خەندەك غازىتى، پەتھى مەككە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى
خەندەك غازىتى، ھۇدەيبىيە، مەككىنىڭ پەتھى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى (سوئال 1061 – 1092)
بۆلۈم: “خەندەك غازىتى، ھۇدەيبىيە، مەككىنىڭ پەتھى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى (سوئال 1061 – 1092)”جاۋاب: ھەججەتۇلۋەدا – ۋىدالىشىش ۋە خوشلىشىش ھەججى دېگەنلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئادا قىلغان ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن خوشلاشقان تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ھەجدۇر. ۋىدالىشىش ھەججى ھىجرىيىنىڭ -10 يىلى (م 632) بولغان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا ھەججىنى قىلغان كۆنى ئەرەفاتتا تۇرۇپ مىڭ 120 كىشىگە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ «ۋىدا خۇتبىسى» دەپ ئاتالغان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەدا خۇتبىسىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: (1) ئىنسانلارنىڭ جانلىرى، ماللىرى، نومۇسلىرى، ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىكى مۇقەددەستۇر. بۇلارنى ئاياق ئاستى قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. (2) جاھىلىيەتنىڭ بارلىق خۇراپاتلىرى ۋە قان دەۋاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. (3) ئۆسۆم يېيىش ۋە ئۆسۆم بىلەن مۇئامىلە قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. (4) ئاياللارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئەرلەرنىڭ ئۆستىگە پەرزدۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوخشاشتۇر. ئاياللار ئەرلەرگە ۋە ئەرلەر ئاياللارغا قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىشى لازىم. (5) ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان بىلەن پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشى قەتئىي ئېزىپ كەتمەيدۇ. (6) مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداشلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر تۆرلۆك سىنىپ پەرقى ۋە ئايرىمچىلىقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. (7) ھەركىم قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى لازىم. (8) باشقىلارنىڭ ھەقلىرىگە قول ئۇزىتىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. (9) ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى خورلىماسلىق ۋە ئاسراش ھەر بىر شەخسنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇرئان بۆگۆن﴿كەرىمدىن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۆتۆن قىلدىم. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم 1، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾ دېگەن ئايەت چۆشكەن. مائىدە -3 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى -632 يىلى سەپەر ئېيىنىڭ -29 كۆنى باشلانغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەگكەن كېسەل قىزىتما كېسىلى ئىدى.
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 632 ـ يىلى، ھىجرىيىنىڭ 11 ـ يىلى رەبىئولئەۋۋەل ئاينىڭ 12 ـ كۆنى دۈشەنبە كۆنلۆكتە 63 يېشىدا ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازا نامىزى ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، يالغۇزدىن ئوقۇلغان يەنى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا -بىر بىرلەپ كىرىپ، ھەر بىرى يالغۇزدىن جىنازا نامىزى ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، مەسجىدى نەبەۋىينىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىغا دەپنە قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ ئورۇندا ساقلىنىپ كەلمەكتە. خەلىپىلەر دەۋرىنىڭ باشلىنىشى.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزلىرى ئۆچۆن باشلىق قىلىپ سايلاپ، ئۇنى خەلىپە دەپ (ئورۇنباسار) ئاتىغان.
جاۋاب: خۇلەفائۇرراشىدۇن – توغرا يولدا ھەققانىي يۈرگۈچى خەلىپىلەر دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇلار: (1) ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق. (2) ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب. (3) ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئاففان. (4) ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!
جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم ھەممىگە ئىسلامىي ئەخلاق دائىرىسىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكىلەر: .1 ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .2 ئائىلىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش .3 ئاتا – ئانىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش .4 تۇغقانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .5 قوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .6 خىزمەتداشلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .7 دوستلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش .8 جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .9 ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .10 مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش. .11 پۆتۆن ئىنسانىيەتكە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
جاۋاب: ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال -ئۆز ئۆزىگە توغرا بولۇشى، ئۆزىنى ئالدىماسلىقى، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ روھىغا، دىنىغا، ئەخلاقىغا ۋە تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى لازىم. بۇ دېگەنلىك ئۆزىگە-ئۆز ھەر ئىشتا توغرا ۋە قائىدە – يوسۇنلۇق بولۇش تەلىبىنى قويۇپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىقى، ئۆزى ئۆچۆن خالىمىغان زىيان – زەخمەتلەرنى باشقىلارغا كەلتۆرۈشتىن ساقلىنىشى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، قىمار ئويناشقا ئوخشىغان ئۆزىگە بىۋاسىتە زىيانلىق بولغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەيىبكار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ناشايان ئىشلاردىن ساقلىنىشى، ھەر ۋاقىت ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ئەقىل، ۋىجدان ۋە شەرىئەتنىڭ مىزانىغا سېلىپ تۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. «سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن ئاۋۋال سىلەر ئۆز – ئۆزۈڭلاردىن 1 ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭلار دېگەن» كۆرسەتمىمۇ بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈش ئۆزىنى ئالدىغانلىق ۋە ئۆزىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغانلىقتۇر. ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ سۆزى.
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قارىتا مۇئامىلىسى ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر» دېيىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ياكى سىرتتىكىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۇنى ياخشى ياكى يامان دەپ باھالىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. چۆنكى ئىنسان سىرتتىكىلەرگە ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش نىيىتى بىلەنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى ئەڭ تەبىئىي مۇئامىلە بولۇپ، شۇ ئادەمگە قويۇلغان دىئاگنوزدۇر. بىراۋنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ جورىسى، ئاتا – ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام قانۇنىدا ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر – بىرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئۆستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ -ھەق ھوقۇقلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئۇنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىشلىرىنى توغرا يولغا سالىدىغان بىرەر مەسئۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك، ئائىلىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر تەركىبى بولغانلىقى ئۆچۆن، ئائىلىگە مەسئۇللۇق قىلىدىغان بىرەر مەسئۇلنىڭ شۇ ئائىلىدە بولۇشىغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىقتۇر. تەبىئىيكى، بۇ مەسئۇللۇققا ئەرلەر ئاياللارغا نىسبەتەن مۇناسىپراقتۇر. چۆنكى، ئەرلەر ئومۇمەن جىسىمانىي جەھەتتە كۆچلۆك، سوغۇققان بولغاچقا، ئۇلار ئائىلە ئىشلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن باشقۇرالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى بايان 1 قىلىپ: ئەرلەر﴿ ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر دېگەن﴾. ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ۋە ئائىلىنى ھىمايە قىلىپ، ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىگە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. قىسمەن ئاياللار بۇ ماۋزۇدا بەزى ئەرلەردىن قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىشىدا قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئاياللارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان پۆتۆن ئىشلاردا ئەرلىرىنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا بويسۇنۇشى زۆرۈر. بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى خوجايىن، ئاياللىرىنى بولسا، خىزمەتچى ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى ھەدەپ خورلايدىغان، ئۇرۇپ تىللايدىغان ئەرلەر ھەقىقەتەن، نادان ھەم ئاڭسىز ئەرلەردۇر. نىسا سۆرىسى 34 ـ ئايەت. ) ( تۇرمۇش پەقەت ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ بىر – بىرىنى چۆشىنىشى ۋە -بىر بىرىگە يول قويۇشى بىلەن داۋام قىلىدۇ. چۆنكى ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەختلىك ھالدا داۋام قىلىشى ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۆستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىر ـ بىرىنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇشىغا باغلىق، ئۇنىڭ سائادىتى ئەر خوتۇن ـ ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ -بىر بىرىنى ھېمايە قىلىپ قوغدىشى، -بىر بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىشى ۋە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى بەختلىك ئائىلىنىڭ كاپالىتىدۇر.
جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: (1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، ئۇنى ئاسرىشى، پۆتۆن مۇھەببىتىنى ۋە سۆيگۆسىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى. (2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى بەزى يېقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى. (3) ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئايالىغا بولغان سۆيگۆسىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى. (4) ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن ۋە تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورۇرلۇق بولۇشى. ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى قەدىرلىشى، ئائىلىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۆز بېرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى. لېكىن ئايالىنى كۆنلىدىم دەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، بەتنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم. چۆنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئى قىلغان. (5) ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا ـ ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تورغۇزۇشى، ئۆينىڭ پۆتۆن ئېھتىياجلىق نەرسە ـ كېرەكلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، ئايالىغا قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ پۆتۆن يۆكلىرىنى يۆكلىۋالماسلىقى. (6) ئايالىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەھرىنى ۋە باشقىمۇ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى. (7) ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى ــ ناماز، روزا، زىكىر، دۇئا ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق پۆتۆن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇندىشىغا ئۆندىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردا ياردەم بېرىشى. (8) ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ يولغا كىرگۆزۈشى، ئىمكان قەدەر ئايالىنى ئۇرماسلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئايال ئۆچۆن ئەڭ ئاخىرقى چارە ۋە ئەڭ قاتتىق جازا ۋاقىتلىق ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنچىلىق قىلماسلىقتۇر. (9) ئايالى ناۋادا تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى يامان غەرەز بىلەن ئەمەس، بەلكى يوللۇق ئۆزرىسى تۆپەيلى تۇغماسلىقنى تاللىسا، ئۇنى زورلىماستىن، ئۆزئارا كېڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈش. (10) ئايالىنىى ياكى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياكى تۇغقانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى، ھاقارەتلىمەسلىكى، مەسخىرە قىلماسلىقى. (11) ئايالىغا بالىلارنى بېقىش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشەتتى. (12) بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۆتۆن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى. (13) ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماستىن، زىيان يەتكۆزمەستىن، ئازار بەرمەستىن، ئەيبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى، ئىلگىرى بەرگەنلىرىنى ۋە تويلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى. يۇقىرىقىلار ئەرنىڭ ئۆستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسىمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللارنى ئاسراش توغرۇلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەرنى قىلغان.
جاۋاب: ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) ئېرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ۋە جىمى تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى. (2) ئايلىق ئادەت ۋە تۇغۇتلۇق ۋاقىتلىرىدىن باشقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىمكان قەدەر ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى. ئەر ـ ئايال بىر ـ بىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى ئومۇمەن، مۇشۇ سەۋەبتىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇ، ئايالىنىڭ ئۇنىڭ رىغبىتىگە ماسلاشماي ئۇنى ئىبنى ماجە رىۋايىتى. ) ( رەنجىتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. (3) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى. ئەمما يېمەك ـ ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ. (4) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىقى، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئەر – ئايال ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى. (5) ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى، قاتتىقچىلىق كۆنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى، ياخشى كۆنلەردە ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقى، ئېرىنىڭ مېھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلىشى. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئېرىغا ھەمىشە: «ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن، بىز تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق «بېرەلمەيمىز دەيدىغان خوتۇندۇر. (6) ئېرىدىن باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۆچۆن زىننەتلەنمەسلىكى، باشقىلارغا يۆز، قوللىرى ۋە پۇتلىرىدىن باشقا ئەۋرەت ئەزالىرىنى نامايان قىلماسلىقى، قىسقا، نېپىز كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى. ئەر – خوتۇنلۇق سىرلىرىنى سىرتقا يايغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۆنى ئاللاھ تائالا ھېچ سۆز قىلماستىن، شەپقەت نەزىرى بىلەنمۇ قارىماستىن جازالايدىغانلار قاتارىدىن سانىغان. (7) ئېرىنىىڭ دوستلىرى بىلەن ئېرى بولمىغان جايلاردا پاراڭلاشماسلىقى، ئېرى يوق ۋاقىتتا كەلگەن يالغۇز، ئەر مېھماننى يالغۇز قارشى ئالماسلىقى. ئۆزى يالغوز بولسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماسلىقى. (8) ئېرىگە ھۆسىن ـ جامالى، بايلىقى ۋە مەنسبى بىلەن پەخىرلىنىپ چوڭلۇق قىلماسلىقى، يەنى ئايال ئېرىدىن بىرقەدەر ئارتوق جامالغا، بايلىققا، مەنسەپكە ياكى ئېسىل نەسەبكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ چوڭلۇق قىلماسلىقى. (9) پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشى، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللىماستىن ياخشى تەربىيىلىشى، ئېرىگە تىل ئۇزارتماسلىقى. (10) ئۆي ئىچىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشى، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى. (11) ئايال قېيىن ئانىسى ۋە قېيىن ئاتىسىنى ھۆرمەتلىشى، ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ياخشى دۇئالىرىنى ئېلىشقا تىرىشىشى لازىم. چۆنكى ئۇمۇ شۇلارغا قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى كېيىنچە كېلىن ياكى كىئوغۇللىرىدىن بۇ» .كۆرىدۇ ئۆتنە-ئالەم دەپ ئالەم» بىكارغا ئېيتىلغان ئەمەس.
جاۋاب: كارلىققا تارتىلىدۇ. چۆنكى پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارغا تاپشۇرغان ئامانەتلىرىدۇر. ئانىلارنىڭ–ئاتا ئۆستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرى (1) بالىلارغا ئاتا – ئانا بولىدىغانلارنىڭ ياخشى تاللىنىشى تەھرىم سۆرىسى 6 ـ ئايەت. (بۇخارى رىۋايىتى.) بۇ ماۋزۇ ئاتىلار بىلەن ئانىلارغا ئوخشاشلا قارىتىلغان بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ دىيانەتلىك، گۆزەل ئەخلاقلىق، ئەل ئىشىغا ياراملىق ۋە ئېسىل - پەزىلەتلىك بولۇپ چىقىشى ئۆچۆن، ئاتا بولغۇچىنىڭ كېلەچەكتە بالىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغان ئايالنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، ياخشى تاللىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، ئانا بولغۇچىنىڭمۇ كېلەچەكتە بالىلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان ئەرنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا ياخشى تاللىشى زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە قارىتىپ: «كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ: ئۇلارنىڭ ھۆسىن – جامالىغا، بايلىقىغا، نەسىبىگە ۋە دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللغىن. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭ زىيان 1 تارتىپ «قالىسەن دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسى ئارقىلىق دىنغا، جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق، ياخشى نەسىل يېتىشتۆرۈپ چىقىش ئۆچۆن، شۇ نەسىلگە ئانا بولغۇچى ئايالنى دىيانەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ياخشى تاللاپ، ئىلغاشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان. ئېسىللىك، ياخشىلىق پەقەت دىيانەت بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. بىراۋنىڭ دىيانىتى بولماستىن، قانچىلىك ئېسىل، شەرەپلىك ئائىلە بولۇپ كەتسۇن، شەرىئەت-ئۇنى -ئىستېمالىدا ياخش دېگىلى بولمايدۇ. ئاياللارمۇ كېلەچەكتىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان جورىسىنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى مىزان قىلغان ھالدا، ياخشى تاللىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزنىڭ ئائىلىسىگە: «ئەخلاقى بىلەن دىيانىتى سىلەرنى رازى قىلىدىغان قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى دەر ھال ئۆيلەندۈرۈڭلار. ئەگەر 2 ئۇنداق قىلمىساڭلار، يەر يۆزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان «بولىسىلەر دېيىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جور تاللىشىدىكى ئىسلامىي پىرىنسىپنى بايان قىلىپ بەرگەن. (2) بالىلارغا گۆزەل ئىسىملارنى قويۇش بالىلارغا گۆزەل ـ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش ئالاھىدە كۆڭۆل بۆلۇشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئىسلام دىنى ھاياتلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كامىل بىردىن بولغانلىقتىن، بۇ ماۋزۇدىمۇ ئىنسانلارغا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىشنى ئۇنتۇمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنتلەرگە چىرايلىق، گۆزەل ئىسىملارنى قويۇش ھەققىدە: «سىلەر قىيامەت كۆنىدە ئىسمىڭلار بىلەن 3 چاقىرىلىسىلەر، شۇڭا بالىلىرىڭلارغا چىرايلىق ئىسىملارنى «قويۇڭلار دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ھەمىشە گۆزەل ئىسىملارنى قويۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى، يېقىمسىز ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.) ئىسىملارنى گۆزەل، يېقىملىق ئىسىملارغا ئۆزگەرتىپ قوياتتى. (3) بوۋاقلارنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش. -ئەقىقە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېچىنى چۆشۆرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا نېمىتىگە شۆكۆر ئادا قىلىش يۆزىسىدىن يوقسۇللارنى تائاملاندۇرۇش ئۆچۆن قىلىنىدىغان قۇربانلىقتۇر. يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ چېچىنى تولۇق چۆشۆرۈش سۆننەت ئىكەنلىكىدە بارلىق ئۆلىمالار ئىتتىپاقتۇر. ئەمما قىز بوۋاقنىڭ چېچىنى چۆشۆرۈشنىڭ سۆننەتلىكى توغرۇلۇق ئىختىلاپ بار. شۇنداقتىمۇ چۆشۆرۈشنىڭ بوۋاق ئۆچۆن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تىببىي مۇتەخەسسىسلەر تەكىتلىمەكتە. (4) ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش پۆتۆن ساماۋىي دىنلاردا بۇيرۇلۇپ كەلگەن بىر ھۆكۆمدۇر. ئىسلام شەرىئىتى بويىچە، ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش سۆننەت بولۇپ، ئانىلار-ئاتا ئۆستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ بىرىدۇر. يەھۇدىي دىنىدىكىلەرـ گەرچە ئەسلىدىكى يەھۇدىي دىنىنىڭ ماھىيىتىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ــ ھازىرمۇ ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئىشىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما خرىستىئانلار ـ گەرچە ئۆز ۋاقتىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەقتە تەۋسىيەلىرى بولغان بولسىمۇـ بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي كەلمەكتە. (5) بالىلارنى بېقىش ئاتىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئۆستىگە پەرزەنتلەرنى بېقىش پەرزدۇر. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجىدىن چىقىش پەقەت ئاتىنىڭ ئۆستىگىلا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئاتا بولغان كىشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا نەپىقە (چىقىم) قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسنى تەمىن ئېتىدۇ. ئائىلىنىڭ نەپىقىسى سىلە ـ رەھىم قىلىش، سەدىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ياخشىلىقلاردىن چوڭ ۋە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەھمىيەتلىك پەرزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە نەپىقىسىنىڭ ــ ئادا قىلىنىشتا ــ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشىلىقنى ئاۋۋال ئائىلەڭدىن باشلىغىن، بالا مېنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن، ماڭا ئاش 1 ـ نان !بەرگىن دەيدۇ» . بالىلىرىنى ياخشى باقماي، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى زايە قىلۋەتكەن ئاتا ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. چۆنكى بالىلارنىڭ ھال ـ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالماي، ئۇلارنى ئۆز ھاللىرىغا تاشلىۋېتىش ئەڭ ئېغىر گۇناھى كەبىرىلەردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بىراۋنىڭ» گۇناھكار بولۇشى ئۆچۆن ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. ) ( ئۇنىڭ 1 پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماي، زايە قىلىۋېتىشى يېتەرلىكتۇر» . (6) بالىلارنى تەربىيىلەش ئاللاھ ئىنسانىيەتنى، ئۆزىنىڭ يەرشارىنى گۆللەندۈرۈش ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشىدا ئۆزىدىن خەلىپە ئۇرۇن) (باسار قىلىپ ياراتتى. دۇنيانىڭ گۆللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى پەقەت ئىنسانلار بىلەن بولىدۇ. ئىنسانلار پۆتۆن كائىناتنىڭ خوجايىنى. شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىنسان نەسلىنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىشى پەقەت بىر ئەر، بىر ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ كەلمەكتە. ئائىلە ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىپتىدائى مەكتىبى بولۇپ، بۇ مەكتەبنىڭ مەسئۇل مۇئەللىملىرى ئاتا بىلەن ئانا ئىككىسىدۇر. ئىنساننىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق بولۇپ يېتىلىپ چىقىشى، پەقەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تۇنجى قېتىم ئالغان تەلىم ـ تەربىيىسىگە باغلىقتۇر. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسى ئىنسان ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىن ئىمان، ئىسلام ئۆگىتىپ ۋە ياخشى ـ ياماننى بىلدۈرۈپ، راست سۆزلەيدىغان ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ بىرىدۇر. بالىلار بالاغەت ياشلىرىغا يېتىشى بىلەن ئۇلار ھەرخىل ئويۇن ـ تاماشالار ۋە كۆڭۆل ئېچىشلار ئارقىلىق بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ دەۋر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەڭ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئەھمىيەتلىك بىر دەۋردۇر. بالىلارنى بۇ ياشلىرىدا، تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان پاكىز، تەن ـ تەربىيە ۋە باشقىمۇ ئىجابىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلمىغاندا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى تۆرلۆك يامان ئادەتلەرگە كۆنۆپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز يامان دوستلاردىن يىراقلاشتۇرۇشى ۋە بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان تاماكا، ھاراق، زىنا ـ پاھشىە قاتارلىق يامان ئىشلاردىن ئۇلارنى قەتئىي چەكلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا بارلىق يامان ئادەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن تامامەن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاددى بىرەر يامان ئىشقا ئادەتلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھۇشيار بولۇش ئىنتايىن زۆرۈر. قىسقىسى، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئېتىقادىي، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەپ چىقىشتىن مەسئۇل. (7) بالىلارنى ئوقۇتۇش بالىلارنى قايسى پەنلەردە بولمىسۇن، ئوقۇتۇش ياكى ئۇلارغا تىرىكچىلىكنىڭ كەسىپلىرىدىن بىرەر كەسىپ ئۆگىتىش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىدىندۇر. بالىلارغا دىنىي بىلىملەردىن ئالدى بىلەن ئىمان ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن ياخشىلىق ـ يامانلىقنى ، ھارامنى-ھالا، ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنىڭ ئۇسۇللىرىنى، ئىسلامىي ئەدەب - ئەخلاقلارنى ۋە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش قائىدىلىرىنى بىلگەنگە قەدەر ئوقۇتۇش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆستىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان پەرز ئەينىدۇر. ئەمما بالىلارنى دىنىي ئىلىملەردە بولامدۇ ياكى پەن بىلىملىرىدە ــ دوختۇرلۇق، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرونومىىيە ، فىزىكا ، ماتېماتكا، بىيولوگىيە، پەلسەپە ۋە باشقىلار قاتارلىق پەنلەرنىڭ قايسىبىرىدە ئوقۇتۇپ يېتىشتۆرۈپ چىقىش پەرز كۇپايە بولۇپ سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىلىم» ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن 1 ھەرقانداق مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقى بولغان ۋە مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن ئوقۇش» ، ئۆگىنىش» بۇيرۇقى، دىنىي ئىلىملەرگىلا ياكى مەخسۇس بىرەر پەنگىلا قارىتىلغان بۇيرۇق ئەمەس، بەلكى ئۇ، كائىناتنىڭ ئىگىسىنى تونۇتىدىغان، ئىمان ۋە ئەخلاق ئۆچۆن خىزمەت قىلىدىغان، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان پۆتۆن ئىلىم ـ پەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. (8) بالىلارنىڭ تويلىرىنى قىلىش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئوغۇللارنى دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ياخشى يەردىن ئۆيلەپ قويۇش، قىزلارنىمۇ دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ياخشى يەرلەرگە ياتلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ياكى بالىلارنىڭ بەزىبىر تەنتەكلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بولۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ھەر قانداق ئاتا ـ ئانا ئىسلام نەزىرىدە چوڭ خاتالىق ئۆتكۆزگەن بولىدۇ. قىز ـ ئوغۇللارنىڭ توي ئىشلىرىنى بىر كۆن بولسىمۇ بۇرۇنراق ئىجرا قىلىش شۇنچىلىك كۆپ ياخشىدۇر. چۆنكى قىز ـ ئوغۇللار تۇرمۇش قورۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يامان ئىشلارغا بېرىلىشتىن تىزگىنلەپ قالالايدۇ. ھەمدە ئۇلار ئاتا ـ ئانىلىرىنىڭ قەدرىگە بۇرۇنراق يېتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىر ـ مېھنەتلىرىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
جاۋاب: ئەقىقە قىلىش مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئومۇملىشىشى زۆرۈر بولغان تەكىتلىك سۆننەت ئەمەللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەقىقە قىلىشتا ئوغۇل بالا ئۆچۆن ئىككى قوي، قىز بالا ئۆچۆن بىر قوي بۇغۇزلىنىدۇ. ئەقىقە ئۆچۆن بۇغۇزلىنىدىغان قوينىڭ قۇربانلىققا يارايدىغان قويدىن بولىشى شەرتتۇر. ئەقىقىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ 7 بۇخارى رىۋايىتى. ) ( كۆندىن كېيىن قىلىش ئەۋزەل سانالغان.
جاۋاب: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالا ئۆچۆن ئىككى قوي، قىز بالا ئۆچۆن بىر قوي بۇغۇزلاشقا بۇيرىغان» 1 ( دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئوغۇللار ئۆچۆن ئىككى قوي بۇغۇزلاش سۆننەت. ئەمما ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەن كىشىلەر بىر قوي بۇغۇزلىسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. چۆنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: تاقىتىڭلارنىڭ﴿ يېتىشىچە 2 ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار﴾ دەپ بۇيرىغان.
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قوي بۇغۇلاش ئىبادەت بولۇپ، خۇددى ھاجىلار ھەج جەريانىدا قۇربانلىق قىلغىنىغا ئوخشاش ئەقىقە قىلىشتىمۇ مال بۇغۇزلاپ، قان ئېقىتىش تەلەب قىلىنىدۇ. شۇڭا بىراۋ ئەقىقە قىلىشتا، قوي ئېلىپ بۇغۇزلايدىغان پۇلغا تەييار گۆش ئېلىپ، ئۇنى يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ تارقىتىپ بەرسە، سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئەلۋەتتە تاپىدۇ. ئەمما بۇ ئەقىقە قىلغانغا ياتمايدۇ.
جاۋاب: ھەرقانداق ھايات ئىگىسىنىڭ ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇشى ۋە ساقلىقىنى ساقلىشى ئۆچۆن ئوزۇقلىنىشى كېرەك. ئوزۇقلارمۇ ئۆز تەركىبلىرىگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ۋە ئەڭ پايدىلىق ئوزۇقى سۆتتۇر. سۆتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ پايدىلىق بولغىنى ساغلام ئانىنىڭ سۆتى بولۇپ، ئەمدى توغۇلغان بوۋاققا ئەڭ ئاز دېگەندە 24 سائەت ئانا سۆتىنى ئەمدۈرۈش ئۇنىڭ تەن ساقلىقى ئۆچۆن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۆنكى تىببىي يەكۆنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئانا سۆتىنىڭ تەركىبلىرى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ياسالغان سۆت تۆرلىرىنىڭ تەركىبلىرىدە تېپىلمايدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنى ئۇلار ئالتە ئايلىق بولغىچىلىك پەقەت ئانا سۆتى بىلەنلا ئوزۇقلاندۇرش تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنماقتا.
جاۋاب: ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئادىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى -3500 يىللارغا ئائىت بابىل مەدەنىيىتى قوليازمىلىرىدا ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، «سەھىھ» سۆزلەنگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى -2200 يىللاردا مىسىردا ئۆتكەن ئانخ ئامۇن قەبرىسىدىن تېپىلغان قوليازمىلاردا ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشتىن ئاۋۋال خەتنە قىلىنىدىغان ئورگاننى مەخسۇس دورىلار بىلەن مەست قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ رەسمىي دىنىي تۆسكە كىرگەن بىر ئادەت.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ئىش ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئەزەلدىنكى ئادىتىدىن سانىلىدۇ. ئۇلار: ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش، سۆننەت قىلىش، قولتۇقلارنىڭ 1 تۆكىنى تازىلاش، تىرناقلارنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىشتۇر». ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش مەسىلىسىدە ئىسلام مەزھەبلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل قاراشلار بار. شافىئىي ۋە ھەنبەلىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش پەرزدۇر. ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىدە سۆننەتتۇر.
جاۋاب: ئەرەب مەملىكەتلىرىدە بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېتىش ئادىتى بار. بەزىدە بالا تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن خەتنىسىنى قىلىدۇ. ئالاھىدە بىر ئەھۋال بولمىسا بۇنىڭدىن كېچىكتۆرۈىۋەتمەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان مەشھۇر مېدىتسىنا ئالىمى دوكتور مۇھەممەد ئەلى بار مۇنداق دەپ يازغان: «تىببىي تەتقىاتلار ئوغۇللارنى كىچىك يېشىدىلا خەتنە قىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بالىلارنى تۇغۇلغىنىغا 40 كۆن تولماستىن خەتنە قىلىش تىببىي 2 جەھەتتىن ياخشىراق». ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا بارچە تۆركىي خەلقلەر ئوغۇل بالىلىرىنىڭ خەتنىسىنى 7-6 بالىلار ياشلارغا كىرگەندىن كېيىن قىلىدۇ.
جاۋاب: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىشنىڭ بىر چارىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ئافرىقا مەملىكەتلىرىدە ئېلىپ بارغان تىببىي تەتقىقات نەتىجىسىدە، خەتنە قىلىنغانلارنىڭ HIV ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ خەتنە قىلىنمىغانلارنىڭكىدىن 50% تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. -2006 يىلنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ بۇرۇنقىسىنى تەكىتلىگەن. تىببىي مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ھېلبىرگ مۇنداق دەپ يازغان: «تىببىي ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. (دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى «قۇرئان بارنىڭ كەرىم ۋە تىببىي تەرەققىيات» ناملىق ئەسىرىدىن.) تەتقىقاتلار جىنسىي ئورگاندا بولىدىغان راكنىڭ خەتنە قىلىنغانلاردا ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغانلىقىنى ۋە يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلاردا مۇنداق راكنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. چۆنكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوغۇل بالىلىرىنى كىچىك يېشىدىلا خەتنە قىلىدۇ.»
جاۋاب: خەتنە توي قىلىش تۆركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن بولۇپ، دىنىمىزدا بۇيرۇلغان بىر ئەمەلنى ئادا قىلغانلىق ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەرزەنت ئاتا قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كاتتا نېمىتىگە شۆكۆر ئىزھار قىلىش يۆزىسىدىن قىلىنىدۇ. خەتنە توي خەتنىسى قىلىنغان بالىلار ئۆچۆن زور خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ خەتنە تويى بولغان كۆن ئۇلار ئۆچۆن راستىنلا بايرام بولىدۇ. دوستلىرى، تۇغقانلىرى ئۇنى مۇبارەكلەپ ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. ئانىلارمۇ-ئاتا بايرام خوشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ، ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ، قازان ئېسىپ بۇ خوشاللىقنى تەنتەنە قىلىدۇ. بالىلارنىڭ خەتنە تويىنى قىلىش دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنە بولۇپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈدۇر. بالىلارنىڭ خەتنە تويىنى قىلىش ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۆنىنى خاتىرىلەپ شاملارنى ياققاندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ۋە ئېسىل پائالىيەتتۇر. ئەكسىچە، تۇغۇلغان كۆننى خاتىرىلەپ بايرام قىلىش بىزنىڭ نەدىنىي، نە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزدىن ئەمەس.
جاۋاب: ئاتا – ئانىلار بالىلارغا تۆۋەندىكىدەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك: (1) بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلارغا ئىتائەت قىلىشى ۋە سۆزىگە كىرىشى ئۆچۆن، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، مېھرى ـ مۇھەببىتىنى ۋە شەپقىتىنى بېغىشلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك. بالىلارغا ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلىماسلىق، ئۇلارغا كەمچىلىكلىرىنى تونۇتۇشتا، مۇناسىپ ئورۇندا بىرگە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، ئاندىن كەمچىلىكلىرىنى سىلىق، مەنتىقلىق ئۇسۇلدا ئېيتىپ بېرىپ، ئاندىن توغرا نەسىھەت قىلىش، تەربىيە كۆرگەن ئاتا ـ ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىقتۇر. (2) بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش بالىلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش كېرەك. بىرىنى ـ بىرىدىن ئارتۇق كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە شەپقەت ئىزھار قىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنى رەنجىتمەسلىك لازىم. بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلماسلىق ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتدۇ. ئاتا ـ ئانىغىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە كەلمەيدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھ سانىلىدىغان يامان ئىشتۇر. نۇئمان ئىبنى بەشىر بالىلىرىدىن بىرسىگە ئالاھىدە بىر نەرسە بەرمەكچى بولۇپ، بۇ ئىشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى گۇۋاھ قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېتيقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «سېنىڭ باشقا بالىلىرىڭمۇ «بارمۇ؟ دەپ سورايدۇ. نۇئمان جاۋاپ «بېرىپ ھەئە، باشقا بالىلىرىممۇ»بار دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يەنە «باشقا بالىلىرىڭغىمۇ»بەردىڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا نۇئمان « »ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇنداق ھەقسىزلىككە گۇۋاھ «بولمايمەن دەپ ئۇنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە پۆتۆن مۇسۇلمانلارغا ئومۇم قىلىپ: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار 1، بالىلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق «قىلىڭلار دەيدۇ. ئادالەت مال – دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتتە-مېھرى ۋە پۆتۆن مۇئامىلىلەردە تەلەب قىلىنىدۇ. (3) بالىلار ئۆچۆن بەددۇئا قىلماسلىق يەنى) ئۇلارنى (قارغىماسلىق ھەمىشە بالىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بەخت – سائادىتىنى تىلەپ ياخشى دۇئا قىلىش لازىم. ئۇلار ئۆچۆن بەددۇئا قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە يامان ئىشتۇر. بولۇپمۇ، بەزى ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ ئاز ـ تولا نادانلىقلىرىغا ئاچچىقلانغانلىقتىن ئۆزلىرىنى تۇتالماي، ئېغىزلىرىنى قويۇۋېتىشكە ئالدىرايدۇ ــ بالىلىرىغا بەددۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ سۆكىدۇ. بۇ ئىسلام نەزىرىدە خاتا ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆزۈڭلارنىڭ ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ۋە ماللىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ نېمە سورالسا بېرىدىغان بىر سائىتى بار، سىلەرنىڭ بەددۇئايىڭلار شۇ سائەتكە 2 ئۇدۇل كېلىپ «قالمىسۇن دەپ كۆرسەتكەن. (4) بالىلارنى ئەپۇ قىلىش بالىلارنىڭ تەنتەكلىكىنى ۋە خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىنىشى ئۆچۆن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۇلارغا تامامى مېھرى – شەپقىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئاتا ـ ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىق ۋە كەڭ قۇرساقلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 3: «باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارغا رەھىم قىلىنمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. (5) بالىلارغا كەلسە – كەلمەس ئاچچىقلانماسلىق بالىلارغا تولا ئاچچىقلىنىش ھەرگىز ئىجابى نەتىجە كەلتۆرمەيدۇ. بالىلارنىڭ خاتالىقلىرى ۋە بولۇمسىز قىلىقلىرىغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا، سەۋرچانلىق بىلەن ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ سىلىق ۋە ئىلمىي يوسۇندا توغرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەربىيە كۆرگەن ئاتا – ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىقتۇر. ئۆلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلارغا قەتئىي ئاچچىقلانمايتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە 10 يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ماڭا بىرەر قېتىممۇ ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلمەيمەن. خاتا قىلغان ئىشلىرىم ئۆچۆن نېمە” ئۆچۆن شۇنداق “قىلدىڭ دەپ باققان ئەمەس. ئائىلىسىدىكىلەر ماڭا تەنە-تاپا قىلماقچى بولسا، بولدى” قىلىڭلار، تەقدىردە پۆتۆلگىنى دەيتتى» “بولىدۇ 1 (. (6) بالىلارغا ئەمەلىي نەسىھەت قىلىش بالىلارغا ئەمەلىي نەسىھەت قىلىش دېگەن ئۆزى قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى ۋە ياخشى پەزىلەتلەرنى ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىش ئەمەس، بەلكى بالىلارغا ئۆگەتمەكچى بولغانلارنى ئۆزى ئەمەلىيىتىدە قىلىپ كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق قىلىنغان تەربىيەلا ئۆنۆملۆك نەتىجە بېرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرىغان سۆزىدە: ئائىلەڭدىكىلەرنى﴿ نامازغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئورۇنداشتا چىداملىق بولغىن 2﴾ دېگەن. چۆنكى ئۆزى قىلمىغان ئىشنى باشقىلارغا بۇيرۇشنىڭ ئۆنۆمى بولمايدۇ. (7) بالىلارنىڭ ئەقلىگە چۆشۆپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىش بالىلار بىلەن -يۆزمۇ يۆز تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىگە مۇۋاپىق ھالدا سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، تەلەبلىرى بولسا ئورۇنداش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەكسىچە، بالىلارنى ئۆزلىرى چۆشەنمەيدىغان ۋە ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلارغا زورلاش ئۇلارنىڭ ئىسيانكارلىقىنى كەلتۆرۈپ چىقىدۇ. بالىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا سەن» بەرىبىر چۆشەنمەيسەنغۇ» دەپ سەل قارىماستىن، قايىل قىلارلىق ئۇسۇلدا توغرا ھەم چۆشىنىشلىك جاۋاب بېرىش لازىم. (8) بالىلارغا قىسسىلەرنى ئېيتىپ بېرىش قىسسىلەر، ھېكايىلەر ۋە تېپىشماقلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆچۆن ناھايىتى پايدىلىقتۇر. بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش، قابىلىيىتىنى ئويغىتىش، سەزگۆ ئورگانلىرىنى مەشق قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى كەشىپ قىلىش تەربىيە ئۇسۇلىدىكى ئاساسلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. بالىلارنىڭ قايسى پەنگە ۋە قانداق نەرسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزلىرى قىزىققان پەنگە ۋە قابىلىيىتى تەلەب قىلغان شۇ ئىشقا يۆزلەندۈرۈش كېرەك. ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىمىغان پەنگە ياكى كەسىپكە زورلاش ياخشى نەتىجە كەلتۆرمەيدۇ.
جاۋاب: ئاتا – ئانىغا قارىتا مۇئامىلە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، قېتىرقىنىپ خىزمەتلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا جۆملە سۆزگە قىسقىرىدۇ. ئاتا ـ ئانىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، دېگەن بۇ بىرجۆملە سۆز ــ ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تەمىنلەپ تۇرۇش، ئۇلارنى ھەمىشە ئاسراش، كۆڭۆللىرىنى شاد قىلىش، بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدىكى ياخشىلىقلىرىنى ۋە ئەجىرلىرىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىش، ئۇلارنىڭ ئارمانلىرىنى ۋە ۋەسىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلارنى ھەمىشە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك، قاتارلىق كۆپلىگەن ياخشىلىق تۆرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۆچۆن ئاللاھ تائالا بالىلارنى ئاتا ـ ئانىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ بىر جۆملە سۆزگە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا * وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا * رَّبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمْ ۚ إِن تَكُونُوا صَالِحِينَ فَإِنَّهُ كَانَ لِلْأَوَّابِينَ غَفُورًا﴾ ﴾اًورُفَغ يەنى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ئىھسان ياخشى) مۇئامىلە ۋە قېتىرقىنىپ (خىزمەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن، يەنى) مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ (قىلمىغىن، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى !پەرۋەردىگارىم ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدىن تەربىيىلىگىنىدەك، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن. پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلگۆچىدۇر. ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار يەنى) ئاتا ـ ئاناڭلارنى قاخشاتقۇچى بولمىساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى (كەچۆرىدۇ ئاللاھ ھەقىقەتەن، تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغپىرەت 1 قىلغۇچىدۇر﴾. بۇ ئايەتلەر بالىلار قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، يەنى ئۇلار مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، مەيلى كۆڭۆللىرى خاتىرجەم بولسۇن، مەيلى غەم ـ قايغۇ ئىسرا سۆرىسى 23 ـ 25 ـ ئايەتلەر. ) ( ئىچىدە بولسۇن، ھەر ھالەتتە، ئاتا ـ ئانىلارغا قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەتتا قۇرئان كەرىم، بەزى ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ ئاچچىقىدىن ئۆزلىرىنى تۇتالمىغان ھالەتلەردىمۇ ئۇلارغا مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان ئاددى سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. خوسۇسەن، ئاتا ـ ئانىلار ياشىنىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئىنچىكە، گەپ كۆتىرەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۇلارغا ئىنتايىن يۇمشاق ۋە سىلىق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىلار ئاتا ـ ئانىلارغا قوللىرىدىن كېلىدىغان پۆتۆن خىزمەتلەرنى قىلغاننىڭ سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا مەرھەمەت ۋە رەھمەت تىلەشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى پۆتۆن ئويلىغانلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاتا ـ ئانىسىغا بولغان سەمىمى ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتىگە قاراپ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بۇ تەۋسىيەلەرنى تاماملايدۇ. يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ﴿إِحْسَانًا﴾ دېگەن سۆز قېتىرقىنىش»«،«مۇكەممەل»جان ، «ئورۇنداش، دىل بىلەن «ئىشلەش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان قۇرئان كەرىمدىكى ﴿الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ﴾ يەنى ئاللاھ» ھەر نەرسىنى مۇكەممەل 1 ياراتتى» دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىھسان يەنى) ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ (قىلىش ئىسلام دىنىدىكى ئۆچ چوڭ مەرتىبىنىڭ بىرى بولۇپ، بىرىنچىسى ئىمان، ئىككىنچىسى ئىسلام، ئۆچىنچىسى ئىھساندۇر. پەرىشتە جىبرىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورىغان مەشھۇر ھەدىستە، ئۇنىڭ ئاۋۋال ئىسلامدىن 2، ئاندىن ئىماندىن، ئاندىن ئىھساندىن سورىغانلىقى بايان )قىلىنغان (. دېمەك، مۇكەممەل ئورۇنداش، قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەن مەنىدە كەلگەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىمان ۋە ئىسلامدىن كېيىنكى مەرتىبىسى بولغان نى ئىھسان»«ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاددى مەنىدە چۆشىنىش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئانىغا-»ئاتا ئىھسان «قىلىش دېگەننى ئانىغا- «ئاتا ياخشىلىق «قىلىش دەپلا چۆشىنىش توغرا ئەمەس. چۆنكى بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن خالىسانە ياردەم قىلىپ قويۇش، ساخاۋەت-خەير قىلىپ قويۇش دېگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، ئانىغا-ئاتا ئىھسان قىلىش پەرزدۇر. پەرز بولغاندىمۇ ئادەتتىكى پەرزلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ پەرزدۇر. يۇقىرىقى: پەرۋەردىگارىڭ﴿ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ئىھسان سەجدە -7 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىلنىڭ سوئالىغا جاۋاب ()2 بېرىپ: «ئىھسان ــ خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ «تۇرىدۇ دېگەن. قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە ﴾قىلدى دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا ئانىغا-ئاتا قىلىندىغان ئىھسان باشقىلارغا قىلىپ قويىدىغان ئىھسانغا-ھەير ۋە خالىسانە يادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. چۆنكى خالىسانە ياردەم ۋە ئىھسان-خەير دېگەن باشقىلارغا بەدەلسىز قىلىپ قويىدىغان نەرسە. ئەمما ئانىغا-ئاتا قىلىنىدىغان ئىھسان ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرۇش يولىدىكى بۇرچ ۋە قەرزدۇر. شۇڭا بۇنداق بىر قەرز ئادا قىلىش يولىدىكى خىزمەت بۇرچىنى ئاددى مەنىدە ياخشىلىق» قىلىش» دەپ چۆشىنىش توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: سىز بىرسىگە بەدەلسىز ھالدا بىر نەرسە بەسسىڭىز ياكى ئۆسۆمسىز قەرز بېرىپ تۇرسىڭىز، سىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بولىسىز. ئەمما سىز ئۇنىڭغا مەلۇم بىر خىزمىتىنىڭ ياكى ياخشىلىقىنىڭ يۆزىسىدىن بىر نەرسە بەرسىڭىز ياكى ئۇنىڭدىن ئالغان قەرزىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بولمايسىز، بەلكى ھەققىنى ئادا قىلغان بولىسىز. ئانىغا-ئاتا خىزمەت قىلىشمۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىقتۇر. بۇ خالىسانە ياردەم ياكى ئىھسان-خەير تەرىقىسىدىكى بىر ياخشىلىق ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا – ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بايان قىلىپ: جەننەت» ئانىلارنىڭ 1 تاپىنى ئاستىدا» ئاللاھنىڭ» ،( رازىلىقى ئاتىلارنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىلارنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ غەزىبى ئاتىلارنىڭ غەزىبىدە»(2) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىسلەر شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، بىراۋ قانچىلىك تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ كەتسۇن، قانچە قېتىم ھاجى – ھەرەم بولغان بولسۇن ۋە قانچىلىغان بىچارىلەرگە خەير – ئىھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولسۇن، دىن ئۆچۆن قانچىلىك چوڭ خىزمەتلەرنى قىلغان بولسۇن، ئاتا – ئانىسىدىن بىرەرسىنى قاخشاتقان ئىكەن، مۇنداق كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا لايىق بولالمايدۇ، نەتىجىدە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا – ئانىسىنى قاخشىتىشنى ھالاك قىلغۇچى يەتتە چوڭ گۇناھ قاتارىدىن سانىغان.
جاۋاب: ئاتا – ئانىلار توغرۇلۇق تەۋسىيەلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئىخچاملىنىدۇ: (1) ئاتا ـ ئانىغا ھەر ۋاقىت ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىش. (2) ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھەرقانداق ئىشتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش. (3) ئۇلارغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىش، ھېچ ۋاقىت ئۇلارغا غەزەب بىلەن قارىماسلىق، بەلكى ھەمىشە تەبەسسۇم بىلەن قاراش. (4) ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۇلارنىڭ رۇختىسىز ئىبنى ماجە، نەسائىي ۋە ھاكىملار رىۋايەت «سەھىھ»قىلغان ھەدىس. ) ( تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىملار «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس. ) ( ئۆيلىرىدىن بىر نەرسە ئالماسلىق. (5) ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ھەمىشە دۇئالىرىنى ئېلىپ تۇرۇش. (6) ھەرقانداق بىر ئىشنى باشلاشتا ئاۋۋال ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراش. (7) ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ھەر ۋاقىت «خوش ئاتا، خوش ئانا» دەپ تەبەسسۇم بىلەن ھازىر بولۇش. (8) ئۇلارنىڭ دوست ـ يارانلىرىنى ھۆرمەتلەش، دۈشمەنلىرىگە ساداقەت باغلىماسلىق. (9) ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشماسلىق، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى بولسا، سىلىق يول بىلەن كۆرسىتىپ بېرىش. (10) ئۇلارغا سۆز قىلغاندا، ئاۋازىنى كۆتىرىپ ئۇلارنى راھەتسىز قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەدەپ بىلەن قولاق سېلىپ ئاڭلاش. (11) ئۇلارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ۋە سىرتتىكى ئىشلىرىغا ياردەملىشىش. (12) ئۇلارنىڭ روختىسىز سەپەرگە چىقماسلىق، ئەگەر ئالدىراش يۆزىسىدىن كېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ھامان كەچۆرۈم سوراش. (13) ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە خوسۇسەن، ئۇلار ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئىزىنسىز كىرمەسلىك. (14) ئۇلارنىڭ مېھمانلىرى كەلگەندە، قول باغلاپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىش، زۆرۈر ئىشى بولسىمۇ قويۇپ، ئۇلارنى مېھمانلىرى ئالدىدا يالغۇز تەرك ئەتمەسلىك. (15) ئۇلار بىلەن بىرگە تاماق يىگەندە، ئۇلاردىن بۇرۇن داستىخانغا قول ئۇزاتماسلىق. (16) ئۇلارغا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەسلىك. (17) ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى ئۇلاردىن ئۆستۆن كۆرمەسلىك. (18) بىرگە يول يۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۆرمەسلىك، بىرگە ئولتۇرغاندا ئۇلاردىن يۇقىرى ئولتۇرماسلىق. (19) ئۆزى قانچىلىك چوڭ مەنسەبلىك كىشى بولسىمۇ، ياكى كاتتا ئالىم بولسىمۇ، ئاتا ـ ئانىسىغا مەنسۇپ بولۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق، ئۇلار ئالدىدا ھەمىشە كەمتەر بولۇش. (20) ئۇلارغا ماددىي ياردەمدىن بېخىللىق قىلماسلىق، ئۇلار ئۆچۆن ئۆزلىرىنى ئۇنۇتۇش. (21) ئۇلارنىڭ مېھنەتلىرىنى قەدىرلەپ تۇرۇش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇش ، ھەدىيە ۋە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ تۇرۇش. (22) ئۇلارنى غەزەپلەندۈرۈرشتىن ئېھتىيات قىلىش، كۆڭۆللىرىنى ئاسراش. (23) ئۇلار بەرگەن نەرسىلەرنى تەشەككۆر ئېيتىش بىلەن قۇبۇل قىلىش. (24) ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلىرىنى تەبرىكلەپ بىرگە خۇشال بولۇش، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىرىگە تەسەللى بېرىش. (25) ئۇلارنىڭ يۆزـ خاتىرىسى ئۆچۆن، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان پەرزەنتلىرنى ياخشى كۆرۈش. (26) ئايالى ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈش. (27) ئاتا ـ ئانا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇش. ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى يۆرگۆزۈش. (28) ئۇلارنىڭ ھەققىدە سەدەقەلەرنى قىلىپ تۇرۇش. (29) ئاتا ـ ئانا ھايات بولسۇن، مەيلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەققىدە: «رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ» (يەنى: ئى ئاللاھ تائالا ! مېنى ۋە ئاتا ـ ئانامنى (كەچۆرگىن دەپ ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش. (30) ھەرقانداق كىشى ئاتا ـ ئانىسىغا قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ ئوخشىشىنى ئۆز بالىلىرىدىن چوقۇم كۆرىدۇ. يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقاتلارنى ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ قاخشىتىدۇ، ئاتا ـ ئانىسىنى رازى قىلغانلارنى ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ رازى قىلىدۇ. بۇ ئالەم «ئۆتنە ئالەم»دۇر. بۇ، جەمئىيىتىمىزدە ۋە ئۇزۇن يىللىق تارىخىمىزدا كۆپ تەجرىبە قىلىنىپ، ھەركىمنىڭ نەزىرىدە رىئاللىققا ئايلانغان بىر ھەقىقەت.
جاۋاب: تۇغقانلارغا قارىتا مۇئامىلە ئۇلارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، ھال ـ ئەھۋاللىرىنى سوراش، زىيارەت قىلىپ، يوقلاپ تۇرۇش، چاقىرسا قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئېھتىياجلىق ھالدا قالسا ماددىي ياردەم بېرىش، مەسلىھەت سورىسا يول كۆرسىتىش ۋە تۇغقانلىق ھەقلىرىنى ئادا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جاۋاب: سىلە رەھىم ـ ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا بىر ـ بىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىشىش ئارقىلىق ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى دېمەكتۇر. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىـ ئىناق شەكىلدە داۋام ئېتىشكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىش ئارقىلىق، پۆتۆن مۇسۇلمانلارغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۇق﴿ ـ تۇغقانغا، مىسكىنگە (يوقسۇلغا) ، ئىبنى سەبىلگە يۇرتىدىن) ئايرىلىپ، يولدا قالغان پولسىز (مۇساپىرگە خەير 1 ـ ساخاۋەتتىن ھەققىنى بەرگىن﴾. ئىسرا سۆرىسى 26 ـ ئايەت. ) ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى ـ ئابرۇيىنىڭ مەڭگۆ قېلىشىنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا سىلە ـ رەھىم قىلسۇن» 1 (. ئۇرۇق ـ تۇغقانلارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى جەھەتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ: ماددىي جەھەتتىن سىلە ـ رەھىم قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇرۇق ـ تۇغقانلاردىن بىرەرسى ماددىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا پول ـ مال ياردەم قىلىش، قەرزدار بولسا، قەرزىنى ئۆزۈشكە ياردەم قىلىش، كېسەل بولسا داۋالىتىش ۋە ئۇلاردىن بىرەرسى ئاجىز بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆچى بىلەن ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن سىلە ـ رەھىم قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىش، كېسەل بولسا يوقلاش، چاقىرسا قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈش، خوشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىلە ـ رەھىم قىلىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆشەنگىنىدەك، سۆز بىلەن، قۇرۇق سالام بىلەن ياكى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ قويۇش بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ. بەلكى ئورۇق ـ تۇغقانلارغا ئۆز نەپسىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن كېچىپ قوللىرىدىن كېلىشچە ياردىمىنى يەتكۆزۈش بىلەن بولىدۇ.
جاۋاب: قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىماننىڭ ئەڭ كۆرىنەرلىك ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. چۆنكى، قوشنىدارلىقنىڭ ھەقلىرى بەكمۇ چوڭ. قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەقلىرى بىر قانچە تۆرلۆك بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆستىدە، ئۆزىنىڭ كاپىر قوشنىسىىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بىرلا ھەق بولۇپ، بۇ بولسىمۇ قوشنىدارلىق ھەققى. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆستىدە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قوشنىسىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىككى ھەق بولۇپ: ئۇنىڭ بىرى، قوشنىدارلىق ھەققى؛ يەنە بىرى، مۇسۇلمانلىق ھەققىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆستىدە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان، ئۇرۇق ـ تۇغقان قوشنىسىىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئۆچ ھەق بولۇپ: بۇلارنىڭ بىرى، قوشنىدارلىق ھەققى؛ ئىككىنچىسى، مۇسۇلمانلىق ھەققى؛ ئۆچىنجىسى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىق ھەققىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆستىدە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان، ئۇرۇق ـ تۇغقان، يېقىن قوشنىسىىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك تۆت ھەق بولۇپ: بۇلارنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلىق ھەققى؛ ئىككىنچىسى، تۇغقانلىق ھەققى؛ ئۆچىنچىسى، قوشنىدارلىق ھەققى؛ تۆتىنچىسى يېقىن قوشنىلىق ھەققىدۇر. يېقىن قوشنا يىراق قوشنىسىدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر. دەرھال ياردىمىڭىزگە ئۆلگۆرىدىغان، باشقىلارغىمۇ ياخشى تەرىپىڭىزنى قىلىپ بېرىدىغان ۋە سىزنى يالغۇز قىلمايدىغان كىشى ئەلۋەتتە سىزنىڭ يېقىن قوشنىڭىزدۇر. شۇڭا قوشنىدارلىقنىڭ سىرتىدا، يېقىن قوشنا بولغانلىقىنىڭ ھەققى ئالاھىدە ئايرىم بىر ھەق بولۇپ بېكىتىلگەن. ئەجدادلىرىمىزمۇ «يىراقتىكى تۇغقىنىڭدىن يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى» دەپ بېكار ئېيتمىغان.
