ساۋاب، گۇناھ ۋە تەۋبە
ساۋاب ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش يوللىرى (سوئال 635 – 641)
بۆلۈم: “ساۋاب ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش يوللىرى (سوئال 635 – 641)”جاۋاب: ساۋاب ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «تارتۇق»، «ئىنئام» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە، ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارنى قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتىدۇر.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا ساۋاب چۈشەنچىسى قىسقىچە مۇنداق: ئاللاھ تائالانى تونۇپ، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدا غايە قىلىنغان ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك قىلىش بۇرچىنى ئورۇنداش ۋە ئىنسانلىق شەنىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ھايات كەچۈرۈشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلار ساۋابلىق ئىشلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جاۋاب: ساۋاب بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ مۇكاپاتى دۇنيادا ھۇزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈش، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىشتۇر.
جاۋاب: دىنىمىزدا ساۋاب دېيىلگەن ئىشلارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) ئىمان ئېيتىپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىسلام ئەقىدىلىرىگە يۈرەكتىن ئىشىنىش; (2) دىنىمىزدا بۇيرۇلغان پەرز، ۋاجىب ئەمەللىرىنى تولۇق ئورۇنداش; (3) پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداش; (4) ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش; (5) ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىش ۋە ھەر ئىشتا ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇش.
جاۋاب: ساۋابى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەل تەۋھىد بولۇپ، تەۋھىد پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ جەۋھىرىدۇر. تەۋھىدسىز قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قەتئىي قوبۇل بولمايدۇ.
جاۋاب: تەۋھىد – ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكىگە چىن ئېتىقاد قىلىش ۋە پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئۇنىڭغىلا خالىس قىلىش دېمەكتۇر.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا ساۋاب سانىلىدىغان ئىشلارنىڭ مۇھىمراقلىرى قىسقىچە مۇنۇلار: (1) ساغلام ئەقىدە ۋە ئېتىقادقا ئىگە بولۇش; (2) كۈندە بەش ۋاخ نامازنى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئادا قىلىش; (3) رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش; (4) پۇل-مالنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئايرىش; (5) قۇدرىتى يەتسە ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش; (6) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش; (7) دىننى، ۋەتەننى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش; (8) ھەر كىشىگە ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىش; (9) قۇرئان كەرىمنى ساۋابنى كۆزلەپ، تەجۋىد قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ئوقۇش; (10) ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ۋە ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش; (11) بېشىغا كەلگەن بالا-قازا ۋە مۇسىبەتلەر ئۈچۈن سەۋر قىلىپ، ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈش; (12) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇش ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىت قىلىش بىلەن ياشاش; (13) ئاللاھنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىش، پۈتۈن ئىشلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش; (14) گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش; (15) قەلبىدە بىراۋغا ئۆچلۈك، دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىككە ئوخشىغان ناچار ئىللەتلەرگە ئورۇن بەرمەسلىك; (16) ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاپ تۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى ئايىماسلىق; (17) قوشنىلارغا، خىزمەتداشلارغا، دوستلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق; (18) دىن ۋە ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇنداق ئىشلارغا ياردەم بېرىش; (19) دىن ۋە دۇنيالىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بىلىم ئېلىش، كىتاب ئوقۇش; (20) ئۆزى ئۆگەنگەن توغرا ۋە پايدىلىق بىلىملەرنى تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە باشقىلارغىمۇ بىلدۈرۈش; (21) چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئاسراش; (22) دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىخلاس بىلەن، قېتىرقىنىپ قىلىش; (23) ئۆلۈمنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارماسلىق ۋە ئۇنىڭغا ھەر زامان تەييارلىق كۆرۈش.
گۇناھلار، چوڭ گۇناھلار (كەبائىر) ۋە تەۋبە (سوئال 642 – 647)
بۆلۈم: “گۇناھلار، چوڭ گۇناھلار (كەبائىر) ۋە تەۋبە (سوئال 642 – 647)”جاۋاب: گۇناھ – ئاللاھ توسقان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، يالغان سۆزلەشكە ئوخشاش.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا گۇناھ چۈشەنچىسى قىسقىچە مۇنداق: ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىسىگە مۇناسىپ كەلمىگەن، ئىنسانلىق شەنىگە لايىق كەلمىگەن ۋە ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن زىيانلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلار گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا گۇناھ سانىلىدىغان ئىشلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ. قىسقىچە ئېيتقاندا مۇنۇلار: (1) ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە ئىشەنمەسلىك ياكى شەك كەلتۈرۈش; (2) پەرز ۋە ۋاجىب ئەمەللەرنى تەرك ئېتىش; (3) ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىش ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش; (4) ئىسلامىي ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ناچار قىلىقلارغا ئادەتلىنىش.
جاۋاب: شېرىك – ئېتىقاد، ئەمەل-ئىبادەتلەر ۋە دۇئالاردا ئاللاھقا باشقا بىرسىنى شېرىك قىلىپ قوشۇش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: ئاتالمىش ئەۋلىيالاردىن ياكى مازاردىكىلەردىن بىر نەرسە سورىغانغا ئوخشاش. شېرىك تەۋھىدنىڭ ئەكسىدۇر.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا گۇناھ سانالغان ئىشلار قىسقىچە مۇنۇلار: (1) ئېتىقاد مەسىلىلىرىدە خاتا پىكىر ۋە ئازغۇن ئېقىملارنى قوبۇل قىلىش; (2) پەرز، ۋاجىب بولغان ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىش; (3) ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش; (4) ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا سىلە-رەھىم قىلىشىشنى تەرك ئېتىش; (5) زىنا قىلىش، قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىش، ئاق چېكىش; (6) يالغان سۆزلەش، غەيۋەت قىلىش، بىراۋغا قارا چاپلاش، كىشىلەرگە لەقەم قويۇش، ئۇلارنى ھاقارەت قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش; (7) ھارام يېيىش، يېتىمنىڭ ھەققىگە قول ئۇزىتىش، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىش، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش، ئوغرىلىق قىلىش، پارا يېيىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ئىنسانلارغا ياكى ھايۋانلارغا ئازار بېرىش; (8) سېھىر قىلىش ياكى قىلدۇرۇش، پال سېلىش ياكى سالدۇرۇش، خۇراپاتلارغا ئىشىنىش; (9) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە مەغپىرىتىدىن ئۈمىت ئۈزۈش; (10) كۆڭۈلنى يامان تۇيغۇ ۋە يامان پىكىرلەر بىلەن تولدۇرۇش; (11) دىنىغا، ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە خىيانەت قىلىش; (12) ئىسلامىي ئەنئەنىلەرنى ۋە ئىسلامىي كىيىنىشلەرنى چەتكە قېقىش ياكى مەسخىرە قىلىش; (13) ھاياسىز فىلىملەر ۋە سۈرەتلىك ژۇرناللارغا قاراش، ئەخلاقنى بۇزىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراش; (14) ھارام كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ئىستىلاھى بويىچە ئېيتقاندا «ھارام»دۇر.
