تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭ قىممىتى

ئىسلامدا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق قىممەتلىرى (سوئال 747 – 779)

بۆلۈم: “ئىسلامدا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق قىممەتلىرى (سوئال 747 – 779)”
747سوئال:قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىق بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇنى ھەمىشە تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىپ، كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىيلەشتۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

748سوئال:ئۆزىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قانچىگە بۆلۆنىدۇ ۋە ئۇلار قايسىلار؟#

جاۋاب: ئۆزىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز تېنىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز ۋە روھىمىزغا قارىتىلغان بۇرچىمىز، دەپ ئىككىگە بۆلۆنىدۇ.

749سوئال:تېنىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: تېنىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: تېنىمىزنىڭ بىزگە ئاللاھتىن بىر ئامانەت ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى پاكىز تۇتۇشىمىز، جىسمىمىزنى پاك ۋە ھالال نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرىشىمىز، ئىبادەتلىرىمىزنى تولۇق ئورۇندىشىمىز، تېنىمىزنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇنى پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشىمىز ۋە قىيامەت كۆنىدە ھەر بىر ئورگاننىڭ بىزنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان بارلىق ئىشلىرىمىزغا گۇۋاھ بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

750سوئال:روھىمىزغا قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: روھىمىزغا قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: روھىمىزنى ئىسلامىي ئېتىقاد، ياخشى ئەخلاق ۋە گۆزەل ھېس – تۇيغۇلار بىلەن بېزەش بىلەن بىرگە خاتا ئېتىقاد، يامان ئەخلاق ۋە يامان ھېس – تۇيغۇلارنىڭ روھىمىزدا ئورۇن ئېلىشىغا يول قويماسلىقىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

751سوئال:ئائىلە ئەزالىرىمىزغا قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: ئائىلە ئەزالىرىمىزغا قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى مەكتىبىدۇر. شۇڭا ئائىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۆچۆن غەيرەت كۆرسىتىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئائىلىدىكى ئاتا – ئانىغا ۋە باشقا چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ئىش – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز ۋە «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ «رازىلىقىدا، جەننەت» ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى ئونۇتماسلىقىمىز لازىم -ئەر ئايال ۋە ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئارىسىدا سۆيگۆ بىلەن ھۆرمەتنى ھەر نەرسىدىن ئۆستۆن تۇتۇشىمىز، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھالال كەسىپ ۋە توغرا يوللار بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز، بالىلارغا پۆتۆن ئىشلاردا ياخشى ئۆلگە بولۇپ، ئۇلارنى ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاق دائىرىسى ئىچىدە ياخشى تەربىيە قىلىشىمىز، بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمچىلىق قىلماستىن، ھەممىگە ئوخشاش، ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

752سوئال:ۋەتەن ۋە خەلقىمىزگە قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: ھەر قانداق خەلقنىڭ ۋەتىنى ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى بولۇپ، پۇل – مېلىنى، جېنىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنى ۋە خەلقىگە قارىتىلغان ئەڭ ئاددى بۇرچى ۋەتىنى بىلەن خەلقىنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيقەستلىرىدىن جان تىكىپ قوغدىشى، ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە خىيانەت قىلماسلىقى ۋە بۇ ئىككىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغدىشىدىن ئىبارەتتۇر.

753سوئال:پۆتۆن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: پۆتۆن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان بۇرچىمىز قىسقىچە مۇنداق: دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. ئىنسانلار ئىنسانلىق تەرەپتىن ئۆزئار قېرىنداشلاردۇر. شۇڭا ھېچبىر ئىنساننى ۋە ھېچبىر مىللەتنى تۆۋەن كۆرمەسلىك ۋە كەمسىتمەسلىك لازىم. چۆنكى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى تىل، رەڭ، ئىرق پەرقلىرى ئاللاھنىڭ ئاجايىب قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەردىن سانىلىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە باشقىلار بىلەنمۇ چىقىشىپ ياخشى ئۆتۆشكە تىرىشىشىمىز لازىم. مۇسۇلمان ئادەم پۆتۆن ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ تىل، رەڭ، ئىرق، دىن ۋە ۋەتەنلىرىنىڭ پەرقلىق بولغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، چەتكە قاقمايدۇ، كەمسىتمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ ۋە ياخشىلىق تىلەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىغا زىيانكەشلىك قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ دىيارلىرىغا خىرىس قىلماقچى بولغانلارغا جېنىدىن قارشى تۇرىدۇ.

754سوئال:تەبىئەتكە قارىتىلغان بۇرچىمىز قايسىلار؟#

جاۋاب: ئاللاھ ياراتقان جانلىق – جانسىز ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىز ئىنسانلار ئۆچۆن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا ئالاھىدە ۋەزىپىسى ھەم پايدىسى بار. بىز مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىزگە قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما ئاللاھ ھېچبىر نەرسىنى بېكارغا ياراتقان ئەمەس. شۇڭا مەۋجۇداتلاردىكى گۆزەللىكلەرنى ۋە يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتلەرنى بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىرىشىشىمىز، ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ پايدىسىنى كۆرگىنىمىزدە ئاللاھقا شۆكۆر ئادا قىلىشىمىز ۋە ئاللاھ تەبىئەتتە بېكىتكەن تەڭپۇڭلۇقنى بۇزماسلىقىمىز لازىم. تەبىئەت ــ ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتىدۇر. ئاللاھ تائالا تەبىئەتنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۆچۆن يارىتىپ بەرگەن. ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ تەبىئەتكە قارىتىلغان بۇرچى تەبىئەتتىن يوللۇق ھالدا پايدىلىنىش، ئۇنى بۇلغىنىشتىن ۋە بۇزۇلۇشتىن ئاسراش، ئۇنى سۆيۆش ۋە قوغداشتىن ئىبارەتتۇر.

755سوئال:گۆزەل ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان قانداق بولىدۇ ؟#

جاۋاب: گۆزەل ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان مۇنداق بولىدۇ: (1) ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىدۇ. (2) ئاللاھ بۇيرىغان ئىبادەتلەرنى ئورۇندايدۇ. (3) ئىبادەتلەرنى پەقەت ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۆچۆن قىلىدۇ. (4) ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. (5) ھەركىمگە گۆزەل ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. (6) پەيغەمبىرىمىزنى سۆيىدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلىدۇ. (7) قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن كۆپ مەشغۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ. (8) ۋۇجۇدىنى پاكىز ۋە ھالال نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ. يېمەك – ئىچمەكلىرىدە ھارام ۋە زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدۇ. (9) روھىنى گۆزەل تۇيغۇلار بىلەن تولدۇرىدۇ. قەلبىدىن بۇزۇق خىيال ۋە يامان غەرەزلەرگە ئورۇن بەرمەيدۇ. (10) ئاتا – ئانىسىغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ھەزەر قىلىدۇ. (11) ئائىلە چوڭلىرىغا، -ئۇرۇق توغقانلىرىغا، قوشنىلىرىغا ۋە دوستلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. (12) بالىلىرىغا ۋە جورىسىگە ئەڭ ئېسىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلانىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئۇلارنىڭ سائادىتى ئۆچۆن تىرىشىدۇ، بالىلىرىنىڭ يامان ئادەتلەرگە كۆنۆپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. (13) مۇسۇلمانلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك سۆيىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىدۇ. (14) خەلقىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ئۆستۆن بىلىدۇ. (15) ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدا ۋە مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. باشقا دىن ئەھلىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. (16) پۆتۆن ئىنسانىيەتكە ۋە ھەر قانداق بىر جان ئىگىسىگە مېھرى – شەپقەتلىك بولىدۇ. (17) تەبىئەتنى ئاسرايدۇ، مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. (18) دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۆچۆن پايدىلىق بولغان ئىلىملەرنى ئېگەللەشتىن زىرىكمەيدۇ. (19) ھەر ئىشتا راست سۆزلۆك، سەمىمىي، ۋاپادار، ۋىجدانلىق ۋە غۇرۇرلۇق بولىدۇ. (20) دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش يولىدا ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلەيدۇ، ئەمما ئاخىرەتلىكى ئۆچۆنمۇ ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىلىدۇ.

756سوئال:گۆزەل ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان نېمىلەرنى قىلمايدۇ؟#

جاۋاب: گۆزەل ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان تۆۋەندىكىلەرنى قىلمايدۇ: (1) ئىسلام ئېتىقادىغا زىت كېلىدىغان پىكىر – ئېقىملارنى قوبۇل قىلمايدۇ. (2) ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنى تەرك ئەتمەيدۇ، گۇناھ – مەسىيەت ئىشلىمەيدۇ. (3) جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىز كىشىلەرگە ئەگەشمەيدۇ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشنىمۇ ئونۇتمايدۇ. (4) يالغان سۆزلىمەيدۇ، ساختىپەزلىك قىلمايدۇ، غەيۋەت قىلمايدۇ، تۆھمەت قىلمايدۇ. (5) ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، ئۆسۆم بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ، بىراۋنىڭ ھەققىنى يېمەيدۇ. (6) بىراۋغا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىك قىلمايدۇ، كىشىلەرنى مەسخىرە قىلمايدۇ. (7) ئاتا – ئانىسىنى قاخشاتمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق قول بولمايدۇ. (8) ھورۇن، تىرىكتاب، بېخىل، نامەرد، ئۇياتسىز بولمايدۇ، تۇزكور بولمايدۇ. (9) پۇرسەتپەرەس، ھېيلىگەر، ئالدامچى، ئوتقۇيرۇق، چېقىمچى بولمايدۇ. (10) ۋەتىنىگە، خەلقىگە ۋە قەۋم قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلمايدۇ.

757سوئال:ئەخلاقنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ ؟#

جاۋاب: ئەخلاقنى ئۆزگەرتىش تامامەن مۇمكىن. تەربىيە بىلەن يامان ۋە ناچار ئەخلاقلارنى گۆزەل ۋە ئېسىل ئەخلاقلارغا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تەربىيەنىڭ نېمە ئەھمىيىتى !بولسۇن؟ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن، ئەخلاق ئەخلاقلىنىش بىلەن، سەۋر سەۋرچانلىق بىلەن ھاسىل بولىدۇ» 1 (. خۇددى ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى ناقىس ۋە يېتەرسىز بەدىنى ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تاكامۇللاشقىنىغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئەخلاقىمۇ گۆزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزىگە يەرلەشتۆرۈش يولىدا تىرىشىش ئارقىلىق تاكامۇللىشىدۇ. يېگانە ئۆلگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

758سوئال:ئەخلاق ئۆگىنشتە ئەڭ ياخشى ئۇلگە كىم؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق ياخشى ئىشلاردا، پۆتۆن ئىنسانىيەت ئۆچۆن ئەڭ ياخشى ئۆلگە بولغىنىدەك، گۆزەل ئەخلاق، پەزىلەت، ئالىيجانابلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ ياخشىـ ئۆلگىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ھەر ئىشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلگە قىلىشقا بۇيرۇپ: سىلەرگە﴿ – ئاللاھنى، ئاخىرەت كۆنىنى ئۇمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد -ئەتكەنلەرگە 2 رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى ئۆلگىدۇر﴾ دېگەن. مەلۇمكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەر يۆزىدە ئىنسان ئېھتىياجلىق بولغان پۆتۆن ئىشلاردا، ئۆلگە قىلىپ ئەگىشىشكە ئەرزىيدىغان بىرلا !شەخستۇر ئۇنداقتا، بىز ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونۇشقا مۇھتاجمىز. چۆنكى ئۆزىنى تونۇماستىن، ئۇنى ئۆلگە قىلغىلى بولمايدۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. ) ( ئەھزاب -21 سۆرىسى ئايەت. ()2 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر.

759سوئال:پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى. چۆنكى ئۇ قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن گۆزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان زات. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتا، ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا، بارچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقىسى ئىدى. ئۇ گۆزەل ئەخلاق جەھەتتىمۇ پۆتۆن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۆپ كەتكەنلىكتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۆزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ پۆتۆن ھاياتىدىكى بارلىق ئىش - ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ: (1) ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى (2) ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى (3) مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەخلاقى (4) ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا ئەخلاقى (5) بالىلارغا قارىتا ئەخلاقى (6) دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى (7) ئۇرۇش ئەسناسىدىكى ئەخلاقى (8) ھايۋانلارغا قارىتا ئەخلاقى (9) مۇھىت ۋە تەبىئەتكە قارىتا ئەخلاقىي (10) سۆھبەتداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى.

760سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ئەڭ ياخشى تونۇغان، ئۇنى ھەقىقى مەنىدە قەدىرلىگەن ۋە ئۇنىڭغا بولغان بەندىچىلىك بۇرچىنى ۋايىغا يەتكۆزگەن زات ئىدى. ئۇ ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايتتى، ھەمىشە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۆمىدلىنىش ۋە غەزىبىگە ئۇچراشتىن ھەزەر قىلىشتىن ئىبارەت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايتتى. پۆتۆن ھاياتىنى ۋە دۇنيالىقتىكى قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتاشتا ئىنسانىيەتكە ئۆلگە ئىدى. ئاللاھتىن كەلگەن خوشاللىق ئۆچۆن ئۇنىڭغا شۆكۆر قىلاتتى، ئۇنىڭدىن كەلگەن مۇسىبەت ياكى غەم – قايغۇ ئۆچۆن ئۇنىڭدىن تاقەت-سەۋر تىلەيتتى. ئاللاھ ئاتا قىلغان قىسمەتكە كۆڭلىدىن رازى بولاتتى. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان تۇرۇپ، كېچىلىرى ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ قىيامدا ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن، پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى.

761سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۆتۆن ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ئېيتمىغان پۆتۆن ئىنسانلارغا رەھىم - شەپقەت، كەڭچىلىك، كەچۆرۈم، ئازادىلىك ۋە ھۆرلۆكنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ تەشۋىق قىلغان ھەم ئەمەلىيىتى بىلەن تەتبىق قىلغان زاتتۇر. ئۇ پۆتۆن ئىنسانىيەتنى سۆيگەنلىكىدىن ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ نىجاتلىققا ئېرىشىشىگە تىرىشاتتى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەيتتى. ئۇنىڭ گۆزەل ئەخلاقىنى دۈشمەنلىرىمۇ بىردەك سۆزلەيتتى.

762سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئەڭ مېھرى – شەپقەتلىك، ئەڭ كۆيۆمچان زات ئىدى. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئالاھىدە مەدھىيىلەپ: «سەن ھەقىقەتەن گۆزەل ئەخلاققا ئىگىسەن» دېگەن. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان گۆزەل ئەخلاقىنى ماختاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ﴿ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال 2، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى﴾.

763سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەڭ ئۆلگىلىك بىر ئەر، ئەڭ شەپقەتلىك بىر ئاتا ۋە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان نۇن سۆرىسى -4 ئايەت. (ئال ئىمران سۆرىسى -159 ئايەت.) بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ساھابىلارنىڭ: «ئاياللارغا مېھرىبانلىق قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق بىراۋنى «كۆرمىدۇق 1 ( دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىمۇ بۇ ياخشى ئەخلاققا چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئۆز ئەھلىگە 2 ئەڭ مېھرىبان «كىشىڭلارمەن دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەتنىڭ رەئىسى، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنىڭ رەھبىرى، ئەسكەرلەرنىڭ قوماندىنى، مەسجىدتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىقى قاتارلىق ئېغىر يۆكلەر ۋە مەسئۇلىيەتلەر ئۆستىگە يۆكلەنگەن تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى جايىدا ۋە تولۇق ئورۇندىغاننىڭ سىرتىدا، ئائىلىسى ئېھتىياجلىق بولغان -سۆيگۆ مۇھەببەت، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشىش، ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت ئايرىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇرچىنىمۇ ھېچ ئۇنتۇپ قالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى قىممىتىنى-قەدىر ناھايىتى ياخشى بىلگەن ۋە ئۇلارغا كۆيۆنگەنلىكتىن، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشەتتى، ئۇلارغا ئېغىرلىق سالمايتتى، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى ياماپ، بەزىدە ئۆزى يۇيۇپ كىيەتتى، ئىچمەكلىرىنى-يېمەك كۆپ ھاللاردا ئۆزى تەييارلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرى توغرۇلۇق سورالغىنىدالله «رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر ئىنسان ئىدى، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يامايتتى 3، ماللىرىنى ساغاتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى «قىلاتتى دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ” ئۆيىدە نېمە ئىش “قىلاتتى؟ دەپ سورالغىنىدالله «رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بولاتتى، ناماز ۋاقتى كەلگەن 4 ھامان مەسجىدكە چىقىپ كېتەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلگىسى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ئالدىدا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز نەدە؟ ئەر» كىشى تاماق ئەتسە بولمايدۇ،» ئەر» كىشى كىر يۇيۇسا بولمايدۇ» ۋە ئەر» كىشى بالا باقسا بولمايدۇ» دېگەنلەرنى كىم ئېيتىپتۇ؟ بىز پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشەمدۇق ياكى ئىسلام ئەخلاقىغا يات كېلىدىغان ناچار ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىبنى ماجە رىۋايىتى.) ئىمام ئەھمەت رىۋايىتى. (ئىمام بۇخارى رىۋاسيىتى.) !ئادەتلىرىمىزگىمۇ؟ قولىدا بالىسىنى كۆتۆرۈپ ماڭغان ياكى ئوچاق بېىشىغا كەلگەن ئەرنى ئەيىبلەيدىغان ناچار ئادەتنىڭ ھازىرمۇ بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۆم سۆرىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.

764سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلارغا قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كىشىگە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە سەۋىيىسىگە مۇناسىپ مۇئامىلىدە بولاتتى. بالىلارنى ۋە ئۇلارنى خوشال قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. بالىلارنىڭ قىينىلىپ قېلىشىغا زادى چىداپ تۇرالمايتتى. ھەمىشە يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايتتى. بەزىدە بالىلارنىڭ ئەقلىگە ماسلىشىپ ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينايتتى. بالىلارمۇ بۇ ئۆلگىلىك پەيغەمبەرنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەك سۆيەتتى ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى تىلەيتتى. ھەتتا نامازدا ئانىلىرى بىلەن مەسجىدكە كىرگەن كىچىك بالىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ قالسا، شۇ نامازنى قىسقا ئوقۇيتتى، كىچىك بالىلارنى قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئۇرۇشنى قاتتىق چەكلەيتتى.

765سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەنلىرىگىمۇ ناھايىتى -مېھرى شەپقەتلىك زات بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىچىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئېگە ئىدى. دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ چاقىرغان دىنىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۆزەل ئەخلاقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مېھرى – شەپقەت، رەھىمدىللىق، ئادالەت ۋە باشقىمۇ بارلىق ئېسىل سۆپەتلەرنىڭ ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئىقرار قىلاتتى. مەككىلىكلەرنىڭ ئۇنى كىچىكىدىن «مۇھەممەدۇل «ئەمىين يەنى ئىشەنچلىك) ۋە راستچىل (مۇھەممەد دەپ ئاتىغانلىقى، ئۇنىڭ دىنىغا شۇنچىلىك دۈشمەن بولۇپ تۇرۇپ، مال-پۇل ۋە ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئۇنىڭغا ئامانەت قويغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى سالغان، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشى قىيىن – قىستاقلارغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇنى ئاز دەپ ئۇلارنىڭ مال – مۆلۆكلىرىنى خالىغانچە تالان – تاراج قىلغان، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە ئازات بولغان كۆنى بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقىنى كۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مېھرى – شەپقىتى ھەممىگە ئومۇم بولغان بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ شەپقىتىگە تەلمۆرۈپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە تۇرۇشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى: تارقىلىڭلار» ، !ئازاتسىلەر» دېگەنلىكى، مەككىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى بولغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە بارچە ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇرۇپ قورسىقىدىكى بۇۋىقىنى چۆشۆرۋەتكەن ھىبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن ئادەمنى كەچۆرىۋەتكەنلىكى ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كەچۆرۈم بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن تەسىرلەنگەنلىكتىن ئەرەبلەر توپ – توپ بولۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىغان ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان.

766سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش ئەسناسىدىكى ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسىلىنى ھەمىشە ئۇرۇشسىز ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. پەقەت ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغان ياكى دۈشمەنلەر بېسىپ كەلگەن ۋاقىتتىلا ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئاۋۋال مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە يول يورۇق بېرىپ: «سىلەرگە تىغ تەڭلىمىگەنلەرنى، ياشانغانلارنى، ئاياللارنى، بالىلارنى !ئۆلتۆرمەڭلار زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ تەنلىرىنى پارچىلىماڭلار، ئەسىرلەرنى خورلىماڭلار» دەپ جېكىلەيتتى.

767سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايۋانلارغا قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەپقىتى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلارغىمۇ شامىل ئېدى. نان، سۇ بەرمەستىن باغلاپ قويغانلىقى تۆپەيلى ئۆلگەن بىر مۆشۆك سەۋەبلىك بىر مۆمىنە ئايالنىڭ دوزىخى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى چىقىرىپ تەلمۆرۈپ تۇرغان بىر ئىتنى ئۆتۆكىنى سېلىپ، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك جەننىتى بولۇپ كەتكەنلىكىنى مۇسۇلمانلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بارلىق جان ئېگىلىرىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى ئۆگەتكەن زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ ئاددىغىنە قىسسە چوڭقۇر مەنىگە ئېگە بولۇپ، بىزگە شەپقەتنىڭ ئاللاھ تائالا دەرگاھىدا نەقەدەركاتتا ئورنى بار ئىكەنلىكىنى چۆشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايۋانلارنى بۇغۇزلىغاندىمۇ ئۇلارغا رەھىم شەپقەت كۆرسىتىشنى بۇيرىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەممە نەرسىگە رەھمەتنى پۆتىۋەتكەن. مال بوغۇزلىغاندا، مالنى قىينىماستىن ياخشى بوغۇزلاڭلار.«بىر ئادەمنىڭ پىچاقنى قوينىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بېلىگەنلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغالله»پىچاقنى مالغا !كۆرسەتمە ئۇنى ئىككى قېتىم ئۆلتۆرمەكىچىمۇسەن؟» دەپ كايىغان.

768سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىت ۋە تەبىئەتكە قارىتا ئەخلاقىي قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇھىت تازىلىقىنى ۋە تەبىئەتنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەڭ زور ئەھمىيەت بەرگەن زات بولۇپ، «پاكىزلىق – ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن پىرىنسىپنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆي ئىچىنى، كىيىم – كېچەكلەرنى، يېمەك – ئىچمەكلەرنى ۋە بەدەننى پاكىز تۇتۇشقا بۇيرىغان، ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، كەبىنى تاۋاب قىلىشقا ئوخشىغان ئىبادەتلەرنى تاھارەتتىن ئىبارەت پاكىزلىق بىلەن ئورۇنداشقا، كۆپچىلىك توپلىشىدىغان ئورۇنلارغا يۇيۇنۇپ، خۇشبۇيلارنى سۆرتۆپ بېرىشقا ئەمر قىلغان ئىدى. مۇندىن باشقا ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ مەككىنىڭ دەل – دەرەخلىرىنى، ئۆسۆملۆكلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى كېسىشتىن ۋە يۇلۇشتىن مەنئى قىلغانلىقى، ئۇرۇش ئەسناسىدا ئەسكەرلەرنىڭ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماسلىقىنى، دەل - دەرەخلەرنى كەسمەسلىكىنى ۋە ئوت قويماسلىقىنى قاتتىق جېكىلىگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئەتنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئاسراشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

769سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەتداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئالىي پەزىلىتى ۋە گۆزەل ئەخلاقى بىلەن سۆھبەتداشلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئادەم قايتا سۆھبەتلىشىشنى ئارمان قىلاتتى. قىسقىسى، ئۇنىڭ سۆھبىتىگە تويمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇنىڭ سۆزىنى كەسمەيتتى ۋە بۇنداق قىلىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ بىلەتتى. سۆزلەۋاتقان كىشىدىن ھېچ ۋاقىت يۆزىنى باشقا تەرەپكە چۆرىمەيتتى. ئۇنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى. قارشى تەرەپنىڭ ئەدەپسىزلىكىگە ھەرگىزمۇ ئاچچىقلاپ قالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن كىچىك پېئىل ۋە تولىمۇ كەمتەر زات بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا – باشقا مىللەتلەر كاتتىلىرىغا ئورنىدىن تۇرغاندەك – ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى. ئولتۇرغاندا ئادەتتىكى كىشىلەردەك قەيەردىن ئورۇن تەگسە شۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئاجىزلارنى ۋە كەمبەغەللەرنى خور كۆرمەيتتى، ئۇلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلانىڭ بېشىنى سىلايتتى.

770سوئال:سۆيگۆ دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: سۆيگۆ ــ ھاياتلىقنىڭ جېنى، قەلبنىڭ زىننىتى ۋە بەختنىڭ كاپالىتىدۇر. سۆيگۆنىڭ قىممىتىنى تونۇغانلار «دۇنيادا سۆيگۆ ئومۇملىشىدىغان بولسا، ئىنسانلار نە ئادالەتكە، نە قانۇنغا موھتاج بولمىغان «بولاتتى دېگەن ئىكەن قەدىمدە. ئۇلۇغ ئالىم جالالىدىن رۇمىي مۇنداق دېگەن ئىكەن: سۆيگۆ» ــ ئاچچىقنى تاتلىققا، توپراقنى ئالتۇنغا، كىرنى ساپلىققا، كېسەلنى ساقلىققا، تۆرمىنى بوستانغا، غەزەپنى شەپقەتكە ئايلاندۇرىدىغان، تۆمۆرنى ئېرىتىدىغان، تاشنى يۇمشىتىدىغان، ئۆلۆكنى تىرىلدۈرىدىغان 1 ۋە ئۇنىڭغا ئابى ھايات بېغىشلايدىغان بىر مۆجىزىدۇر».

771سوئال:سۆيگۆلەرنىڭ ئەڭ چوڭى قايسى؟#

جاۋاب: سۆيگۆلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھ سۆيگۆسىدۇر. چۆنكى -سۆيگۆ مۇھەببەت كۆپىنچە قارشى تەرەپنىڭ سۆيگۆسى ياكى ئۇنىڭدىكى قايىل قىلارلىق سۆپەتلەر ياكى ئۇنىڭدىن كۆرگەن زور ياخشىلىقلار تۆرتكىسى بىلەن قەلبكە ئورنايدىغان نەرسە. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالادا مۇھەببەتكە-سۆيگۆ تۆرتكە بولىدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى تولىقى بىلەن بار. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بەكمۇ شەپقەتلىك ۋە تولىمۇ مېھرىبان زاتتۇر. ئۇنىڭ بۇ شەپقىتىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى ئەقلى بار ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئانا قارنىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى چوڭ بولۇپ، ياشاپ ئۆلگىنىگە قەدەر قانداق پەرۋىش قىلىدىغانلىقىنى، خەتەرلەردىن قانداق ساقلايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە چۆشىنىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇچىقىدا بالىسى بار بىر ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ساھابىلىرىدىن: «بۇ ئايالنى بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولىدۇ، دېسەم ئىشىنەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر، بۇ ئايال ھەرگىز بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بىلىڭلاركى، ئاللاھ بەندىلىرىگە مۇشۇ ئايالنىڭ بالىسىغا ئۇلۇغ ئەدىپ، شائىر، فىقھىشۇناس ئالىم، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، تەسەۋۋۇپنىڭ مەشھۇر «مەۋلىۋى تەرىقىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىي يىلى-604 ھىجرىيە رەبىئۇل ئەۋەل كۆنى-6 ئاينىڭ مىلادىيە-1207)كۆنى-30 سىنتەبىرنىڭ ھازىرقى ئافغسانىستاننىڭ خۇراسان ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەلخ دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن، ئائىلىسى خارزم شاھى بىلەن قۇدا بولغان. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئۆچ يېشىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە باغدادقا كەلگەن، كېيىنچە، مەككە، شام، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ھازىرقى تۆركىيىنىڭ كونيا شەھىرىدە مۇقىملاشقان ۋە سەلچۇقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ جايدا بولغان. يىلى-1273 كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ چوڭ زىيارەتگاھى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپلىقتىكى مۇرىدلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار. تۆركىيىدە كۆپ تەپىلىدۇ. ئەسرلىرىنى پارس تىلىدا يازغسان بولۇپ، ھازىرقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. جالالىددىن رۇمىينىڭ نامى ئامېرىكىدا ئۆتكۆزۈلگەن چوڭ بىر قۇرۇلتايدا دۇنياغا داڭلىق شائىرلار تىزىملىكىگە كىرگۆزۈلگەن. بولغان 1 مېھرىبانلىقىدىنمۇ بەك مېھرىباندۇر» (1) دېگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ئىككى ئالەملىك سائادەت-بەخت يولىغا باشلاش ئۆچۆن ئۇلارغا شەپقەت پەيغەمبىرى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە ھىدايەت مەنبىئى بولغان قۇرئان كەرىمنى چۆشۆرگەنلىكى، گۇناھكارلارنىڭ تەۋبە قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىپ، ئۇلارنى ھامان جازالىمايدىغانلىقى ۋە تەۋبىنىڭ ئىشىكىنى تا قىيامەتكىچە ئوچۇق قويغانلىقىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سۆيۆش ئۆچۆن قايىل قىلارلىق سۆپەتلەردىن سۆز ئاچساقمۇ، ئاللاھ تائالا پۆتۆن سۆپەتلىرىدە، پائالىيەتلىرىدە-ئىش ۋە تەدبىرلىرىدە ئەڭ مۇكەممەل يېگانە زات. پۆتۆن گۆزەللىكلەر، مۇكەممەللىكلەر ۋە جىمى ياخشىلىقلارنىڭ مەنبىئى ئاللاھ تائالادۇر. سۆيۆش ئۆچۆن تۆرتكە بولىدىغان ياخشىلىقتىن سۆز ئاچقاندىمۇ، ئاللاھ تائالا ئەڭ مۇكەممەل سۆيگۆگە لايىق يېگانە زاتتۇر. ئىنسان خاراكتېرى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى سۆيۆشنى تەبىئىي بۇرچ، دەپ بىلىدۇ. دۇنيادا قايسى بىرىنىڭ ياخشىلىقى ئىنساننى يوقتىن بار قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان، ئۇنىڭغا ئەقىل ـ ئىدراك ئاتا قىلىپ، بارچە مەخلۇقاتلاردىن ھۆرمەتلىك ھەم قۇدرەتلىك قىلغان ۋە ئۇنى كائىناتنىڭ خوجايىنى قىلىپ بەلگىلەپ، ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن كەرەملىك، شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ياخشىلىقلىرىغا !يېتەلىسۇن؟

772سوئال:ئاللاھ سۆيگۆسىنىڭ قىممىتى قانداق؟#

جاۋاب: ئاللاھ سۆيگۆسى ئىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىبى، ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىى، ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، سۆيگۆلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن 2 ئارتۇق دوست «تۇتقۇچىلاردۇر دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: كىمكى» ئۇنىڭدا ئۆچ نەرسە بولىدىكەن، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭ ئۆچۆن ھەممىدىن سۆيۆملۆك بولىشى؛ ئىككىنچىسى، بىراۋنى دوست تۇتسا ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ دوست تۇتىدىغان بولىشى؛ ئۆچىنچىسى، مۇسۇلمانلىقتىن كېيىن كاپىر بولۇشنى، خۇددى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك 3 يامان كۆرىدىغان بولىشى». چۆنكى، ئاللاھ تائالا -سۆيگۆ مۇھەببەتنىڭ يېگانە مەنبىئى. دۇنيادىكى پۆتۆن ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. (بەقەرە 165 سۆرىسى ـ ئايەت.) بۇخارى رىۋايىتى. ) ( سۆيگۆلەر ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز سۆيگىسىدىن بىر تامچە بولغان ھالدا، ئاللاھ تائالادىن كەلگەن. قەلبلەرگە سۆيگۆ ئوتىنى سالغۇچىمۇ ئاللاھ تائالادۇر.

773سوئال:ئاللاھ سۆيگىسى نېمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھ سۆيگۆسى ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىتائەت قىلىش، پۆتۆن ھايات قايناملىرىدا ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى دەستۇر قىلىپ ئەمەل قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

774سوئال:پەيغەمبەر سۆيگۆسى قانداق سۆيگۆ؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر سۆيگۆسى ئاللاھ سۆيگۆسىدىن قالسا ئەڭ ئەھمىيەتلىك سۆيگۆ بولۇپ، ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادەتلىرىگە ئېرىشتۆرۈشكە كېپىللىك قىلىدىغان ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ھەق دىننى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى كۇپرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىماننىڭ پارلاق نۇرىغا باشلاپ چىققان ۋە بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ بىردىنبىر ئۆلگىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىنمۇ سۆيۆملۆك كىم !بولسۇن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق 1 كىشىلىرىدىن ئارتۇق سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

775سوئال:پەيغەمبەر سۆيگۆسى قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر سۆيگۆسى دىن ۋە دۇنيالىق پۆتۆن ئىشلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەمەلىي رەۋىشتە ئەگىشىش ۋە ئۇنى ھەر ئىشتا ھەقىقىي مەنىدە ئۆلگە قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

776سوئال:ۋەتەن سۆيگۆسى قانداق سۆيگۆ؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۆسىدىن قالسا، ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ سۆيگۆ ـ ۋەتەن سۆيگۆسىدۇر. ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشى ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. چۆنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئىبادەتلەرمۇ ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بىر مۆجىزات سۆپىتىدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا بۇ كائىناتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ۋە يەر يۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئاتا قىلغان كەرەملىك ئاللاھقا شۆكۆر ۋە مىننەتدارلىق ئىزھار قىلىش يۆزىسىدىن ئادا قىلىنىدىغان بىر ۋاپا بۇرچى بولغاندەك، ۋەتەننى سۆيۆش ۋە ئۇنىڭ يولىدا مال ـ مۆلكىنى، جېنىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىش ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ ئۇنى ئىللىق قوينىدا ئۆستۆرۈپ يېتىلدۈرگەن ئانا ۋەتەنگە ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋاپا بۇرچىدۇر.

777سوئال:ۋىجدانلىق ئىنسان ئۆز ۋەتىنىنى قانداق سۆيىدۇ؟#

جاۋاب: ۋىجدانلىق ئىنسان ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۆشنى ئىنسانلىق بۇرچى دەپ بىلىدۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. ) ( چۆنكى ئىنسان خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۆشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۆچۆن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۆرلۆك نېمەتلىرى بىلەن كۆتۆۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، كۆكسى كەڭ، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ سۆيۆملۆك بىرى !بارمۇ؟ ياخشىلىقىنى ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇش ئۆچۆن ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىرى !بارمۇ؟ ۋاپادار ئىنسان چوقۇم ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. چۆنكى، ھەركىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى خۇددى ئانىسىنىڭ قوينىدەك ئىسسىق ۋە يۇمشاقتۇر. شۇڭا ئۇنى «ئانا ۋەتەن» دەيمىز. ئانىمىز خەۋپكە ئۇچرىسا بىزنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۆچۆن جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز تۇرغان يەردە، ۋەتەنمۇ شۇنداق قەدىرلىك !ئانا بەلكى بۇ، بىزنى تۇغقان ئانىمىزدىنمۇ قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك ئانىمىزدۇر. چۆنكى، ئانىلارنى ئۆستۆرگەن توپراقمۇ ئەنە ئاشۇ ۋەتەن ئەمەسمۇ؟

778سوئال:مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا سۆيگۆسى قانداق بولىشى كېرەك؟#

جاۋاب: ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە 1 مۆمىن بولالمايسىلەر» دېگەن. مۇسۇلمان ئادەم كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ رەڭگى، تىلى، ئىرقى، دىنى ۋە ۋەتەنلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە بولمايدۇ. چۆنكى ئىسلام نەزىرىدە، پۆتۆن ئىنسانلار ھەزرىتى ئادەمدىن، ئادەم توپراقتىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىل، رەڭ، ئىرق پەرقلىرى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە گۆزەل سەنئەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەردۇر. ئاللاھنىڭ﴿ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەردىن بىرى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىنلەرنى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ ئوخشاشمىغانلىقىدۇر. شۆبھىسىزكى 2، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۆچۆن ئىبرەتلەر باردۇر﴾.

779سوئال:تەبىئەت سۆيگۆسى دېگەن قانداق سۆيگۆ؟#

جاۋاب: تەبىئەت ــ ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتىدۇر. ئاللاھ تائالا تەبىئەتنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۆچۆن يارىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى ئاسراش، ئۇنى سۆيۆش ۋە قوغداش دىنىمىزدا گۆزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. تەبىئەت بىز ئىنسانلاردەك تۇزكور ئەمەس، بەلكى ئۇ ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەر ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( رۇم سۆرىسى. ) ( ئۆزىگە خاس كەيپىيىتى ۋە لىسانى ھالى بىلەن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلايدۇ، مەدھىيىلەيدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يەتتە﴿ ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ نۇقسانسىزلىقىنى سۆزلەيدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ 1، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر﴾. تەبىئەت ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇشنى بىلگەنلەر چوقۇم ئاللاھ تائالانى تونۇيدۇ. بۇ كىتابتا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرەت كامالى، گۆزەل سەنئەتلىرى، نېمەتلىرىنىڭ تۆرلىرى يېزىلغان. مۇسۇلمان كىشى تەبىئەتنى ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن سۆيىدۇ، ئۇنى ھەر كۆرگىنىدە، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنىڭ ۋە ئىلىم ـ ھېكمىتىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشى ئاشىدۇ، ئىمانى كۆچلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرى كىشىلەرنى تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مەنزىرىلىرىگە قاراپ تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرماقتا. ئىسرا سۆرىسى 44 ـ ئايەت.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.