەتتە ناماز ۋە زاكاتنىڭ ساۋابىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. چۆنكى چىرايلىق سۆزدىن ئومۇم خەلق مەنپەئەتلىنىدۇ، ئەمما ئىبادەتتىن شۇ ئىبادەتنى قىلغان ئادەملا مەنپەئەتلىنىدۇ. شەكسىزكى، ئومۇمغا پايدىلىق بولغان ئەمەل شەخسنىڭ ئۆزىگىلا پايدىلىق بولغان ئەمەلدىن ئەۋزەلدۇر.
