سودا-سېتىق ۋە مال-مۈلۈك مۇئامىلىلىرى
ئىسلام فىقھىسىدا سودا-سېتىق، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ئەھكاملىرى (سوئال 1141 – 1230)
بۆلۈم: “ئىسلام فىقھىسىدا سودا-سېتىق، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ئەھكاملىرى (سوئال 1141 – 1230)”جاۋاب: تىجارىي سۇغۇرتىلارنىڭ ھارام بولىشىنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق: (1) تىجارىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۆسۆم بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتۇر. بۇنىڭدا جازانىخورلۇقنىڭ چەكلەنگەن ھەر ئىككى تۆرى تېپىلىدۇ. (2) تىجارىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قىمار ئوينىغانغا ئوخشاشتۇر. چۆنكى ئۇ مەلۇم بولمىغان بىر پايدا ئۆچۆن پۇل تىكىش جەھەتتىن قىمارنىڭ ئۆزىدۇر. ئاللاھ قىمارنى ھارام قىلغان. (3) تىجارىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نامەلۇم نەرسىنى -ئېلىپ ساتقانغا ئوخشاشتۇر. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامەلۇم نەرسىنى سېتىشتىن توسقان ۋە ئۇنى «غەرەر» دەپ ئاتىغان. (4) تىجارىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۆزىنىڭ ھەققىنى )يېگۆزگەنلىكتۇر (.
جاۋاب: سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بىراۋ– كېسەل بولغاندا داۋالىتىش بەدىلىگە سۇغۇرتا شىركىتىگە ئايلىق پۇل تۆلەش دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: ئىسلام شەرىئىتى تەتبىق قىلىنىدىغان مەملىكەتلەردە، پايدا كۆرۈش مەقسىتى بىلەن شىركەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ. چۆنكى بۇمۇ قىمارغا ئوخشاش نامەلۇم پايدىغا پۇل تۆلىگەنلىكتۇر. مۇبادا سۇغۇرتىغا قوشۇلغاندىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا كۆپ پۇل كېتىدىغان بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىشقا مۇھتاج بولغاندا، ئون يىلدا تۆلەيدىغان سۇغۇرتا پۇلىغا بىر قېتىمدا داۋالانسا، بۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەنلىك بولمامدۇ؟ ياكى يىللارچە سۇغۇرتىغا پۇل تۆلىگەن بولسىمۇ كېسەل بولمىغانلىقتىن سۇغۇرتا شېركىتى ھېچ چىقىم قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئالغان سۇغۇرتا پۇلى قانداق ھالال بولسۇن؟ شۇڭا ئىسلامدا كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يۆزىسىدىن نامەلۇم نەرسىنى سېتىش ھارام ).قىلىنغان 2 (.
جاۋاب: دوكتۇر يۆسۆپ قەرداۋى باشچىلىقىدىكى «دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالىرى»ئىتتىپاقى ۋە «ياۋرۇپا پەتىۋا ۋە تەتقىقات «كېڭىشى غەرب ئەللىرىدە، ئىككى ئامېرىكىدا، ئاۋۇستىرالىيىدە ۋە خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قانداقلا بىر سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى زۆرۈرىيەت ياكى جىددى ئېھتىياج 3 دېگەن ئېتىبار بىلەن دۇرۇس دەپ پەتىۋا )بەرگەن (. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەيلى ئىسلام شەرىئىتى يۆرگۆزىلىدىغان مەملىكەتلەردە بولسۇن، مەيلى ئىككى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋۇستىرالىيىگە ئوخشىغان خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەردە بولسۇن، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش خەلقى مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئىسلام شەرىئىتى يۆرگۆزۈلمەيدىغان مەملىكەتلەردە بولسۇن، ھۆكۆمەتلەر تەرىپىدىن خەلققە خالىسانە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى زامان كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ ئىنبى جىبرىننىڭ پەتىۋالىرىدىن. (islamawazi.net تور بېكىتى «پەتىۋا بانكىسى» دىن.) islamawazi.net تور بېكىتى «پەتىۋا بانكىسى»دىن. ) ( خىزمەت قىلىش يۆزىسىدىن قۇرۇلغان سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىشقا بولىدۇ. چۆنكى مۇنداق سۇغۇرتىلارغا كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئىختىيارسىزمۇ قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى دۇرۇس قىلىدىغان سەۋەبلەر.
جاۋاب: ئىسلام ئەللىرىدە، مەيلى كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولسۇن، مەيلى ھۆكۆمەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولسۇن، ئىجتىمائىي ياردەم سۆپىتىدە، پايدىنى كۆزلىمەستىن قۇرۇلغان ئىسلامىي ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتىلارنىڭ ھەممىسى 1 )ھارامدۇر (. ئەمما تۆۋەندىكى ھاللاردا سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە قاتنىشىشقا بولىدۇ: (1) بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇپ، كېسەل بولۇپ قالغاندا داۋالىنىشقا كۆچى يەتمىگىدەك ياكى ئېغىر قىيىنچىلىق تارتىپ قالغىدەك ئەھۋال يۆز بېرىش ئىھتىمالى كۆچلۆك بولسا، ئۇ چاغدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارغا يول قۆيىدۇ» دەيدىغان ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇغۇرتا شىركىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. ئەمما مال ـ مۆلۆكى تولۇق بولۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرى كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىنىشقا كۆچى يېتىپ تۇرۇپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە قاتنىشىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۆنكى ئەسلىدە سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە قاتىنىشىش 2 ھارام. ھارام ئىشلارغا پەقەت زۆرۈرىيەت يۆزىسىدىنلا يول )قويۇلىدۇ (. (2) داۋالىنىش ھەققى كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولۇپ، تەلەب قىلىنغان چىقىمنى ھەل قىلىش قىيىنغا چۆشىدىغان ئەھۋال بولسا، سۇغۇرتا شىركىتىگە قاتناشسا دۇرۇس بولىدۇ. چۆنكى ئۇ زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھاياتنى قوغداش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرسىدۇر. ئەمما بىراۋنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىسىمۇ داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇنىڭ سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە قاتىنىشىشى توغرا چۆنكى.بولمايدۇ. بۇ ئادەمدە زۆرۈرىيەت تېپىلمايدۇ.
جاۋاب: ئىسلامىي ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى – بىر تۆركۆم كىشىلەر تەرىپىدىن islamawazi.net تور بېكىتى «پەتىۋا «بانكىسى دىن. (بۇ سۆز ئىسلامدىكى زۆرۈرىيەت» چەكلەنگەن ئىشلارغا يول قويىدۇ» دېگەن پرىنسىپقا يۆلەنگەن) بولىشى ئېھتىمال. پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئىئانە تەرىقىسىدە مەلۇم مىقداردىن پۇل تۆلەشكە كېلىشىشى بىلەن قۇرۇلىدىغان مۇئەسسەسە بولۇپ، بۇ مۇئەسسەسەگە ئەزا بولغانلاردىن 1 زىيان – زەخمەتلەرگە يولۇققانلارنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت ).قىلىدۇ (.
جاۋاب: ئىسلامى ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى تۆۋەندىكى ئىككى شەرتكە توشقان بولىدۇ: (1) سۇغۇرتىغا ئىشتىراك قىلماقچى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ مەلۇم مىقدار پۇلىنى ئىئانە شەكلىدە سۇغۇرتىغا بېرىشى، توپلانغان ياكى شەرئى (قانۇنلۇق) يوللار بىلەن ئۆستۆرۈلگەن پۇللاردىن ئەزالاردىن ھادىسىگە ئۇچرىغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى مۇھتاجلارنىڭ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ھاجەت بولغانلارنىڭ پايدىلىنىشىنى مەقسەت قىلىشى. (2) سۇغۇرتىغا ئەزا بولغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىق ياكى قايسىبىر سەۋەب يۆزىسىدىن بەرگەن پۇلىدىن مەلۇم مىقدارنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى شەرت قىلماسلىقى لازىم. ناۋادا ئەزالاردىن بىرەرسى ھادىسىگە ياكى ئىقتىسادىي بۇھرانغا ئۇچرىسا، توپلانغان پۇلدىن ئۇنىڭ ئۇچرىغان زىيىنىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالىغۇدەك مىقدار بېرىلىدۇ. بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئىسلام ئەللىرىدە «ھەمكارلىق «جەمئىيەتلىرى دەپ ئاتالغان جەمئىيەتلەر بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇنداق جەمئىيەتلەردە ھەر كىشى ئىئانە تەرىقىسىدە ئايلىق بەدەل تۆلەيدۇ. ئەمما تۆلىگەن بەدەللىرىنى قايسىبىر سەۋەب بىلەن قايتۇرۇپ ئالمايدۇ ياكى ھادىسىگە ئۇچرىسا قايتۇرۇپ ئېلىشنى شەرت قىلمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تارتقان زىيىنى تۆلەپ بېرىلىدۇ، بەس. يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان ئىسلامىي سۇغۇرتا ھازىرقى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ھېچبىر تەرەپتىن ئوخشىمايدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خۇسۇسەن ياۋروپا ئەللىرىدە دەۋر سۆرىۋاتقان بارلىق سۇغۇرتا شىركەتلىرى پايدىنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىدىغان تىجارىي» مۇئەسسەسەلەر بولۇپ، ئىسلامىي سۇغۇرتا تۆزۈمىگە تۆپتىن ئوخشىمايدۇ. چۆنكى ئىسلامىي سۇغۇرتىنىڭ غايىسى پايدا ئېلىش ئەمەس، بەلكى خالىسانە خىزمەت قىلىش ۋە ئۆزىمۇ شۇ قاتاردا بۇ خىزمەتتىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
جاۋاب: ئىسلامىي سۇغۇرتا بىلەن تىجارىي سۇغۇرتىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم پەرقلەر تۆۋەندىكىچە: (1) ئىسلامىي ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدا سۇغۇرتا شىركىتى ئۆزى ئۆچۆن پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدۇ. بەلكى چىققان پايدىنى ئەزالارغا ئۇلارنىڭ قوشقان پۇلىنىڭ نىسبىتىگە قاراپ بۆلۆپ بېرىدۇ. ئەمما تىجارىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى پايدا ئېلىش ئۆچۆن قۇرۇلىدۇ ۋە ئىشلەيدۇ. (2) ئىسلامى ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ غايىسى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسا، تىجارىي سۇغۇرتىلارنىڭ غايىسى ئەزالىرىنىڭ ھېسابىغا پايدا تېپىشنى غايە قىلىدۇ. (3) ئىسلامىي ھەمكارلىق سۇغۇرتا شىركىتىدە ئەزالار شۇ شىركەتنىڭ شېرىكلىرى ھېسابلىنىدۇ. شىركەتنىڭ قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق تاپقان پايدىسىغا شېرىك بولۇپ، نېسىۋىلىرىنى ئالىدۇ. ئەمما تىجارىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە ئەزالار شېرىك ھېسابلانمايدۇ. نەتىجىسىدە، شىركەتنىڭ پايدىسىغا ئارىلىشالمايدۇ. (4) ئىسلامىى سۇغۇرتا شىركىتىدە پۇل پۆتۆن ئەزالارنىڭ مۆلكى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما تىجارىي شىركەتلىرىدە پۇل پەقەت شىركەتنىڭ مۆلكى ھېسابلىنىدۇ. (5) ئىسلامىي سۇغۇرتىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە خەيرىيەتنى مەقسەت قىلغانلىقتىن، بەرگەنلىرىنى بەدەلسىز بېرىدۇ. ئەمما تىجارىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە سۇغۇرتا قىلىش خۇددى قىمارغا ئوخشاشلا بىر ئىش. سۇغۇرتا قىلغۇچىلاردىن بەزىلەر تۆلىگەن پۇلىنىڭ پايدىسىنى ھېچ كۆرەلمىسە، بەزىلەر تۆلىگىنىدىن ھەسسىلەپ ئارتۇق پايدىلىنىدۇ. مانا بۇ ئادالەتسىزلىك بولۇپ. ئىسلام دىنىي قايسى شارائىتتا ۋە قايسى يول بىلەن بولمىسۇن ئادالەتسىزلىك قىلىشقا يول بەرمەيدۇ. بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن: «سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئادەم پايدا – زىيانغا رازى بولۇپ قاتنىشىدۇ، مۇبادا سۇغۇرتىدىن ھېچ پايدلىنالمىسىمۇ رازى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟» دەيمىزكى، ئۆسۆم مۇئامىلىسى قىلغانلارمۇ ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىدۇ، زىنا قىلغانلارمۇ رازى بولۇشۇپ قىلىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا بۇ قىلىقلاردىن رازى بولمايدۇ !ئەمەسمۇ؟ چۆنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۇنى كۆزلەيدۇ. (6) ئىسلامىي ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدا پۇل مال– شەرئى (قانۇنلۇق) يوللار ئارقىلىق ئۆستۆرىلىدۇ. ئەمما تىجارىي سۇغۇرتىلاردا پۇل – مال ئۆسۆم مۇئامىلىسىنى 1 ئاساس قىلغان ھالدا )ئۆستۆرىلىدۇ (. مىسىرلىق ئالىم ھۆسەين شەھاتەنىڭ islamonline.net تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ) ( ماقالىسىدىن ئىخچاملاپ ئېلىندى.
جاۋاب: ئۆسۆمگە قەرز ئېلىش قەتئىي ھارامدۇر. چۆنكى ئۇ ئۆزىنى ۋەيران قىلغانلىق بولۇپ، ئۆسۆمگە قەرز ئېلىپ، ئاخىرى ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا گۇۋاھتۇر. ئۆينى ساتقانلار ياكى بانكا ئۆينىڭ پۇلىنى ئالغۇچىدىن بىرقانچىگە بۆلۆپ ئالىدىغان ۋە ھەر بىر قېتىم ئالىدىغان پۇلغا مەلۇم پىرسەنت ئۆسۆم قوشۇپ ئالىدىغان بولسا، بۇ سودا ھارامدۇر، چۆنكى بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى. ئەمما ئۆينى ساتقانلار ئۇنى ساتقاندا باھاسىغا ئۆسۆم قوشماي پۇلىنى بىرقانچە قېتىمغا بۆلۆپ بېرىشنى شەرت قىلىپ ساتسا، بىرەر قېتىملىق پۇل كېچىكىپ قالغاندا كىچىكىشكە ئۆسۆم بىكىتمىسە بۇ سودا جائىز بولىدۇ، بۇنىڭدا ساتقۇچى بانكا بولسۇن ياكى باشقا شەخس بولسۇن ئوخشاش. «خەلقئارا ئىسلام ئۆلىمالىرى دىكى ھەيئىتى» ئۆلىمالار ئىككى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋۇستىرالىيىگە ئوخشاش خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ زۆرۈرىيەت يۆزىسدىن بانكىدىن ئۆسۆمگە قەرز ئېلىپ بىرلا ئۆي سېتىپ 1 ئېلىشىنىڭ جائىزلىقىغا پەتىۋا )بەرگەن (. چۆنكى ئۇ دۆلەتلەردە جاينىڭ-ئۆي قىممەتلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۆيگە ئىگە بولىشى ئۆچۆن شۇنداق قىلىشتىن باشقا يولى يوق.
جاۋاب: پايچېكى – شىركەتنىڭ ئومۇمىي دەسمايىسىدىن چەكلىك بىر قىسمى بولۇپ، شىركەتكە ھەسسىدار بولۇپ پاي سالغان كىشىلەرنىڭ نېسىۋىلىرى دېمەكتۇر. پايچېكى ماددىي تاۋارنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىكى ئومۇمىي -ئېلىم سېتىم ئىشلىرىغا بېرىلگەن رۇخسەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، لېكىن بۇنداق پايچېكى سودىسى تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلسا توغرا بولىدۇ: (1) پاي تەۋە بولغان شىركەت ئەمەلىيەتتە مەۋجۇد شىركەت بولۇپ، ھالال ساھەدە شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇشى، قۇرۇق قەغەزدىلا قۇرۇلغان مەۋھۇم ياكى قۇرۇلۇش ئاستىدا تۇرغان شىركەت بولماسلىقى شەرت. (2) پاي چېكى سودىسى قىلىنغان شىركەت جازانە ۋە ئۆسۆم بىلەن ياكى ھاراق، چوشقا گۆشى، تاماكا سېتىشقا ئوخشاش ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەردىن بولماسلىقى شەرت. (3) پايچېكى سودىسى قىلغاندا نەق ۋە نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر پۇلنى ئۆز جىنسىغا يەنى) يۆەننى يۆۋەنگە، دوللارنى (دوللارغا ئايلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىغا ئۇدۇل كەلگەندە نەقمۇ نەق بولىشى شەرت. «خەلقئارا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ «ھەيئىتى 2/4 نومۇرلۇق پەتىۋاسى. ) ( (4) پايچېكى سېتىش ياكى ئېلىش بىلەن مۇئامىلە قىلماقچى بولغان شىركەتنىڭ پايچەكلەرنى جازانە قىلىدىغان بانكىدا قويىدىغان شېرىكەتلەردىن بولماسلىقى شەرت. چۆنكى بۇ ۋاقىتتا پاي چېكىدىن چىققان پايدا جازانىنىڭ ھارام مېلىغا ئارىلىشىپ )قالىدۇ 1 (. كۇۋېيتنىڭ پەتىۋا ئىشلار كومىتېتى خەيرىيەت، زىرائەتچىلىك، بانكا، سۇغۇرتا ۋە نېفىت شېرىكەتلىرىگە پاي سېلىشنىڭ ھۆكۆمى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغالله ئەگەر» مۇشۇ شىركەتلەر جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان شىركەتلەردىن بولسا، ئۇلارغا پاي سېلىش ياكى سېتىش بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقى ئېنىق بولسا ئۇلارغا پاي سېلىش ياكى پايچېكى سېتىش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىش جائىزدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.
جاۋاب: قاشتېشى يەر بايلىقلىرىنىڭ بىر تۆرى، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ بىرسىدۇر. قاشتېشىدىن ئىبارەت يەر بايلىقىنى كولاش ۋە ستېىش ھالال ياكى ھارام دەيدىغانغا ھېچقانداق دەلىل يوق. شەرىئەتتە ھاراملىقى بەلگىلەنمىگەن ھەرقانداق نەرسە ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ھالالدۇر. ئۇنداقتا قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ھالالدۇر. قاشتېشىنى تۆرلۆك مەقسەتلەردە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، كاپىرلار قاشتىېشى ئۆستىگە رەسىم سىزسۇن ياكى گۆزەل سەنئەت بويۇملىرى قىلىپ ئىشلەپ چىقارسۇن، مەيلى ھەيكەللەرنى ياسىسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى. ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشىمىز يوق. چۆنكى بۇ نەرسە ئەسلىدە ھالال، قانداق ئىستىمال قىلىش شۇ ئىشلەتكۆچىنىڭ مەسىلىسى.
جاۋاب: “ياجىڭ دېگەن سۆز تىلىمىزدا «زاكالەت دەپ ئاتىلىدۇ، زاكالەت سودىسىنى بەزى ئالىملار جائىز دەپ قارىمىغان بولسىمۇ، كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە جائىزدۇر. چۆنكى مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە تۇرىدۇ، شۇڭا زاكالەت بىلەن مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ. زاكالەتتىن مەقسەت: مەلۇم بىر ئىشقا كېلىشىم قىلىمەن دەپ ۋەدە قىلغان بىر تەرەپ كېيىن كېلىشىمدىن يېنىۋالسا، يەنە بىر تەرەپكە بولىدىغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۆچۆن قارشى تەرەپتىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئېلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: تاۋارنى ئالىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن شۇ كىشىگە قاراپ ساقلاپ باشقا بىر كىشىگە ساتماي تۇرسا سېتىش پۇرسىتى كېتىپ قېلىشى مۇمكىن ياكى ئۇ تاۋارنىڭ ۋاقتى ئۆتۆپ كېتىپ باھاسى چۆشۆپ كېتىشى مۇمكىن. كىشىلەرگە مۇنداق زىيان سېلىشنى ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدۇ. islamawazi.net تور بېكىتى «پەتىۋا بانكىسى»دىن.
جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم بىرسىدىن زاكالەت ئالسا، كېيىن ئۇ كىشى كېلىشىمدىن يانغان تەقدىردە، بازار باھاسىدا ئۆزگىرىش بولماي مال ئىگىسىگە ھېچقانداق زىيان بولمايدىغان بولسا، زاكالەت پۇلىنى تۇتۇپ قالماي قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم، ياكى ئازغىنە زىيانغا ئۇچرىغان بولسا زىيانغا لايىق مىقدارنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. زاكالەتكە تەڭ ياكىـ ئۇنىڭدىن ئارتۇق زىيان بولغان شارائىتتا، پەقەت زاكالەتنىلا تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
جاۋاب: زاكالەت ئېلىپ تۇرۇپ سودىدىن يېنىۋالغان ئادەم زاكالەتكە يەنە بىر ھەسسە قېتىپ قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم. چۆنكى ئۇ زاكالەت ئېلىپ تۇرۇپ سۆدىدىن يېنىۋېلىشتا كۆپىنچە ھاللاردا مالنى باشقىلارغا قىممەترەك سېتىشنى مەقسەت قىلغان ۋە زاكالەت بەرگۆچىنى ئەخمەق قىلغان، ھەتتا بەزى ھاللاردا زىيانغا ئۇچراتقان بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ زاكالەتكە يەنە بىر ھەسسە قوشۇپ قايتۇرۇشى ۋە زاكالەت ئىگىسىدىن چىرايلىقچە ئۆزۈر سورىشى لازىم. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تەرەپتىن -ئۆرپ ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش، ئۆرپىمىزدە قانداق مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن بولسا شۇ بويىچە ئىش كۆرسەك جائىز بولىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام دىنى جازانىنى يىگۆچى ۋە يېگۆزگۆچىگە، شۇنداقلا جازانىغا ئارىلاشقانلارنىڭ ھەممىسىگە لەنەت قىلدى، جازانە بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇردى، ئۆسۆمسىز قەرز بېرىشكە تەرغىب قىلدى ۋە بىراۋغا ئۆسۆمسىز قەرز بېرىپ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشنىڭ كاتتا ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىر ئادەم ھەقىقىي زۆرۈرىيەت يۆزىسىدىن قەرز ئېلىپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولۇپ قېلىپ، ئۆسۆمسىز قەرز بېرپ تۇرىدىغان ئادەمنى تاپالمىسا، ئۇ چاغدا ئۆسۆمگە قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۆسۆمگە قەرز ئالغاننىڭ گۇناھى قەرز ئالغۇچىغا ئەمەس، بەلكى ئۆسۆمگە قەرز بەرگۆچىگە بولىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ھەقىقى زۆرۈرىيەت بولۇشى كېرەك، ھەقىقى زۆرۈرىيەت دېگەن بىھاجەت بولغىلى -بولمايدىغان ئىچمەك-يېمەك ۋە كېچەككە-كىيىم ئوخشاش نەرسىلەردۇر، يەنى شۇ نەرسىلەر بولمىسا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ. (2) ئۆسۆمگە ئالىدىغان قەرزنى ھاجەت مىقدارى ئېلىش، ھاجەتتىن تاشقىرى ئالماسلىق، يەنى يۆەن 100 يېتىدىغان بولسا يۆەن 500 ئالماسلىق. (3) ئۇ ئۆسۆمگە قەرز ئېلىشتىن ئىلگىرى مۇمكىن بولىدىغان بارلىق يوللارنى ئىزدىنىشى لازىم، بۇ شارائىتتا جەمئىيەتتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆسۆمگە قەرز ئېلىشتىن باشقا يول تاپالمىسا، ئۇ چاغدا ئاللاھ كەچۆرىدۇ. (4) بۇ ئىشنى قىلغاندا قەلبىدىن يامان كۆرۈپ تۇرۇپ قىلىش لازىم. چۆنكى جازانە مۇئامىلىسى كەسكىن ھارامدۇر.
جاۋاب: بانكىنىڭ ئۆسۆمىنى خەجلەش قەتئىي ھارام ۋە ھارامنى بىلىپ تۇرۇپ يېگەنلىكتۇر. ئۆسۆم يېيىشنىڭ گۇناھى ئادەتتىكى گۇناھلاردىن ئالاھىدە چوڭ ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.
جاۋاب: دىيارىمىزدا ئىسلامىي بانكىلار ياكى ئىسلامىي ئىقتىساد تۆزۈمىدىكى ئىقتىساد ئۇيۇشمىلىرى ياكى ئىسلامىي تىجارەت بىرلەشمىلىرى بولمىغانلىقى ئۆچۆن، پۇلنى بانكىدىن باشقا ئورۇندا ساقلاش ئىمكانىيىتى يوق. بانكىدا پۇل قويساق بانكا بىزگە مۇئەييەن نىسبەتتە ئۆسۆم پۇلى بېرىدۇ. بانكا بەرگەن ئۆسۆم پۇلنى ئالايلى دېسەك ھارام يېيىشتىن قورقىمىز، ئالمايلى دېسەك، پۇل بىكاردىن بانكىدا قېلىپ قالىدۇ، ھېچكىم پايدىلىنالمايدۇ. بەلكى جازانىغا ياردەم قىلغان بولىمىز. شۇنىڭ ئۆچۆن بانكا ئۆسۆم پۇلى دەپ بەرگەن پۇلنى بانكىدا تاشلاپ چىقىپ كەتمەي ئېلىپ، ئۇ پۇلنى مۇھتاجلارغا، خۇسۇسەن يېسىرلارغا-يېتىم سەدىقە قىلساق ياكى -تالىب ئىلىملەرگە 1 ياكى خەيرىيەت جەمئىىيەتلىرىدىن بىرەرسىگە بەرسەك )بولىدۇ (. بۇنىڭ بىلەن ھارامدىن قۇتۇلغان بولىمىز. دوكتور يۆسۆپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» ناملىق ئەسىرى -605 بەت.
جاۋاب: «جىھاد» سۆزى ئەرەب تىلىدىكى «جھد» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىش»، «ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش» دېگەنلىكتۇر. تىرىشىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە بولۇپ، بىرىنچى قاتلامدىكى مەنىسى شەخسنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى، ئىككىنچى قاتلامدىكى مەنىسى شەخسنىڭ ماددىي تىرىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەققانىي ئۇرۇشلاردا ئىسلامىي) (جىھادلاردا تىرىشىپ كۆرەش قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
جاۋاب: جىھادنىڭ بىرىنچى قاتلام مەنىسىدىكى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش «چوڭ «جىھاد دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەخسنىڭ بارلىق كۆچىنى سەرپ قىلىپ بارلىق گۇناھ – مەسىيەت ۋە ئازغۇنلۇقلارنى سۆپۆرۈپ تاشلاپ، روھىنى يۆكسەلدۈرۈشى ۋە تۆرلۆك گۇناھلاردىن، ئەخلاقسىزلىقلاردىن، خۇسۇسەن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، گۇمانخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، ئاچكۆزلۆك ۋە ئۆچمەنلىكلەرگە ئوخشىغان يامان ئىللەتلەردىن يىراق بولۇپ نەپسىنى پاكلىشى، قەلبىگە مۇھەببەت-سۆيگۆ، -مېھرى شەپقەت، ئادالەتپەرۋەرلىك، ياردەمسۆيەرلىكلەرگە ئوخشىغان ئېسىل خىسلەتلەرنى يەرلەشتۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىگە، ئىلتىپاتىغا ۋە رازىلىقىغا لايىق بولۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئىپادىلەيدۇ. جىھادنىڭ ئىككىنچى قاتلام مەنىسىدىكى ھەققانىي ئۇرۇش «كىچىك «جىھاد دەپ ئاتىلىپ، ھەققانىي ئۇرۇشنى توغرا يوسۇندا ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلۆمگە ئۆزىنى ئېتىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئۇرۇشنىڭ «كىچىك جىھاد، نەپسىنى» پاكلاپ، ئۆزىنى ئىسلاھ چوڭ» قىلىشنىڭ جىھاد» دەپ ئاتالغانلىقىغا ھەيران قالغۇچىلار بولسا، ئۇلارغا دەيمىزكى، ئادەم ئىچكى دۇنياسىنى تۆزەپ، نەپسىي شەيتاننىڭ ھەر تۆرلۆك ۋەسۋەسىلىرىنى يەڭمەي تۇرۇپ، قان تۆكۆشنى تەقەززا قىلىدىغان ئۇرۇش مەيدانىغا ئۆزىنى ئاتالمايدۇ. ئۆزىنىڭ نەپسىي شەيتىنىنى يېڭەلمىگەن ئادەم دۈشمەننى يېڭېلمەيدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش نورمال ۋاقىتلاردا پەرز ).كىفايەدۇر ( جىھاد پەرز كىفايە - ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆستىگە ئەمەس، بەلكى پۆتۆن مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ) ( ئۆستىگە بۇيرۇلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن بىر تۆركۆم كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئورۇندىشى بىلەن باشقىلارنىڭ گەردىنىدىن ساقىت بولدىغان پەرز. بەزى 1 شارائىتلاردا خۇددى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاشلا پەرز )ئەين ( بولۇپ بەلگىلىنىدۇ.
جاۋاب: جىھاد تۆۋەندىكى 3 شارائىتتا پەرز ئەينگە ئۆزگىرىدۇ: (1) جىھادقا تەيىنلىنىپ مۇجاھىدلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ بولغان كىشى ئۆچۆن جىھاد قىلىش پەرز ئەيندۇر. (2) مۇسۇلمانلار تۇرىۋاتقان رايون ياكى دۆلەتكە دۈشمەنلەر بېسىپ كىرگەن ۋاقىتتا، پۆتۆن مۇسۇلمانلارغا جىھاد قىلىش پەرز ئەين بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. (3) دۆلەت تەرىپىدىن مەلۇم شەخسلەر جىھادقا چىقىشقا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا، چىقىشقا بەلگىلەنگەن شەخسلەر ئۆچۆن جىھاد قىلىش پەرز ئەيندۇر. جىھادنىڭ بۇيرۇلۇش سەۋەبى.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا جىھادنىڭ بۇيرۇلغانلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك 3 مەقسەتكە قىسقارتىشقا بولىدۇ: (1) زۇلۇمغا ۋە ھەر تۆرلۆك ھەقسىزلىكلەرگە قارشى تۇرۇش. (2) باشقىلار تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ ئېلىنغان ھوقۇقلارنى-ھەق قايتۇرۇپ ئېلىش. (3) ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا رەددىيە بېرىش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۆچۆن قارشىلىق) (كۆرسىتىشكە 2 رۇخسەت قىلىندى».
جاۋاب: ئىسلامىي جىھادنىڭ پىرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) بىرىنچى بولۇپ ئۇرۇش ئاچماسلىق. بۇ پىرىنسىپنى قۇرئان كەرىم مۇنداق بايان قىلغان: سىلەرگە﴿ ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار 3، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇزچىلارنى ئاللاھ راستىنلا ياقتۇرمايدۇ﴾. پەرز ئەين – ھەربىر كىسى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنداشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ) ( ھەج سۆرىسى -39 ئايەت. ) ( بەقەرە سۆرىسى -190 ئايەت. ) ( (2) تاجاۋۇز قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىشتە ئاشۇرىۋەتمەسلىك. بۇ پىرىنسىپنى قۇرئان كەرىم مۇنداق بايان قىلغان: بىراۋ﴿ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ 1 ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار﴾. (3) دۈشمەنلەرنىڭ تىنچلىققا مايىل ئىكەنلىكى ياكى تاجاۋۇزچىلىقنى توختىتىدىغانلىقى بىلىنگەن ۋاقىتتا، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماستىن تىنچلىق ئۆچۆن ھەرىكەت قىلىش. قۇرئان كەرىم بۇ پىرىنسىپنى مۇنداق بايان قىلغان: ئەگەر﴿ ئۇلار تىنچلىققا 2 مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن﴾. (4) ئۇرۇش قىلمىغانلارغا چېقىلماسلىق. كۇففارلاردىن﴿ سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادالەتلىك بولۇشۇڭلاردىن توسمايدۇ 3﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئاۋۋال مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە تەلىمات بېرىپ: سىلەرگە﴿ تىغ تەڭلىمىگەنلەرنى، ياشانغانلارنى، ئاياللارنى، بالىلارنى !ئۆلتۆرمەڭلار زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ 4 تەنلىرىنى پارچىلىماڭلار، ئەسىرلەرنى خورلىماڭلار﴾ دەپ جېكىلەيتتى. (5) يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش، ئىمكانقەدەر ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىش. سىلەر﴿ كەچۆرگەن)، كەچۆرسەڭلار (ئادەم تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇ 5﴾. يامانلىققا (6) يامانلىق بىلەن جاۋاب بەرمەستىن، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرىش ئارقىلىق دۈشمەننى دوستقا ياخشى﴿.ئايلاندۇرۇش ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت يامان)ئارقىلىق (خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق) سەن (قىلساڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك 6 بولۇپ قالىدۇ﴾. بەقەرە سۆرىسى -194 ئايەت. ) ( ئەنفال سۆرىسى -61 ئايەت. ) ( مۇمتەھىنە سۆرىسى -8 ئايەت. ) ( ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. ) ( بەقەرە سۆرىسى -237 ئايەت. ) ( فۇسسىلەت سۆرىسى -34 ئايەت. ) ( مۇشۇنداق پولاتتەك ئىنتىزام ۋە قەتئىي پىرىنسىپلاردىن ھالقىپ، ئىسلام نامىدىن خاتالىق ئۆتكۆزگەن بەزىبىر ئىسلامىي جامائەتلەر ياكى تەشكىلاتلار بار دېيىلسە، ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قەتئىي مەسئۇل !ئەمەس بۇلارنى ئىسلام دىنىغا چېتىش ئوپئوچۇق ھەقسىزلىقتۇر.
جاۋاب: ئەرەب تىلىدىكى «الجھاد» سۆزى قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكىدەك 3 خىل مەنىدە كەلگەن: (1) ئاللاھ يولىدا قولغا قورال ئېلىپ غازات قىلىش. مۆمىنلەردىن﴿ ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلار، ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار 1 بىلەن باراۋەر بولمايدۇ﴾. (2) ھەقىقەتنى جاكارلاپ سۆز بىلەن كۆرەش قىلىش. قۇرئان﴿ ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى 2 پاكىتلارنى) ئوتتۇرىغا (قويۇپ بارلىق كۆچۆڭ بىلەن كۆرەش قىلغىن﴾. (3) ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە ئەمەل – ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. ﴿ كىمكى ياخشى) ئەمەللەرنى ئورۇنداش (يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بۇ تىرىشچانلىقى ئۆزىنىڭ پايدىسى ﴾ئۆچۆندۇر ) ( .
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا جىھادنىڭ مەنىسى ۋە دائىرىسى كەڭ بولۇپ، جىھاد ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ياخشى ئىشلارغا پۇل سەرپ قىلىش بىلەن بولغىنىدەك، قەلەم بىلەن، تىل بىلەن ۋە پەن – تېخنىكا بىلەن قۇراللىنىش بىلەنمۇ بولىدۇ. ھەتتا جىھاد قۇرئان بىلەنمۇ بولىدۇ. قۇرئان بىلەن بولغان جىھاد قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش بىلەن بولىدۇ. قورال بىلەن جىھاد قىلىش قۇرئان كەرىمنىڭ تەبىرى «قىتال»بويىچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تاجاۋۇزچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۆچۆنلا قىلىنىدۇ. سىلەرگە﴿ ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز نىسا سۆرىسى -95 ئايەت. ) ( فۇرقان سۆرىسى -52 ئايەت. () ئەنكەبۇت سۆرىسى -52 ئايەت. ()3 قىلغۇچىلارنى 1 ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ﴾ . ئىسلام دىنىدا قوراللىق جىھاد تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ ھەممىسى تۆگىگەندىن كېيىن ئېلىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قاراردۇر. ئىسلام دىنىدا يولغا قويۇلغان جىھادنىڭ شەرتلىرىمۇ ئىنتايىن چىڭدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي ۋە دىنىي بۇرچى ئۆزلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئاچمىغانلار بىلەن ئۇرۇشماسلىق، ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارغا تەگمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ –مال مۆلكىنى، ئۆي – جايلىرىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق، ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق ۋە باشقىلاردۇر. يولسىز ئۇرۇشلار جىھاد ئەمەس ئىسلام دىنى مال – دۇنياغا ئېرىشىش يولىدا، ئىرقىي دەۋا ئۆچۆن، باشقىلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىش ياكى ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش ياكى دىنغا كىرىشكە زورلاش ئۆچۆن ئۇرۇش قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. كىشلەر ئىسلام دىنىغا پەقەت ئۆز ئىختىيارى بىلەنلا كىرىدۇ. ئۇلارنىـ ھېچكىمنىڭ زورلاش ھوقۇقىـ يوق. ئاللاھ تائالا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۆرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر﴿ پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۆزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى 2 مۇسۇلمان بولۇشقا زورلامسەن؟﴾. بەقەرە سۆرىسى -190 ئايەت. ) ( يۇنۇس سۆرىسى -99 ئايەت.
جاۋاب: -غەنىيمەت ئۇرۇشتا دۈشمەنلەرنى يەڭگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئولجا ئالغان -پۇل مال، قورال – ياراق ۋە باشقا ھەر قانداق نەرسىدۇر.
جاۋاب: غەنىيمەتنىڭ بەشتىن تۆتى غەنىيمەتنى قولغا كەلتۆرگەن ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. قالغان بىر ى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجىغا، يېتىملەرگە، پېقىرلارغا، مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، غەنىيمەتنى قانداق تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئى)﴿ (!مۆمىنلەر بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ -ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە 1 خاستۇر﴾. ئايەتتىكى، ئاللاھقا﴿، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ -ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ﴾ دېگەن ئۆچ ئۆلۆش ھازىرقى زاماندا، مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە قۇيۇلىدۇ. ئەنفال سۆرىسى -41 ئايەت. ) ( تۇرمۇش قۇرۇش ئائىلە قۇرۇش چوڭ نېمەت ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتى ۋە بۆيۆك رەھمىتىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: ئاياللار) بىلەن ئۇنىسى ـ ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۆچۆن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئەرـ) (خوتۆن ئاراڭلاردا مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى) قودرىتىنى، چەكسىز رەھمىتىنى 1 (كۆرسىتىدىغان )(ئالامەتلىرىدىندۇر ( دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر ئائىلە -مېھر مۇھەببەت ۋە شەپقەت ئۆستىگە قۇرۇلىدۇ. پەقەت بەزىلەرنىڭ ئاسىيلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىن شەپقەت-رەھىم بىلەن مۇھەببەت-مېھىر سۇغۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، جەننەت بولۇش ئۆچۆن قۇرۇلغان ئائىلە دوزاخقا ئايلىنىدۇ. ئائىلە قۇرۇش بىر مۆجىزە تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىش چوڭ بىر مۆجىزە. چۆنكى -بىر بىرى بىلەن ياشاپ باقمىغان، بىرگە ئۆسمىگەن، ھەتتا بىرىنى-بىر كۆرۈپ باقمىغان ۋە تونۇمايدىغان، بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايالدىن ئىبارەت يات ئىككى ئىنسان -بىر بىرىگە ئۆيلىنىپ بىرگە تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادا بىرىگە-بىر ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئامراق ۋە سەمىمىي ھايات شېرىكلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇنداق شېرىكلەرگە ئايلىنىدۇكى، مۇھەببىتىنى، -بەخت سائادىتىنى، دۇنياسىنى-مال ۋە بارلىق نەرسىسىنى بىرىگە-بىر ئاتاپ، تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. ئۆيلىنىش مۆجىزىسى ئىككى يات مىللەت كىشىلىرىنىمۇ بىر ياستۇقتا باش قويغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىرلەشتۆرۈپ بىر تەنگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۆيلىنىشتىن باشقا قايسى سەۋەب ئىنسانلارنى بىرىگە-بىر مۇنداق يېقىن !قىلالايدۇ؟
جاۋاب: ئۆيلىنىش ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تۇرمۇش قۇرۇشقا قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۆچۆن سۆننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن «ئۆيلىنىش ـ مېنىڭ سۆننىتىم (يولۇم) دۇر. كىمكى ئۇنىڭدىن يۆز رۇم -21 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئۆرۈيدىكەن 1، ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس».
جاۋاب: تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئەر ھاياتلىقتىكى شېرىكى ۋە كېلىچەكتە بالىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغان ئايالنى دىيانەتنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا تاللىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ: ئۇلارنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسىبىگە ۋە دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى 2 تاللىغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان «تارتىسەن . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەب قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۆپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايالنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۆزەللىكىگە ياكى نەسىبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: كىمكى» ئايالنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت پەسلىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايالنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ 3 ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ».
جاۋاب: تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئايال ئۆزىنىڭ ھايات شېرىكى ۋە كېلەچەكتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان ئادەمنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا تاللىشى كېرەك. ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئەر ـ ئۇنىڭدا پۆتۆن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەركىشىدۇر. دىيانەتتىن ۋە گۆزەل ئەخلاقلاردىن يىراق بولغان ئەر ياخشى ئەر سانالمايدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. (1) بۇخارىي رىۋايىتى. ياتلىق بولماقچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بۇلاي دېسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۆزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىبىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى جەۋھەرگە مەركەزلەشتۆرگەن ھالدالله «دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى قايىل قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى دەرھال !ئۆيلەندۇرۇڭلار ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، يەر يۆزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان 1 بولىسىلەر» دېگەن ئىبارىنى ئۆچ قېتىم تەكرارلاپ )تەكىتلىگەن (. چۆنكى دىيانەتلىك ئادەم ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق ـ ھوقۇقلارنى ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ياخشى بىلىدۇ ۋە جايىدا، تولۇق ئادا قىلىدۇ. ئايالىنى ھۆرمەتلەيدۇ، خورلىمايدۇ. ئاياللارغا زۇلۇم قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ. مەلۇمكى، بىراۋنىڭ دىيانىتى ئۇنىڭ ھەرەمگە كۆپ قېتىم بارغانلىقى بىلەن ياكى چوڭ ئۆلىما بولغانلىقى ياكى مەسجىدتىن قېپقالمايدىغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاقى، مۇئامىلىسىنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ھەققانىيەتچى ئىكەنلىكى بىلەن ئۆلچۆنىدۇ.
جاۋاب: مۇھەببەت ـ قەلبنىڭ مەھبۇبى تەرەپكە بولغان مايىللىقى دېمەكتۇر. مۇھەببەت پەقەت قەلبتە بولىدۇ. ئەر ـ ئاياللىق ھاياتى پەقەت ئەرـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بولغاندىلا داۋام قىلالايدۇ ۋە بەختلىك ۋە سائادەتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئالالايدۇ. ئەرـ ئاياللىق ھاياتتا ئورتاق مۇھەببەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك نەرسىدۇر. پاك مۇھەببەت كىشىلەر ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان پاكىز، ئېسىل بىر ئەنئەنىدۇر.
جاۋاب: ھازىر دۇنيادا سەمىمىي مۇھەببەت ۋە ساختا مۇھەببەت دەپ ئىككى تۆرلۆك مۇھەببەت ئاتالغۇسى بار.
جاۋاب: كارلىققا تارتىلمايدۇ. ئەمما سەۋەبلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. سەۋەبلەر قايسى دېگەندە، ئۇلار: ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش نىيىتى بىلەن تىكىلىپ قاراش، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۆش ۋە زورىغا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. كۆڭۆلگە كەلمەس-كەلسە بىرىنىڭ مۇھەببىتىڭ چۆشۆپ قېلىشدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ھەزەر قىلىش زۆرۈردۇر. بۇنداق قىلمىغاندا، ئىنسان بىھۆدە ئازاب چېكىدۇ. چۆنكى ئىنسانلار سۆيگەنلىرىنىڭ ۋە ئارزۇ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
جاۋاب: ساختا مۇھەببەت – قارشى تەرەپتىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىش ئۆچۆن ساختىلىق بىلەن باغلانغان يولسىز ئالاقىدۇر. مۇنداقلارنىڭ قىلغانلىرى سەمىمىي مۇھەببەتنىڭ ھېسابىغا ئىشلەنگەن جىنايەتتتۇر. كۆنىمىزدە، مۇھەببەت سۆزىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولاقلىرىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى، مۇھەببەت دېسە، ئۇنى گوياكى بىر گۇناھ ئىش دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشى پەقەت مۇھەببەت سۆزىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، يولسۇزلۇقلارغا قوللىنىلغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى. چۆنكى زامانىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەر مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان يات ئاياللار بىلەن، بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ ئېرى بولمىغان يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئالاقە قىلىشىدۇ ــ ئۇلار بىلەن بىرگە تىياتىرغا بېرىشىدۇ، بىرگە تانسا ئوينايدۇ، ھاراق ـ شاراپ سورۇنلىرىغا بىرگە بېرىشىدۇ، بەزىلەر ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت باھانىسى بىلەن يات ئاياللار بىلەن يولسىز ئالاقە باغلىشىدۇ، يۇقىرىقى يولسىز مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرى پاھىشە ئىشلارنى قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن خەلق مۇھەببەت دېگەن شۇنداق رەزىل قىلىق ئوخشايدۇ دەپ چۆشىنىپ قالغانلىقتىن مۇھەببەت سۆزىدىن نەپرەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا دەيمىزكى، ئەڭ غەلىبىلىك مۇھەببەت تويدىن كېيىن ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر. ئەمما تېخى ئۆيلەنمەستىن ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت (كاپالەتسىز)گارانتىسىز مۇھەببەت بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەت كۆپ ھاللاردا قىز ــ ئوغۇل ھەر ئىككىسىگە پۇشايمان ۋە بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۆنكى مۇھەببەت گىرداۋىغا چۆشۆپ قالغانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى ئارمانلىرىغا ئېرىشەلىسىمۇ، كۆپ قىسمى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھاياتىنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەلبىگە بىرسىنىڭ ئىشقىنى سېلىپ قويىدىغان پۆتۆن ئامىللاردىن ۋە سەۋەبلەردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى ئىگە بولىشى زۆرۈردۇر. چۆنكى كۆڭۆل دېگەن ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماستىن، ئۇنى خالىغان يەرگە بېرىپ قويماسلىق لازىم. ئۇنىڭ پالاكىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن قىيىندۇر.
جاۋاب: ئىشق ـ قەلبنىڭ مەشۇق تەرەپكە بولغان چوڭقۇر مايىللىقى بولۇپ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. ئىشقمۇ ــ مۇھەببەتكە ئوخشاش ــ ئىپپەت بىلەنمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى يولىدا ئىشلەتمىسە يولسىزلىق بىلەنمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋالالىغان ئىپپەتلىك ئاشىق ئەگەر مۇرادىغا يېتەلمەي ئۆلۆپ كەتسە، شېھىدلەر قاتارىدا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى ئىسلام مەنبەلىرىدە سۆزلىنىدۇ.
جاۋاب: كۆنلەش ـ بىراۋنىڭ ئۆز ھەققىگە باشقىلارنىڭ شېرىك بولۇۋېلىشىدىن قىزغىنىشى دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىكى كۆنلەش مۇھەببەتنىڭ نەتىجىلىرىدىن سانىلىدۇ. چۆنكى ئادەم ئۆزى سۆيمىگەن بىرىنى كۆنلىمەيدۇ. كۆنلەش ئەرـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسدا بولىدۇ. ئايال ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بىنورمال ئالاقە باغلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۆستىگە باشقا خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ خاراكتېرى بولۇپ، يامان كۆرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەققىدۇر. ئەمما ھەممە ئايالنىڭ ئېرىنىڭ شارائىتى تولۇق بولغان ھالدا، ئىسلامنىڭ كۆرسەتكەن ئادالەتلىك بولۇش پىرىنسىپىنى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇنلۇق خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئېرىدىن سۆزىنى تەلەب قىلىش ھەققى بولمايدۇ. پەقەت ئايال ياتلىق بولۇش ئالدىدا، ئېرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆستىگە باشقا خوتۇن ئالماسلىقىنى شەرت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ خېتىنى تەلەب قىلىش ھەققى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەققى قوغدىلىدۇ. ئەرمۇ ئايالىنىڭ ئىككىنچى بىر شەخس بىلەن مۇناسىۋەت باغلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەركىشىنىڭ ئايالىنى يات ئەرلەر بىلەن بىنورمال ئارىلىشىشتىن، يولسىز مۇناسىۋەت باغلاشتىن مەنئىي قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن سۆز قىلىشىدىن قىزغىنىشى ئىسلام شەرىئىتىدە تەلەب قىلىنغان زۆرۈرىيەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوتۇن ـ قىزلىرىنى يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئارىلىشىشتىن توسمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىپپەت ــ نومۇسلىرىنى قوغدىمايدىغان ئادەمنى “دەييۇس” دەپ ئاتىغان. يەنە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئۆچ خىل ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ھاراقتىن باش ئالالمايدىغان ئادەم. يەنە بىرى ، ئاتا ـ ئانىسىنى 1 قاخشاتقان ئادەم. يەنە بىرى، دەييۇس ئادەم».
جاۋاب: ئۆزىنىڭ خوتۇن ـ قىزلىرىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇلارغا يولسىز ئارىلىشىشتىن توسۇش ئىسلام دىنى نەزىرىدە ۋە بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزدە گۆزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىدىكى ساپ تەبىئىتىنى يوقاتمىغان ۋىجدانلىق ئىنسانلاردا ئىپپەت ــ نومۇس ۋە خوتۇن ـ قىزلىرىنى يوللۇق ھالدا كۆنلەش خىسلىتى بولىدۇ. ئەمما ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى بۇ ھەقتىكى شەرىئەت ھۆكۆمىنى بىلمىگەنلىكى تۆپەيلى، ئاياللىرىنى كۆنلەشتە سەل قارىسا، بەزىلەر دىننى سۇيىئىستېمال قىلىپ، كۆنلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاياللىرىغا ئاساسسىز تۆھمەت قىلىدىغان، ھەمىشە ئۇلاردىن يامان گۇمان قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى توغرا ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى بولغاندەك، كۆنلەشمۇ ئۆز چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئاياللارنى كۆنلەش دېگەننى كۆپىنچە كىشىلەر ئاياللاردىن ھەمىشە شەكلىنىش، يامان گۇمان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلىش دەپ چۆشەنسە كېرەك، شۇڭا ئۇلار ھەدەپ ئاياللىرىنى ئاساسسىز ھالدا، قارىلاشقا ئالدىرايدۇ. مۇنداق كۆنلەش مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. بىراۋ بۇ دەرىجىدە ئىشەنچ قىلالمىغان ئايال بىلەن قانداقمۇ تۇرمۇش قۇرىدۇ؟ تۇرمۇش ساداقەتمەنلىك، راستچىللىق ۋە بىرىگە-بىرى تولۇق ئىشەنچ قىلىش ئۆستىگە قۇرۇلمامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ھەدىستە كۆنلەشنىڭ چەك ـ چېگرىسىنى بايان قىلىدۇ: «كۆنلەشتىن ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۆنلەشمۇ، ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۆنلەشمۇ بار، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۆنلەش ـ ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئاساسسىز ھالدا، يامان گۇمان قىلماسلىق؛ ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۆنلەش بولسا، ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلماستىن، ئۇلارنى دەلىلسىز قارىلاشتۇر» 2 (. نومۇس-ئىپپەت ۋە ئۇنى زەئىپلەشتۆرىدىغان ئامىللار.
جاۋاب: ئىنساننىڭ دۇنيادا ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى ئۇنىڭ -ئار نومۇسىدۇر. بەلكى ئىنساننىڭ نومۇسى ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئاساسلىق پارچىسىدۇر. ئىمام ئەھمەد رىۋاسيىتى. ) ( نومۇسنى ساقلاش دىننىڭ ئەڭ ئالدىنقى تەلىبى ۋە ئىماننىڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ مەسىلىدە پۆتۆن دىنلار ئىتتپاقتۇر. ئار – نومۇستىن ئايرىلىپ قېلىش ئۆلگەن بىلەن باراۋەردۇر. ھەر كىشى ئۆچۆن ئۆزىنىڭ نومۇسى ۋە ئىپپىتى شۇنچىلىك مۇقەددەس بولغان يەردە، باشقىلارنىڭمۇ نومۇسى ۋە ئىپپىتىمۇ شۇنچىلىك مۇقەددەستۇر، ئۆزىنىڭ نومۇسىنى قوغداش يولىدا غۇرۇرلۇق بولغان كىشى، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭمۇ ئىپپەت، نومۇسلىرنى قوغدىشى، دۇشمەنلىك ۋە خىيانەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ نومۇسىنى-ئار ئاياق ئاستى قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك.
جاۋاب: ئىپپەت ۋە نومۇسنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكى بوشلۇقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ: (1) ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئۆز ئەھلىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەمەلىرىدىن قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى. (2) مۇسۇلمان خانىم – قىزلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى دوراپ، ئوچۇق، نېپىز ۋە قىسقا كىيىنىشى ۋە يۆرۈش ـ تۆرۈش ھەم سۆزلەشلىرىدىكى بىنورمال نازاكىتىدۇر. شۇڭا ئىسلام دىنى ھەر تۆرلۆك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆچۆن پۆتۆن مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار 1، زاكات بېرڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار». بۇ ئايەت ئاياللارنى يات ئەرلەر بار يەردە نېپىزلىكتىن بەدەنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، قىسقىلىقتىن تىزىدىن ئاشمايدىغان، تارلىقتىن بەدەنلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىدۇ. گۆھەر نەچچە قات تۆگۆنلەر ئىچىدە ساقلانغانلىقى ۋە ھەركىشىنىڭ ئۇنى كۆرەلمىگىنى ئۆچۆن شۇنچىلىك قىممەتكە سازاۋەر نەرسىدۇر. ئايالمۇ ئوزۇن، ئازادە، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن يۆرسە، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. قىسقىسى، ئۆزىنى خۇددى گۆھەرگە ئوخشاش قىممەتكە ئىگە قىلىش ياكى ئەرزىمەس ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئايالنىڭ قولىدا. (3) ئەر ـ ئايال جىنسلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى. (4) ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكى. بىر ئائىلىدە ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان پەرزەنتلەرنىڭ ئەھزاب سۆرىسى 33 ـ ئايەت. ) ( ئۆزى ئۆچۆنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۆچۆنمۇ ئومۇم بولىدۇ. ئائىلىدە دىنىي تەربىيىنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۆرگەن قىز ـ يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نومۇسىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ.
جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس. بىراق ئاياللارنىڭ قايسىبىر نامازغا ئەزان ئېيتىشى، ئەرلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىشى جائىز ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئەدەپ ــ ئەخلاق ئىچىدە يات ئەرلەرگىمۇ نورمال سۆزلەرنى سۆزلىشى، ئېلىم ـ سېتىم ئىشلىرىنى بېجىرىشى، ئۇلاردىن ئىلىم ـ مەرىپەت ئۆگىنىشى، ئۇلارغىمۇ ئۆگىتىشى جائىزدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ جورىسىگە ۋە مەھرەملىرىگە ئەدەپلىك ناخشا ـ شېئىر ۋە قۇشاقلارنى ئېيتىپ بېرىشى جائىزدۇر. ئەمما بۆگۆنكى كۆندىكى رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تېلىۋىزىيە قاناللىرىدىن بېرىلىۋاتقان ناخشىلار ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كىرلىتىدىغان، كۆڭلىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى بىلەن مەشغۇل قىلىدىغان ۋە مېڭىسىنى ھەرخىل يامان خىياللار بىلەن تولدۇرىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلارغا بېرىلمەسلىك كېرەك.
جاۋاب: ئېھتىياج تۆپەيلى مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە ئايالنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈش شەرتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشى جائىزدۇر. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆزۇڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۆچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بۇلالماسلىقىڭلاردىن 1 قورقساڭلار بىر خوتۇن بىلەن كۇپايە قىلساڭلار بولىدۇ». بۇ ئايەت، ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيىتى تولۇق بولۇپ، كۆپ خوتۇنلار ئارسىدا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئىشەنچىسى بار كىشىلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە خوتۇننى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشىنىڭ جائىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تۆرلۆك ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بېرەلىشىدىن ئاجىز كېلىدىغان كىشى ئۆچۆن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
جاۋاب: شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھېچبىرى ھېكمەتلەردىن ۋە ئېسىل غايىلەردىن خالىي ئەمەس. ئەركىشىگە بىردىن ئارتۇق ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە: (1) ئىنسان بەزى ۋاقىتلاردا بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاشقا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس چىقىپ قېلىپ، ئۆزى بولسا پەرزەنت كۆرۈشۆشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياكى ئايالى ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ئۇنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇ باشقا بىر ئايالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. (2) كىشى بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىدۇ. جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارمۇ تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. (3) ئۆيلىنىش ئائىلىلەر ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا تۇغقانلىق رىشتىسىنى بەرپا قىلىدۇ. يات ئائىلىلەر ئارىسىدا تۇغقانلىقنى كەلتۆرۈپ چىقىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى كۆچلىنىدۇ. مانا بۇ ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىن ئارتۇق ئاياللارنى نىكاھىدا ساقلىشىغا تۆرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىكى بۇ ئېسىل ئەخلاق بىلەن ئىزگۆ نىيەت ھازىر نەدە ۋە كىمدە !بولسۇن؟ كىشىلەردە ئەخلاق سۇسلاشقان، ئىمان ئاجىزلاشقان ۋە ئىنساپ ئازىيىپ كەتكەن ھازىرقى زاماندا كۆپ خوتۇن ئالىمەن دېگۆچىلەرنىڭ تولىسى ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي ئىستەكلىرى ئۆچۆنلا ئالسا كېرەك. (4) بەزى ۋاقىتلاردا دۆلەتتە يۆز بەرگەن ئۇرۇش سەۋەبلىك ئەرلەر كۆپ ئولۇپ كېتىپ، ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىدە يۆز بەرگەندەك. بۇنداق ئەھۋالدا، شارائىتى ياخشى بولغان ئەرلەرنىڭ بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىدىن چىقىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش نىيىتى بىلەن بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلىشى شارائىت تەقەززا قىلغان ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ باشلىرىغا كېلىدىغانلارنى ئالدىن بىلىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئەڭ توغرا ئىش قىلىدىغان ئۇلۇغ ياراتقۇچى تەرىپىدىن كەلگەن بىر دىن بولغانلىقتىن ئىنسانلارنىڭ بۇ تۆرلۆك قىيىنچىلىقلىرىغىمۇ چارە تېپىپ بەرگەن.
جاۋاب: بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئوغۇل ـ قىزلار بىر ـ بىرىنى كۆرۈشى لازىم. بەزى ئەرەب مەملىكەتلىرىدە، ئوغۇلنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنى كۆرۈشىنى راۋا كۆرمەيدىغان ئىنسانلار بار. بۇ شۇ رايونلاردىكى تەقلىدىي -ئۆرپ ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئەمما ئىسلام دىنى بۇ ئادەتنى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا، ئالماقچى بولغان 1 ئايالنى ئىمكان قەدەر «كۆرسۇن دەپ كۆرسەتكەن. ئىسلام شەرىئىتىدە رۇخسەت قىلىنغان قاراش ۋە كۆرۈش ئالماقچى بولغان ئايالنىڭ يۆزى ۋە ئىككى قولى بىلەن چەكلىنىدۇ. يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشى ئالماقچى بولغان قىزنىڭ ياكى چوكاننىڭ يۆزىگە ۋە ئىككى قولىغا تىكلىپ قارىسا بولىدۇ. چۆنكى، يۆزىگە قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ گۆزەللىكىنى، ئىككى قولىغا قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىككىسى ئۇچراشماقچى بولغاندا يالغۇز ئۇچراشماسلىقى، بەلكى قىزنىڭ ئۆز ئاچا ـ سىڭىللىرىدىن بىرەرسى بۇلار بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك. ئەمما توي قىلىشىتىن بۇرۇن قىز ـ ئوغۇل ئىككىسىنىڭ يالغۇز ئۇچرىشىشىغا ۋە بىر يەردە ئىككىسى يالغۇز قېلىشىغا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: يات» ئەر بىلەن يات ئايال يالغۇز 2 قالمىسۇن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۆچىنچىسى شەيتان بولۇپ قالىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كېيىنكى پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش ئۆچۆندۇر. ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( بۇخارىي رىۋايىتى.
جاۋاب: نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار ئىككى قىسىمغا بۆلۆنىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، مەڭگۆلۆك نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار، يەنە بىرى مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللاردۇر.
جاۋاب: مەڭگۆلۆك نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىدەك ئۆچ قىسىمغا بۆلۆنىدۇ: (1) نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان. (2) ئىمىلدەشلىك سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار. (3) قۇدا – باجىلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار.
جاۋاب: نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار تۆۋەندىچە: (1) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئانىسى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئانىلىرى ۋە چوڭ ئانىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2) ئۆيلەنگۆچىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئۆز قىزلىرى، ئوغۇل ــ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ نەۋرە، چەۋرە قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ھەمشىرىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ بىر ئاتا، بىر ئانىدىن بولغان ياكى ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان سىڭىللىرىنىڭ-ئاچا ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (4) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئاتىسىنىڭ ھەمشىرىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئايال قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا ياكى ئانا تەرەپتىن بولغان ئەجدادلىرىنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (5) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ھاممىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئانىسىنىڭ ئايال قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا ياكى ئانا تەرەپتىن بولغان ئەجدادلىرىنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (6) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئۇكىلىرىنىڭ-ئاكا قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ بىر ئاتا، بىر ئانىدىن بولغان ياكى ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان -ئاكا ئۇكىلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (7) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ھەمشىرلىرىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۆچىنىڭ بىر ئانا، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى ئاتا ياكى ئانا تەرەپتىن بولغان ھەمشىرىلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە﴿ ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىڭلارنى ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ 1 قىزلىرىنى، ھەمشىرىڭلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى﴾.
جاۋاب: يۇقىرىقى نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان يەتتە خىل ئايالدىن باشقا، ئېمىلدەشلىك سەۋەبى بىلەنمۇ بەزى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. چۆنكى، قانداقلا بالا بىر ئايالنى ئەمگەندىن كېيىن، بۇ ئايال ئەمگۆچىنىڭ سۆت ئانىسى، ئۇنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئەمگۆچىنىڭ سۆت قېرىنداشلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەمگۆچىنىڭ يۇقىرىقى سۆت قېرىنداشلىرىنىڭ بىرەرسى بىلەن نىكاھلىنىشى خۇددى نەسەبتىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بىرەرسى بىلەن نىكاھلانغىنىغا ئوخشاش ھارامدۇر. شۇڭا ئۇ بۇلار بىلەن نىكاھلىنىشتىن چەكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە﴿ سۆت ئانىلىرىڭلار ۋە ئېمىلدەش ھەمشىرىڭلارنى ئېلىش ھارام 2 قىلىندى﴾. پەيغەمبەر «: ئەلەيھىسسالام ئېمىتىش سەۋەبلىك نىكاھلىنىشى ھارام بولغانلار 3 نەسەب سەۋەبلىك نىكاھلىنىش ھارام بولغانلارغا ئوخشاشتۇر» دېگەن.
جاۋاب: ئېمىلدەشلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىش مەسىلىسى ئېمىش كەيپىيىتى، ئېمىش مىقدارى ۋە ئېمىش ۋاقتى قاتارلىق تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سۆتنى ئېمىش كەيپىيىتى بوۋاقنىڭ سۆتنى ئېمىش كەيپىيىتى، يەنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سۆت قايسى يول بىلەن كىرگەن بولىشى مەسىلىسىدە، ئىمام ئىبنى ھەزم، ئىمام لەيس ئىبنى سەئد نىسا سۆرىسى 23 ـ ئايەت. قاتاتلىق ئۆلىمالارنىڭ «بالىنىڭ سۆتنى ئېمىتكۆچىنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەن بولىشى «شەرت دەيدىغان رەيى ئەڭ ئورۇنلۇق ۋە توغرا كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، بالىنىڭ ئېمىتكۆچىنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمەس، سېغىپ قويغان قاچىدىن ياكى ئۇنى ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ ئاغزىدىن ئىچىۋالغان سۆت بىلەن ئېمىلدەشلىك بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئايال سۆتىنى تاماققا ياكى سۇغا ياكى نانغا ياكى قانداقلا بىر نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى بىرەر بوۋاققا يېگۆزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئېمىلدەشلىك بولمايدۇ. ئېمىلدەشلىك ئەمەلگە ئېشىشى ئۆچۆن سۆتنى ئېمىتكۆچىنىڭ ئەمچىكىدىن بىۋاسىتە ئەمگەن بولىشى شەرت. ئېمىش مىقدارى شافىئىي، ھەنبەلىي مەزھەبلىرى، ئىبنى ھەزم، داۋۇد زاھىرىي قاتارلىق ئۆلىمالار ئەمگۆچى بوۋاق ئېمىتكۆچى ئايالنىڭ سۆت بالىسىغا ئايلىنىشى ئۆچۆن بەش قېتىم تويۇپ ئەمگەن بولىشى شەرت، دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ قاراشنى كۆچلەندۈرىدۇ. بۇ مەسىلە ئائىشە رەزىيەللاھۇ «ئېمىلدەشلىك ئەنھانىڭ 1 بەش قېتىم تويۇپ ئېمىش بىلەن «بولىدۇ دېگەن ھەدىسى بىلەن بەلگىلەنگەن. ھەتتا ئىمام مۇسلىم ئائىشەدىن رىۋايەت قىلىغان بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى قۇرئان ئىكەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنىڭ تىلاۋىتى ئەمەلدىن قېلىپ، ھۆكۆمى قالغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر ئەھۋال شۇنداق داۋام قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. چۆنكى ئەمگۆچى بالا ئېمىتكۆچى ئايالنىڭ بالىسىغا، بۇ ئايالنىڭ بالىلىرى ئەمگۆچى بالىنىڭ سۆت قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىشى ئۆچۆن ئەمگەن بۇ سۆتنىڭ ئۇنىڭ جىسمىغا رەسمىي تارقىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسۆشىدە تەسىرى بولىشى شەرت. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بىر ياكى ئىككى يۇتۇم سۆت ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ 2 مۇنداق دېگەن: بىر» ياكى ئىككى قېتىم ئېمىش بىلەن ئېمىلدەشلىك بولمايدۇ» . ھەنەفىي ۋە باشقا مەزھەبلەرنىڭ ئېمىلدەشلىك» بىر ياكىـ ئىككى ئېمىش بىلەنلا دېگەن بولىدۇ» رەيى باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە، ئاجىز سانىلىدۇ. ئېمىشنىڭ ۋاقتى ئېمىلدەشلىك ئەمەلگە ئېشىشى ئۆچۆن ئەمگۆچىنىڭ سۆتنى ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەن بولىشى شەرت. ئۆلىمالار بۇنىڭ ۋاقتىنى ئىككى يىل دەپ بېكىتكەن. ئانىلار﴿ بالىلارنى) ئېمىتىش (مۇددىتىدە تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ()2 ئېمىتىشى 1 لازىم﴾ دېگەن ئايەتكە ئاساسەن، ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىشىنىڭ ئەڭ كۆپ مىقدارى ئىككى يىلدۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر «: ئەلەيھىسسالامنىڭ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەمگەن) سۆت (بىلەن ئېمىلدەشلىك 2 بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «ئېمىلدەشلىك ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆچەي تولغىچە ئېمىش بىلەنلا بولىدۇ 3» دېگەن. ئېمىلدەشلىكنىڭ دائىرىسى ئەمگۆچىنىڭ ئۆزى ۋە بالىلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ بۇ ئېمىلدەشلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ بوۋاق ۋاقتىدا ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر ئايالنىڭ سۆتىنى ئاز دېگەندە بەش قېتىم تويغۇچە ئەمگەن بولسا، بۇ كىشى شۇ ئايالنىڭ سۆت بالىسى ۋە بۇ ئايالنىڭ بالىلىرى بۇ كىشىنىڭ سۆت قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، بۇ كىشى ئۇ ئايالغا ياكى ئۇنىڭ بالىلىرىغا ياكى نەۋرىلىرىگە مەڭگۆلۆك ئۆيلىنەلمەيدۇ. ئەمگۆچىنىڭ ئەر ياكى ئايال بولىشىدا پەرق يوق. ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئېمىلدەشلىك تەرەپتىن بولغان سۆت قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆزئارا نىكاھلىنالايدۇ. چۆنكى ئېمىلدەشلىك سۆتنى ئەمگەن كىشى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئېمىتكۆچى ئايال بىلەن ئەمگۆچىنىڭ ئاتىسى، بوۋىسى، تاغىلىرى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئېمىلدەشلىك تەرەپتىن مۇناسىۋىتى يوقتۇر. يەنى ئۇلار بۇ ئايالغا نىكاھلىنالايدۇ. دوكتۇر يۆسۆپ ئەل قەرداۋىي «ھازىرقى زامان ناملىق پەتىۋالىرى» ئەسىرىدە مۇنداق دەپ «: يازغان جىمى ئىسلام ئۇممىتى ئەمگۆچى مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئېمىتكۆچى ئايالنىڭ سۆتىنى بەلگىلەنگەن ئايالنىڭ) ئەمچىكىدىن ئەمگەن بولىشى، ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەن بولىشى ۋە ئاز دېگەندە بەش قېتىم تويغۇچە ئەمگەن بولىشى (قاتارلىق شەرتى، مىقدارى، كەيپىيىتى بويىچە ئەمگەندىن كېيىن، ئەمگۆچىنىڭ ئېمىتكۆچى ئايالنىڭ سۆت بالىسىغا، ئېمىتكۆچى ئايالنىڭ ئەمگۆچىنىڭ سۆت ئانىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا، ئەمگۆچىنىڭ ئېمىتكۆچى ئايالنى نىكاھىغا مەڭگۆلۆك ئالالمايدىغانلىقىغا، نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقى ئېمىتكۆچى ئايال بەقەرە -233 سۆرىسى ئايەت. (1) ئەبۇداۋۇد تىيالىسىي رىۋايىتى. بىلەن ئەمگۆچىنىڭ بالىلىرى ۋە ئەمگۆچى بىلەن ئېمىتكۆچىنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋام 1 قىلىدىغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان».
جاۋاب: ئۇلار تۆۋەندىكى تۆت خىل ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئاتىسىنىڭ قويۇپ(بەرگەن ئاياللىرى ۋە بوۋىلىرىنىڭ قويۇپ)بەرگەن ئاياللىرى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاتىلىرىڭلار﴿ ئالغان 2 ئاياللارنى ﴾ئالماڭلار ) ( يەنى بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن، بۇ ئايال ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ۋە پۆتۆن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ھارام بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلاردىن ھېچبىرى بۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالالمايدۇ. (2) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ) (بەرگەن ئاياللىرى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بالىلىرىڭلارنىڭ﴿ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھارام ).﴾قىلىندى 3 ( يەنى بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن بۇ ئايال ئۇنىڭ دادىسىغا ۋە پۆتۆن بوۋىلىرىغا ھارام بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ. (3) ئۆيلەنگۆچىنىڭ (قولىدىكى) ئايالىنىڭ ئانىسى ۋە ئۇ ئايالنىڭ چوڭ ئانىلىرى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: قېيىن﴿ ئاناڭلارنى ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھارام ).﴾قىلىندى 4 ( يەنى بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئانىسى ۋە چوڭ ئانىلىرى ئۇ كىشىگە ھارام بولىدۇ. (4) ئۆيلەنگۆچىنىڭ ئايالىنىڭ باشقا) ئەردىن (بولغان قىزلىرى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە﴿ سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ باشقا) ئەردىن (بولغان قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇچاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ گۇناھ دوكتور يۆسۆپ ئەل «ھازىرقى قەرداۋىينىڭ زامان -3 پەتىۋالىرى» -325، توم .بەت. (نىسا سۆرىسى 22 ـ ئايەت.) نىسا سۆرىسى 22 ـ ئايەت. (نىسا سۆرىسى 23 ـ ئايەت.) ).﴾يوق 1 ( يەنى مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىپ ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئۆچۆن ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرى ۋە پۆتۆن نەۋرىلىرى ھارام بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئايالغا نىكاھلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمىغان بولسا يەنى) يېقىنچىلىق قىلماستىن ئايرىلىپ كەتكەن (بولسا بۇ چاغدا، ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرى ئۇ كىشىگە ھالالدۇر.
جاۋاب: مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار ئۆچ قىسىم بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۆيلەنگۆچىنىڭ (قولىدىكى) ئايالىنىڭ ھەمشىرىلىرى ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئاتا تەرەپتىن ياكى ئانا تەرەپتىن بولغان تاغا ئاچىلىرى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە﴿ ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى 2﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئايال ئۆزىنىڭ تاغا ئاچىلىرى بىلەن نىكاھتا 3 بىرلەشتۆرۈلمەيدۇ». يەنى، بىراۋ ئايالىدىن ئاجراشماي تۇرۇپ، ئۇ ئايالنىڭ ھەمشىرىلىرى بىلەن ياكى تاغا ئاچىلىرى بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ. بەلكى ئايالىدىن ئاجراشقاندىن كېيىنلا يۇقىرىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنالايدۇ. (2) باشقىسىنىڭ ئىددىتىدە بولغان ئاياللار. باشقا بىر ئەرنىڭ ئىددىتىدىن چىقىپ بولمىغان ئايال شۇ ئەرنىڭ زىممىسىدا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئاجراشقان ياكى ئۆلۆپ كەتكەن ئېرىنىڭ ئىددىتى ئىچىدىكى ئاياللار بىلەن، ئۇلارنىڭ شۇ ئىددىتى توشمىغىچە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئىددىتى﴿ توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھقا مەلۇمدۇر. لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار. پەقەت ئاشكارا) ئېيتىلسا خىجىل (بولمايدىغان مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار. نىسا سۇرسى 23 ـ ئايەت. (نىسا سۆرىسى 23 ـ ئايەت.) بىلىڭلاركى 1، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾. (3) ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئاياللار يەنى ئېھرام مۇددىتى ئىچىدىكى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. ئېھرام مۇددىتى تۆگەپ، ئۇلار ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولىدۇ. بەقەرە سۆرىسى 235 ـ ئايەت.
جاۋاب: سۆز سالدۇرۇش ــ يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە، ئۇلاردىن ئوغلىغا قىزىنى سوراپ ئەلچى ئەۋەتىشى دېمەكتۇر. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي شانلىق ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرىدۇر. سۆز سالدۇرۇش يىگىت تەرەپتىن قىز تەرەپكە بولغىنىدەك، بەزى ھاللاردا، قىز تەرەپتىن يىگىت تەرەپكىمۇ بولىدۇ. بۇ بەزى ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ چۆشەنگىنىدەك، ئەيىب سانىلىدىغان ئىش ئەمەس.
جاۋاب: نىشانلىنىش ـ «چاي ئۆچۆرۈپ «قويۇش ياكى «بارىكاللا قىلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قىز تەرەپنىڭ يىگىت تەرەپنىڭ تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە توينىڭ تەييارلىقلىرى پۆتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئوغۇل ـ قىزلىرىنى بىر ـ بىرىگە ئۆيلەپ قويۇشقا رازى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېمەكتۇر. چۆنكى بۇ ۋاقىتتا، يىگىت بىلەن قىز تۇرمۇش قۇرۇش ئۆچۆن نىشانىنى بىر ـ بىرىگە قاراتقان بولىدۇ. گۆل» قويۇش» نامى بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە سوۋغا ــ سالام تەقدىم قىلىشىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر ـ بىرىگە نىشانلانغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. چاي ئىچۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر شەخسنىڭ ئۇ قىزغا خېرىدار بولىشى ۋە توي تەكلىپىنى قويۇشى قەتئىي ھارامدۇر. نىشانلىق دەۋرى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋر بولۇپ، بەختلىك ۋە مەڭگۆلۆك ئائىلە قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىگىت ـ قىز ئۆچۆن بىر ـ بىرىنى تونۇش، بىرى ـ بىرىنىڭ دىيانىتىنى، ئەخلاقىنى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك بولغان تەرەپلىرىنى ياخشى ئىگىلەش دەۋرىدۇر. بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ نىكاھ ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن بىرەر جايدا يالغۇز ئۇچرىشىشى دىنىمىزغا ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزگە خىلاپتۇر. نۇرغۇنلىغان گۆزەل قىزلارنىڭ “سىناشتۇق” شۇئارى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەكلىرىنى نابۇت قىلىپ، پۇشايماندىن قوللىرىنى چشلەپ قالغانلىقى ، يىگىتلىرىنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كېتىپ ئۆزلىرىىنىڭ ھاياتىنى دەپسەندە قىلغاننىڭ ئۆستىگە، ئاتا ـ ئانىسىغا نومۇس ۋە شەرمەندىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە باشقىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار بىزنىڭ ئۆز دىنىمىزنىڭ قائىدە ـ يوسۇنلىرىغا مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ ئەخلاق دەستۇرىغا خىلاپلىق قىلغانىلىقىمىزدىن كېلىپ چىقماقتا.
جاۋاب: نىكاھنى -ئەل جامائەتكە ئېلان قىلىپ بىلدۈرۈش ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «نىكاھنى ئېلان قىلىڭلار» 1 ( دەپ كۆرسەتكەن. قانۇنلۇق ھالال نىكاھنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل -سۆز چۆچەكلەر ۋە پىتنە ئىغۋالاردىن ساقلانغىلى بولغاندەك، جەمئىيەتتە ئۇنى زىنا ھارام ئىشلاردىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. چۆنكى ھارام-زىنا ئىشلار ئادەتتە يوشۇرۇن قىلىنىدۇ. ئەمما نىكاھ ھەمىشە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىسقىسى، نىكاھنى ئېلان قىلىش نىكاھى ئېلان قىلىنمىغان خوتۇننىڭ-ئەر ئارقىسىدىن چۆچەك-سۆز تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئابرويىنى چۆشۆرمەكچى بولغانلارغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۆچۆنمۇ ياخشى. ئەمما نىكاھنى مەسجىدلەر قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان ياخشى ئىشتۇر.
جاۋاب: توي – تۆكۆن ۋە باشقا ھەرقانداق بىر خوشاللىق كۆنلەردە، ئەدەب – ئەخلاق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھالدا، مەزمۇنى پاكىز، ئېسىل ناخشىلارنى ئېيتىش، مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چېلىش جائىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق قىلىشتىن توسمىغان. ئەمما كىشىلەرنى يامان ھەۋەسلەرگە ئۆندەيدىغان، ئەخلاققا زىيانلىق مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئېيتىش جائىز ئەمەس. شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ پەقەت ئايال جىنسلىرىغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى دۇرۇس. ئەمما ئاياللارنىڭ ئەر جىنسلىرى بار جايلاردا ئۇسسۇل ئوينىشى ھارامدۇر ۋە قەتئىي دۇرۇس ئەمەس.
جاۋاب: توي كۆڭلىكى كىيىش ئەسلىدە خرىستىئانلاردىن كەلگەن ئادەت بولۇپ، كۆپلىگەن مىللەتلەردە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نە دىنىي، نە ئىللىي ئادەتلىرىمىزدىن ئەمەس. ھەر بىر مىللەتنىڭ قىممىتى-قەدىر باشقىلارنىڭ ئادەتلىرىنى دورىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئادەتلىرىنى-ئۆرپ ۋە مىللىي ھەم دىنىي ئەنئەلىرىنى چىڭ مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلىشى بىلەن بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا قىزلارنىڭ توي كۆنلىرىدە كىيىدىغان ئېسىل، كۆركەملىك ۋە چىرايلىق كۆڭلەكلىرى بار. بىز قىزلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ شۇ مىللىي -كىيىم كېچەكلىرىنى كىيگۆزىشىمىز لازىم. بۇ بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىمىزدۇر. باشقا مىللەتتىن قوبۇل قىلىشقا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق. چۆنكى ئۆزىمىزنىڭكىسى باشقىلارنىڭكىدىن ئەلۋەتتە ئېسىل ۋە ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى باشقا مىللەتلەرنى دوراشتىن «: توسۇپ كىمكى ئۆزىنى بىرەر قەۋمگە 2 ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ دېگەن».
جاۋاب: ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ـ ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك ئەر ـ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (1) ئىبنى ھىببان ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى ) ( خوتۇن بولۇپ ئۆتۆشكە كېلىشىشى نەتىجىسىدە نىكاھلىنىشى دېمەكتۇر. نىكاھلىنىشتا ۋاقىتنى ئېنىق سۆزلىمىسىمۇ، كۆڭلىدە ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلەنگەن كىشىنىڭ نىكاھىمۇ مەيلى ئۇ ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ۋاقىتلىق نىكاھ سانىلىدۇ. چۆنكى «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر» ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش كۆپىنچە قارشى تەرەپنى ئالداش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشقا شۇنداق پۆتۆشكەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ. چۆنكى ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش زىنا قىلغانلىقتۇر. نىكاھتا مەڭگۆلۆكنى نىيەت قىلىش شەرت بولۇپ، مەڭگۆلۆك ئەرـ خوتۇن بولۇش نىيەت قىلىنمىغان نىكاھ باغلانمايدۇ. ئەمما مەڭگۆلۆك نىكاھنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىن تۇرمۇش نورمال ھالدا داۋام قىلالمىغانلىق سەۋەبتىن ئايرىلىپ كەتسىمۇ، ئۇكىشىنىڭ بۇرۇن قىلغان مەڭگۆلۆك بىرگە ئۆتۇشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى نىيىتىگە زىينى يوق. ئىسلام دىنىنىڭ باشلىنىش دەۋرلىرىدە، مۇجاھىدلار غازاتلاردا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئىشىنى ئېلىپ بارغان. چۆنكى، بۇ مەسىلە، ئىسلام دىنىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقىتلىرىدا بىر مەزگىل يول قويۇلۇپ كېيىنچە، خەيبەر غازىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەسكىن جاكارلىشى بىلەن ھارام قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي خالايىق! مەن سىلەرگە ئاياللاردىن ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش بىلەن پايدىلىنىشنى زۆرۈرىيەت) سەۋەبلىك (ۋاقىتلىق يولغا قويغان ئىدىم. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھەممىسىنى تا قىيامەتكىچە ھارام قىلدى»(1). مەلۇمكى، ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش كىشىلەرنىڭ سائادىتىنى-بەخت دەپسەندە قىلغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغانلىقتۇر. چۆنكى ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش نەسىلنى زايا قىلىدۇ، ئەر ـ ئايال بىر ـ بىرىنى جىنسىي ھەۋەس ئۆچۆنلا كىرالىغان بولىدۇ. بۇ ئىش خۇسۇسەن ئاياللارنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىر ئىشنىڭ ئىسلام دىنىدا ھارام قىلىنىشى ئەقىلنىڭمۇ تەلىبىدۇر.
جاۋاب: نىكاھ ــ ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە بەختلىك بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۆچۆن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەر ـ ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ باغلىنىشىدۇر.
جاۋاب: نىكاھنىڭ ئىسلام نەزىرىدە، قانۇنلۇق ھالدا دۇرۇس باغلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) ئەر ـ ئايال ئىككىسىىنىڭ رازىلىقى نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۆچۆن نىكاھلانماقچى بولغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ رىغبىتى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى شەرتتۇر. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھېچكىمنى ئۆزى خالىمىغان بىرسى بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلاشقا بولمايدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇش قورۇش ئۆچۆن ئۆزلىرىگە جور تاللاشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «چوكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتا ئاتا ـ ئانىسىدىن ھەقلىقتۇر. قىزنىڭ رايى سورىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇكۇت قىلغىنى 1 ماقۇل «كۆرگەنلىكىدۇر دەپ كۆرسەتكەن. (2) گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولۇشى نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۆچۆن نىكاھ ئوقۇلغان ئورۇندا ئادالىتىگە، راستچىللىقىغا ئىشىنىلىدىغان ئىككى مۇسۇلمان ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بولۇشى شەرتتۇر. ئىككى ئەر گۇۋاھچى تولۇق تېپىلمىغان شارائىتتا، بىر ئەر، ئىككى ئايال بىرلىكتە گۇۋاھلىققا ھازىر بولۇشى لازىم. چۆنكى بۇ تۆرلۆك مۇئامىلىلەردە ئىككى ئايال گۇۋاھچى بىر ئەر گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. گۇۋاھچىلار ھازىر بولمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سىلەر﴿ ئەرلىرىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر تېپىلمىسا، سىلەر ئادالىتىگە)، (دىيانىتىگە رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا 2 تەكلىپ قىلىڭلار﴾. (3) شافىئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەبلىرىدە، نىكاھلانماقچى بولغان قىزنىڭ شۇنداقلا) (چوكاننىڭ ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش نىكاھنىڭ شەرتلىرىدىن سانىلىدۇ. بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قىزنىڭ ئىگىلىرى مۇۋاپىق كەلمىگەن نىكاھ «باغلانمايدۇ 3 ( دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلغان. ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىدە، قىز ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى ئۆزى قارار قىلالىغۇدەك ياشتا بولۇپ، ئۆزىگە مۇناسىپ بىرىگە ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇنىڭ نىكاھى ئۆچۆن ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقى شەرت قىلىنمايدۇ. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «چوكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىدا ئىگىلىرىدىن ھەقلىقتۇر،» چوكاننى» ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار» دېگەن ( ھەدىسلىرى قىزلارنى مەيلى ئۇلار ھېچ ياتلىق بولمىغان بولسۇن، مەيلى ياتلىق مۇسلىم رىۋايىتى. (بەقەرە سۆرىسى 282 ـ ئايەت.) ئەبۇداۋۇد، ترىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان ھەدىس، ھەدىسشۇناس ئالىم ئىبنى ھىببان بۇ ) ( ھەدىسنى) ھەدىسلەر سەھىھ» قاتارىدىن سانىغان. بۇخارى رىۋايىتى. ) ( بولۇپ قايتىپ كەلگەن چوكان بولسۇن، ئۇلارنى ئىختىيارىسىز ياتلىق قىلماسلىقنى ۋە ئۇلار قوشۇلمىغان ۋە تۇرمۇش قۇرۇشقا رازى بولمىغان بىرىگە ئانىسىنىڭ-ئاتا زورلاپ ياتلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شافىئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەبلىرىنىڭ چوكانلارنىڭ-قىز ياتلىق بولىشى ئۆچۆن ئانىسى-ئاتا ياكى باشقا ئىگىلىرى قوشۇلىشى نىكاھنىڭ باغلىنىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى دەپ قارار قىلغانلىقى ئاياللارنى ئاسراش ۋە ئانىسىنىڭ-ئاتا ماقۇللىقىنى ئالماستىن يامان يەرگە كېلىن بولۇپ چۆشۆپ قېلىپ پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. چۆنكى ئانىلارنىڭ-ئاتا تاللىغىنى ۋە قوشۇلغىنى كۆپ ھاللاردا توغرا چىقىدۇ. ئانىلار-ئانا بالىلار بىلمىگەنلەرنى بىلىدۇ ۋە بالىلىرىنى كىملەرگە ئۆيلەندۈرۈشنىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا ئانىلارنىڭ-ئاتا رازىلىقىنى ۋە ماقۇللىقىنى ئالماستىن قىزلارنىڭ ئۆز بېشىغا ئىش كۆرمىگىنى ياخشى. جەمئىيەتتە كۆرىۋاتىمىزكى، جەمئىيەتنى، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق چۆشىنىپ يېتىپ بولالمىغان سەبى قىزلارنى ئانىسىنىڭ-ئاتا رۇخسىتىسىز ئالداپ ئېلىپ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا تاشلىۋېتىدىغان ياكى ئانىسىنىڭ-ئاتا ئۆيىدىكى جەننەتتىن دوزاخقا ئېلىپ بېرىپ خورلايدىغان ئالدامچى ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ ھەقتىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبىدە، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى، بىر ئۆمۆر بىرگە ئۆتىدىغان، ياخشى كۆنلەردە، يامان كۆنلەردە، راھەتتە، جاپادا بىرگە بولىدىغان ئۆمۆرلۆك ھايات يولدىشىنى ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۆنكى كۆرىۋاتىمىزكى، بەزى ئانىلار-ئاتا قىزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياكى بايلارغا ياكى مەنسەبدالارغا زورلاپ بېرىدۇ. ئۇلار قىزلىرىنىڭ سائادىتىنى-بەخت ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنئەپەتلىرىنى ئويلاپ شۇنداق قىلىدۇ. بۇ قىزلار بەختلىك بولامدۇ ياكى تەلەيسىز بولۇپ قالامدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ھەر ئىككى مەزھەبنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرى بار. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ئىككىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، پەرزەنتلىرىنىڭ سائادىتى-بەخت ئۆچۆن تىرىشىشى لازىم.
جاۋاب: نىكاھنىڭ لەۋزىلىرى ـ ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن تۇرمۇش قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز ئىبارىلەردۇر. ئايال ئەرنىڭ نىكاھلىنىش تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئەرمۇ ئۇنى زىممىسىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايالنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۆزى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئەركىشى ئۇنى زىممىسىغا ئالغانلىقىنى ئۆزى بىۋاسىتە بىلدۈرىدۇ. نىكاھنىڭ ئىبارىلىرى ئۆتكەن زامان پېئىللىرى يەنى) ئالدىم ، تەگدىم دېگەنگە ئوخشاش (پېئىللار بولۇشى لازىم. شۇنىڭدەك، تەلەب بىلەن قوبۇل ئالدىم)، تەگدىم دېگەن (سۆز بىر ئورۇندا بولۇشى، ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىدا) كۆپ ۋاقىت (ئۆتۆپ ئارىسىغا باشقا گەپلەر ئارىلىشىپ قالماسلىقى لازىم.
جاۋاب: نىكاھ سەۋەبى بىلەن تۆۋەندىكى ئۆچ نەرسە بەلگىلىنىدۇ: (1) مەھرى (2) نەپىقە (3) مىراس.
جاۋاب: مەھرى ـ نىكاھ سەۋەبى بىلەن ئەرنىڭ ئايالىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەلۇم مىقداردىكى ماددىي ھەق (پۇل) دېمەكتۇر. مەھرى بېرىشنى ئەر ـ ئايال ئىككىسى تويدىن بۇرۇن شەرت قىلغان بولسۇن، ياكى شەرت قىلمىغان بولسۇن ھەر ھالەتتە ئەرنىڭ ئۇنى نىكاھتىن كېيىنلا ئايالىغا نەق ياكى يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى نېسى بېرىشى لازىم.
جاۋاب: مەھرى مىقدارىنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكىنىڭ چېكى يوق. مەھرى پەقەت ئەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىىتىغا قاراپ بولىدۇ. تويدىن بۇرۇن ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپ ئۆزئارا پۆتۆشكەن مەھرى مىقدارى ھېسابقا ئېلىنىدۇ. ئەگەر تويدىن بۇرۇن ئايالغا مەھرى بېرىشنى پۆتۆشمىگەن بولسا، ياكى پۆتۆشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مىقدارىنى تەيىنلىمىگەن بولسا، بۇ ھالەتلەردە ئەر ئايالىغا شۇ شەھەردە ئادەت بولۇپ ئېقىۋاتقان مەھرى ئۆلچىمى بويىچە مەھرى بېرىدۇ. چۆنكى مەھرى ــ ئايالنىڭ نىكاھ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن تەبىئىي ھەققىدۇر. مەھرى مىقدارىنىڭ ئاددى، يېنىك بولغىنى ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيىسىمۇ مەھرىنى ئېغىر قىلىۋېتىپ توينى قىيىنلاشتۇرۇپ قويماسلىقتۇر. مەھرى ـ پۇل ـ مال بېرىش بىلەن ئادا تاپقىنىدەك، مەنىۋى مەنپەئەت بىلەنمۇ ئادا تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنى ئۇ كەمبەغەل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئايالىغا بېرىدىغان مەھرىى بەدىلىگە، ئايالىغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىشنى شەرت قىلىپ ئۆيلەندۈرگەن.
جاۋاب: نەپىقە ـ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك ۋە ھەر قانداق ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۆستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشى دېمەكتۇر. ئەر ئەگەر ئايالىنىڭ يۇقىرىقى چىقىملىرىغا بېخىللىق قىلىپ ئۇنى جايىدا ئادا قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئەگەر ئايالى ئۇنىڭ ئىقتىسادىدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە يېتەرلىك مىقدارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەستىن ئالسىمۇ، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. چۆنكى ئايالنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئېرىنىڭ زىممىسىدىدۇر.
جاۋاب: مىراس ـ بىراۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال ــ دۇنياسى ۋە باشقىمۇ ماددىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يۆتكىلىشى دېمەكتۇر. قانداقلا بىر كىشى بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ـ بىرىدىن مىراس ئېلىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مىراس ـ بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىنىدۇ. يەنى ئەر ـ ئاياللاردىن قايسىسى بۇرۇن ۋاپات بولسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدۇ. ھەتتا نىكاھلىنىپ بىر ـ بىرىگە يېقىنلاشماستىن بىرى ئۆلۆپ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكىسى قۇرئان كەرىمدە بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە ئۇنىڭ مىراسىدىن ئالىدۇ.
جاۋاب: مەھرەم — مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جورىسى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقانلىرى دېمەكتۇر. نامەھرەم — مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۆزىنىڭ جورىسى ئەمەس ياكى نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقانلىرىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى يات كىشىلەردۇر. ئايالنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئەر تۇغقانلىرى بولۇپ، شۇ ئايالنىڭ ئاتىسى، بوۋىلىرى، تاغىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، قېيىن ئاتىسى، ئۆگەي دادىسى، قىزلىرىنىڭ ئەرلىرى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلاردۇر. ئەرنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرىدۇر.
جاۋاب: مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ باشلىرىغا رومال ئارتىپ، چاچلىرىنى، بويۇنلىرىدىكى ۋە قۇلاقلىرىدىكى زىننەتلىرىنى يېپىپ، ئۇزۇن ۋە ئازادە كىيىملەرنى كىيىپ يۆرۈشى مۇسۇلمانلىقنىڭ شۇئارى، تەقۋالىقنىڭ كىيىمى، ئالىيجاناپلىقنىڭ بەلگىسى، ھۆرمەت ـ ئىززەتنىڭ نىشانىسى ۋە گۆزەل ئەخلاقنىڭ دەلىلىدۇر. رومال ئارتىش مۇسۇلمان ئاياللىرىنى ھەر تۆرلۆك رەزىللىكلەردىن، پەسكەشلىكلەردىن قوغدىغاندەك، مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ ھايا، نومۇس ۋە ئىپپەت ئىچىدە تېخىمۇ قەدىر ـ قىممەتلىك ھەم كۆركەملىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ.
جاۋاب: بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى ئۆچ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئايالنىڭ ئۆيدىن چىقىشى ئۆچۆن ھەممە ھاللاردا ئېرىدىن رۇخسەت سورىشى كېرەك ئەمەس. مەسىلەن: ئايال خىزمەت، مەكتەب، بالىلارنىڭ ئىشى ياكى سىرتتىن ئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنى مەھەللىسىدىكى ماگىزىنلاردىن سېتىۋېلىش، ئانىسىنى-ئاتا، قوشنىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۆچۆن سىرتقا چىقىشقا ئوخشىغان كۆندىلىك تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلاردا ئېرىدىن رۇخسەت سوراشقا ھاجەت بولمايدۇ. ئەمما يىراقلارغا ياكى بازارغا بېرىش ئۆچۆن ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. (2) ئايال ئەگەر ئېرى تونۇمايدىغان بىر ئائىلىنى زىيارەت قىلىش ياكى تۇغقانلىرىدىن بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىش ئۆچۆن ئۆيدىن چىقماقچى بولسا، ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى شەرتتۇر، ئېرى رۇخسەت قىلمىسا چىقماسلىقى لازىم. (3) ئايال بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ياكى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە سەپەر قىلماقچى بولسا، گەرچە ئايروپىلان بىلەن شۇ كۆنى يېتىپ بارىدىغان سەپەر بولسىمۇ ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھلار بىلەنلا بېرىشى لازىم. ئەمما يولدا توختاپ مېھمانخانىلاردا قونۇپ قالىدىغان ياكى كۆندىن 3 كۆپ ۋاقىتتا بېرىپ بولىدىغان ئۇزۇن سەپەرگە ئېرى ياكى ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرىدىن بىرەرسى بىلەن چىقالمايدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرىدىن ئىبارەت مەھرەملىرىدىن بىرەرسى يېنىدا بولماستىن يالغۇز سەپەرگە چىقىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ: «ئايالنىڭ ئۆچ كۆنلۆكتىن يىراق سەپەرگە 1 مەھرەمسىز چىقىشى «ھارامدۇر دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭغا بىنائەن: ھەنەفىي، ھەنبەلىي مەزھەبلىرى «ئايال ئۆچ كۆنلۆكتىن يىراق سەپەرگە مەھرەمسىز «چىقمايدۇ دەيدۇ. شافىئىي، مالىكىي مەزھەبلىرى «ئايال ئىشەنچلىك ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا مەھرەمسىز سەپەرگە چىقسا بولىدۇ،» دەيدۇ. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى ئاياللارنى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشتىن توسۇشتىكى مەقسەت يولدىكى ئامانسىزلىقلار ئىدى. زامان تەرەققىي قىلىپ خاتىرجەملىك ئومۇملاشتى. شۇڭا ھازىر ئايال ئىشەنچىلىك ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا 2، مەھرەمسىز ھالدىمۇ سەپەرگە چىقسا بولىدۇ، دەپ قارار )قىلغان (. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( دۇنيا» ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاقى» ۋە ياۋروپا» پەتىۋا ۋە تەتقىقات كېڭىشى» نىڭ پەتىۋاسى.
جاۋاب: ئېرى ياكى مەھرەم بولالايدىغان يېقىن تۇغقىنى بولمىغان ئايال ئىشەنچلىك ئەر – ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج - ئۆمرە سەپەرلىرىگە مەھرەمسىز چىقسا بولىدۇ.(1)
(1) بەزى ئالىملارغا كۆرە، ئايال سودا - سېتىق، تۇغقان كۆرۈش ۋە ساياھەت قاتارلىق يوللۇق سەپەرلەرگىمۇ مەھرەمسىز بولسىمۇ ئىشەنچلىك گۇرۇپپا بىلەن چىقسا بولىدۇ. islamonline.net.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچقانداق بىر يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى سابىت ئەمەس. دوكتۇر يۆسۆپ ئەل قەرداۋىي يات ئال بىلەن يات ئەرنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۆش مەسىلىسىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «قەدىمدە ۋە ھازىردا ھېچقانداق بىر ئۆلىما ئىختىلاپلاشمايدىغان ۋە ھەممە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۇلار مۇنداق: (1) ئەر ياكى ئايال قايسىبىرى تەرەپتىن جىنسىي لەززەت ئېلىش مەقسىتىدە شەھۋەت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۆش ئەر، ئايال ھەر ئىككىسى ئۆچۆن ھارامدۇر. شۇنىڭدەك، “يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر” دەيدىغان ئومۇمىي قائىدىگە ئاساسەن، يامان نىيەت بايقالغان ياكى كۆرۈشكۆچىنىڭ كەيپىياتىدىن شەھۋانىيلىق مەلۇم بولغان ھاللاردا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۆش قەتئىي ھارامدۇر. ھەتتا ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەھرەم تۇغقانلىرىدىن بىرەرسىنى تۇتۇشى ھالال ئىشلاردىن بولسىمۇ، بۇ تۇتۇش ئۇنىڭ شەھۋىتىنى ئۆرلىتىدىغان ئەھۋالدا ھاراملىق دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ.(2) خۇسۇسەن، ئايالىنىڭ باشقا ئەردىن بولغان قىزى ياكى ئاتىسىنىڭ ئايالى ياكى ئوغلىنىڭ ئايالى ياكى ئۆزىنىڭ قېيىن ئانىسى ۋە ياكى ئېمىلدەش -ئاچا سىڭللىرى گەرچە ئەرنىڭ مەھرەملىرىدىن سانالسىمۇ، ئۇلارغا قارىتا شەھۋەت بىلەن قارايدىغان ئەرلەرمۇ بار. (2) ئەرنىڭ ھەۋىسى قوزغالمايدىغان ياشىنىپ قالغان ئايال بىلەن بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆرۈشۆشى جائىزدۇر».(3)
(2) ئەل ئىختىيار لىتەئلىل ئەلمۇختار -4 توم، -155 بەت. (3) دوكتور يۆسۆپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» ناملىق ئەسىرى -2 توم، -292 بەت.
جاۋاب: نەتىجىلەرنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى مۇقەددىمىلەرگە ۋە شۇ غەلىبىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشقا باغلىق بولغىنىدەك، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشمۇ، يەنە شۇ مۇقەددىمىلەرگە دىققەت قىلمىغانلىق ۋە مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىدىن ساقلانمىغانلىقتىن بولىدۇ. ئاغرىق ـ سىلاقلاردىن ساقلىنىش ئۆچۆن ئۇنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش زۆرۇر بولغاندەك، ئائىلە ھاياتىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بەختسىزلىكلەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى بەختلىك ھالدا، ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرۇش ئۆچۆن ئائىلە ھاياتىدا ئەرـ خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان مۇقەددىمىلەردىن ۋە ئۇنىڭغا تۆرتكە بولىدىغان بەزى ئامىللاردىن ساقلىنىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئەر ـ خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان بەزى ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: (1) نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراش نامەھرەملەردىن كۆزنى ساقلاش مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھەر قانداق كىشى ئۆچۆن زۆرۈر ۋە يامان نەتىجىلەردىن ساقلىنىشنىڭ قالقىنىدۇر. مانا بۇ، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرىغان: مۆمىن﴿ ئەرلەرگە (نامەھرەملەرگە)، ئېيتقىنىكى تىكلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۆچۆن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۆپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن. لىچەكلىرى بىلەن 1 كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن﴾. (2) ئاياللارنىڭ كىينىشىدىكى بىنورماللىق ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر بار جايلاردا نېپىز، قىسقا ۋە تار كىيىملەرنى كىيىشى ۋە ئەۋرەت سانالغان ئورگانلىرىنى ئېچىپ يۆرۈشى ئەر ـ خوتۇن مۇناسىۋىتىگە ئەلۋەتتە سەلبىي تەسىر يەتكۇزىدۇ. (3) يات ئەر بىلەن يالغۇز قېلىش مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، قايسىبىرىنىڭ قارشى جىنستىكى يات بىرى بىلەن يالغۇز ئۇچرىشىشى، يالغۇز بىر يەردە قېلىشى ياكى بىرگە سەپەرگە چىقىشى قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۆزمەي قالمايدۇ. (4) -ئەر ئاياللارنىڭ ئىش ئۇرۇنلىرىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشى. ئەر ئاياللارنىڭ– ئىش ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىنورمال ئالاقە باغلىشى ئەر – خوتۇنلۇق ھاياتىغا ئەلۋەتتە يامان تەسىر يەتكۆزىدۇ، ھەتتا ئائىلىدىكى مۇھەببەتنىڭ نەپرەتكە ئايلىنىشى، ئائىلىنىڭ بۇزۇلىنىشى ۋە بالىلارنىڭ يېتىم بولىشى قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. (5) ياتلار بىلەن چاقچاقلىشىش مەيلى ئەر، مەيلى ئايال ھەر قانداق بىرسىنىڭ قارشى جىنستىكى يات بىرسى بىلەن چاقچاقلىشىشى، مېھماندارچىلىقلاردا، ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ۋە باشقىمۇ ئەر ـ ئاياللار توپلاشقان ئورۇنلاردا ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۆپ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشى ياكى چاقچاقلىشىشى بەكمۇ ئەيىب ئىش. ئايال ئۆچۆن كەمسۆزلىكتىن ياخشى خۇلق يوق. (6) تانسا ۋە باشقا ئويۇن ـ تاماششالارغا بېرىش مۇسۇلمان كىشىنىڭ تانسىخانىغا، قاۋاقخانىغا ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەر قانداق بىر سورۇنغا بېرىشى توغرا ئەمەس. ئىسلام نەزىرىدە ھارامدۇر. بۇنىڭ ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە يەتكۆزىدىغان زىيىنى چوڭدۇر. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە تانسىغا بېرىشى تېخىمۇ ئېغىر قاباھەت. ئايالىنى تانسىغا ئېلىپ بارغان ئەر گۇناھكار ئەردۇر. ئايالىنى تانسىغا ئەۋەتىپ قويۇپ ئۆزى خاتىرجەم ئولتۇرغان ئەر غۇرۇرسىز ۋە ۋىجدانسىز ئەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جامائەتنىڭ-ئەل لەنىتى يېغىپ تۇرىدۇ. (7) ئاياللارنىڭ شەھەر ئاتلاپ تىجارەت قىلىشى ئايالنىڭ ئۆزى يالغۇز شەھەردىن شەھەرگە سەپەر قىلىپ يۆرۈپ تىجارەت قىلىشى ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئەلۋەتتە دەخلى يەتكۆزمەي قالمايدۇ. غەيرى نورمال ئەھۋاللار يۆز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزى يالغۇز سەپەرگە چىققان ئايال كۆپىنچە قۇرۇق سۆز ۋە تۆھمەتلەرگە قېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ ئىشلار ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى بۇزىدىغان ئامىللاردۇر. (8) ئەر ـ خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى يېيىش ئەر ـ خوتۇنلۇق ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى سىرتقا يېيىش مۆلچەرلىگۆسىز يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۆرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە مۇنداق قىلىش -ئەر خوتۇنلۇقنىڭ مۇقەددەس رىشتىسىگە قارشى ئىشلەنگەن ئەڭ كەچۆرۈلمەس جىنايەت ۋە چوڭ خىيانەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۆنىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يامان كىشى ئەرـ خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى سىرتقا يايغان كىشىدۇر» 1 (. بۇ قىلىقنىڭ ئائىلىنى بۇزىدىغانلىقى، ئاياللار-ئەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى نەپرەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
جاۋاب: ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئەڭ ئېغىر گۇناھ !زىنادۇر زىنا ـ كۇپرىدىن قالسا ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى. زىنا ـ شەرەپلىك ئائىلىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، ئابرويلۇق كىشىلەرنى يەرگە ئورىدىغان، شۇجائەتلىك ئەرنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدىغان، ئائىلىنى پارچىلايدىغان، بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان بىر رەزىل قىلىقتۇر. يۇقىرىقى) ماۋزۇلار «ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار» دېگەن بۆلۆمدە تەپسىلى (سۆزلىنىدۇ. مۇسلىم رىۋايىتى.
جاۋاب: تالاق ـ ئەرنىڭ ئايالىدىن ۋازكەچكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئارقىلىق، ئونىڭدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دېمەكتۇر. تالاق ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىغا ھېچ ئۆمىد قالمىغان، ياخشى ئۆتۆشكە ئامال بولمىغاندا ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ يېڭىدىن ھايات باشلىشى ئۆچۆن رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى بىر چارىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارنىڭ 1 ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان ئىش تالاقتۇر» ) دېگەن ( سۆزى بۇ مەنىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
جاۋاب: ئەر ئايالىنى تالاق قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا رىئايە قىلىشى لازىم: (1) ئايالىنى ئۇنىڭ ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋاقتىدا تالاق قىلماسلىقى لازىم. ئايالىنى تالاق قىلىشنى خالىغان كىشى ئۇنى ئايلىق ئادەت ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن پاكلانغاندىن كېيىن، پاكلىق ھالىتىدە ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنلاشماستىن تالاق قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان كىشى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. چۆنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. (2) ئايالىنى تالاق قىلىشتا، بىر قېتىمدا بىردىن ئارتۇق تالاق قىلماسلىقى لازىم. ئەرگە بېرىلگەن تالاق قىلىش ھەققى پەقەت ئىككىلا تالاق بولۇپ، بىر ئايالنى ئالغاندىن باشلاپ ئۇنى ئىككى قېتىملا تالاق قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ تالاق قىلىش مەسىلەن): ئۆچ تالاق (قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆننىتىگە خىلاپ كېلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ تالاق ئىككى دەپ﴾قېتىمدۇر كۆرسەتكەن.
جاۋاب: تالاق ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، تالاق رەجئى، يەنە بىرى، تالاق بائىنىدۇر.
جاۋاب: تالاق رەجئى ــ ئايال ئىددەتتىن چىقىپ بولغىچىلىك ئارىلىقتا، ئېرى ئۇنى قايتا نىكاھ ئوقۇشقا ھاجەت بولماستىن قايتۇرۇپ ئالالايدىغان تالاق دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. «رەجئى» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىمۇ قايتۇرۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تالاق رەجئى تالاق لەۋزىلىرى بىلەن بىر قېتىم قىلىنغان تالاق بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇخارى رىۋايىتى. ) ( بەقەرە ئايەت-228 سۆرىسى ) ( تالاق قىلىشنى نىيەت قىلىشقا ھاجەت يوق. يەنى تالاق لەۋزىلىرى بىلەن: «مەن سېنى قويۇپ بەردىم» ياكى «بىز ئىككىمىز ئايرىلدۇق» دېيىش بىلەنلا ئايالى تالاق بولىدۇ. تالاق قىلغۇچى راستىنلا تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسۇن ياكى چاقچاق قىلغان بولسۇن ياكى ئايالىنى قورقۇتۇش ئۆچۆن تالاق دېگەن بولسۇن، ھەر ھالەتتە ئايالى ئۇنىڭدىن تالاق بولىدۇ. تالاق رەجئى بىلەن تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتى توشمىغىچە ئېرىنىڭ نىكاھىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، يەنى بۇنداق ئايال تالاق قىلىنغاندىن كېيىن ئۆچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ بولغانغا قەدەر ئېرىنىڭ نىكاھىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئېرى خالىسا، ئۇنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولغىچىلىك مۇددەت ئىچىدە، ئۇنى ئۆزىگە قايتا نىكاھ قىلماستىنلا قايتۇرۇپ ئالالايدۇ.
جاۋاب: تالاق بائىن ــ قايتىشقا بولمايدىغان، رەسمى ئايرىلىش تالىقى دېمەكتۇر. تالاق بائىن ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، تالاق بائىن سۇغرا، يەنە بىرى تالاق بائىن كۇبرادۇر.
جاۋاب: تالاق بائىن سۇغرا ـ كىنايە لەۋزى بىلەن بىر ياكى ئىككى تالاق قىلىش دېمەكتۇر. كىنايە لەۋزى بىلەن تالاق قىلىشتىن مەقسەت، ئەرنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاناڭنىڭ-«ئاتا ئۆيىگە «كەت ياكى كۆزۈمدىن» يوقال» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىشى دېمەكتۇر. ئەر ئەگەر ئايالىنى تالاق قىلىش مەقسىتى بىلەن يۇقىرىقى كىنايە لەۋزىلىرىنى قىلسا، شۇ ھامان ئايالى ئۇنىڭدىن تالاق بولۇپ كېتىدۇ. ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇش ئۆچۆن ئۇنىڭغا يېڭىدىن نىكاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئەر يۇقىرىقى كىنايە سۆزلىرىنى چاقچاق قىلىپ ياكى ئايالىنى قورقۇتۇش مەقسىتىدە، تالاقنى نىيەت قىلمىغان ھالدا، سۆزلىگەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزى تالاق سانالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نىيىتىگە قاراپ بولىدۇ.
جاۋاب: تالاق بائىن كۇبرا ــ بىرلا ۋاقىتتا ئايالىنى ئۆچ تالاق قىلىش ياكى بىردىن تالاق قىلىپ، ئۆچ قېتىمغا يېتىشى دېمەكتۇر. ئۆچ تالاقتىن كېيىن، ئايالى ئۇنىڭ نىكاھىدىن مەڭگۆلۆك چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنى يېڭىدىن نىكاھ قىلىش ئارقىلىقمۇ قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ. پەقەت، ئۆچ تالاق بولغان ئايال باشقا بىر ئەرگە ئۆمۆرلۆك خوتۇن بولۇش نىيىتى بىلەن ياتلىق بولۇپ، كېيىن قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئۇنىڭدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ ئىددىتىنى توشقۇزۇپ، يېڭىدىن نىكاھ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتۇرالايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر﴿ ئۇ خوتۇننى ئۆچ) (قىېتىم تالاق قىلسا ، (خوتۇن) باشقا ئەرگە ئۆمۆرلۆك) خوتۇن بولۇش نىيىتى (بىلەن تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى قايسىبىر) سەۋەب (بىلەن تالاق قىلغاندىن كېيىن ئىددىتىنى) (توشقۇزۇپ بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ 1﴾.
جاۋاب: يۇقىرىقى ئايەتكە بىنائەن، ئۆچ تالاق بولغان ئايالنى پەقەت ئېرىگە ھالال قىلىش نىيىتى بىلەن ئۇنى باشقا بىر ئەرگە ۋاقىتلىق نىكاھلاپ قويۇش قەتئىي ھارام بولۇپ، زىنانىڭ ئۆزىدۇر. بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەر بۇ خىل زىنانى «ھىيلە»شەرئىي دېگەن سەت بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىۋالغان. شەرىئەتكە قانداقمۇ ھىيلە ئىشلەتكىلى !بولسۇن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پاسكىنا قىلىقنى قاتتىق سۆكۆپ: «ئايالنى ئېرىگە ھالال قىلىش مەقسىتى ئۇ ئايالنى ئالغانغا ۋە ئېلىپ بەرگەنگە ئاللاھ لەنەت 2 !قىلسۇن» دېگەن.
جاۋاب: بىر لەۋزى بىلەن ئۆچ تالاق قىلىش ـ ئەرنىڭ ئايالىغا بىر ئورۇندا، بىر سۆز 3 بىلەنلا «ئۆچ تالاق» دېيىشى بولۇپ، ئۇ بىر تالاق )ھېسابلىنىدۇ (.
جاۋاب: بۇ مەسىلە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ كەلگەن بىر بەقەرە سۆرىسى. (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، نەسائىي ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۆچ تالاق بىر تالاق ھېسابلىناتتى. ) ( ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىغا كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ تالاق ئىشىنى ئويۇنچاق ئورنىدا كۆرۈپ، ئاياللىرىنى ھە دەپ ئۆچ تالاق قىلىۋېتىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلۆشكە باشلىغانلىقتىن، بۇ سەلبىي ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن، خەلىپە ئۆمەر مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن «بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۆچ»تالاق نى ئۆچ تالاققا ھېساپ قىلىشقا ئىجما قىلىشقان. مەشھۇر تۆت مەزھەپ ــ ھەنەفىي، شافىئى، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپلىرىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىجما بويىچە «بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۆچ «تالاق نى ئۆچ تالاققا ھېىساب قىلغان. ئەمما شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار مەسىلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ئەسلى ھۆكۆمگە قايتۇرۇپ، «بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۆچ نى تالاق» بىر تالاققا ھېساب قىلىشنى تاللىغان. ھازىرقى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ قاراشنى قوللايدۇ. مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك پەتىۋا ھىندىستاندىكى ئىسلام» فىقھى ئاكادېمىيىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملار توپلىنىپ مەخسۇس قۇرۇلتاي ئېچىپ، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇنداق قارار قىلغان: (1) بىلمەستىن مەس قىلىدىغان بىر نەرسە يەپ ياكى ئىچىپ سېلىپ مەس بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ شۇ مەس ھالىتىدە قىلغان تالىقى چۆشمەيدۇ. نەتىجىدە ئايالى تالاق بولمايدۇ، نىكاھ داۋام قىلغان بولىدۇ. (2) داۋالىنىش جەريانىدا ياكى ئاچ قالغانلىقتىن، ئىختىيارسىز ھالدا مەس قىلىدىغان نەرسە يەپ ياكى ئىچىپ سېلىپ مەس بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ شۇ مەسلىك ھالىتىدە قىلغان تالىقى چۆشمەيدۇ. (3) مەس قىلىدىغان بىر نەرسىنى باشقىلار زورلاپ يىگۆزگەن ياكى ئىچكۆزگەن سەۋەبلىك مەس بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ شۇ مەسلىك ھالىتىدە قىلغان تالىقى چۆشمەيدۇ. (4) ھالال بىر نەرسە ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ، قايسىبىر سەۋەب بىلەن مەس بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ تالىقى چۆشمەيدۇ. (5) ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى بىلەن ھاراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھارام بىر نەرسە ئىستىمال قىلغانلىقتىن مەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەسلىكى ئېغىر بولماي ھوشىنى-ئەقلى تولۇق يوقاتمىغان، گەپنى ئۇقىدىغان ئەھۋالدا بولسا، بۇ ئەھۋالدا قىلغان تالىقى چۆشىدۇ ۋە ئايالى ئۇنىڭدىن تالاق بولۇپ كېتىدۇ. (6) ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى بىلەن ھاراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھارام بىر نەرسە ئىستىمال قىلغانلىقتىن، ئېغىر دەرىجىدە مەس بولۇپ، ھوشىنى-ئەقىل تامامەن يوقۇتۇپ قويغان ئادەمنىڭ قىلغان تالىقى توغرۇلۇق مەزكۇر قۇرۇلتايدىكى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى تالاق چۆشمەيدۇ، دەپ قارىغان، ئاز سانلىقى چۆشىدۇ، دەپ )قارىغان 1 (.
جاۋاب: قالايمىقان سۆزلەيدىغان، نېمە داۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە ھوشىنى يوقاتقان ھالەتتە ئايالىنى تالاق قىلغان كىشىنىڭ بۇتالىقى چۆشمەيدۇ. مىسىر ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ «پەتىۋا ھەيئىتى» تەرىپىدىن ئىيۇن-13 يىلى-1920 كۆنى چىقىرىلغان نومۇرلۇق-242 پەتىۋاسىدا، ئەقلىنى پۆتۆنلەي يوقاتقانلىقىدىن نېمە دېگەن ۋە نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالدا، ئايالىنى تالاق قىلغان كىشىنىڭ تالىقى ھىندىستاندىكى «ئىسلام فىقھى»ئاكادېمىيىسى ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋاسى. چۆشمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، ئايالىنى تالاق قىلىشقا زورلانغۇچىنىڭ تالىقى چۆشىدۇ، ئەمما شافىئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، ئۇنىڭ تالىقى تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلغان ھالەتتە چۆشمەيدۇ. (1) زورلىغۇچى زورلانغۇچىنى ئۆلتۆرۈش، يارىلاندۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت تۆرمىگە سولىتىۋېتىش ياكى چوڭ مىقداردا -پۇل مېلىغا زىيان ئۇرۇش ياكى نامىنى بۇلغىۋېتىش ياكى شۇنىڭدەك ئىنسانغا راستىنلا ئېغىر كېلىدىغان تۆرلۆك ئېغىر ئەزىيەتلەرنى يەتكۆزىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان بولىشى. (2) مەجبۇرلىغۇچىنىڭ قىلىمەن دېگەن تەھدىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كۆچكە ۋە ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغان بىرى بولىشى. بۇنداق ئەھۋالدا، مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قىلغان تالىقى )چۆشمەيدۇ (.
جاۋاب: غەزەب بىر خىل بولمايدۇ. غەزەب تۆۋەندىكىدەك 3 تۆرلۆك بولىدۇ: (1) ئەقلىنى پۆتۆنلەي يوقىتىپ خۇددى ساراڭدەك بولۇپ قېلىش. قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، غەزەبكە بوغۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە ئايالىنى تالاق قىلغان كىشىنىڭ بۇ تالىقى چۆشمەيدۇ. بۇنىڭدا پۆتۆن ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاق. (2) ئەقلىنى پۆتۆنلەي يوقاتمىغان بولسىمۇ، ئايال-ئەر ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشۇش، تىللىشىش، ھاقارەت قىلىشىش قاتارلىقلار سەۋەبلىك، ئەر ئۆزىنى تۇتالماستىن ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن بولسا، بۇ مەسىلە ئىسلام ئۆلۆمالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ، بۇ ھالەتتە قىلىنغان تالاق چۆشمەيدۇ، دېگۆچىلەرنىڭ رەيى كۆچلۆك سانىلىدۇ. (3) غەزەبتىن ئەقلىنى يوقاتمىغان، بەلكى دېگەنلىرىنى ئويلاپ ۋە بىلىپ دەيدىغان ھالەتتىكى ئاچچىق بىلەن قىلىنغان تالاق ئەلۋەتتە چۆشىدۇ. چۆنكى تالاق قىلىش دېگەن مىسىر ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ «پەتىۋا «ھەيئىتى تەرىپىدىن يىلى-1981 چىقىرىلغان نومىرلىق-1213 ) ( پەتىۋاسىدا، ئايالىنى تالاق قىلىشقا مەجبۇرلانغۇچىنىڭ تالىقىنىڭ چۆشمەيدىغانلىقى كۆچلەندۈرۈلگەن ۋە مىسىرنىڭ يىلى-1929 ئائىلە» تۆزۈلگەن ماددىسىدىمۇ-5 نىڭ قانۇنى» شۇنداق كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئادەتتە 1 مەلۇم دەرىجىدە غەزەپ ياكى بىنورماللىقتىن خالىي )بولمايدۇ (. غائىبنىڭ تالىقى.
جاۋاب: بىراۋ دېرەكسىز-ئىز يوقاپ كەتسە ياكى ئۆچ يىللىقتىن كۆپ مۇددەتلىك تۆرمىگە قامىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئېرى غايىپ بولغان ياكى تۆرمىگە ئېلىنغان ۋاقىتتىن بىر يىل كېيىنلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ھەققىدە مەھكىمىگە ئەرز سۇنۇش ھەققى بار. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىددىتى توشقىچىلىك بولغان ئارىدا ھامىلدار) بولسا تۇغۇپ بولغىچە، ھامىلدار بولمىسا ئۆچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلىنىپ (بولغىچە، ئېرى قايتىپ كەلسە ياكى تۆرمىدىن چىقسا ئايالىنى نىكاھسىزلا قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. ئەگەر ئېرىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىرەر ئۆزۈر سەۋەبىدىن بولغان بولسا ۋە كەتكەن يېرى ئېنىق بولسا، مەسىلەن: ئىلىم تەھسىل قىلىش، جىھاد قىلىش، ھەج قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۆچۆن كېتىپ قېلىپ كەلمىگەن بولسا، ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ھەققىدە ئەرز سۇنالمايدۇ. مەھكىمىمۇ ئايرىۋەتمەيدۇ. چۆنكى بۇ ھالدا، مۇنداق كىشىنىڭ كەتكەن يېرى ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن تالىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئايرىلالمايدۇ. مىسىر ۋە سۆرىيىنىڭ مەھكىمە شەرئىيلىرىمۇ مۇشۇنداق ئىش كۆرمەكتە. ئايال ئېرىدىن خېتىنى ئالماستىن ياتلىق بولمايدۇ كۆنىمىزدە، ئالاقىلىشىش قوراللىرىمۇ تەرەققىي قىلدى. شۇڭا ئايال خەت ئارقىلىق ياكى تېلېفون ئارقىلىق ياكى ئادرىسىنى بىلمىسە باشقىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېرى بىلەن خەۋەرلىشەلەيدۇ. ئەگەر ئېرى تىز كەلمەيدىغان ھالەتتە بولسا، ئۇنىڭدىن تالىقىنى سورايدۇ. رۇخسەت خېتىنى بەرسە، ئۇنىڭ نىكاھىدىن چىققان بولىدۇ ۋە ياتلىق بولالايدۇ. ئەرلىرى ئىچكىرىگە ياكى چەتئەللەرگە تىجارەت قىلغىلى كېتىپ قېلىپ، قايتىپ كەلمىگەن ئاياللارمۇ شۇنداق خەۋەرلىشىشى كېرەك. ئۇلاردىن خېتىنى ئالماي تۇرۇپ ياتلىق بولماسلىقى كېرەك. ئەر ئايالىنى ئۇزۇن ۋاقىت تاشلاپ كەتمەسلىكى لازىم ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالماسلىقى لازىم. تىجارەت قىلىش ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىش ياكى خىزمەت سەۋەبى بىلەن يىراقلارغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق مۇپتىسى ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ پەتىۋاسى. ) ( كېتىپ قالغاندا، ئاياللىرىنى ئايلاپ تاشلىۋەتمەسلىكى ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە كۆرۈپ تۇرۇشى لازىم. ئايالىنى، بالىلىرىنى قىيىنچىلىقتا قويماسلىقى ئۆچۆن ئۇلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى پەرزدۇر. چۆنكى ئەر ئۆلمىگەن مۇددەتچە ئايالىنىڭ چىقىملىرىنى قىلىشتىن باش تارتالمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئولىمالىرىدىن ئەللامە ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى جىبرىن ئېرى سەپەرگە كېتىپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆيدىكى ئىقتىسادىنى ئايالى سورىماستىن خىراجەت قىلسا بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئېرى كېتىپ قېلىپ ئايالى ۋە بالىلىرى پۇلغا ھاجەت بولۇپ قالغان شارائىتتا، ئايال ئېرىنىڭ مەيلى ئۆيدە ساقلىغان پۇلىدىن بولسۇن، مەيلى بانكىدا قويغان پۇلىدىن بولسۇن، ھاجىتىگە يېتەرلىكىنى ئېلىپ خەرج قىلسا بولىدۇ. چۆنكى ئەرنىڭ ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا چىقىم قىلىشى پەرزدۇر». ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئاتىلار﴿ ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك 1﴾.
جاۋاب: شەرت بىلەن تالاق قىلىش ــ تالاق ئىشىنى قانداقلا بىر شەرتكە باغلاش دېگەنلىك بولۇپ، مەسىلەن: ئەرنىڭ ئايالىغا «ئەگەر سەن ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بارساڭ، تالاق بولىسەن، ياكى پالانى كەلسە، تالاق بولىسەن» دېگەنگە ئوخشاش. بۇنداق تالاق ــ ئەگەر ئېرى راستىنلا تالاقنى نىيەت قىلىپ شۇنداق شەرتنى قىلغان بولسا ــ شەرتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن تەڭلا چۆشىدۇ، يەنى ئايال، ئېرى ئېيتقان شەرت ئەمەلگە ئاشقان ھامان ئۇنىڭدىن تالاق بولۇپ كېتىدۇ.
جاۋاب: مۇرتەد ــ مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ، كاپىر بولۇپ كەتكەن ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھقا ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرەرسىگە ياكى قۇرئان كەرىم ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلەر بىلەن بەلگىلەنگەن ئەقىدە ۋە ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرەرسىگە ئاشكارا ئىنكار قىلغان ئادەم مۇسۇلمانلىقتىن چىقىپ مۇرتەد بولغان بولىدۇ. ئەر ياكى ئايال ئىككىسىنىڭ بىرى مۇرتەد بولۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ بۇزۇلىدۇ. مۇرتەد بولغان كىشى گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ، قايتا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئايالىنى قايتا نىكاھ بىلەن قايتۇرالايدۇ. مۇرتەد بولغان ئايالمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بەقەرە -233 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: بەدەللىك تالاق ـ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ قايسىبىر تەرىپىنى ياقتۇرمىغانلىق ياكى ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولۇشقا كۆزى يەتمىگەنلىك ياكى قانداقلا بىر سەۋەب بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى بەرگەننىڭ بەدىلىگە ئېرىگە مەلۇم مىقداردا مال-پۇل بېرىشى دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۆزۈڭلارنىڭ﴿ ئاياللىرىڭلارغا بەرگەن مال ـ مۆلۆكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ تالاق) خېتىنى ئېلىش (مەقسىتىدە مال-پۇل بەرگەنلىكى ئۆچۆن ئۇ ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ 1﴾. ئايالدىن ئالسا ھالال بولىدىغان مالنىڭ-پۇل مىقدارى ئەرنىڭ نىكاھتا بەرگەن مەھرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شەرتتۇر. ئايالدىن بۇنىڭدىن كۆپ دۇنيا-مال تەلەب قىلغان ئەر ھارامخور ئەردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇندا دېگەن: سىلەر﴿ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۆچۆن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار 2﴾. ئاياللار تالاق خېتىنى تەلەپ قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى مال ـ دۇنيا بېرىشكە قىستاش ھوقۇقى يوق. بۇنداق قىلغان كىشى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. ئايال ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆزى خالاپ مال ـ دۇنياسىدىن بىر نەرسە بەرسە، ئۇنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئايالنى سۆزىنى بەرمەستىن، مال ـ دۇنيا بېرىشكە قىستاش بەكمۇ نامەرتلىكتۇر. بۇنداق ئالغان مال ـ دۇنيا شەكسىز ھارامدۇر. بۇنى ۋىجدانلىق كىشىلەر قىلمايدۇ. بەقەرە سۆرىسى 229 ـ ئايەت. ) ( نىسا -19 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: تالاقتىن كېيىن ئەرنىڭ ئۆستىگە تۆۋەندىكى ھەقلەرنى ئادا قىلىش بەلگىلىنىدۇ: (1) ئايالنىڭ قېپقالغان مەھرىنى بېرىش ئاياللىق-ئەر تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىشى بولغاندا نىكاھتا ئايالغا بېرىش ئۆچۆن ئەرنىڭ ئۆستىگە بەلگىلەنگەن مەھرىنى تېخى بەرمىگەن بولسا ياكى يېرىمىنى بېرىپ يېرىمىنى بەرمىگەن بولسا، تالاقتىن كېيىنلا ئۇنى ئايالغا تولۇق بېرىپ، ئۇنى رازى قىلىش ئەرنىڭ ئۆستىدىكى ھەقلەرنىڭ بىرىدۇر. (2) نەپىقە تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەتتىن چىقىپ پاكلانغانغا، ئېغىر ئاياق بولسا بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر ئۇنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە قانداق تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشىغان بولسا، شۇ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن كەم قىلماستىن، -يېمەك ئىچمەك، كېچەك-كىيىم، دوختۇرغا كۆرۈنۆش چىقىمى، قاتناش چىقىمى دېگەنگە ئوخشاش كېرەكلىك چىقىملارنىڭ ھەممىنى تەل قىلىپ، تولۇق قامداپ بېرىش ئەرنىڭ ئۆستىگە پەرزدۇر. بۇ «نەپىقە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: تالاق﴿ قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك 1 مەجبۇرىيىتىدۇر﴾ دېگەن. ئەر بۇ ھەقنى ئادا قىلىشتىن قەتئىي باش تارتالمايدۇ. بۇ ھەقنى ئادا قىلىش جەريانىدا نوقسانلىق سادىر قىلسا ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ. بەقەرە -241 سۆرىسى ئايەت. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن سالىھ ئىبنى فەۋزان ) ( قاتارلىق ئۆلىمالارغا ئۆچ تالاق قىلىنغان ئايال ئۆچۆن ئېرىنىڭ نەپىقە بېرىشى پەرز ئەمەس. چۆنكى ئۇ ئايال ئۆچ تالاق بىلەن ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا، قەيس فاتىمە ئىسىملىك بىر ئايالنى ئېرى ئۆچ تالاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرىنىڭ ئۇنىڭغا نەپىقە قىلىشى لازىم ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئېرىڭىزنىڭ سىزگە نەپىقە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما ئەللامە دوكتۇر يۆسۆپ ئەل قەرداۋىي قاتارلىق ئالىملار بۇ ھەدىسكە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقتىن، قۇرئان كەرىمنىڭ يۇقىرىقى ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە ئاساسلىنىپ: «مەيلى ئۈچ تالاق بىلەن مەيلى بىر تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان بولسۇن، ئېرىدىن تالاق قىلىنغان ھەر قانداق ئايال ئىددەتتىن چىقىپ بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ تۇرار جايىنى ۋە پۈتۈن چىقىملىرىنى ئېرىنىڭ تەل قىلىپ بېرىشى پەرزدۇر»، دەپ پەتىۋا بەرگەن. (3) بالىلارنىڭ چىقىمى قايسى تۆردىكى تالاق بىلەن بولمىسۇن، تالاق بولۇپ ئېرىدىن ئايرىلغان ئايال ئەگەر ئېغىر ئاياق بولسا، ئۇنىڭ بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، بالىنىڭ چىقىمىنى ئېقىۋاتقان ئادەت بويىچە، كەم قىلماستىن بېرىپ ئادا قىلىش، ھالىدىن ھەمىشە خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش، ئايال ياتلىق بولغانغا قەدەر، بالىسى يۆزىسىدىن ئايالنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش دادا بولغۇچىنىڭ ئۆستىگە قەرزدۇر. ئاتىلار﴿ ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. ئەگەر) ئاتا ئۆلۆپ (كەتسە ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا 1 ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۆستىگە ئېلىشى كېرەك﴾. (4) بوۋاقلارنى ئېمىتكەنلىك ھەققى ئېرىدىن ئاجراشقان ئايالنىڭ شۇ ئېرىدىن بولغان بالىسىنى ئېمىتكەنلىكى ئۆچۆن بالىنىڭ دادىسىدىن ھەق تەلەب قىلىش ھەققى بار. ئەگەر بالىنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ بۇۋىقىنى ئېمىتكەنلىكى ئۆچۆن بالىنىڭ دادىسىدىن ھەق تەلەب قىلسا، ئۇنى ئادا قىلىش دادىنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. شۇنداقلا ئەگەر بالىنىڭ ئانىسى ئۇنى ئېمىتىشنى خالىمىسا، دادا بالىنى باشقا بىر ئايالغا ئېمىتكۆزۈپ ھەققىنى تۆلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ئەگەر﴿ ئۇلار سىلەر ئۆچۆن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار ﴾. ئىددىتى توشمىغان ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ھەققى بار بىر تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتى توشۇپ پاكلانغىچە ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئايالىنى تالاق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە، ئۇنى ئۆيىدىن قوغلىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. ئەمما ئايال ئۆزى تۇرۇشنى خالىماستىن، ئانىسىنىڭ-ئاتا ئۆيىگە كېتىپ قالسا بۇ ئايالنىڭ ئىددەتتىن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى نەپىقىسى يەنى) (چىقىملىرى ئەرنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئايال ئەگەر ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشنى خالىمىغانلىقتىن، باشقا ئۆي كىرالاپ ئولتۇرسا ئۇنىڭ كىراسىنى تۆلەش ئەرنىڭ ئۆستىگە بەلگىلىنىدۇ. ئەمما ئۆچ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئېرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشى توغرا ئەمەس. چۆنكى بۇ ئىككىسى ئۆچ تالاقتىن كېيىن، ياتلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئايال ئايرىم ئۆيدە ياكى ئانىسىنىڭ-ئاتا ئۆيىدە تۇرىدۇ. ئۆينىڭ ۋە ئايالنىڭ پۆتۆن چىقىملىرىنى ئۇنىڭ ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئېرى تۆلەيدۇ. ئەر ئەگەر ئايالىنىڭ تېگىشلىك نەپىقىسىنى بەرمىسە، ئايالنىڭ ھەققىنى يېگەن بولوپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: ئۇلارنى﴿ يەنى) قويۇۋېتىلگەن (ئاياللىرىڭلارنى قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش مەقسىتى بىلەن زىيان يەتكۆزمەڭلار، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بوشانغانغا 1 قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار﴾. تالاق -6 سۆرىسى ئايەت.
