پەرىشتىلەر، جىنلار ۋە شەيتانلار
روھىي ئالەملەرنىڭ ھەقىقىتى (سوئال 63 – 64)
بۆلۈم: “روھىي ئالەملەرنىڭ ھەقىقىتى (سوئال 63 – 64)”جاۋاب: روھىي ئالەملەر ئىنسانلار ھېسسىي ئەزالىرى ئارقىلىق ئىدراك قىلالمىغان يوشۇرۇن ئالەملەر دېمەكتۇر. كائىناتتىكى شەيئىلەر ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ئىنساندىكى ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان شەيئىلەر (ئادەم، ھايۋان، تاغ، دەريا، تېرىم، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار)؛ يەنە بىرى ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان شەيئىلەر (پەرىشتىلەر، جىنلار، شەيتانلار قاتارلىقلار). بۇلار غەيبىي ئالەملەر ياكى روھىي ئالەملەر دەپ ئاتىلىدۇ.
جاۋاب: ئىنسانلار ھېسسىي ئەزالىرى ئارقىلىق بىلەلمىگەن شەيئىلەرنى ئىشەنچلىك خەۋەرلەر ئارقىلىق بىلەلەيدۇ. مەسىلەن مىكروب ۋە باكتېرىيەلەرنى ئادەتتىكى ئىنسانلار بىلەلمىسىمۇ تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ بارلىقىغا ئىشەنگىنىدەك، مۇسۇلمانلارمۇ غەيبىي ئالەملەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق بىلىدۇ ۋە ئۇلارغا قەتئىي شەك قىلماستىن ئىشىنىدۇ.
پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش (سوئال 65 – 68)
بۆلۈم: “پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش (سوئال 65 – 68)”جاۋاب: پەرىشتىلەر روھىي ئالەملەرنىڭ بىرىدۇر، كۆرۈنمەيدىغان ئالەمنىڭ بىر قىسمىدۇر. ماھىيەت جەھەتتە ئۇلاردا بىرەر نەرسە ئىستېمال قىلىش يوق ھەمدە ئۇخلاشقىمۇ موھتاج ئەمەس، ئەر ياكى ئايال دېيىلمەيدۇ، ئۇلاردا شەھۋانىيلىق يوقتۇر. پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنكار قىلىش كۇپۇردۇر.
جاۋاب: ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر، ئۇلار ھەمىشە ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى، ھۆرمەتلىك، ئىتائەتچان ۋە گۇناھسىز بەندىلەردۇر دەپ ئىمان ئېيتىش كېرەك.
جاۋاب: پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 مەسىلىگە ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۇلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش. (2) جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسرافىل ۋە ئەزرائىللارغا ئوخشاش بىزگە ئىسىملىرى مەلۇم بولغان پەرىشتىلەرگە تەپسىلىي، ئىسىملىرى مەلۇم بولمىغان جىمى پەرىشتىلەرگە ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش. (3) جىبرىئىلغا ئوخشاش بىزگە سۈپەتلىرى مەلۇم بولغان پەرىشتىلەرنىڭ سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش. (4) بىزگە مەلۇم بولغان ۋەزىپىلىرى ۋە ئەمەللىرىگە ئىشىنىش.
جاۋاب: ئىنسانلار تۇپراقتىن يارىتىلغان بولسا، پەرىشتىلەر نۇردىن (يورۇقلۇقتىن) يارىتىلغان. ھەدىستە: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇپراقتىن يارىتىلغان» دېيىلگەن.
پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىلىرى (سوئال 69 – 72)
بۆلۈم: “پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىلىرى (سوئال 69 – 72)”جاۋاب: پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى ئاللاھقا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلاردا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش يوقتۇر. «ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ».
جاۋاب: پەرىشتىلەردىن ھەربىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئايرىم ۋەزىپىلىرى باردۇر: بەزىلىرى بەندىلەرنىڭ ياخشى-يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەش بىلەن، بەزىلىرى ئىنسانلارنى كېچە-كۈندۈز بالا-قازالاردىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن، بەزىلىرى بەندىلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىش بىلەن، بەزىلىرى قەبىردە سوراق-سوئال قىلىش بىلەن، بەزىلىرى مەسچىتلەردە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن مەشغۇلدۇر. مەشھۇرلىرى: جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسرافىل ۋە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالاملاردۇر.
جاۋاب: ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلەلمىگەن شەيئىلەرنى يوق دەپ ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ شەيئىلەرنى ئىنكار قىلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ئەقىل، روھ، جان، كۆڭۈل ۋە ۋىجدان قاتارلىقلارنىمۇ ئىنكار قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى دۇنيادا ھېچكىم ئەقىل ۋە جاننىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ.
جاۋاب: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پەرىشتىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى زېمىندا يۈرۈپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئارىسىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىدا سەير قىلىدۇ.
جىنلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە تائىپىلىرى (سوئال 73 – 77)
بۆلۈم: “جىنلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە تائىپىلىرى (سوئال 73 – 77)”جاۋاب: جىنلار پەرىشتىلەرگە ئوخشاش غەيبىي ئالەملەردىن بولۇپ، پەرىشتىلەرنى كۆرگىلى بولمىغاندەك، جىنلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە جىنلارنىڭ بارلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىش كۇپۇردۇر.
جاۋاب: پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان بولسا، جىنلار ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلغان. «جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق».
جاۋاب: جىنلارنىڭ خاراكتېرىمۇ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاشتۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇسۇلمان، ياخشى، تەقۋالارمۇ، يامان، گۇناھكار ئاسىيلارمۇ باردۇر. «بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ».
جاۋاب: جىنلارمۇ قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارغا ئوخشاش بارلىق ياخشى-يامان قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغانلىرى ساۋابقا ئېرىشسە، يامان ئىش قىلغانلىرى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. «جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم».
جاۋاب: جىنلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش غەيبلەرنى بىلمەيدۇ. چۈنكى غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن جىنلار ئىنسانلار كۆرمىگەن بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ.
شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىبلىس (سوئال 78 – 82)
بۆلۈم: “شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىبلىس (سوئال 78 – 82)”جاۋاب: شەيتانلار جىنلاردىن كېلىپ چىققان كاپىرلار بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. شەيتانلار ھەمىشە ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شەيتانلار جىسىمسىز مەخلۇق بولۇپ ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇلار بىزنى كۆرىدۇ.
جاۋاب: ئىبلىس شەيتانلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ئۇ جىنلاردىن كېلىپ چىققان رەزىل مەخلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندىن كېيىن، پۈتۈن پەرىشتىلەر بىلەن ئىبلىسنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ بويسۇنمىغان ۋە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ كاپىر بولغان. شۇندىن باشلاپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك دۈشمەن بولغان.
جاۋاب: شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي يامانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرخىل يوللار بىلەن ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە يامانلىق، ئازغۇنلۇق ۋە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. «شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ».
جاۋاب: شەيتانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن يىراقلاشقان، ئىمانى ئاجىز، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان كىشىلەرنى ئازدۇرالايدۇ. ئەمما تەقۋادار، ئىرادىلىك ۋە ئىخلاسمەن زاتلارنى شەيتانلار ھېچبىر يول بىلەن ئازدۇرالمايدۇ.
جاۋاب: بۇ دۇنيا ئىمتىھان ۋە سىناق دۇنياسى بولۇپ، يامانلىق بولمىسا ياخشىلىقنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلىنمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ جەننەت بىلەن بىرگە دوزاخنى، ياخشىلىق بىلەن بىرگە يامانلىقنى، پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە شەيتانلارنى ياراتقان بولۇپ، ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن بۇ خىل قابىلىيەتنى بەرگەن.
