داستىخان، كېسەل يوقلاش ۋە پاكىزلىق ئەدەپلىرى
داستىخان، كېسەل يوقلاش، سورۇن ۋە مۇھىت پاكىزلىقى (سوئال 934 – 967)
بۆلۈم: “داستىخان، كېسەل يوقلاش، سورۇن ۋە مۇھىت پاكىزلىقى (سوئال 934 – 967)”جاۋاب: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «يا !رەسۇلەللاھ مەن كىيىمىمنىڭ چىرايلىق، ئايىغىمنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياقتۇرىمەن. بۇ كىبىردىن «سانىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق» ، ئاللاھ تائالا گۆزەلدۇر 2، ئۇ گۆزەللىكنى ياقتۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
جاۋاب: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياقتۇرمايدىغان كىيىنىش تەكەببۇرلۇقنىڭ كىيىمى بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ئۆچۆن كىيلىدىغان كىيىملەردۇر. ئەرەبلەردە، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇدىغانلار كىيىمنى ناھايىتى ئۇزۇن كىيىدىغان بولۇپ، يەرگە تىگىپ تۇراتتى. ئىسلام شەرىئىتىدە، شىمنى ئوشۇقتىن ئېشىپ چۆشىدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن كىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىمۇ بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.
جاۋاب: ئادەم كەمتەرلىك قىلدىم دەپ ئۆزىنى كىشىلەرگە خور كۆرسىتىش، كىيىمىنى، چاچ - ساقىلىنى تۆزەپ، پاكىز، چىرايلىق يۆرۈشنىڭ ئورنىغا پاسكىنا ۋە كىر كىيىملەر بىلەن يۆرۈش، قولىدا بار تۇرۇپ چىرايلىق كىيىنمەسلىك ھەرگىزمۇ كەمتەرلىكتىن سانالمايدۇ. چۆنكى ھەر نەرسىنىڭ بىر چەك - چېگرىسى بولغىنىدەك، كەمتەرلىكنىڭمۇ چەك - چېگرىسى بار. ئۆزىنىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكەن كەمتەرلىك سۆكۆلۆشكە يۆز تۇتىدۇ. چۆنكى بۇ ھالدا، ئۇ كىشى يا كەمتەرلىكنى تەرك ئېتىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا ياكى كەمتەرلىكنى ئاشۇرۇۋېتىپ ئۆزىنى خور ئورۇنغا چۆشۆرۈپ قويۇشقا يول تۇتىدۇ. ھەر ئىككى ھالەت سۆيۆلمەيدۇ. شۇڭا كەمتەرلىك ئۆزىنىڭ چەك - چېگرىسى ئىچىدە بولۇشى لازىم. ئىبنى ماجە رىۋايىتى. ) ( مۇسلىم رىۋايىتى.
جاۋاب: دۇنيادا، مەنمەنچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەركىم ئۆزىنىڭلا پايدىسىنى ۋە دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن ئۆزىلا پايدىلىنىشنى ئويلايدۇ، كۆچىنىڭ يېتىشىچە مال ـ دۇنيا يىغىشنى كۆزلەيدۇ. ئىنسانلار تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىلمەستىن، مۇشۇ تەبىئىتى بويىچە قويۇپ بېرىلىدىغان بولسا، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋىجدانىغا ھاكىم بولغان، ئەقلى نەپسىي ھەۋەسلىرىگە ئەسىر بولغان، ئېلىشنى بىلىدىغان، بېرىشنى بىلمەيدىغان، ھەر ئىشتا پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلەيدىغان، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۆچۆن ئازراق پىداكارلىق قىلىشنىمۇ ياقتۇرمايدىغان، ھەمىشە «مەن ، «مەن دەيدىغان، بىز»«دېمەيدىغان، ھېچبىر زامان»ۋەتىنىم ، خەلقىم» دېيىشنى بىلمەيدىغان بېخىل، شەخسىيەتچى ئىنسانلار بىلەن تولغان بولاتتى. ئىلىم ـ پەن مەيدانغا كەلمىگەن، كەشىپىياتلار مەيدانغا كەلمىگەن ۋە جەمئىيەتمۇ تەرەققىي قىلمىغان بولاتتى. شۇڭا ساماۋىي دىنلار، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى، ئەخلاق ۋە سۇلۇكلىرىدىكى قىڭغىرلىقلارنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى پىداكارلىقنى ۋە قۇربان بېرىشنى بىلىدىغان، ئۆزى ئۆچۆنلا ئەمەس، باشقىلار ئۆچۆنمۇ ياشايدىغان، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىم دەپ تونۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدىغان گۆزەل ئەخلاقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
جاۋاب: جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۇنيا بىلەن پۆتۆنلىشىپ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى يولىدا شۇ مىللەت خەلقىنىڭ پىداكارلىقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىر مىللەت قەد كۆتۆرۈشى ئۆچۆن جاپادىن قورقمايدىغان، بارلىقىنى خەلقى، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۆچۆن ئاتايدىغان، ۋەتىنى ئۆچۆن ھەر نەرسىسىدىن كېچەلەيدىغان، مال ـ دۇنياسىنى پىدا قىلالايدىغان، زۆرۈر كەلسە جېنىنى بېرەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ئۆچۆن قۇربان قىلىدىغان، ئىرادىلىك، پىداكار شەخسلەرنى يېتىشتۆرۈپ چىقىشقا موھتاجدۇر.
جاۋاب: بۇنداق ئالىيجاناب، پىداكار شەخسلەرنى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرغان «ئىمان» ناملىق ئالىي مەكتەپتىن تاپقىلى بولىدۇ، ئۇلار مۇشۇ مەكتەپتىن يېتىشىپ چىقىدۇ. ئىمان ئۆز ۋاقتىدا ئەنە شۇنداق ئالىيجاناپ شەخسلەرنى يېتىشتۆرۈپ چىققان ۋە ھازىرمۇ يېتىشتۆرۈپ چىقىشقا قادىردۇر. ئىمان ئەنە ئاشۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ. ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرى بۇنىڭغا مىسالىدۇر. چۆنكى ئاللاھ تائالاغاـ ۋە قىيامەت كۆنىگە ئىشەنگەن مۆمىن كىشىـ ئاللاھ تائالا يولىدا سەرپ قىلغان مال ـ دۇنياسىغا، ئەقىل ـ پاراسىتىگە، جاپا ـ مۇشەققىتىگە، ئىلىم ـ ماھارىتىگە ۋە مۇندىن باشقا ئاللاھ يولىدا ئاتىغان ھەر نەرسىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ بىرگە 700 ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بېرىدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدۇ. چۆنكى ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان مال ـ دۇنيا ئۆچۆن قانچىلىك كۆپ مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى مۇنداق بىر مىسال بىلەن بايان قىلغان: ئاللاھ﴿ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ) قىلغان نەرسىسى يەرگە (تىكىلىپ يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر بىر باشىقىدا دىن 100 دان تۇتقان 1 بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ كۆپ بېرىدۇ﴾. ئال ئىمران سۆرىسى ـ 261 ئايەت.
جاۋاب: دۇنيادا مەردلىك بىلەن سېخىلىقنى ماختىمايدىغان بېرەر مىللەت، بېرەر دىن ۋە بېرەر پەلسەپە بولمىسا كېرەك. مەردلىك بىلەن سېخىلىق ماختاشقا تېگىشلىك گۆزەل ئەخلاق بولغىنىدەك، بېخىللىق بىلەن نامەردلىك پۆتۆن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۆلىدىغان ناچار خۇلۇقتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە بېخىللىق بىلەن نامەردلىك سۆكۆلگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: بېخىللىق﴿ قىلىپ ئاللاھنىڭ) (ساۋابىدىن ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز، ئۇ دۇزاخقا 1 تاشلانغاندا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ﴾. ئەمما مەردلىك بىلەن سېخىلىققا كەلسەك، قۇرئان كەرىم بۇ گۆزەل ئەخلاقنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ بىردىنبىر سۆپىتى بولغان ھالدا، قۇرئاننىڭ بېشىدىلا ماختايدۇ: ئۇلار﴿ غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ 2، ئۇلار بىز بەرگەن مال ـ مۆلۆكتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ ..قىلىدۇ﴾.
جاۋاب: ئەرەبلەردە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆتكەن ھاتەم تائى دېگەن بىر ئادەم مەردلىك ۋە سېخىلىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلگىسى ۋە نەمۇنىسى بولۇپ ئۇتكەنىكەن. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى شائىرلاردىن باشلاپ تاھازىرغىچە ھەرقانداق بىر شائىر شېئىرلىرىدا ھاتەمنى سېخىلىق بىلەن مەردلىكنىڭ ئابىدىسى قىلىپ ماختايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ھېكايە، چۆچەكلەردىمۇ ھاتەم مەردلىك بىلەن سېخىلىقنىڭ نەمۇنىسى قىلىپ ئوبرازلاشتۇرۇلغان.
جاۋاب: ھاتەمنىڭ ئەكسىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا قارۇن ئىسىملىك بىر باي ئۆتكەن بولۇپ، قارۇن بېخىللىق بىلەن نامەردلىكنىڭ بىردىنبىر ئوبرازى بولۇپ قالغان. دۇنيادىكى بارلىق ساماۋىي دىنلاردا ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە قارۇن ئوبرازى لەنەتكار بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئېيتىلىشىلارغا ئاساسلانغاندا، قارۇن ئىنتايىن چوڭ باي ئىكەن، ئۇنىڭ خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى 40 تۆگە ئاران كۆتۆرىدىكەن. قۇرئان كەرىم بۇ قىسسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: قارۇن﴿ مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۆرۈش) كۆچلۆك بىر لەيل سۆرىسى 8 12 ـ ـ ئايەتلىرى. جامائەتكىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: كۆرەڭلەپ› كەتمە، كۆرەڭلەپ كەتكۆچىلەرنى ئاللاھ زادى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئونۇتمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ئاللاھ نىڭ) (بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلغىن، بېخىللىق) (قىلىپ يەر يۆزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى زادى ‹ياقتۇرمايدۇ قارۇن: مېنىڭ› ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن، بۇ بايلىققا ‹ئېرىشتىم دېدى 1﴾. ئايەتتە كۆرگىنىمىزدەك، قارۇن مال ـ دۇنياسىدىن ئېھتىياج ئىگىلىرىگە چىقىم قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ مال ــ دۇنيالىرى بىلەن بىرگە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ. قارۇننى﴿ ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇۋالالايدىغان بىرەر جامائە 2 بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى﴾. بۇ باشقا ساماۋى دىنلارنىڭ كىتابلىرىدىمۇ قەيت قىلىنغان مەشھۇر ھادىسىدۇر.
جاۋاب: دۇنيادا توننىلاپ ئالتۇن ۋە مىليارتلاپ دوللەر يىغقان مىلياردىرلارنىڭ نام ـ نىشانىسى قالماستىن، ئازراق بايلىقى بولسىمۇ شۇ بايلىقىدىن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئېھىياجلىرى ئۆچۆن ياردەم قىلغان جان كۆيەرلەرنىڭ نام ـ شۆھرىتى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئېلىپ، تىللاردا مەدھىيىلىنىپ كەلمەكتە. دۇنيادا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ نام ـ نىشانىسىنىڭ ياخشى ئاتاق بىلەن قېلىشىنى، خۇددى ھاتەمدەك، مەردلىك بىلەن سېخىلىقنىڭ ئۆلگىسى بولۇپ، ئەۋلادلىرىنىڭ تىللىرىدا ماختىنىشنى، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىمۇ شان ـ شەرەپلىك بولۇشنى ياقتۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭدەك، دۇنيادا ھېچكىم ئۆزىنىڭ نام ـ نىشانىسىنىڭ قارۇندەك بېخىللىققا ۋە نامەردلىككە مىسال بولۇپ قېلىشىنى ۋە خەلقىنىڭ ئېغىزىدا لەنەتكار بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ.
جاۋاب: ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ راۋاج تېپىشى ئۆچۆن شۇ جەمئىيەتتىكى بايلارنىڭ ــ مەرد بايلارنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۆرۈلۆشىدىمۇ شۇ دۆلەتتىكى بايلار ئالاھىدە سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بايلىرىڭلار بېخىللىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، سىلەرگە يەرنىڭ ئۆستىدىن ئۇنىڭ ئاستى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ» دېگەن. مۇندىن قەسەس سۆرىسى 76 ـ 77 ـ 78 ـ ئايەتلەر. (قەسەس سۆرىسى 81 ــ ئايەت.) باشقا، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىلىم ـ پەن، تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە كەشىپىياتلار ئەڭ ئاۋۋال بايلارنىڭ قوللىشى ۋە ماددىي جەھەتتىن سېخىلەرچە ياردەم قىلىشى سايىسىدا ئۆز مېۋىلىرىنى بېرىپ كەلمەكتە. ئىلىم دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادەتلەرگە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. كۆپ ھاللاردا بۇ ئىلىمنى ئېلىش ۋە بېرىش ئىشلىرى ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىقتۇر. كۆپ ھاللاردا بىلىم بىلەن بايلىق بىر ئادەمدە جەم بولمايدۇ. شۇڭا ئالىم ئىلمى بىلەن، باي پۇل ـ مېلى بىلەن جەمئىيىتىگە، دىنىغا، مىللىتىگە خىزمەت قىلىدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا بىرەر ئادەمگە بايلىق ئاتا قىلسا ئۇنى ئىككى مەقسەت بىلەن بېرىدۇ: بىرى، ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىش يۆزىسىدىن؛ يەنە بىرى، ئۇنى سىناش يەنى بۇ بايلىقنى ئۆز يولىدا قوللىنامدۇ ياكى بېخىللىق قىلىپ بېسىپ ياتامدۇ، دەپ ئىمتىھان قىلىش ئۆچۆن بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە: سىلەرنىڭ﴿ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار بىر 1 تۆرلۆك سىناقتۇر﴾ دەيدۇ. مۇسۇلمانلارغا تەۋسىيە قىلىپ: بىرىڭلارغا﴿ ئۆلۆم كېلىپ: !پەرۋەردىگارىم› نېمىشقا مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۆرمىدىڭ، سەدەقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ‹ئىدىم دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن 2 نەرسىلەردىن سەرپ قىلىڭلار﴾ دەپ بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا رىزىق قىلىپ بەرگەن، نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۆچۆن ۋەسىلە بولىدىغان مال ـ دۇنيانىڭ، ئۇنى ئۆز يولىدا ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ياخشى ئادەم ئۆچۆن ئىككى دۇنيالىق بەخت ـ سائادەتلەرنىڭ ئاچقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئىخچاملا مۇنداق «ياخشى : دېگەن ئادەمنىڭ قولىدىكى مال ـ دۇنيا 3 نېمىدېگەن ياخشى».
جاۋاب: بېخىللىققا ئادەتلەنگەن خەلق مال - دۇنياسىغا بېخىللىق قىلغانلىقتىن، جېنىدىن، نومۇسىدىن، ھەتتا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۆنكى ئادەتتىكى ئېھتىياجلىق تەرەپلەرگە پۇل ـ مال سەرپ قىلىشتىن بېخىللىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن بىر خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ۋەتىنى ئۆچۆن پۇل ـ مېلىغا بېخىللىق قىلغانلارنىڭ ئۇنىڭ يولىدا جېنىنى بېرەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ تارىخنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يەكۆنى.
جاۋاب: ئاللاھ ئاتالا بېخىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى ئىخچام بايان قىلىپ: كىمكى﴿ بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۆچۆن بېخىللىق قىلىدۇ﴾ دېگەن. بۇ ھەقىقەت ھەر زامان ۋە ھەر جايدا ئىسپاتلىنىپ كەلمەكتە. ئىسلام تارىخلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، چىڭگىزخان باغداتنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئىسلام خەلىپىسى دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ يولدىن ئېزىپ چىرىكلەشكەن باغدات پادىشاھىنى تىرىك تۇتۇپ، ئۇنىڭ يىغقان ئالتۇنلىرىنى ئېرىتىپ ئاغزىغا قۇيۇپ ئازاپلاش بىلەن ئۆلتۆرۈپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا چىڭگىزخان جاۋاب بېرىپ: «بۇ پادىشاھ شۇنچە كۆپ ئالتۇننى ئوردىسىنىڭ تېگىگە كۆمۆپ ساقلاپ ياتماستىن، ئۇنى سەرپ قىلىپ ئەسكەر كۆچى تەييارلاپ بىزگە قارشى تۇرغان بولسا، بەلكى مەملىكىتىنى ساقلاپ قالغان بولار ئىدى. سىلەرنىڭ بېخىللىقىڭلار سەۋەبىدىن ئاللاھ مېنى سىلەرگە جازا ئورنىدا ئەۋەتتى» دەپتۇ.
جاۋاب: تارىخنىڭ يۇقىرىقى ئاچچىق ساۋاقلىرى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿ بېخىللىق قىلغۇچىلار بېخىللىقىنى ئۆزلىرى ئۆچۆن پايدىلىق دەپ گۇمان 2 قىلمىسۇن، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلار ئۆچۆن زىيانلىقتۇر﴾ دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىز ئەزەلدىن تىرىشچانلىقتا، مەرد ۋە سېخىلىقتا ئۆلگىلىك بىر مىللەتمىز. بىزدىكى سېخىلىق، پىداكارلىق، مېھماندوستلۇق ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىش روھىدىن ئىبارەت ئىسلامىي ئەخلاقىمىز ۋە مىللىي ئەنئەنىمىز تۆرلۆك سەۋەبلەر بىلەن ئاجىزلىشىپ، ئاستا ـ ئاستا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقتىن، ئۆزىمىزنىلا ئويلاپ بىغەم، ھېسسىياتسىز ياشايدىغان بولۇپ قالغانمىز. بۇرۇن ھاتەملەرنىـ تۇغقان ئۇيغۇر ئانىلىرى، ئەمدىلىكتە قارۇنلارنىلا تۇغمىغان بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. مۇھەممەد سۆرىسى 38 ـ ئايەت. ) ( ئال ئىمران -180 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: ئىنسانلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئار ئۇچراشقىنىدا بىر - بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن بولۇپ، سالاملىشىش بىز ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يوسۇن- قاتارىدىن سانىلىدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېھرى – مۇھەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۆللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زور سېھرىي كۆچكە ئىگە بىر ئىشتۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا بىر - بىرى بىلەن سالاملىشىش ئادىتى ئۇلار بارلىققا كەلگەندىن بېرى مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلاردىكى ئۆز ئارا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇنى ناھايىتى مولدۇر.
جاۋاب: بىز ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش بەزىدە قول ئېلىشىپ، بەزىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۆش يولى بىلەن بولىدۇ. دائىم كۆرۈشۆپ تۇرىدىغانلار ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۆش قىسقارتىلىدۇ. قۇچاقلىشىش تېخىمۇ قىسقارتىلىدۇ. بەزىلەر بىر تەرەپتىن سالاملىشىپ، بىر تەرەپتىن ئوڭ قولىنى كۆكرەككە قويىدۇ. بۇ سالامنىڭ چىن يۆرەكتىن چىققانلىقىنى، چىن دىلىدىن ئامانلىق تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر ئوڭ قولىنى بېرىپ كۆرۈشۆپ، سول قولىنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ بىلىكىگە قويىدۇ. بۇ بەدەننىڭ بىر پۆتۆنلۆكىنى ۋە سالاملاشقۇچىلارنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
جاۋاب: سالامنى ئاۋۋال باشلاش سۆننەت بولسا، ئۇنى قايتۇرۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: سىلەرگە) بىراۋ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام 1 بىلەن جاۋاب بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن (قايتۇرۇڭلار ) ( دەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى، تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىش ئەسسالامۇ«ئەلەيكۇم ئاللاھنىڭ) ئامانلىقى سىلەرگە»(بولسۇن دەپ سالام بەرگەن كىشىگە: ۋەئەلەيكۇم«ئەسسالام، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ ئاللاھنىڭ) ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە»(بولسۇن دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، سالامنى ئەينەن قايتۇرۇش دېگەنلىك: ۋە«ئەلەيكۇم ئەسسالام سىلەرگىمۇ) ئاللاھنىڭ ئامانلىقى»(بولسۇن دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتۇر. سالام بەرگۆچى گەرچە يالغۇز بىرلا كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشتا يەنى«ئەلەيكۇم دېيىلىدۇ (…سىلەرگە). چۆنكى قارشى تەرەپ نىڭ كۆپچىلىك» ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە بىرلىك ئەكس ئەتتۆرۈلگەن.
جاۋاب: ئىككى كىشى ئۇچراشقىنىدا بىر – بىرىگە سالام بېرىشى دۇنيادا ھەركىم ياقتۇرىدىغان گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلىرى 6 بولۇپ، ئۇلار: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، چاقىرسا بېرىش، نەسىھەت سورىسا نەسىھەت قىلىش، چۆشكۆرسە «ئەلھەمدۇ «لىللاھ دېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش 1، ئۆلۆپ كەتسە نامىزىغا بېرىش» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: سىلەر» مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر – بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر - بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا 2 سالاملىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».
جاۋاب: سالام بېرىشتە كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۆپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا ۋە قاتناش ئۆستىدىكىلەر پىيادىلەرگە سالام بېرىدۇ. شۇندقلا سىرتتىن كەلگەنلەر شۇ يەردىكىلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا، ئېرى ئايالىغا، مېھمان ساھىبخانغا سالام بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق «: دېگەن ئۇلاغ ئۆستىدىكىلەر پىيادىلەرگە، مېڭىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا، كىچىكلەر چوڭلارغا 3 سالام بېرىدۇ». ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
جاۋاب: كېسەللەرنى يوقلاش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىلارنىڭ قويۇقلىشىشىغا، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۆرۈشكە ۋە ئۆزئارا دوستلۇقنى كۆچەيتىشكە تۆرتكە بولىدىغان مۇھىم بىر ئامىل. كېسەللەرنى يوقلاشنىڭ پەزىلىتى ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىش، يېتىملەرنىڭ باشلىرىنى سىلاشتەك ساۋابلىق ۋە ياخشى ئىشتۇر. بىر ھەدىستە: «ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىڭلار، كېسەللەرنى يوقلاڭلار، ئەسىرلەرنى 1 قۇتقۇزۇڭلار» دەپ كەلگەن. بىرەر مۇسۇلمان كېسەلنى يوقلاش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىدۇر.
جاۋاب: باشقا دىندا بولغان ئۇرۇق – تۇغقان، قۇلۇم – قوشنا ۋە يار – بۇرادەرلەردىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلار بولسا، ئۇلارنى باشقا دىندا دەپ تاشلىۋەتمەستىن يوقلاش ياخشى ئىشلار قاتارىدىن سانىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر يەھۇدىي دىنىدىكى بالىنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بارغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. چۆنكى مۇسۇلماننىڭ ئۆستىدە مۇسۇلمان قوشنىسىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىككى ھەق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلىق ھەققى، يەنە بىرى قوشنىدارلىق ھەققىدۇر. باشقا دىندىكى قوشنىسىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر ھەق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قوشنىدارلىق ھەققىدۇر. قوشنىدارلىق ھەققى ناھايىتى مۇھىم ۋە چوڭ ھەق بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلىش مۇھىمدۇر. باشقا دىندا بولغان كېسەل قوشنىنى يوقلاشمۇ قوشنا ھەققىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىق ئېتىبارى بىلەن ساۋابلىق ئىشتۇر.
جاۋاب: كېسەللەرنى يوقلاپ كىرگەن ئادەم كېسەل كىشىنىڭ يېنىدا كۆپ ئولتۇرماسلىقى، تولا گەپ سوراپ ئۇنى بىئارام قىلماسلىقى ۋە قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى سورىماسلىقى لازىم. چۆنكى مۇنداق قىلىش كېسەل كىشىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چۆشۆرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. بەزى كىشىلەر نادانلىقتىن كېسەل بولغۇچىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى سورايدۇ. كېسەل بولغۇچى كېسىلىنى ئېيتىپ بەرسە، ئۇلار: «پالانى ئادەم مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئۇزۇن يېتىپ قېلىپ، ئاخىرى ساقىيالماي ئۆلۆپ كەتكەن» دېگەندەك ئازاپلىق سۆزلەرنى كېسەلنىڭ ئالدىدا ئېيتىپ، ئۇنىڭغا روھىي ئازاب بولىدىغان ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنداقلا، كېسەل ئادەمنىڭ يېنىدا مۇسىبەتلىك خەۋەرلەرنى ۋە ئېچىنىشلىق، پاجىئەلىك خەۋەرلەرنى ئېيتماسلىق لازىم. چۆنكى مۇنداق قىلىش كېسەل كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئازابلايدۇ.
جاۋاب: ئىنسانلار ھاياتلا بولىدىكەن، ئۆزئارا بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ھەم توپلىشىپ ياشاشقا موھتاج بولىدۇ. ئىنسانلار توپلىشىپ ياشىغان ئىكەن، ئۇلاردا بىر يەرگە جەم بولۇش ۋە بىر سورۇندا بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. سورۇندا بىرى-بىر بىلەن جاي تالاشماسلىق، بىرىنى-بىر قىستاپ قويماسلىق، كەلمىگەنلەر ئۆچۆن ئورۇن ئىگىلەيمەن دەپ ئورۇن تالاشماسلىق. تولا سۆزلەپ بىرىنى-بىر زېرىكتۆرمەسلىك قاتارلىقلار سورۇننىڭ ئەخلاقلىرىدىن-ئەدەب سانىلىدۇ.
جاۋاب: سورۇنغا كەلگەن كىشىلەر ئۆز ئارىسىدىكى بىلىمى يۇقىرى كىشىلەرنى ۋە تالانت ئىگىلىرىنى ئاۋۋال سورۇنغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاندىن شۇ بويىچە كىرىشى لازىم. سورۇنغا كەلگەن مېھمانلارنى كۆتۆۋېلىش ئۆچۆن ئۆي ئىگىسى ئورنىدىن قوپۇپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىشى، سورۇنغا كىرگەنلەر سورۇنداشلارغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىپ كىرىشى، سورۇنغا كىرگەن ئادەم ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتە ئارتۇق، ياش جەھەتتە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سورۇنغا ئىلگىرى كىرىپ ئولتۇرغان كىشى بىلەن ئورۇن تالىشىپ ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىۋەتمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا سورۇنغا كىرگەن كىشىنىڭ يېقىن ئولتۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ ئولتۇرىشى توغرا ئەمەس. سورۇنغا كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى ۋە ياشانغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ئۆچۆن، سورۇنداشلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشىگە بولىدۇ. ئەمما ئۆزىنى چوڭ ساناپ، باشقىلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلدۇرۇش ئۆچۆن ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزماقچى بولغانلارغا تۇرماسلىق كېرەك.
جاۋاب: سورۇنغا كىچىكىپ كەلگەن ئادەم كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سورۇنداشلارنى قوزغاپ قويماسلىق ئۆچۆن، قەيەردە بىكار ئورۇن تېپىلسا شۇ يەردە ئولتۇرۇشى لازىم. مەيلى سورۇنغا كەلگەن بولسۇن، مەيلى مەسجىدكە كەلگەن بولسۇن، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مۆرىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۆشى توغرا ئەمەس. شۇنداقلا سورۇنغا كەلگەن ئادەم سورۇنداشلارنى قىستاپ ئولتۇرماسلىقى ۋە كەڭ – كەڭرى ئولتۇرۇپ بىر – بىرىگە راھەت بېغىشلىشى لازىم. چاقىرىلمىغان سورۇنغا بارماسلىق لازىم. ناۋادا سورۇنغا چاقىرىلغان ئادەمگە باشقا بىر ئادەم ئەگىشىپ بىللە بارغان بولسا، ئۇ كىشىنى سورۇنغا باشلاپ كىرىش ياكى كىرمەسلىك توغرىسىدا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش شەرت. چۆنكى چاقىرىلمىغان مېھمان رۇخسەتسىز سورۇنغا كىرگەندە، ساھىبخان ياكى شۇ كىشى ئۆچۆن ئۇڭايسىزلىق تۇغۇلىشى ياكى سورۇننىڭ كەيپىنى بۇزىدىغان ئەھۋاللار يۆز بېرىپ قېلىشى ئېھتىمال. شۇڭا چاقىرىلمىغان ئادەم مۇتلەق ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن سورۇنغا كىرمەسلىكى كېرەك. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆچۆن ياخشى ئىش.
جاۋاب: دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە يوسۇنى ۋە ئەدەپ – قائىدىلىرى بولغاندەك، سورۇننىڭمۇ مەلۇم قائىدە – تەرتىبلىرى ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىرى باردۇر. ئۆچ ئادەم بولسا، ئىككىسى بىرىنى يالغۇز قويۇپ پىچىرلىشىشى ياكى ئۇ بىلمەيدىغان تىلدا سۆزلىشىشى قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. شۇنداقلا سورۇندا ئولتۇرغان ئادەم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقى، غەيۋەت قىلغانلارغا نەسىھەت قىلىشى لازىم. سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ سورۇنداشلارغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئۇلارغا سالامەتچىلىك تىلەپ قايتىشى مۇھىم ئەدەپ – ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. سورۇندىن چىققان مېھماننى ساھىبخاننىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىپ ئۇزىتىپ قويۇشى بىز ئۇيغۇرلاردا ئايرىم بىر ئەخلاقىي قائىدىدۇر.
جاۋاب: سورۇنغا بۇرۇن كېلىپ ئولتۇرغان ئادەم شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ھەقلىقتۇر. گەرچە مەرتىبىسى تۆۋەن بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۆزىۋېتىش ھەققى يوق. ناۋادا قايسىبىر زۆرۈرىيەت يۆزىسىدىن ساھىبخان ياكى باشقا بىرى بىراۋنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۆنسە، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇرۇپ بېرىشى لازىم كېلىدۇ. چۆنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: ئى﴿ !مۆمىنلەر ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر ئورۇن›: سىلەرگە چىقىرىپ ‹بېرىڭلار دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە كېڭەيتىپ (رەھمىتىنى) بېرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە باشقىلارغا) ئورۇن بوشىتىپ بېرىش (ئۆچۆن ئورنۇڭلاردىن› تۇرۇپ ‹بېرىڭلار دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار 1﴾. مۇجادەلە سۆرىسى. ) ( داستىخاندىكى ئەدەپ – قائىدىلەر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئۆمەر ئىبنى ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا تېخى كىچىك بالا ئىدىم. داستىخاندا ئولتۇرسام قولۇم تاۋاقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە چېپىپ يۆرەتتى. بىر كۆنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇ ماڭالله سۆننىتى «ئەي بىسمىللاھىر”!ئوغۇل “رەھمانىررەھىيم دېگىن، ئاندىن ئوڭ 1 قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن يېگىن» دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ تاماق يېيىشىم ھەمىشە شۇنداق بولۇپ كەلدى.» بۇ ھەدىس داستىخاندىكى ئەدەپ – قائىدىلەر ئۆچۆن بىردىنبىر دەستۇردۇر.
جاۋاب: ئىمام غەزالى «ئىھيا» ناملىق ئەسىرىنىڭ داستىخاندا ئولتۇرۇشتىكى ئەدەپ – ئەخلاقلار ھەققىدىكى بۆلۆمىدە مۇنداق دەپ يازغان: «غىزالىنىشنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىخچاملاشقا بولىدۇ»: تاماقنى يېيىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېيىش، تاماقنى ئوڭ قولىدا يېيىش، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ يېيىش، تاماققا باشقىلاردىن ئاۋۋال قول ئۇزاتماسلىق، تاماققا ۋە ئۇنى يەۋاتقان كىشىلەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق، تاماقنى بەك تېز يېمەستىن، ئالدىرىماي، يۇمشاق چايناپ يېيىش، تاماقنى ئېغىزىغا ئارقا – ئارقىدىن سىېلىۋەرمەستىن، ئېغىزىدىكىنى يۇتۇپ بولۇپ، ئالدىرىماستىن ئېلىش، تاماقنى بەك كۆپ يېمەسلىك، مېھمانلارنى تاماققا كۆپ زورلىماسلىق ۋە «باشقىلاردۇر. «قابۇسنامە» دېگەن كىتابتا لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا مۇنداق دەپ نەسىھەت قىلغانلىقى بايان »: قىلىنغان ئەي !ئوغلۇم تاماق يېگەندە ئۇنى ھەزىم قىلالايدىغان مىقداردا يىگىن، كۆپ يېمە. ئەگەر كۆپ كىشىلەر بىلەن بىللە تاماق يېيىش توغرا كەلسە، كۆپچىلىك تاماققا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن تاماققا ئولتۇرمىغىن. ئەگەر ئۆيۆڭدە مېھمان قوبۇل قىلساڭ، تاماق يەيدىغان مېھمانلار كېلىپ داستىخانغا ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى تاماقنى داستىخانغا ئەكىلىپ قويما. تاماق يېگەندە ئالدىرىماي، ئاستا – ئاستا يېيىشنى ئادەت قىل. تاماق يېگەندە بېشىڭنى تۆۋەن تۇتقىن. كىشىنىڭ يۆزىگە ۋە قولىغا ئالغان، ئاغزىغا سالغان لوقمىسىغا قاراش ناھايىتى «ئەبيتۇر. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
جاۋاب: بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئىشىكنى چېكىپ، ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىشى، رۇخسەت قىلىنمىسا قايتىپ كېتىشى لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: ئى﴿ !مۆمىنلەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۆچۆن بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۆچۆن 1 ئەڭ ياخشىدۇر﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «رۇخسەت ئۆچ قېتىم سورىلىدۇ. رۇخسەت بېرىلسە كىرىڭ. ئەگەر رۇخسەت بېرىلمىسە قايتىپ كېتىڭ» 2 ( دەپ كۆرسەتكەن. ئىشىكتىن كىرىشتە ئاۋۋال چوڭلار، بىلىم ئەھلىلىرى، ئاندىن تەرتىپ بويىچە ياشلار كىرگىنى ياخشى. بالىلار ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە، ئاۋۋال ئۇلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، ھامان كېچىكمەستىن ئەڭ گۆزەل ۋە ئېسىل ئىبارىلەر بىلەن ئۇلاردىن ھال – ئەھۋال سورىشى زۆرۈردۇر.
جاۋاب: گەرچە بىراۋنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا خەۋەر بېرىپ قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە ئىشىكنى قاقماستىن ياكى ئالدىراپ سالام بەرمەستىن كىرىش، ئىشىكنى سىلىق قاقماستىن ئۆي ئىگىسىنى ۋە قوشنىلىرىنى راھەتسىز قىلىدىغان شەكىلدە قاتتىق قېقىش ياكى ئۆچ قېتىمدىن ئارتۇق قېقىش ئەدەپسىزلىكتۇر. شۇنداقلا بىراۋنىڭ تاقاقلىق تۇرغان ئىشىك – دەرۋازىلىرىدىن ماراپ قاراش بەكمۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاچچىقلىنىپ: «بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشىكتىن ياكى دەرىزىسىدىن رۇخسەتسىز قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىنى ئويۇۋەتسىمۇ بولىدۇ» دەپ سۆككەن. چۆنكى مۇنداق قىلىش ھەم ئەدەپسىزلىك ھەم باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە قىلىنغان ئېغىر خىيانەتتۇر. ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا ئىشىكنى چېكىپ، رۇخسەت سورىماستىن خالىغانچە كىرمەسلىكى، بالىلارنىڭمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ياتىقىغا مەيلى كۆندۈزى، مەيلى ئاخشاملىرى ئىشىكنى سىلىق چېكىپ رۇخسەت ئالماستىن كىرمەسلىكى لازىم. چۆنكى مۇنداق قىلىش ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى نۇر سۆرىسى -27 -29 ئايەتلەر. ) ( ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ()2 ئىپپەت – ھايانىڭ ئاجىزلىشىپ قېلىشىغا، ئارىسىدىكى ھۆرمەت – ئېھتىرامنىڭ سۇسلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بىر - بىرىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىشتە ئەلۋەتتە ئىشىكىنى چېكىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىشى ئەدەپ – ئەخلاقنىڭ جۆملىسىدىندۇر.
جاۋاب: تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چۆشكۆرۈك ۋە ئەسنەك چوڭ – كىچىك ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىدە، ھەتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىمۇ ئىختىيارسىزلا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھالەتتۇر. زۇكامدىن بولمىغان چۆشكۆرۈك سالامەتلىكنىڭ ئەلچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۆنكى كېسەللىك پەيدا بولغاندا ئادەم بەدىنىدىكى كېسەلگە ئىممونتېت كۆچى بىلەن كېسەل بىر – بىرىنى چەتكە قېقىپ ئاخىرى ئىممونتېت كۆچى غالىب كەلگەندە كېسەل پارتلايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن بەدەن خۇددى زېمىن تەۋرىگەندەك تەۋرەش ئارقىلىق چۆشكۆرۈك ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چۆشكۆرۈك بەدەننىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىدىن، بۇرۇندىكى نەپەسنى توسىۋالىدىغان توسقۇنلۇقنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. ئەمما ئەسنەك قورساقنىڭ تويۇپ كەتكەنلىكىدىن ۋە كۆپ يېگەنلىكتىن بولىدۇ. ئۇ كىشىنى ھورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان ۋە كۆپ ئۇخلىتىدىغان بىر ھالەت.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئاللاھ چۈشكۈرۈكنى ياقتۇرىدۇ، ئەسنەكنى يامان كۆرىدۇ. بىراۋ چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ (ئاللاھقا شۈكرى) دېسە، ئۇنى ئاڭلىغان ئادەم يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن) دېيىشكە تېگىشلىك. ئەسنەك شەيتان تەرىپىدىن بولىدۇ. ئەسنەك كەلگەندە مۇمكىن قەدەر ئۇنى قايتۇرغىن، ئەسنىگەن كىشى «..ھا»، دېسە شەيتان ئۇنىڭدىن كۈلىدۇ».(1)
چۈشكۈرمەكچى بولغاندا ھامان ئۆزىنىڭ قولى ياكى قول ياغلىقى بىلەن ئېغىز، بۇرنىنى توسۇپ ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىشقا تىرىشىش، ئەسنەك كەلگەندە قولى بىلەن ئاغزىنى يېپىپ تۇرۇپ مۇمكىن قەدەر ئۇنى قايتۇرۇشقا تىرىشىش، باشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ چۈشكۈرمەسلىك قاتارلىقلارمۇ چۈشكۈرۈكنىڭ ئەدەبلىرىدىن سانىلىدۇ.
بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشكۈرسە يۈزىنى قولى ياكى كىيىمى بىلەن ياپاتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاۋازىنى تۆۋەن قىلاتتى»(2) دېيىلگەن. شۇنداقلا باشقا دىندىكى بىر كىشى چۈشكۈرۈپ «ئاللاھقا شۈكرى» دېسە، ئۇنى باشقا دىندىكى ئادەم دەپ چەتكە قاقماستىن، ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن» دەپ ياخشى تىلەكتە بولۇش گۈزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ.
(1) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. (2) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
