پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر
رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئىنسانىي ئۆرنەكلىرى (سوئال 718 – 746)
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئىنسانىي ئۆرنەكلىرى (سوئال 718 – 746)”جاۋاب: ئەگەر ئىنسانلارغا نېمىنى خالىسا قىلالايدىغان مۇتلەق ئىختىيار ۋە چەكسىز ھۆررىيەت بېرىلگەن بولسا ئىدى، ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ يامان-ياخشى بارلىق خاھىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان دە-بولاتتى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى جىددىي ھالدا بۇزۇلغان، بەلكى ئىنسانىيەت نەسلى ئاللىبۇرۇن يەر يۆزىدىن تۆگەپ كەتكەن بولار ئىدى. ئاتوم بومبىسىنى ياسىغانلار بىر ئاندىلا دۇنيانى يوق قىلىۋەتكەن، مۇستەملىكىچىلەر قول ئاستىدىكى مەھكۇم مىللەتلەرنى پۆتۆنلەي قىرىپ تۆگىتىۋېتىپ باش ئاغرىقىدىن بىراقلا خالاس بولغان بولار ئىدى. ئاتوم بومبىسىغا ۋە ئەڭ زامانىۋى، قىرغۇچ قۇراللارغا ئىگە ئىسرائىلىيىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ۋە يۆرەكلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ بىئارام قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى بىر كېچىدىلا پۆتۆنلەي قىرىپ تاشلاپ مەڭگۆ خاتىرجەم بولغۇسى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە !بار لېكىن قىلالمايدۇ. چۆنكى ئۇلار مۇتلەق ئىختىيار ۋە چەكسىز ھۆررىيەتكە ئىگە ئەمەستە. دۇنيادا ھەركىم ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۆررىيىتى دەۋاسى بىلەن كۆڭلىگە كەچكەنلەرنىڭ ، خالىغانلىرىنىڭ ۋە ئارزۇ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسا ئاجىزلارنىڭ ياشاشتىن ھېچ نېسىۋىسى بولمىغان بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇتلەق ئىختىيارنى ۋە چەكسىز ھۆررىيەتنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. ئىنساننىڭ ھۆررىيەتتىن بولغان ھەققى ئەنە شۇنداق كۆپلىگە ھوقۇقلارغا-ھەق، پىرىنسىپلارغا-قانۇن زىت كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شۇ ئىنساننىڭ شەخسىي -ھەق ھوقۇقلىرى، ئىجتىمائىي ھوقۇقلار-ھەق ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھوقۇقىمۇ-ھەق بار. شۇڭا ئىنساننىڭ قۇدرىتى ھەرقانچىلىك يۇقىرى بولۇپ كەتسۇن، -شەرت-پۆتۆن شارائىتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولغان بولسۇن، يەنىلا ئۇ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۆنكى ئىنساننىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ ھۆررىيىتى مەيلى– ئۇ خالىسۇن ياكى -خالىمىسۇن تەبىئىي ھالدا چەكلىكتۇر. بۇ ھوقۇقلارنىڭ-ھەق ھەممىسىگە پەقەت مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە ھوقۇق-ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئادالەتلىك تەقسىم قىلىش يولى بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
جاۋاب: ئىنساننىڭ شەخسىي -ھەق -ھوقۇقلىرى ئوقۇپ مەرىپەت-بىلىم ئېلىش ھوقۇقى، ئۆزىگە يوللۇق ھالدا بەخت ئىزدەش ھوقۇقى، زەخمەتتىن-زىيان ساقلىنىش ھوقۇقى، ئاللاھ تائالا بەرگەن نېمەتلەردىن ۋە رىزىقلاردىن يوللۇق پايدىلىنىش ھوقۇقى، ھالال قىلىنغان لەززەتلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىش ھوقۇقى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ھوقۇقلاردۇر-ھەق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان يوللۇق ھوقۇقلاردۇر-ھەق. ئەمما ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۆزۈشى ئۇنىڭ -ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ جۆملىسىدىن ئەمەس. مەسىلەن: ئىنساندا ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۆررىيىتى دەۋاسى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۆرىۋېلىشى ياكى نەپسىي ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ كېسەل بولىشىغا سەۋەب بولىشى ياكى تاقىتىنى-پىكىر، ئەقىل كۆچىنى ئۆزىگە ياكى ئىنسانىيەتكە پايدىسى بولمايدىغان بىھۇدە نەرسىلەر بىلەن زايە قىلىۋېتىشى قاتارلىق ئىشلار شەخسنىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە كىشىلىك ھۆررىيىتى ئىچىدە بولسىمۇ، بۇلار شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا رازى بولمايدىغان ۋە يول قويمىغان ھۆررىيەتتۇر. شۇنىڭدەك، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۆررىيىتى دەۋاسى بىلەن باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا-ھەق، نومۇسىغا-ئار تاجاۋۇز قىلىش ھەققى !
جاۋاب: كوللېكتىپقا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلار-ھەق كۆپ بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۆررىيىتى دەۋاسى بىلەن باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا-ھەق -دەخلى تەئەررۇز قىلماسلىقى، شەخسنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى ئادالەتلىك ھالدا ھەققانىي ئېلىپ بېرىشى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۆچۆن ئومۇمنىڭ ھەققىنى قۇربان قىلماسلىقى ۋە باشقىلاردۇر. ئىنساننىڭ شەخسىي ھۆررىيەت دەۋاسى بىلەن بىراۋنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ھەققى بارمۇ؟ ئۆزىنىڭ نەپسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۆچۆن باشقىلارغا زىيان يەتكۆزۈش ياكى بىرىگە باسقۇنچىلىق قىلىش ھەققى بارمۇ؟ ياكى تۇرمۇشىنى قامداش ئۆچۆن ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۆررىيىتى دەۋاسى بىلەن باشقىلارنىڭ ھەققىنى تارتىۋېلىش ياكى ئۇغۇرلاش ھەققى بارمۇ؟ دېمەك، ئىنساننىڭ شەخسىي ھۆررىيىتى باشقىلارغا زىيان يەتكۆزمەسلىك چەكلىمىسى ئىچىدە بولىدۇ. ھەتتا بىراۋ بىرەر يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئىنسانلار توپلانغان جايغا بېرىش ھۆررىيىتى چەكلىنىدۇ. بۇ باشقىلارغا كېسەل يۇقتۇرۇپ، ئۇلارغا زىيان يەتكۆزمەسلىك ئۆچۆندۇر.
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۆستىدىكى ھەقلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى ئۇنىڭ يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىشى، يەر يۆزىدە خالىس ئىبادەت قىلىنىشى، ئۇلۇغلىنىشى، سۆيۆلۆشى، ياد قىلىنىشى ۋە ھەر ئىشتا ئىتائەت قىلىنىشىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەققىنى بەرمىگەنلەر ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان، ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولىدۇ. ھەر ئىككىسى ئىنساننىڭ شەخسىي ھوررىيىتىدىن ئەمەس. چۆنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك بىر ھەقسىزلىق، ئۆزىنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا تۇتۇش يەنە بىر ھەقسىزلىكتۇر. ئىنساندا ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشنى قىلىش ھەققى يوق. چۆنكى ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەر نەرسە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قويۇلغان ئامانەتتۇر.
جاۋاب: شەيتان ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە گۇناھ، يامان ئىشلارنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىشتىن باشقىسىنى قىلالمايدۇ. شەيتانغا ئەگەشكەن ئىنسان خاتالىقلارنى، مەسىيەتلەرنى-گۇناھ ۋە بارچە يامانلىقلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۆچۆن، بۇ قىلغانلىرىدىن پەقەت ئۆزىلا جاۋابكار بولىدۇ، شەيتانغا بۇلاردىن ھېچ نەرسىنى يۆكلىيەلمەيدۇ. چۆنكى ئازدۇرغان شەيتان بولسىمۇ، گۇناھنى ئىشلىگەن ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر.
جاۋاب: ئىسلام مەنبەلىرىدە شەيتان ھەققىدە كۆپلىگەن ھەقىقەتلەر بار. ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى ھەقىقەت شەيتان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. پەقەت شەيتانغا ئەگىشىپ، ئىختىيارىي ھالدا ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى شەيتاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىسقا خىتاب قىلىپ مۇنداق مېنىڭ﴿: دېگەن بەندىلىرىمگە يەنى) ئۇلارنى (ئازدۇرۇشقا سېنىڭ كۆچۆڭ يەتمەيدۇ 1، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا سېنىڭ) كۆچۆڭ )﴾(يېتىدۇ ( شۆبھىسىزكى﴿، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۆستىدىن سەن ھۆكۆمرانلىق قىلالمايسەن 2. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر﴾. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەمر قىلىپ مۇنداق سەن﴿: دېگەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. شۆبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىپ، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئۆستىدىن شەيتان ھۆكۆمرانلىق قىلالمايدۇ. شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ ئىغۋا) (قىلىشى بىلەن مۇشرىك بولۇپ 3 كەتكەنلەر ئۆستىدىنلا ھۆكۆمرانلىق قىلىدۇ﴾. يۇقىرىقى ئايەتلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا شەيتانغا ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىش ۋە يامان ئىشلارنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا قۇدرەت ھىجر -42 سۆرىسى ئايەت. (ئىسرا -65 سۆرىسى ئايەت.) نەھل -100-99-98 سۆرىسى ئايەتلەر. ) ( بەرمىگەن. شەيتانلارنىڭ كۆچى پەقەت ئىختىيارى ھالدا تىزگىنىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلار ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئۆچۆن رەھبەر ئورنىدا تۇتقانلارغىلا يېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شەيتان قىيامەت كۆنى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىدۇ ۋە جاۋابكارلىقنى ئۆستىگە ئالمايدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلىدۇ: ھېساب)﴿ ئىش (ئاياقلىشىپ پۆتكەندە، شەيتان «ئاللاھ : دەيدۇكى ھەقىقەتەن سىلەرگە راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، مەن سىلەرگە (يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، زادى سىلەرگە مېنىڭ كۇفرىغا)، گۇناھقا (زورلىغۇدەك ھۆكۆمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۆچۆن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن 1 مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن﴾. ئىككىنچى ھەقىقەت شەيتاننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ۋەزىپىسى پەقەت ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن كۆپرەكىگە شەيتاننىڭ كۆچى يەتمەيدۇ. ئىنسان شەيتاننىڭ ئۇنى يامان ئىشلارغا كۆشكۆرتۆپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىنسان -ئۆز ئۆزىنى بىر باھانىلەر بىلەن دە-قاندۇرىدۇ، شەيتان قىزىقتۇرغان گۇناھقا يۆزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق ئىنسانلارنىڭ﴿: دېگەن پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) غا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ 2 شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن﴾. توغرا﴿ يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا ئۇلارنىڭ)قايتىۋالغانلارغا بۇ (ئىشىنى شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، ۋە 3 ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى﴾. شەيتان ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۆچۆن قانچىلىك كۆپ تەدبىر قوللانسىمۇ، بەرىبىر 4 ئۇنىڭ تەدبىرى ئاجىزدۇر. شەيتاننىڭ﴿ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر﴾. ئىبراھىم -22 سۆرىسى ئايەت. (ناس سۆرىسى.) مۇھەممەد -25 سۆرىسى ئايەت. (نىسا -76 سۆرىسى ئايەت.) ئۆچىنچى ھەقىقەت ئاللاھ تائالا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تۆرتكىلىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش 1 ئۆچۆن شەيتاننى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا )بەلگىلىگەن (.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر﴿ شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، شەيتاننىڭ) (ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. چۆنكى ئاللاھ راستىنلا مۇناجاتىڭنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ۋە توسقانلىرىنى ئەسكە ئالىدۇـ دە، ھامان 2 ھەقىقەتكە قايتىدۇ﴾. ئابدۇراھمان «الأخلاق ھەبەننەكەنىڭ ناملىق الإسلامية» ئەسىرىدىن پايدىلىنىلدى. (1) ئەئراف -201-200 سۆرىسى ئايەتلەر.
جاۋاب: ئىستىغفار-تەۋبە ئادەمنى گۇناھلاردىن پاكلاپ، خاتالىقلاردىن يىراق قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە. خاتالىقنى ئوڭشاپ، گۇناھنى تەۋبە بىلەن ئۆچۆرۈپ ماڭمىغاندا، بىر گۇناھ يەنە بىر گۇناھنى، بىر خاتالىق يەنە بىر ياكى بىر قانچە خاتالىقلارنى تۇغدۇرۇپ مېڭىۋېرىدۇ. ئاخىرى ئادەم ئۆزىنى چىقماس تار كوچىلارغا كىرگۆزۈپ قويىدۇ. بۇ خۇددى كۆڭلەكنىڭ بىرىنچى تۆگمىسىنى خاتا ئېتىش بىلەن ئۇنىڭ پۆتۆن تۆگمىلىرى خاتا ئېتىلىپ ماڭغىنىغا ئوخشاش. كۆڭلەكنىڭ دەسلەپ ئەتكەن تۆگمىسىنى قايتىدىن توغرا ئەتكەندىن كېيىنلا، باشقا تۆگمىلەرمۇ توغرا ۋە جايىدا ئېتىلىپ ماڭىدۇ. تارىخلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى زەئىپلەشكەن ئاخىرقى دەۋرلىرىدە، تۆركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، دۆلەتكە قارشى ئىسيانلار باش كۆتىرىشكە باشلىغان. دۆلەت بۇ ئىسيانلارنى باستۇرۇش ئۆچۆن تۆرمىلەردىكى جىنايەتچىلەرنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا قورال تۇتقۇزۇپ، شۇلارنىڭ قولى بىلەن ئىسياننى باستۇرغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ جىنايەتچىلەر ئىسيان كۆتىرىپ چىققاندا دۆلەت ئۇلارنى باستۇرۇشتىن ئامالسىز قالغان. چۆنكى جىنايەتچىنىڭ قولىغا قورال تۇتقۇزۇش چوڭ خاتالىق ئىدى. بۇ خاتالىق كېيىن ئۆزىدىنمۇ چوڭ ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان خاتالىقلارنى تۇغدۇرغان. ئۆز خاتالىقىنى بىلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۆزگەن، بىر گۇناھنى ئىشلىگەن ھامان ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلغان ئادەم قايتا خاتالىق سادىر قىلىش ۋە يېڭى گۇناھ ئىشلەشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتالايدۇ. دېمەك، ئىستىغفار-تەۋبە ئادەمنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ-ئىش توغرا ۋە مۇستەھكەم بولۇپ داۋام قىلىشىنى كاپالەت قىلىدىغان نەرسە. شۇڭا تەۋبىنىڭ ئەھمىيىتى زور، پايدىسى كۆپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ھەر كۆنى ئاللاھقا قېتىمدىن 70 كۆپرەك -تەۋبە ئىستىغفار 1 «ئېيتىمەن دېگەن. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۆتۆن گۇناھلىرى، كەمچىلىكلىرى ۋە خاتالىقلىرى كەچۆرۈم قىلىۋېتىلگەن بىر مەسۇم پەيغەمبەرنىڭ كۆندە ئاللاھ تائالاغا قېتىمدىن 70 ئارتۇق ئىستىغفار-تەۋبە ئېيتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تەۋبە دېگەننى گۇناھ قىلغانلارلا قىلمامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: ھەر» قانداق ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. ) ( خاتالاشقۇچىلارنىڭ 1 ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەن. بۇنىڭدىكى سىر نېمە؟ چۆنكى ئىستىغفار-تەۋبە ئىنساننىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۆچۆن ئۇنىڭ قەدىمىنى مۇستەھكەم قىلىپ تۇرىدىغان، خاتالىقلارنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ، گۇناھلارنىڭ ئۆچۆرۈلۆپ تۇرۇشى ئارقىلىق ئۇنى مۇرەككەب خاتالىقلار ۋە ئېغىر گۇناھلاردىن ساقلاپ تۇرىدىغان قالقاندۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنچىلىك كۆپ ئىستىغفار-تەۋبە ئېيتىشىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، بۇ بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا ئۆلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ياخشى ئىشقا ئادەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تا قىيامەتكىچە توغرا يولدا مۇستەھكەم بولىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۆن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە ھەر زامان مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۆچۆن بولسا كېرەك. ئەمدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر قانداق ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە «قىلغۇچىلاردۇر دېگەن ھەدىسكە كەلسەك، ھەر قانداق ئادەم بىلمەي-بىلىپ چوقۇم خاتالىق ئۆتكۆزىدۇ ۋە گۇناھ ئىشلەپ سالىدۇ. ھەتتا ھېچ گۇناھ قىلمىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنى گۇناھسىز ھېس قىلىپ مەغرۇرلىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ گۇناھ ئىشلىگەندىن ئېغىرراق گۇناھتۇر. چۆنكى مەغرۇرلۇق ئىبلىسنى ئىماندىن چىقارغان گۇناھتۇر. دېمەك، گۇناھسىز ئادەم يوق !دۇنيادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئاللاھ گۇناھ ئىشلەيدىغان 2 بىر خەلقنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» دېگەنلىكى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ھەدىسنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ مەسىيەتلەرنى-گۇناھ ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى بەندىلىرىنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ﴾غفور﴿ كەچۆرگۆچى») ۋە ﴾غفار﴿ گۇناھكارلارنى) ناھايىتى بەك (كەچۆرگۆچى دېگەن ئۇلۇغ سۆپەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزھار قىلىش ۋە بەندىلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەشنى خالايدۇ. ئاللاھ تائالا گۇناھكار بەندىلىرىگە خۇشخەۋەر بېرىپ: ئاللاھنىڭ﴿ رەھمىتىدىن ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.) ئۆمىدسىزلەنمەڭلار 1، ئۇ پۆتۆن گۇناھلارنى مەغپىرەت ﴾قىلىدۇ (دېگەن. يۇقىرىقى ھەدىسلەر بىلەن ئايەت بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسىە، ئىككىنچىدىن، ھېچكىمنىڭ قىلغان تەۋبىسى بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى ۋە تەۋبىنىڭ ئاخىرى مەغپىرەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. زۇمەر سۆرىسى -54-53 ئايەتلەر.) تەبىئىي ئەخلاق ۋە يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق ئەخلاق تەبىئىي ئەخلاق ۋە يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق دەپ ئىككىگە بۆلۆنىدۇ.
جاۋاب: تەبىئىي -ئەخلاق يارىتىلىشتىن بىرى ئىنساندا بولۇپ كەلگەن (تۇغما)تەبىئىي ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەبىئىي ئەخلاق بولۇپ، بۇ ئەخلاق ئۇلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىنلا ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ، ئۇلار ئەخلاق قائىدىلىرىگە ئۆزلىكىدىن تەبىئىي ھالدا رىئايە قىلىدىغان كېلىدۇ. بۇ يېتىلدۈرۈلگەن -ئەخلاق يارىتىلىش تەبىئىتىدە بولمىسىمۇ، كېيىنچە ئۆگىنىپ تەربىيە يولى بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيىنىڭ-تەلىم ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ياكى ھاياتلىقتىن ئالغان تەجرىبىلەرنىڭ تۆرتكىسى بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق بولۇپ، بۇ ئۆگىنىلگەن ياكى يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن بىراۋنىڭ ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشى ئۆچۆن ئۇنىڭدا ئەخلاقنى قوبۇل قىلىدىغان تەبىئىي مايىللىق خاھىشى بولىشى شەرتتۇر. بۇ خۇددى قانداقلا بىر ماھارەتنى ئىگىلەش ئۆچۆن ئۇنىڭغا مۇناسىپ تەبىئىي مايىللىق تەلەب قىلىنغىنىغا ئوخشاشتۇر. ئىنساندا بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئۆچۆن شۇ ماھارەتكە نىسبەتەن تەبىئىي مايىللىق ۋە قابىلىيەت بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. ئەكسىچە، ئادەمدە شۇ ماھارەتكە نىسبەتەن تەبىئىي مايىللىق بولمىسا، ئۇنى ئۆگىنەلمەيدۇ. شۇنداقلا، ئىنساننىڭ ئورگانلىرىمۇ شۇنداق بولۇپ، بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولغان ئورگان مەشق قىلىش بىلەن شۇ ماھارەتنى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. مەسىلەن: قول خەت يېزىشنى، رەسىم سىزىشنى ۋە باشقىمۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۆچۆن قولنى كۆندۈرۈش ۋە مەشق قىلدۇرۇش ئارقىلىق كېرەكلىك ماھارەتلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولغانغا، قۇلاقتا مەشق قىلىش بىلەن ئاڭلاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش قابىلىيىتى بولمىغانلىقى ئۆچۆن، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان ئادەمنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى مەشق بىلەن ھاسىل قىلالمىغىنىغا ئوخشاش گۆزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۆچۆن ئۆزىدە تەبىئىي تەييارلىق، ئىنتىلىش ياكى قابىلىيەت بولمىغان ئادەم ئۆگىنىش، تەلىم ئېلىش ۋە باشقا چارىلەر بىلەنمۇ ئۆزىدە گۆزەل ئەخلاقنى تولۇق يېتىلدۈرۈپ كېتەلمەيدۇ.
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشتىكى خۇلقتىن-مىجەز بولغان نېسىۋىسى بىر خىل بولمىغان. بۇ ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت. ئىنسانلار تۇغما قابىلىيەت جەھەتتە بىرىدىن-بىر پەرقلىق بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشىمۇ -كۆچلۆك ئاجىزلىق، پاكارلىق-ئېگىزلىك، سېمىزلىك ئۇرۇقلۇق–، كېسەللىك-ساقلىق، -چىرايلىق كۆرۈمسىزلىك جەھەتلەردە پەرقلىق يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ۋە غەيرى ئەخلاقىي تەبىئەتلىرىمۇ بىر خىل بولمىغان. مەسىلەن: كۆرىۋاتىمىزكى، بەزى ئىنسانلاردىكى تەبىئىي قورقۇنچ خىسلىتى باشقىلاردىكىسىدىن پەرقلىق، بەزىلەردىكى تەمەگەرلىك باشقىلاردىكىدىن قاتتىق بولغان. بەزى كىشىلەر تىز ئاچچىقلىنىدىغان بولسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ۋە ئاچچىقىنى مەلۇم قىلمايدىغان كېلىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي پەرقلەرنى تېخى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان كىچىك بالىلاردىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا رىزقىڭلارنى 1 تەقسىم قىلغاندەك ئەخلاقىڭلارنىمۇ تەقسىم قىلغان».
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان تەبىئىتىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار خۇددى ئالتۇن، كۆمۆشكە ئوخشاش مەدەنلەردۇر، ئۇلارنىڭ 2 جاھىلىيەتتە ياخشى بولغانلىرى ئۆگەنسە ئىسلامدىمۇ «ياخشىلاردۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ئىنسانلارنى ئالتۇن، كۆمۆش قاتارلىق مەدەنلەرگە ئوخشاتقان. بۇ ئىنتايىن توغرا ئوخشىتىش بولۇپ، مەدەنلەرمۇ يۇقىرىسى ئالماس، تۆۋىنى كۆمۆرگە ئوخشاش قىممەتتە ۋە شەكىل ھەم خۇسۇسىيەتلەردە -بىر بىرىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك، ئىنسانلارمۇ يارىتىلىش تەبىئىتىدە، مىجەز، خۇلقىدا ۋە باشقا كۆپلىگەن جەھەتلەردە، خۇددى مەدەنلەرگە ئوخشاش پەرقلىقتۇر. ئەمدى «جاھىلىيەتتە ھەدىستىكى ياخشى بولغانلىرى ئۆگەنسە ئىسلامدىمۇ ياخشىلاردۇر» دېگەن جۆملىگە كەلسەك، بۇ جۆملە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، تەبىئىتىدە ياخشىلىق بولغانلارنىڭ قانداقلا بىر مۇھىت ۋە قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ياشىمىسۇن، شۇ ياخشىلىقنىڭ ئىپادىسىنى ھامان كۆرسىتىدىغانلىقى ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت ئەھلىدىن ئەخلاقى ياخشى كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ، شۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشىنى ۋە شۇلار ئارقىلىق كۆچلىنىشنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيتتى. پەيغەمبەر ئى» ئەلەيھىسسالامنىڭ !ئاللاھ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن ئەمر ئىبنى ھىشام ئەبۇ(جەھل ئىككىسىنىڭ قايسىسى ساڭا سۆيۆملۆك بولسا، شۇنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىنى ئاشكارا ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايىتى.) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( قىلالايدىغان باسقۇچقا ئۆتكەنلىكى بۇنىڭ مىسالى.
جاۋاب: ئۆزىدە گۆزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ئۆچۆن تەبىئىي مايىللىق ۋە قابىلىيەت بولغان ھەر قانداق ئەقىللىق ئىنسان ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا تىرىشچانلىقلا كۆرسىتىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۆزەل ئەخلاقلارنى ھاسىل قىلالايدۇ. مەسىلەن: تىز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلىش ئۆچۆن بەل باغلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، تەربىيە ۋە مەشق يولى بىلەن ئۇ ئۆزىدە چوقۇم ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلالايدۇ. ئەڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئادەممۇ ئەگەر ئۇنىڭدا سېخىيلىققا ئادەتلىنىش ئۆچۆن تەبىئىي قابىلىيەت ۋە تەبىئىي مايىللىق بولۇپ، سېخىيلىققا ئادەتلىنىش ئۆچۆن چىن ئىرادە تىكلىسە، تەربىيە ۋە مەشق يولى بىلەن ئۇ چوقۇپ سېخىيلىققا ئادەتلىنىدۇ ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاقنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ. مۇنداق بىر شەخسىيەتچى ئادەم بىردىنلا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىش دەرىجىسىگە يېتەلمىسىمۇ، ئۇ باشقىلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك -ھەق ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشى ئۆچۆن يېتەرلىك بولغان سېخىيلىقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. باشقا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىدە تەبىئىي قابىلىيەت بولۇش شەرتى بىلەن ھاسىل قىلىش يولىدا تىرىشقان ھەر قانداق ئادەم چوقۇم ئۇنى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش. شۇنىڭ ئۆچۆن ئۆزىنى تەربىيە بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىدە گۆزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئىشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىنسان قىيامەت كۆنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۆنكى ئىنسان ھاسىل قىلىش قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن جاۋابكاردۇر. شۇنىڭ ئۆچۆن قولىدىن كېلىدىغان تۇرۇپ ھاسىل قىلمىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جازاغا لايىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەخلاقىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تۆزىتىش ئۆچۆن تىرىشماستىن، ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆز يولىغا قويۇۋەتسە، قىيامەت كۆنى بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك 1 جاۋابكارلىققا )تارتىلىدۇ (. ئابدۇراھمان ھەبەننەكە «الأخلاق مەيدانىينىڭ ناملىق الإسلامية» ئەسىرىدىن تاللاپ ئېلىندى.
جاۋاب: كارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلاردىن ھەرگىز ئىنساننى مەسئۇل تۇتمايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا پاكار ئادەمنى ئۇنىڭ پاكارلىقى، ئىگىز بويلۇق ئادەمنى ئۇنىڭ ئىگىز بويلىقى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتمىغىنىغا ئوخشاش. شۇڭا ئىنساننىڭ جاۋابكارلىقى ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى ياخشىلىق ياكى يامانلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىش 2 قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار دائىرىسىدىلا )بولىدۇ (. بۇ ھەقتىكى ئىسلام پىرىنسىپى مۇنداق: نەپسىنى﴿ پاك قىلغان ئادەم مەقسىتىگە يېتىدۇ 3، ئۇنى گۇناھقا پاتۇرغان ئادەم زىيان تارتىدۇ﴾. ھەر﴿ قانداق بىر قەۋم ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۆچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى زارىيات -55 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئەمر خالىدنىڭ بۇ ماۋزۇدىكى ماقالىسىدىن. ()2 شەمس -10 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئۆزگەرتمەيدۇ 1﴾. رەئد -11 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: گۆزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋە ئۆنۆملۆك چارىسى تەربىيە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇڭا ئىسلام دىنى ئەخلاق تەربىيىسىگە ئالاھىدە زور ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئەخلاق تەربىيىسى ئىمان تەربىيىسى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ كۆپرەكىنى ئىمان بىلەن ئەخلاقنى تۇرغۇزۇش يولىغا ئاتىغانلىقىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئىنسان تەبىئىتى بىر خىل بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇناسىپ كەلگەن تەربىيە چارىسى يەنە بىرىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۆچۆن ئىسلام تەربىيىسى پۆتۆن ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ كېلىدىغان تەربىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان. كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدە ئىسلام ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشى ئۆچۆن ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلارغا تەقدىم قىلغان تەربىيە چارىلىرى: ئەمەلىي مەشق، ياخشى مۇھىت، ياخشى ئۆلگە، مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي بېسىمى قاتارلىقلاردۇر.
جاۋاب: نەپسنى ئىشتىھا قىلغان ۋە ھەۋەس قىلغان ئىشلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇنى شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا چېنىقتۇرۇش گۆزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە پەزىلەتلەرگە-ئېسىل ئادەتلىنىشنىڭ چارىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنداق مەشقلەر دەسلەپتە ئىنسانغا ئېغىر تۇيۇلسىمۇ، كېيىنچە ئۇنى قىيىن كۆرمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش ئارقىلىق بەدەننى كۆچلەندۈرگەنگە ئوخشاش ئىش. ئىنساندا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەبىئىي ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت بولغانلىقى ئۆچۆن تەربىيە دەيدىغان نەرسە مەۋجۇد. ئەگەر ئىنساننىڭ ئەخلاقىي قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان ۋە ئىسلاھ قىلىنمايدىغان بولسا ئىدى، ئىنسان ھاياتىدا تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. ئەمما ئىلاھىي تەلىماتلار بىلەن رېئاللىقتىكى تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلغان تەربىيە مېتودلىرى ئىنسان تەبىئىتىدە تەربىيەنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. تەربىيىچىلەر، ئۇستازلار ۋە مۇئەللىملەر بۇ مېتودغا ئاساسلانغان ھالدا، يېڭى نەسىللەرنى تەربىيىلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئۆگىنىش- بىلەن، سەۋر سەۋرچانلىققا- ئادەتلىنىش بىلەن بولىدۇ.«يەنە بىر ھەدىستە:»ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ ئىپپەتلىك قىلىدۇ، كىشىلەردىن بىھاجەت بولۇشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ بىھاجەت قىلىدۇ، سەۋىرچانلىقنى 1 مەشق قىلغان كىشىنى سەۋرچان قىلىدۇ» دەپ كەلگەن. نەپسنى يىغىش، ئۇنىڭ يولسىز ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىش ۋە كۆڭلى خالىمىسىمۇ ئۆزىنى ياخشى ئىشقا ۋە ئېسىل پەزىلەتكە زورلاشتىن ئىبارەت جاپالىق مەشق بىلەن گۆزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ئەلۋەتتە مۇمكىندۇر. مەسىلەن: تىز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئۆزىدە ئېغىر بېسىقلىقتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش يولىدا دەسلەپتە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ، ئەمەلىي مەشققە داۋام قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلالايدۇ. باشقا ئەخلاق تۆرلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
جاۋاب: پەزىلەتلىك -جەمئىيەت ئىنسانىي خىسلەتلەرنى، ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاق ۋە ئالىي پەزىلەتلەرنى ئۆزلىرىگە مۇجەسسەم قىلغان، ياخشى قىلىق ۋە ياخشى ئادەتلەرنى ياقتۇرىدىغان، يامان ئادەت ۋە يامان قىلىقلارنى، شۇنداقلا ناچار ئەخلاقلارنى يامان كۆرىدىغان ئىنسانلار توپلىمىدىن تەركىب تاپقان جامائەتچىلىكتۇر. پەزىلەتلىك جەمئىيەت قۇرئان كەرىمدىكى: سىلەر﴿ ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۆچۆن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان 2 ئەڭ ياخشى ئۇممەتىسلەر﴾ دېگەن ئايەتتە ماختالغان ئىنسانلار ياشايدىغان جەمئىيەتتۇر.
جاۋاب: ياخشى مۇھىت ۋە پەزىلەتلىك جەمئىيەتكە چۆكۆپ شۇ جەمئىيەت ئىنسانلىرى بىلەن بىرگە ياشاش ئارقىلىق شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ -ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى، ياخشى ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. چۆنكى ئىنسان ئۆزى ياشىغان جەمئىيىتىنىڭ ۋە شۇ جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى ۋە ئەخلاقىنى ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، شۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ياقتۇرغاننى ياقتۇرىدىغان، ئۇلار يامان كۆرگەننى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدىكى -ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۆرىدۇ. تىلىدا راستچىللىق، ئادىتىدە ۋاپادارلىق، مۇئامىلىسىدە ئادالەتپەرۋەرلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئۆلگىلىك بىر جەمئىيەتتە ياشىغان ئادەم ئۆچۆن بۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ. كۆڭلى خالىمىسىمۇ بۇ ئادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ شۇ جەمئىيەتكە ۋەكىللىك بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئال ئىمران سۆرىسى -110 ئايەت. ) ( قىلالايدىغانلار قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: بېخىل ئىنساندىن بىرى پەزىلەتلىك-ئەخلاق ۋە ساخاۋەتلىك بىر جەمئىيەتتە ياشىسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ سېخىيلىقىدىن مەلۇم مىقدارنى ئۆزىگە يەرلەشتۆرەلەيدۇ. قورقۇنچاق بىرى قورقۇشنى بىلمەيدىغان بىر جەمئىيەت كىشىلىرى بىلەن ياشاش ئارقىلىق ئۆزىدىكى قورقۇنچاقلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. ئەكسىچە، پەزىلەتتىن-ئەخلاق نېسىۋىسى بولمىغان جەمئىيەتتە ياشىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شۇ جەمئىيەتنىڭ يامان ئادەتلىرى ۋە ناچار ئەخلاقلىرىنى -بىلىپ بىلمەي قوبۇل قىلغانلىقتىن گۆزەل ئەخلاقتىن مەھرۇم قالىدۇ.
جاۋاب: ياخشى ئۆلگە – -ئەخلاق پەزىلەت ئۆچۆن ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدىغان ئەمەلىي ئۆلگە دېمەكتۇر. بۇنداق ئۆلگە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغىلى بولىدىغان ھېسسىي ئۆلگە بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئىزلىرىنى-ئىش ۋە سۆرىتىنى تارىخلاردىن، قىسسىلەردىن ئوقۇش ئارقىلىق زېھىنلەرگە كەلتۆرگىلى بولىدىغان مەنىۋى ئۆلگە بولىدۇ. ياخشى ئۆلگە شەخسلەر ئۆچۆن ئۆلگىلىك شەخسلەردىن، كوللېكتىپ ئۆچۆن ئۆلگىلىك جامائەت ۋە ئۆلگىلىك جەمئىيەتتىن تەسىرات ئېلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.
جاۋاب: ياخشى ئۆلگىنىڭ گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە تەسىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنىڭ سىرى مۇنداق: (1) ياخشى ئۆلگە ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئالىي مەرتىبىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق بىر مەرتىبە ئادەتتە ئومۇم خەلقنىڭ سۆيگۆسىگە، تەقدىرلىشىگە، ئېھتىرامىغا-ھۆرمەت ۋە قىزىقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇنداق بىر ئۆلگە يارىتىشقا تۆرتكە بولىدىغان گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەردىن نېسىۋىسى بولمىغانلار ئارىسىدا ئۆلگىلىك كىشىلەرنى تەقلىد قىلىش روھىنى دە-ئويغىتىدۇ، ئۇلار پەزىلەتتە-ئەخلاق ئۆلگىلىك كىشىلەرنى شەكلىي جەھەتتە بولسىمۇ دوراشقا ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئوخشىتىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئەھۋال مەلۇم مۇددەت شۇنداق داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە، تەقلىد قىلغۇچىلار تەقلىد قىلىنغۇچىلاردىكى ئەخلاق، پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە يەرلەشتۆرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قاراپ گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەردىن تېگىشلىك نېسىۋىلىرىنى ئالىدۇ. چۆنكى ئىنسان قانداقلا بىر ئىشنى مەلۇم مۇددەت تەقلىد قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. (2) كامالەت دەرىجىلىرىدە ئۆزلۆكسىز يۆكسەلگەن بىرەر ئۆلگە ئەقلى ئويغاق كىشىنىڭ قەلبىدە، ئۇنى سۆيۆش، قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىش تەسىرىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا كامالەتلەرگە يۆكسىلىش روھىنى ئويغىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تەبىئىتىدە ياخشىلىققا مايىللىق بولۇپ، كامالەت مەرتىبىلىرىگە ئۆرلەش ئىقتىدارى بولسا، ئۆزىگە نىسبەتەن ئۆلگە سانالغان كىشىنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى تۇرماستىن تەقلىد قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىش ئۆچۆن كۆچ سەرپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مەقسىتىگە يېتىدۇ ۋە تىرىشچانلىقىغا قاراپ كامالەت مەرتىبىلىرىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. (3) ياخشى ئۆلگە ئادەتتە ئەڭ ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەڭ ياخشى ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلەنگەن كىشى بولۇپ، ئۇ باشقىلارغا بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىك قانائىتىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەزىلەتلىك-ئەخلاق بولۇشقا قىزىقىدىغانلار ئىككىلەنمەستىن بۇ يولغا قەدەم دە-قويىدۇ، بۇ يولدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قاراپ گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەردىن نېسىۋە ئالىدۇ. رېئاللىقتا كۆرىۋاتىمىزكى، تەربىيە-تەلىم ساھەسىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلالمىغانلىقتىن، بەزى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ شۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرگىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى سىناپ بېقىش مەقسىتى بىلەن بۇ ئىشلارغا ئاتلىنىپ، ئاخىرى غەلىبە قىلىدۇ. بۇ غەلىبىگە ئىنساندىكى باشقىلارنى دوراشقا بولغان تەبىئىي مايىللىق ۋە دوراش قابىلىيىتى ئالاھىدە ياردەم قىلىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام دىنى ياخشى ئۆلگىنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ كامالەت دەرىجىلىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن. -ئەخلاق پەزىلەتتە يۆكسىلىشمۇ بۇنىڭ جۆملىسىدىن سانىلىدۇ. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلار ئۆچۆن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ” ياخشى “ئۆلگە قىلىپ كۆرسەتكەن. سىلەرگە﴿ ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۆنىنى ئۆمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە 1 ياخشى ئۆلگىدۇر﴾. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن چوڭ تەلىمات بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۆتۆن ھەرىكەتلىرىدە-ئىش، -گەپ سۆزلىرىدە ۋە تۇرۇشلىرىدا-يۆرۈش ئۆلگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىشىنى تەلەب قىلىدۇ. ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە كامالەت دەرىجىلىرىگە يۆكسىلىشكە ئىنتىلىدىغانلار ئۆچۆن ئەڭ ياخشى ئۆلگىدۇر. ئۆز زامانىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئۆچۆن ھايات قايناملىرىنىڭ پۆتۆن ساھەلىرىدە جانلىق ئۆلگە بولۇپ ئۆتكەن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى، ئۇلۇغۋار -ئىش ئەھزاب -21 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئىزلىرى ۋە پائالىيەتلىرى نەسىلدىن نەسىلگە يېتىپ كېلىشى نەتىجىسىدە، تا ھازىرغىچە پۆتۆن ئىسلام مىللىتى ئۆچۆن ئەڭ ياخشى ئۆلگە بولۇپ كەلمەكتە. ھازىرقى ئەسىردە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھايات قايناملىرىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە تولۇق ئۆلگە قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۆتكەن 14 ئەسىردىن كۆپرەك تارىختىن بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۆتۆن ئىشلىرىدا ئۆلگە قىلىپ كەلگەن بىر بۆلۆك مۇسۇلمانلار توپلىمى ئۆزۈلۆپ قالغىنى يوق. گەرچە ئۇلار ھازىرقى زاماندا ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ، قىممەت ۋە سۆپەت جەھەتتە يۇقىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ھەر زامان مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر بۆلۆك كىشىلەر ھەقىقەت يولىدا كۆرەش 1 قىلىشقا داۋام قىلىدۇ. بۇ ئىش تا قىيامەتكىچە شۇنداق «بولىدۇ . يەنە مۇنداق دېگەن: مېنىڭ» ئۇممىتىمدىن ھەر زامان بىر تائىپە كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇشقا داۋام قىلىدۇ، ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنى نائۆمىد قويغۇچىلار ئۇلارغا زىيان يەتكۆزەلمەيدۇ. بۇ ئىش تاقىيامەتكىچە شۇنداق 2 داۋام قىلىدۇ». دېمەك، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىققا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر بۆلۆك چىن مۇسۇلمانلار تا قىيامەتكىچە ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئىسپاتلاپ ۋە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇپ تۇرىدۇ.
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا، ئىسلام تەربىيىسى قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ-چارە بىرى مۇسۇلمانلار توپلىمىنىڭ شەخسلەرنى گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرگە زورلايدىغان مەنىۋى بېسىمىدۇر. چۆنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە شۇ جەمئىيەت ئەزالىرى بولغان شەخسلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مەنىۋى نوپۇز ۋە مەلۇم دەرىجىدە بېسىم بولىدۇ.
جاۋاب: ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئىگە بولغان مەنىۋى نۇپۇز ۋە بېسىمنىڭ مەنبىئى شۇ جەمئىيەتتىكى شەخسلەرنىڭ جەمئىيىتىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە جەمئىيىتىدىن كۆتىدىغان ماددى ھەم مەنىۋى مەنپەئەتلىرىدۇر. چۆنكى ئىنسان باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆمۆر سۆرىدىغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مەخلۇقات بولغانلىقتىن، مەلۇم ئىنسانلار توپلىمى ئىچىدە ھايات كەچۆرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىقلا نورمال ھايات كەچۆرەلەيدۇ. ئىنساننىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان ئېھتىياجىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( تەبىئىي مۇناسىۋەتتۇر. قانداقلا بىر نەرسىگە بولغان ئېھتىياج ئېھتىياج ئىگىلىرىنى ئۆزىگە قارىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆزىگە قۇل قىلىۋالىدىغانلىقى بىز رېئاللىقتا كۆرىۋاتقان ھەقىقەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئېھتىياج ئىگىسى بولغان ئادەم جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى قايىل قىلمىغىچە ۋە ئۇلارنى رازى قىلمىغىچە، جەمئىيىتىدىن كۆتكەنلىرىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۆچۆن جەمئىيىتىدە ئېتىبارلىق كىشىلەردىن بولۇش، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش يولىدا مەجبۇرىي ھالدا، جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ يولىغا -ئەگىشىدۇ دە، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە-ئۆرپ ماسلىشىدۇ، ئۇلار ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئۇلار يامان كۆرىدىغان قىلىقلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ مۇسۇلمانلار توپلىمى ياقتۇرىدىغان گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنى -ئاستا ئاستا ئۆزىدە يېتىلدۈرىدۇ.
جاۋاب: ئىنساننى جەمئىيىتى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان مەنىۋى ئېھتىياجلارنىڭ بىرى ئىنساندىكى قىممەت-قەدىر ئېھتىياجىدۇر. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ قوللىشىغا، ئېھتىرامىغا-ھۆرمەت، ھەتتا ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش قىزىقارلىقى بىلەن چىن قەلبىدىن بولمىسىمۇ ياخشى ئىشلارنى ئۆزلىكىدىن قىلىشقا، ئۆزلىرىنى گۆزەل ئەخلاقلارغا ئادەتلەندۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۆچۆن نەپسىي ھەۋەسلىرىدىن، شەخسىي غەرەزلىرىدىن، ھەتتا بەزى زۆرۈر مەنپەئەتلىرىدىن ۋازكېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مۇنداق ئىنسانلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەتنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى نوپۇزى ۋە بېسىمى يۆزىسىدىن قىلىدۇ. گەرچە مۇنداق شەكىلۋازلىق قىلىش ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، باشقىلاردىن ئۇيۇلۇپ بولسىمۇ يامان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزىنى كۆندۈرگەن ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا-ئاستا بۇ ياخشى ئادەتنى ئەخلاققا ئايلاندۇرالايدۇ، يەنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش، گۆزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىش، يامان ۋە ناچار قىلىقلاردىن يىراق تۇرۇش ئۇنىڭ ئەخلاقىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كېيىنچە، بۇنداق ئادەم گۆزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرۈشنى بىرەر مەنپەئەتكە باغلىماستىنمۇ 1 داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ )قالىدۇ (. ئابدۇراھمان ھەبەننەكە «الأخلاق مەيدانىينىڭ ناملىق الإسلامية» ئەسىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ) (.
جاۋاب: ئەخلاقىي بۇرچىمىز 6 تۆرلۆك بولۇپ، ئۇلار )تۆۋەندىكىچە (: * (1) دىنىمىزغا قارىتىلغان بۇرچىمىز. (2) ئۆزىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز. (3) ئائىلىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز. (4) ۋەتەن ۋە خەلقىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز. (5) ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان بۇرچىمىز. (6) تەبىئەتكە قارىتىلغان بۇرچىمىز.
جاۋاب: دىنىمىزغا قارىتىلغان ئەخلاقىي بۇرچىمىز 4 قىسىمغا بۆلۆنىدۇ. ئۇلار: (1) دىنىي پىرىنسىپلارغا قارىتىلغان بۇرچىمىز. (2) ئاللاھقا قارىتىلغان بۇرچىمىز. (3) پەيغەمبىرىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز. (4) قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان بۇرچىمىز.
جاۋاب: ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي پىرىنسىپلارغا قارىتىلغان بۇرچىنى ئىخچاملىغاندا مۇنداق: دىنىمىز بەلگىلىگەن پىرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە بۇلارنى جان تىكىپ قوغداش، دىن مەسىلىلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئۆگىنىش، دىننىڭ پۆتۆن بۇيرۇغانلىرى ۋە توسقانلىرىغا رىئايە قىلىپ ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۆلگىلىك بىر مۇسۇلمان بولۇش.
جاۋاب: ئاللاھقا قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: ئاللاھ سۆيگۆسىنى، ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قېلىش خەۋپىنى قەلبىمىزگە يەرلەشتۆرۈشىمىز، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراپ، توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇشىمىز، ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرى ئۆچۆن شۆكۆر ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ ياخشى بىر بەندىسى بولۇشقا تىرىشىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: پەيغەبىرىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە ئورنىتىش، ئۇنى ئۆزىمىزگە پۆتۆن bilgisi Din Temel ناملىق تۆركچە ئەسەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى. (∗) ئىشلىرىمىزدا رەھبەر قىلىش، دىنىمىزنى ئۇنىڭ چۆشەنگىنىدەك ۋە ئۇ ياشىغاندەك ياشىتىشقا تىرىشىش، ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئۆلگە قىلىش، ئۇنىڭغا دۇرۇت ۋە دۇئالارنى يوللاش ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇممىتى بولۇشقا تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر.
