قۇرئان ئوقۇش، قىرائەت ۋە يادلاش پەزىلەتلىرى
قۇرئان ئوقۇش، قىرائەت، تەجۋىد ۋە يادلاشنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى (سوئال 1621 – 1650)
بۆلۈم: “قۇرئان ئوقۇش، قىرائەت، تەجۋىد ۋە يادلاشنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى (سوئال 1621 – 1650)”جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىلىرى «قۇرئان » دېيىلمەيدۇ چۈنكى«قۇرئان »مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەن ئەرەبچە ئەسلى تېكىستقا قويۇلغان نام شۇڭا نامازدا قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش بىلەن ناماز ئادا تاپمايدۇ ئەمما ئوقۇش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىش، ۋەز– نەسىھەت لىرىنى چۈشىنىپ ئىبرەت ئېلىش، ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىش جەھەتتە تەرجىمىلەر قۇر ئان كەرىمنىڭ رولىنى ئوي نايدۇ تۆۋەندە«قۇرئان» ناملىق شېئىرىمنى كەلتۈرۈشنى لايىق كۆردۈم، دىيانىتىم بۇ قۇرئان، ئىتائىتىم بۇ قۇرئان، ئىككى ئالەم مەڭگۈلۈك سائادىتىم بۇ قۇرئان ئورۇن، ئالغان دىلىمدا، زىكرى دائىم تىلىمدا ھەمرا ھ، بولۇپ يېنىمدا تىلاۋىتىم بۇ قۇرئان، دىنىمىزنىڭ دەستۇرى، جىمى ئەلنىڭ تەقدىرى، مۆجىزىنىڭ سەرخىلى كامالىتىم بۇ قۇرئان، ئاللاھنىڭ شانلىق سۆزى، ئىسلامنىڭ نۇرلۇق كۆزى، ھەقىقەتنىڭ نەق ئۆزى ئادالىتىم بۇ قۇرئان، ئەلگە ئىلىم ئۈگەتكەن، نادانلىقنى تۈگەتكەن، ئېتىقادنى تۈزەتكەن ساقاپىتىم بۇ قۇرئان، چوڭ مۆجىزە ياراتقان لىم ئى-، ھېكمەت تاراتقان، ئەلنى ئاڭا قاراتقان لاياقىتىم بۇ قۇرئان، باشلاپ بەختلىك ھاياتقا، ئىمان بىلەن ماماتقا، ئاخىرەتتە نىجاتقا كاپالىتىم بۇ قۇرئان، لەۋزى ئەجەپمۇ چاققان، تىلغا ھەسەلدەك ياققان، زىكرى ھەر جايدا ئاققان ھالاۋىتىم بۇ قۇرئان مېنىڭ كۆڭۈل بايلىقىم، چىمەنزارلىق يايلىقىم، ھەممىدىن چىرايلىقىم قانائىتىم بۇ قۇرئان، كېچە يىغلاپ خۇداغا، سەۋىر ئەيلەپ جۇداغا، تەرتىل ياڭراپ ساداغا ئىبادىتىم بۇ قۇرئان، دۈشمەنلەرگە ھۇجۇمدا، قۇرالىمدۇر قولۇمدا، نۇرلار چېچىپ يولۇمغا ماھارىتىم بۇ قۇرئان، كۆڭۈلدىكى مەقسەدكە، ئېرىشىشكە ئامەتكە، كېلىپ بىرلىك قامەتكە سىياسىتىم بۇ قۇرئان، تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن، شەرىپىمنى كۆتۈرگەن، شاقاۋەتنى كەتتۈرگەن ئىنايىتىم بۇ قۇرئان، غۇربەتچىلىك كۆرگەندە، غەمكىن خىيال سۈرگەندە، سەرگەندار بوپ يۈرگەندە كارامىتىم بۇ قۇرئان قەلەم سەھۋەن يازغاندا، دۈشمەن توزاق قۇرغاندا، مەن يولۇمدىن ئازغاندا ھىدايىتىم بۇ قۇرئان، بەخت مەندىن قاچقاندايىلان كۆزىن ئاچقاندا، زەھىرىنى چاچقاندا سالامىتىم بۇ قۇرئان، دەۋرىم بىر كۈن ياتقاندا، مەن قايغۇغا پاتقاندا، بېشىم غەمدىن قاتقاندا پاراسىتىم بۇ قۇئان ئەليۇرتىدا كەزگەندە، غېرىپلىقنى سەزگەندە، دىلنى ئەلەم ئەزگەندە ساداقىتىم بۇ قۇرئان ئاغرىق-، سىلاق يەتكەندە، تەندىن ماغدۇر كەتكەندە، جاننى بوزەك ئەتكەندە بارائىتىم بۇ قۇرئان، ئادالەتتىن سورغانغا، ھەقكە تەشنا بولغانغا يول تاپالماي تۇرغانغا ئىشارىتىم بۇ قۇرئان كۆتەرگۈچى شەنىمنىيېيىپ ئەلگە نامىمنى، ساقلاپ چىن ئىمانىمنى ئىناۋىتىم بۇ قۇرئان، قابىل كېلىپ جاھانغايېتىپ بىر كۈن نىشانغا، مەن قېنىشتا ئارمانغا جاسارىتىم بۇ قۇرئان، مۈشكۈررنى يېڭىشتا چوڭ ئۇتۇقلار قېزى، شتا، ئەل رىزاسىن ئېلىشتا شۇجائىتىم بۇ قۇرئان چىن مۆئ، مىنلىك مەيداندا، قايتماي تۇرۇپ ھەرئاندا، بىر كۈن زەپەر قۇچقاندا ئالامىتىم بۇ قۇرئان، بايان ئەيلەپ ئەرزىمنى، ئادا قىلىپ پەرزىمنى، تاماملاشتا قەرزىمنى ئامانىتىم بۇ قۇرئان، لەھەد ئىچرە سۈرگەندە، مۇنكىر، نەكىر كىرگەندە، ئاڭا جاۋاپ بەرگەندە شاھادىتىم بۇ قۇرئ ان، مەھشەرگاھقا بارغاندا، ئېگەم ھېساب ئالغاندا، مەن چارىسىز قالغاندا شاپائىتىم بۇ قۇرئان، بۇ پېقىرنىڭ چىن سۆزى، قەلىمىنىڭ بىر ئىزى، شۇنداق دەپ قالدى ئۆزى شاراپىتىم بۇ قۇرئان سۈننەت سۈننەتنىڭ تەرىپى (1 )
جاۋاب: سۈننەت سۆزى لۇغەتتە«يول» دېگەنلىك بولۇپ، مەيلى توغرا، مەيلى خاتا ھەر قانداق بىر داۋام قىلىدىغان يولنى ئىپادىلەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « مون سون وي اإلسولام سونس ةسونس لوە أجرھواوأجور مون عمول بھوا مون بمودل مون غيور أن يونق مون أجورھم شيءومن سن وي اإلسولام سونس سويئس كوان عليوە وزرھوا ووزر مون عمول بھوا من بمدل من غير أن ينق من أوزارھوم شويء »يەنى« كىمكى ئىسلامدا ياخشى بىر يولنى تۇتسا، ئۇنىڭ ساۋابى شۇ كىشىگە بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارغانلارغىمۇ ساۋابى، كېمەيتىلمەستىن بېرىلىدۇ كىمكى ئىسلامدا يامان بىر يولنى تۇتسا، ئۇنىڭ گۇناھى شۇ كىشىگە بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگىمۇ شۇ گۇناھ كېمەيتىلمەستىن يېزىلىدۇ»(2) دېگەن سۆزى سۈننەتنىڭ لۇغەتتى كى مەنىسىنى ئىپادىل ەيدۇ ئەمما سۈننەتنىڭ ئىسلام ئىستىلاھ ىدىكى مەنىسى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ تەرىپلىشى بىر خىل بولمىغان ئۇلارنىڭ ھەر بىرى سۈننەتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىختىساسى ئغا اساسەن تەرىپلىگەن ھەدىسشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە، سۈننەت- پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش پائالىيەتلىرى، ئەمەل- ئىبادەتلىرى ۋە تەقرىرى ( يەنى ساھ ابىلاردىن سادىر بولغان ئىش– ھەرىكەتلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا كۆرۈپ تەستىقلىغانلىرى ياكى رەت قىلماستىن سۇكۇت قىلغانلىرى) قاتارلىقلاردۇر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى مەسىلەن« ئەمەرر پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر، ھەركىم ئۆزى نىيەت قىلغ ان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»(3) دېگەن ھەدىسكە ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىش- پائالىيەتلەر: مەسىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى، تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلىغا ئوخش ىغ ان ئىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقرىرى بۇ ساھابىلاردىن بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قىلغان بىرەر ئىشىنى ياكى بىرەر سۆزىنى خاتاغا چىقارماستىن، ئۇنىڭغا سۇكۇت قىلغىنى ياكى بۇ ئىش ياكى سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوق يەردە سادىر بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ئاڭلاپ سۇكۇت
(1) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية » (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى
قىلغىنى دېگەنلىكتۇر مەسىلەن: ئۆمەر: ئىبنى خەتتابنىڭ « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر قاچىدا تاھارەت ئالاتتى»(1) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئەھۋالنى بىلىپت ۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۇكۇت قىلغانلىقى ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قوللىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ مانا بۇ، تەقرىر دېيىلىدۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە سۈننەت- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان گەپ- سۆز ئىش-پائالىيەت ۋە تەقرىر قاتارلىقلاردىن شەرىئەت ھۆكۈمىگە دەلىل بولالايدىغا نلىرىدۇر فىقھىشۇناسلار يەنە ئورۇندىغان كىشىگە ساۋاب بولىدىغان، تەرك ئەتكەن كىشىگە گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ سۈننەت دەيدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن بولسىمۇ، پەرز ياكى ۋاجىب قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغانلىرى سۈننەتتۇر سۈننەتنىڭ تەرىپىدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆلىمالارنىڭ سۈننەتكە قاراتقان يۆنىل ىشى ئوخشاش بولمىغان ھەدىسشۇناسلار سۈننەت كە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئۈلگە تۇتۇش تەرەپتىن يۈزلەنگەن فىقھىشۇناسلار سۈننەتنى ئۈلگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى شەرىئەت دەلىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەر بىرى شەرىئەت ئەھكاملىرى ئۈچۈن بىرەردىن دەلىل-ئىسپاتتۇر (2) سۈننەتنىڭ ئەڭ ئىخچام مەنىسى: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامن ىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرزىگە ئا ئىت بىلىملەر دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: سۈ ننەت بىلەن ھەدىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق ئۆلىمالار بۇ ئىككىسىنى بىر مەنىدە قوللىنىدۇ گەرچە ھەدىس لۇغەت ئېتىبارى بىلەن«سۆز »دېگەنلىك بولۇ پ، پەيغە مبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئى ستىلاھىدا ھەدىسنىڭ مەنىسى سۈننەتنەتنىڭ مەنىسى بىلەن بىردۇر چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئېغىز ئارقىلىق بىلدۈرگەن تەلىماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ئۇن ىڭ قىلغانلىرىنى، تەقرىرلىرىنى، سۈپەتلىرىنى ۋە شەرئىي ھۆكۈم قاتارىغا كىرىدىغان پۈتۈن ئىش- ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ھەدىسنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈنلا قويۇلغان ئاتالغۇ دەپ چۈشىنىش توغرا بولمايدۇ.
جاۋاب: دوكت و ر ئىسام ئەلبەشىر: بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرپ- ئادەت قاتارىدىن قىلغانلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىش بۇيرۇلغان سۈننەت قاتار ىدىن سانالمايدۇ“پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داستىخاندا ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن
(2) مۇھەممەد ئەجاج خەتىبنىڭ«الوجيز في علوم الحديث » ناملىق ئەسىرى 15 - - بەتلەر، مۇھەممەد ئەدىبنىڭ« لمحات في أصول الحديث » ناملىق ئەسىرى - - بەتلەر تەننۈس كىلەنىڭ گۆشىنى يېمىگەندە، ساھابىلار ئۇنىڭدىن كېلەنى يېيىشنىڭ ھالا ل ياكى ھاراملىقى، ھەققىدە سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ئۇنى يېيىشنى كۆڭلۈم تارتمايدۇ، مېنىڭ قەۋمىم ئۇنى يەپ ئادەتلەنمىگەن” دېگەن (1) چۈنكى ئەرەبلەردە كېلە گۆشىنى يېيىش ئادىتى يوق دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلەنى يېيىشنى ھارام قىلمىغان ۋە يېگەنلەرنى توسمىغان بۇنىڭغا بىنائەن كېلە گۆشىنى يەيدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلدى، دېيەلمەيمىز چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلە گۆشىنى يېيىشنى خالىمىغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ يېيىشىنى تو سمىغانلىقى ئۆرپ-ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق شۇنىڭدەك، بىراۋ تاماقنى قوشۇق بىلە ( ن ياكى چوكا ب ىلەن) يېسەياكى يەردە ئولتۇرۇپ يېمەستىن، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ يېسە، ئۇنى (يەردە ئولتۇرۇپ قولى بىلەن يېمىگەنلىكى سەۋەبلىك) سۈننەتكە خىلاپلىق قىلدى دېيەلمەيمىز چۈنكى بۇ ئىشلار ئۆرپ- ئادەتكە باغلىق ئىشلار بولۇپ، ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توسۇلغان ئەمەس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەك- ئىچمەك ھەققىدە بىزگە ئۆگەتكەن سۈننىتى« ئەي ئوغۇلۇ“بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم” دېگىن، ئاندىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن ئېلىپ يېگىن»(2) دېگەن تەلىماتىدۇر».
(3)
جاۋاب: سۈننە ( ت)ياكى ھەدىس ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن قالسا، ئەڭ چوڭ دەستۇرى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ 4 ئاساسلىق مەنبىئىنىڭ ئىككىنچىسى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانىدۇر ئاللاھ تائالا سۈننەتكە ئەمەل: قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ ﴿، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(4)
جاۋاب: : سۈننەتتىن قەتئىي بىھاجەت بولغ ىلى بولمايدۇ. چۈنكى سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭئەھكاملىرىنى شەرھلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت (قانۇن) ئەھكاملىرىنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە قىلىپكۆرسىتىش بىلەن چۈشەندۈرگەن مەسىلەن: ناماز توغرۇلۇق: «نامازنى خۇددى مەنئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»(5) دېگەن ھەج توغرۇلۇق: «ھەج قىلىش پائالىيەتلىرىنى مېنىڭدىنئۆگىنىڭلار»(6) دېگەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر﴾(7)(1) نەسائى رىۋايىتى (2) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى (3) سۇدانلىق مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى دوكتور ئىسام ئەلبەشىرنىڭ«سابىت ئەھكاملار ۋە ئۆزگىرىشنى قوبۇلقىلىدىغان ئەھكاملار »دېگەن تېمىدىكى لېكسىيىسىدىن (4) ھەشىر سۈرىسى 7 ئايەت (7) نۇر سۈرىسى 54- ئايەت 1987 دېيىش ئارقىلىق توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا باغلىغان ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلشنى ھىدايەت تېپىشنىڭ بىردىبىر يولى قىلىپ كۆرسەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى تېخىمۇ روشەن ئوچۇقلاپ: « سىلەرگە مەن ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم، بۇ ئىككىسىگە چىڭ ئېسىلغان مۇددىتىڭلار بويىچە قەتئىي ئېزىپ كەتمەيسىلە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابى (قۇئان كەرىم) بىلەن مېنىڭ سۈنن ىت ىمدۇرۇ»(1) دېگەن
(1) مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم م ناسىرۇددىن ئالبانىي«ھەدىسلەر » ناملىق ئەسىرىدە قەيت قىلغان ھەدىس نائرۇق، سىدەھ ەۋ سىدەھ يىسدۇق قۇرئان، ھەدىس ۋە ھەدىس قۇدسىي.
جاۋاب: ھەدىس قۇدسىي- تېكىستى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مەنىسى ئاللاھ تائالاغا، مەنسۇپ بولغان ھەدىس بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن ئې يتقان ھەدىسلەرنى كۆرسىتىدۇ: مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«ئاللاھ تائالا مۇن: داق دىدى “ بەندەم مېنى قانداق ئويلىسا مەنمۇ ئۇنى شۇنداق ئويلايمەن، ئۇ مېنى ياد ئەتكەندە مەنمۇ ئۇنى ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى كۆڭلىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى كۆڭلۈمدە ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ئۇلاردىنمۇ ياخشى بىر جامائەت-پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدا ي اد ئېتىمەن، ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىمۇ ئارتۇق يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كە لسە، مەن “ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن » دېگەن سۆزى ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسى يدۇر.
جاۋاب: ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىس قۇدسىي ئوتتۇرىسىدىكى: پەرقلەرنى بايان قىلغان بولۇپ، مۇھىم پەرقلىرى تۆۋەندىكىلەر
(1) قۇرئان كەرىم مەنىسى ۋە لەۋزى بىلەن ئاللاھ تائالادىن كەلگەن خالىس ۋەھيىدۇر ئەمما ھەدىس قۇدسىيىنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالاغا، لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇبتۇر
(2) قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىنسا، ھەدىس قۇدسىينىڭ، لەۋزى بىلەن ئىبادەت قىلىنمايدۇ پەقەت مەنىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن لا ساۋاپ تاپقى لى بولىد ۇ
(3) قۇرئان كەرىم بىزگە مۇتەۋاتىر (قىلچە شەك يوق)دەرىجىدە يېتىپ كەلگەن، ئەمما ھەدىس قۇدسىيدا مۇتەۋاتىر شەرت ئەمەس
(4) قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى رىۋايەت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما ھەدىس قۇدسىينىڭ مەنىسىنى رىۋايەت قىلىشقا بولىدۇ
(5) قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ كىشىنىڭ تۇتۇشى ياكى يادىسىغا بولسىمۇ ئوقۇشى جائىز ئەمەس ئەمما ھەدىس قۇدسىينى تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ بولسىمۇ تۇتۇشقا ۋە ئوقۇشقا بولىدۇ قۇرئان كەرىم ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىشتىن ساقلانغان كىتابتۇر ئەمما ھەدىس قۇدسىينىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى تەرەپتىن ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچس ىزلىرى بار.
جاۋاب: ھەدىس بىلەن ھەدىس قۇدسىينىڭ پەرقى: تۆۋەندىكىچە
(2)، ھەدىس قۇدسىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەقەت ۋەھيى يولى بىلەنلا كەلگەن ئەمما ھەدىسمۇ ۋەھيى يولى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىلھام قىلىنغان بولس ىمۇ، ئۇنى ڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولۇپ، ۋەھيى ئۇنى تەستىق قىلغانلىرى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراقىغا بۇيرىغانلىرىمۇ بار
(3)، ھەدىس قۇدسىيدا ئومۇمەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان بولسا ھەدىسلەردە ئومۇمەن شەرىئەت ئەھكاملىرى بايان قىلىنغان (1)
(1) شەيخ مۇھەممد سەبباغنىڭ«الحديث النبوي » ناملىق ئەسىرى - - بەتلەر، شەيخ مەننائۇل قەتتاننىڭ« مباحث في علوم القرآن » ناملىق ئەسىرى - - بەتلەر ىنرەلسىدەھ شلاقىنېئ ىرىلپىسنىرىپ ھەدىسلەرنى ئېنىقلاش پىرىنسىپلىرى ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى (
جاۋاب: ھەدىسشۇناس ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇب ق ىلىنغان ھەدىسلەر ئىچىدىن راست–يالغانلىرىنى، ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىزلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلا شتا ساھابىلارنىڭ زامانىدىن زامانىمىزغا قەدەر ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى ياراتقان كىشىلە ردۇر دۇنيا تارىخىدا ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىشتا قوللانغان مېتود ۋە پىرىنسىپ لىرىنى ھېچقانداق بىر مىللەت، ھېچقانداق بىر ئىلىم ساھەسىدە قوللانغان ئ ەمەس دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىننىڭ بەنبەلىرى قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ساقلانغاندەك ساقلانغان ئەمەس ۋە بۇ ئىككىسى يېتىپ كەلگەندەك ئەينەن يېتىپ كەلگەن ئەمەس ھەدىسشۇناسلارنى ڭ بۇ ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنى تولۇق بايان قىلىش ئۈچۈن تىل ئاجىز، كىتاپ يېتەرسىز لىقا دۇ زامانىمىزدىكىگە ئوخشاش ئالاقە ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئېنتېرنېتكە ئوخشىغان ئىزدىنىش قۇرالى بولمىغان ئۆتمۈشتىكى زامانلاردا ھەدىسشۇناس ئالىملار بار ئىقتىسادىنى سەر پ قىلىپ، دۆ لەتتىن دۆلەتكە ئاتلاپ يۈرۈپ، ھەدىس بىلىدىغان ئادەملەرنى ئىزدەپ، ھەدى س توپلاش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاقتىنى قۇربان قىلغانلىقى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشل ىك ئۇلۇ خىزمەت ئىدى ھەدىسشۇناسلارنىڭ پېشىۋاسى ئىمام بۇخارىنىڭ مەككە-مەدىنە شەھەرلىرىدە 16 يىل تۇرۇپ ھەدىس تو پلىغانلىقىمۇ بۇنىڭ مىسالى.
جاۋاب: ھەدىسشۇناس ئالىملار ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىرىنسىپ: لارنى بەلگىلىگەن
(1) ئىسپاتلاش پەيغەمبەر ئەل ەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن بىرىنچى خەلىپە ئەبۇبەكرى رەزىيەرھۇ ئەنھۇ بىرەر ھەدىسنى قو بۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ راستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىن ىڭ رىۋايىتىگە گۇۋاھچى تەلەب قىلىش پىرىنسىپ ىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى كىشىدۇر كيىىنكى خەلىپىلەردىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئاففان، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىبلارنىڭ پىرىنسىپ ىمۇ شۇنداق بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىبر ەزىيەرھۇ ئەنھۇ رىۋايەتچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىنىڭ راستلى قىغا گۇۋاھچى تەلەب قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى قەسەم قىلدۇراتتى ساھابىلاردىن كېيىنمۇ ھەر بىر ئەسىرنىڭ ھەدىسشۇناس ئالىملىرى ھەدىسلەرنى ئىسپاتلاشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق ۋە زېرەكلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ كەلگەن
(1) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية » (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى
(2) ھەدىس ئىزدەپ سەپەر قىلىش سۈننەت مەنە جەھەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھيىسى، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇجىمەل ئەھكاملىرىنى ئوچۇقلىغۇچى، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى شەرھلىگۈچى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆگىنىش تە ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئىلىم بول غانلىقتىن، ئىسلام ئۆلىمال ىرى ھەدىس كە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن ھەدىسشۇناس ئالىملار ھەدىسلەرنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش يولىدا ھاياتىنى، مال- مۈلكىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى ئاتىغان ئۇلار ھ ەدىس توپلاش يولىدا ئۆتمۈشلەرنىڭ قىيىن شارئىتلىرىغا ۋە توسقۇنلۇق لىرىغا باش ئەگمەستى نيىراق- يىراق جايلارغا، دۆلەتلەرگە، ھەتتا قىتئەلەرگە سەپەر قىلىشتىن ئىككىلەنمىگەن ئىمام ئەھمەد«مۇسنەد » ناملىق ھەدىس توپلىمىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى رىۋايەت قىلغان: «بىر ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن بىر ھەدىسنى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر تۆگە سېتىۋالدىم، ئاندىن ئۇنىڭغا يۈك- تاقلىرىمىنى يۈكلەپ سەپىرىمنى باشلىدىم، تولۇق بىر ئايدا شامغا يېتىپ باردىم ۋە ئۇ ئادەمنى تاپتىم ئۇ ساھابىلاردىن ئابدۇللا ئىبنى ئۇنەيس ئىكەن ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا، “ سېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىساس ھەققىدە ئېيتقان بىر ھەدىسنى بىلىدىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ، شۇ ھەدىسنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىمدىن قورقۇپ ئالدىراپ بۇ يەرگە كەلدىم” دېدىم ئابدۇللا ئىبنى ئۇنەيس ماڭا شۇ: ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بېرىپ مۇنداق دىدى« “ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئىنسانلار قىيامەت كۈنىدە ھېساب مەيدانىغا يالىڭاچ ۋە ھېچنەرسىسىز ھالدا ھازىر بولىدۇ ئاندىن ئاسماندىن« مەن پادىشاھمەن، مەن ھېساب ئالغۇچىمەن، ئەھلى جەننىتى بولغان كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ ئەھلى دوزىخى بولغان كىشىدىن ئالىدىغان قىساسى بولسا ئۇنى ئېلىپ بەرمىگىچە، ئەھلى دوزىخى بولغانلارنىڭ ئەھلى جەننىتى بولغان بىرىدە قىساسى بولسا، ھەتتا، بىرەر تاياق چاغلىق قىساسى بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ بەرمىگىچە، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يا جەننەتكە ياكى دوز اخقا كىرمەيدۇ » دېگەن ئاۋاز كېلىدۇ، بۇ ئاۋازنى يىراق- يېقىندىكى ھەممە كىشى خۇددى يېنىدا سۆزلىنىۋاتقاندەك ئاڭلايدۇ” دىدى بىز “يارەسۇلەللاھۇ بىز قىيامەت كۈنىدە يالىڭاچ ۋە ھېچىنەرسىسىز ھازىر بولساق، ئاللاھ تائالا قىساس ئۈچۈن نېمىنى ئېلىپ بېرىدۇ “ دەپ سورىۋ ىد” ۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساۋاب بىلەن گۇناھنى (يەنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا باشقىلارغا ھەقسىزلىق قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيادا قىلغان نياخشى ئەمەللىرىنىڭ، ساۋابىدىن ھەقسىزلىق قىلىنغۇچىغا ئېلىپ بېرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ساۋابى بولمىسا ياكى يەتمىسە ھەقسىزلىق قىلىنغۇچى )نىڭ گۇناھىنى ھەقسىزلىق قىلغۇچىغا يۈكلەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىدۇ دىدى»(1) 1 ئىمام ئەھمەد يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئەبۇ ئەييۇب ئۇقبە ئىبنى ئامىرنى ئىزدەپ مىسىرغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەن بىلەن مەن ئىككىمىزلا ئاڭلىغان بىر مەسىلىنى سوراپ ئې نىقلا ش ئۈچۈن كەلدىم بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيبىنى يۆگەش توغرۇلۇق “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە دېگەن ئىدى “دەيدۇ، ئۇقبە ئىبنى ئامىر شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ« كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيبىنى يۆگىسە، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە
(1) ئىمام ئەھمەدنىڭ«مۇسنەد» ناملىق ھەدىس توپلىمى 3- توم، - بەت ىنرەلسىدەھ شلاقىنېئ ىرىلپىسنىرىپ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۆ گەيدۇ »دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم” دەيدۇ ئەبۇ ئەييۇ ب شۇنىڭ بىلەن مەدىنىگە قايتىدۇ ۋە بۇ ھەدىسنى قورقماي ھەر كىمگە سۆزلەيدىغان بولىدۇ»(1) ساھابىلاردىن كېيىنكىلەرمۇ شۇنداق قىلغان تابىئى ( ن ساھابىلارنى كۆرگەن ئەۋلاد)لاردىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب: «مەن بىر ھە دىسنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈزلەپ سەپەر قىلغانلىقىمنى بىلىمەن »دېگەن (2)
(3) سەنەدكە ئەھمىيەت بېرىش
(4) ن مەتگە ئەھمىيەت بېرىش سەنەد ۋە مەتن.
جاۋاب: سەنەد-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ ق ىلىنغان ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلاد يەتكۈزۈش جەريانىدىكى زەنجىرسىمان ھالىتى دېگەنلىكتۇر ھەدىسشۇناسلار قانداقلا بىر ھەدىسنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغ ان ئادەمنىڭ راستچىللىقىغا تايانغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنى«س ەنەد »يەن ( ى )تايانچ دەپ ئاتىغان (3) كىشىلەردە ساھابىلارنىڭ زامانىدىكى تەقۋالىق، دىن مەسىلىسىدە ئېھتىيات چانلىق زەئىپلىشىپ بارغاندىن كېيىن، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ راستچى، للىقى ۋە تەقۋالىقىنى تەكشۈرۈش شۇنداقلا ھەقىقىي راستچىل رىۋايەتچىلەرگىلا تايىنىش ئى شى ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ماۋزۇسىغا ئايلانغان ئىدى ھەتتا ئۇلۇ تىلشۇناس ئالىم ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك سەنەدنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە: « سەنەد دىندىن سانىلىدۇ. چۈنكى سەنەد بولمايدىغان بولسا، ئىدى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە كەلسە-كەلمەس سۆزلىگەن بو لاتتى»(4) دېگەن قەدىمدىن ھازىرغىچە سەنەد ئىلمىي ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكى ھەدىسشۇناسلارنىڭ سەنەدكە نەقەدەر زور ئەھمىيەت بېرى پ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىكتۇر.
جاۋاب: مەتن- تېكىست دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇب )قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ تېكىستى (لەۋزى دېگەنلىكتۇر ھەدىسشۇناسلار ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى تەتقىق قىلىشقا زور ئەھمىيەت بەرگەن ئۇلار ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ روھىغا زىت كەلگەنلىرىنى رەت قىلىش پىرىنسىپ ىنى قوللانغان شۇڭا ھەدىسنىڭ تېكىستىنىڭ را ستلىقىنى ئىسپاتلاشتا، كۆپلىگەن قائىدىلەرنى بەلگىلىگەن بۇ قائىدىلەر توغرۇلۇق نۇرغۇنلىغ ان ئەسەرلەر يېزىلغان
(1) ئىمام ئەھمەدنىڭ«مۇسنەد»ناملىق ھەدىس تو پلىمى 4- توم، - بەت
(2) ئىبنى ئابدۇلبىررىنىڭ«جامع بيان العلم وفضلە » ناملىق ئەسىرى 1- توم، - بەت
(3) مۇھەممەد ئەجاج خەتىبنىڭ«الوجيز في علوم الحديث » ناملىق ئەسىرى 15 - - بەت
ساھابىلارنىڭ زامانىدىن باشلاپ مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىگە ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىدا فاتىمە ئىسىملىك بىر ساھابە ئايال ئېرىدىن ئۈچ تالاق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولمىغان مۇددەت ئىچىدە، ئۇنىڭ ئېرىگە ئايالىنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇش، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش قاتارلىق ھەقلەرنى بەلگىلىمىگەنلىكى ھەققىدە ھەدىس رىۋايەت قىلىپ كەلگەندە، خەلىپە ئۆمەر « سۆزىنىڭ راستلىقى ياكى يالغانلىقى بىلىنمىگەن بىر ئايالنىڭ سۆزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتمە يمىز، بەلكى بۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا نەپىقە بەلگىلىگەن لىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندۇ، دېگەن ۋە ئال لاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بويىچە ھۆكۈم قىلغان: ﴿ سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلى ڭلار ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار﴾(1 »(2) )
(1) تەلاق سۈرىسى 1- ئايەت
(2) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ھەدىس لەرنىڭ تۈرلىرى ھەدىسنىڭ بىَگەي ېتىپ كېلىش جەھەتتىن تۈرگە بۆلۈن ىشى (1 )
جاۋاب: ھەدىس بىزگە يېتىپ كېلىش جەھەتتىن«مۇتەۋاتىر » ۋە«ئاھاد »دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
جاۋاب: مۇتەۋاتىر- ئادەتتە يالغانغا چىقى رىشقا قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان، بىرىنچى سەنەدتى ( ن ئاۋۋالقى رىۋايەتچىدىن) ئاخىرىقىسىغا قەدەر«ئەڭ ئىشەنچلىك »دېگەن سۈپ ىتىنى يوقاتمىغان بىر توپ كىشىلەر تەرىپىدىن بىر خىل لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ھەد ىس دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: مۇتەۋاتىرنىڭ 4: شەرتى بولۇپ، ئۇلار (1، ) رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولىشى (2 ) رىۋايەتچىلەرنىڭ ئادەتتە يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە، ئىشەنچلىك بولىشى
(3) رىۋايەت قىلغۇچىلار سا نىنىڭ كۆپ بولىشىدىن ئىبارەت بۇ شەرتنىڭ بارلىق، تەبىقىلەردە شۇ كۆپلىكى بىلەن تېپىلىشى (4 ) رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ رىۋايەت قىلىشتىكى ئىلمىي ھېسسىي ئىلىم بولىشى يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ياكى ئۇنىڭ قىلغىنىنى كۆرگەن بولىشى شەرتتۇر ئىسلام ئۆلىم الىرى يۇقىرىقى شەرتلەرگە توشقان مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى ئۈچۈن دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ۋە مۇنداق ھەدىسلەرنى شەرتسىز قوبۇل ق ىلىش لازىملىقىنى قارار قىلىدۇ.
جاۋاب: مۇتەۋاتىر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، مۇتەۋاتىر لەفزى (تېكىستىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتەۋاتىر)، ئىككىنچىسى مۇتەۋاتىر مەنىۋى (مەنىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتەۋاتىر)دۇر:
(1) مۇتەۋاتىر لەفزى — ھەر بىر تەبىقىدە ئادەتتە يالغان ئېيتىشى كۈتۈلمەيدىغان دەرىجىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن بىر خىل تېكىست بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن ھەدىس دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: «كىمكى قەستەن مېنىڭ نامىمدىن يالغان ھەدىسنى توقۇيدىكەن، ئۆزىنىڭ ئورنىنى دوزاختىن تەييارلاپ قويسۇن» دېگەن ھەدىس مۇشۇ بىر خىل تېكىست بىلەن 62 ساھابە تەرىپىدىن بىر خىل رىۋايەت قىلىنغان.
(2) مۇتەۋاتىر مەنىۋى — ھەر بىر تەبىقىدە ئادەتتە يالغان ئېيتىشى كۈتۈلمەيدىغان دەرىجىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل تېكىستلەر بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىر خىل مەنىدە كەلگەن ھەدىس دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: دۇئادا ئىككى قولنى كۆتۈرۈش ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 100 گە يېقىن ھەدىس كەلگەن. ئۇلارنىڭ تېكىستى ھەر خىل بولسىمۇ، ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
جاۋاب: ئاھاد- رىۋاتچىلىرىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىسلەر دېمەكتۇر ئاھاد تۈرىگە كىرىدىغان ھەدىسلەرمۇ تۆۋەندىكىلەرگە ئايرىلىدۇ:
(1) غەرىب- بىرلا كىشى تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس
(2) ئەز ىز- ئىككى كىشى تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس (3 ) مەشھۇر–ئۈچ ياكى سانى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمەيدىغان كۆپ كىشىلەر: تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس مەسىلەن«مۇسۇلمان- باشقىلار ئۇنىڭ قولى ياكى تىلى بىلەن زىيان يېتىشتىن ئامان بولغان كىشىدۇر »دېگەن ھە دىسكە ئوخشاش بۇ ھەدىس مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، مەشھۇر ھەدىستۇر كۆپ سانلىق ئۆلىمالار بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردىن راستلىق شەرتىگە توشقانلىرىغا ئەمەل قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ ھەدىسنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە رەت قىلىش تەرەپتىن تۈر لىنىشى.
جاۋاب: ھەدىس قوبۇل قىلىش ۋە رەت قىلىش تەرەپتىن«مەقبۇل » ۋە«مەردۇد » دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
جاۋاب: مەقبۇل ھەدىس- قوبۇل قىلى، نىدىغان ھەدىس دېگەن مەنىدە بولۇپ مەقبۇل ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا شەرتسىز ئەمەل قىلىنىدۇ.
جاۋاب: مەردۇد ھەدىس- رەت قىلىنغان ھەدىس دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەردۇد ھەدىسقا ئەمەل قىلىنمايدۇ مەقبۇل ھەدىس ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى.
جاۋاب: مەقبۇل ھەدىس«سەھىھ» ۋە«ھەسەن» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ «سەھىھ »ھەدىس.
جاۋاب: سەھىھ– لۇغەتتە ساغلام دېگەن مەنىدە بولۇپ، كېسەلنىڭ ئەكسىنى ئىپادىلەيدۇ ئەمما سەھىھ ھەدىس- )ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىستىلاھىدا، سەنەدى (رىۋايەت زەنجىرى ئەڭ ئاۋۋال رىۋايەت قىلغان كىشىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى كىشىگە قەدەر قوبۇل قىلىشنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىگە توشقان ھالدا باغلىنىپ كەلگەننىڭ سىرتىدا، رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى تەقۋالىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈن كىشىلەردىن بولغان ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىستۇر.
جاۋاب: قانداقلا بىر ھەدىسنى «سەھىھ » دەپ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى 5: شەرتنىڭ بولىشى شەرتتۇر (1 )سەنەدلەرنىڭ باغلىنىشى يەنى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ھەر بىرىنىڭ شۇ ھەدىسنى ئۆزىدىن ئال، دىنقى كىشىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان بولىشى (2) ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق، تەقۋادار، ھەر، قانداق بىر ئەخلاقىي ئەيىبلەردىن گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراقلىقى بىلەن تونۇلغان كىشىلەردىن، بولىشى (3) ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى، ئاڭلىغان ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسى چۈشىنىدىغان، ئاڭلىغان ۋاقتىدىن ئۇنى يەنە بىرىگە رىۋايەت ق ىلىپ، بەرگەنگە قەدەر تېكىستلىرىدىن بىر قىسمىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولىشى (4) مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئۇنى رىۋايەت قىلغۇچىدىن ئىشەنچلىكرەك كىشىلە رنىڭ، رىۋايەتلىرىگە لەۋزىدە ياكى مەنىسىدە ياكى ھەر ئىككىلىسىدە زىت كەلمىگەن بولىشى (5) مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن ئىللەتلەردىن خالىي بولىشىدۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە، سەھىھ ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشنى ڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاقتۇر سەھىھ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلارنىڭ سانى مەيلى كۆ، پ بولسۇن مەيلى ئاز بولسۇن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش زۆرۈردۇر.
جاۋاب: ھەسەن–لۇغەت تە چىرايلىق، ئېسىل، گۈزەل دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ ھەسەن ھەدىس- ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىستىلاھىدا، خۇددى سەھىھ ھەدىسكە ئوخشاش سەنەدى (رىۋايەت زەنجىرى) ئەڭ ئاۋۋال رىۋايەت قىلغان كىشىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى كىشىگە قەدەر ق وبۇل قىلىشنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىگە توشقان ھالدا باغل ىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، رىۋايەتچىلىرىنىڭ بىر ياكى ئىككىسىدە ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولمىغان لىقتىن«سەھىھ»دەرىجىس ىگە يېتەلمىگەن ھەدىستۇر «ھەسەن ھەدىس» ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى جەھەتتىن«سەھىھ ھەدىس» كە ئوخشاشتۇر چۈنكى ھەر ئىككىسىگە شەرتسىز ئەمەل قىلىنىدۇ.
جاۋاب: سەھىھ ھەدىس بىلەن ھەسەن ھەدىسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن ئاز، بولۇپ ھەر ئىككىسى پۈتۈن شەرتلىرىدە بىر، پەقەت ئەستە تۇتۇش شەرتىدە سەھىھ ھەدىس ئۈچۈن قويۇلغان تەلەبتىن ھەسەن ھەدىس ئۈچۈن قويۇلغان تەلەپ يېنىكرەك بولغان.
جاۋاب: مەردۇد ھەدىسنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، مۇھىملىرى«زەئىپ»، «مەۋزۇ » ھەدىسلەردۇر.
جاۋاب: زەئىپ ھەدىس-، ئاجىز ھەدىس دېگەن مەنىدە بولۇپ«سەھىھ» ياكى«ھەسەن» دەرىجىسىگە يېتىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولمىغان ھەدىس دېگەنلىك تۇر «زەئىپ » دېگەن ب ۇ ئاتالغۇ قايسىبىر سەۋەب بى لەن قوبۇل قىلىشتىن رەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلغان بىر ئاتالغۇدۇر.
جاۋاب: زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ رەت قىلىنىشى مۇنۇ ئىككى سە: ۋەبنىڭ بىرىگە ئاساسلىنىدۇ (1 ) سەنەدنىڭ باغلانمىغانلىقى يەنى رىۋايەت زەنجىرىنىڭ باشتىن ئاخىرىغىچە باغلىنىپ كەلمەستىن، ئوتتۇرىسىدىن بىرەر كىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى (يەنى ئالدىنقىسىدىن رىۋا يەت قىلغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولمىغانلىقى ياكى ھەر خىل سەۋە بلەر بىلەن ئىككىسىنى ڭ، )ئۇچرىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى كىشىنىڭ ئالدىنقى كىشىدىن ب ۇ ھەدىسنى قانداق ئاڭلىغانلىقى شەك ماۋزۇسى بولۇپ قالغانلىقى
(2) رىۋايەت قىلغۇچىسىنىڭ تەقۋالىقي اكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تەرە پ تىن ئىشەنچكە ئېرىشەلمىگەنلىك دۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى زەئىپ ھەدىسل ەرگە ئەمەل قىلماسلىقنى قارار قىلغان بولۇپ، بەزىلىرى زەئىپ ھەدىسلەرگە دىننىڭ روھىغا زىت كەلمەسلىكى شەرتى بىلەن ۋەز- نەسىھەت قىلىشتاياخشى ئىشلارغا تەرغىب قىلىشتا ئەمەل قىلىشنىڭ جائىزلىقىنى سۆز لىگەن يالغان ھەدىس.
