تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ئىبادەتنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى

ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى ۋە قوبۇل بولۇش شەرتلىرى (سوئال 164 – 169)

بۆلۈم: “ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى ۋە قوبۇل بولۇش شەرتلىرى (سوئال 164 – 169)”
164سوئال:ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى — ئاللاھ تائالاغا ئەڭ كەمتەرلىك، ئەڭ سەمىمىي مۇھەببەت ھەم ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر.

165سوئال:ئىبادەتنىڭ ئىمان بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟#

جاۋاب: ئىمان ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر. ئىمانسىز كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ. ئىبادەتلەرنى ھورۇنلۇق تۈپەيلى ئورۇندىمىغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ، ئېتىقادىنى ئىنكار قىلمىغىچە كاپىر بولمايدۇ.

166سوئال:ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىبادەتلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى 5 ئىبادەتتۇر: (1) كەلىمە شاھادەت ئېيتىش. (2) ھەركۈنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش. (3) مال-مۈلكى نىسابقا يەتكەندە زاكات بېرىش. (4) رامىزان روزىسى تۇتۇش. (5) قۇدرىتى يەتكەندە ھەج قىلىش.

167سوئال:ئىبادەت-ئەمەل قىلىشتىن مەقسەت نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزىنى ئىبادەتلەر سايىسىدا يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىك ئىنسانلاردىن بولۇشتۇر.

168سوئال:ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھ ئۆزى بۇيرۇغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىلىپ كۆرسەتكەن بويىچە ئىبادەت قىلىش كېرەك.

(1) مۇھەممەد سۈرىسى 33-ئايەت
(2) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
169سوئال:قانداق قىلىنغان ئىبادەت قوبۇل بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى ئاساسلىق شەرت بار: (1) پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، خالىس نىيەت بىلەن قىلىش. (2) قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن قىلىش.

ئىبادەتتە ئىخلاس، نىيەت ۋە ئىھسان (سوئال 170 – 174)

بۆلۈم: “ئىبادەتتە ئىخلاس، نىيەت ۋە ئىھسان (سوئال 170 – 174)”
170سوئال:ئىبادەت ئەسناسىدا تەلەب قىلىنىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: چىن ئىخلاس، قەلب مۇھەببىتى ۋە كەمتەرلىك بىلەن، ئىھسان تەرىقىسىدە ئورۇنداشتۇر.

171سوئال:ئىھسان دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىھسان — ھەر بىر ئىبادەتنى خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېس-تۇيغۇ بىلەن ئورۇنداشتۇر. ھەدىستە: «ئىھسان — خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
172سوئال:ئىخلاس دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىخلاس — ئەمەلنى كۆز-كۆز قىلىش (رىيا) ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش دېمەكتۇر. ئىخلاسسىز ئەمەل ساختا پۇلغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ.

173سوئال:نىيەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: نىيەت — دىلدىكى مەقسەت دېمەكتۇر. ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەدىستە: «ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر، ھەركىم نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ» دېيىلگەن.

(1) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
174سوئال:ئىبادەت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھ ياقتۇرىدىغان بارلىق ياخشى سۆز ۋە ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ناماز، زاكات، روزا، ھەج، ئەدەپ-ئەخلاق، راستچىللىق، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە-رەھىم، يېتىملەرگە ياردەم قىلىش، زىكىر-دۇئا ۋە ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان دۇنيالىق ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىبادەت تۈرلىرى ۋە ئورۇنداش شەرتلىرى (سوئال 175 – 181)

بۆلۈم: “ئىبادەت تۈرلىرى ۋە ئورۇنداش شەرتلىرى (سوئال 175 – 181)”
175سوئال:ئىسلام دىنىدا قانچە تۈرلۈك ئىبادەت بار؟#

جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈكتۇر: جىسمانىي ئىبادەتلەر، ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر ۋە ھەم جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر.

176سوئال:جىسمانىي ئىبادەت دېگەن قايسى؟#

جاۋاب: تەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ: ناماز، روزا، ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىش، ھالال رىزىق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش قاتارلىقلاردۇر.

177سوئال:ئىقتىسادىي ئىبادەت دېگەن قايسىلار؟#

جاۋاب: مال-پۇل سەرپ قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ: زاكات، پىتىر سەدىقىسى، سەدىقە ۋە خەير-ئېھسان قىلىش قاتارلىقلاردۇر.

178سوئال:جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: ھەم تەننىڭ ھەرىكىتى ھەم پۇل-مال سەرپ قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشقا ئوخشاش ئەمەللەردۇر.

179سوئال:ئىبادەت قىلىشنىڭ يوللىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) تەپەككۇر بىلەن ئىبادەت قىلىش. (2) قەلب بىلەن ئىبادەت قىلىش (سۆيگۈ، تەقۋالىق، رەھمەتتىن ئۈمىدۋار بولۇش). (3) تىل بىلەن ئىبادەت قىلىش (قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر، تەسبىھ). (4) تەن بىلەن ئىبادەت قىلىش (ناماز، روزا). (5) پۇل-مال بىلەن ئىبادەت قىلىش (زاكات، سەدىقە). (6) جاننى پىدا قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش (جىھاد). (7) ۋەتەندىن ئايرىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش (ھەج، ئىلىم تەلەپ قىلىش).

(1) زارىيات سۈرىسى 20-21 ئايەتلەر
(2) ئەھزاب سۈرىسى 41-42 ئايەتلەر
(3) ھۇجۇرات سۈرىسى 15-ئايەت
(4) تەۋبە سۈرىسى 122-ئايەت
180سوئال:قانداق كىشىلەر ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىبادەتكە سالاھىيەتلىك بولغان (مۇسۇلمان، ئەقلى پۈتۈن ۋە بالاغەتكە يەتكەن) كىشىلەر ئىبادەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.

181سوئال:ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشقا سالاھىيەتلىك بولۇشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈكتۇر: (1) مۇسۇلمان بولۇش. (2) ئەقلى جايىدا بولۇش. (3) بالاغەتكە يەتكەن بولۇش.

بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى ۋە نىشانلىرى (سوئال 182 – 183)

بۆلۈم: “بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى ۋە نىشانلىرى (سوئال 182 – 183)”
182سوئال:بالىلار قاچان بالاغەتكە يېتىدۇ ۋە ساۋاب-گۇناھلىرى قاچان يېزىلىشقا باشلايدۇ؟#

جاۋاب: قىزلار 9 ياشتىن، ئوغۇللار 12 ياشتىن باشلاپ بالاغەتكە يېتىشكە قەدەم باسىدۇ. بالاغەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى 15 ياشتۇر. 15 ياشقا توشقاندا تەبىئىي ئالامەت كۆرۈلمىسىمۇ بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىپ، قىلغان ئەمەللىرىگە ساۋاب ۋە گۇناھ يېزىلىدۇ.

183سوئال:قىز-ئوغۇللارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى ھەيز كۆرۈشى بىلەن، ئوغۇللارنىڭ بولسا ئېھتىلام بولۇپ مەنىي (سپېرما) چىقىشى بىلەن بىلىنىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.