تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

يولۇچىلار ۋە باشقا نامازلار

يولۇچىلار نامىزى (قەسرى ۋە مۇقاملار ھۆكمى) (سوئال 429 – 433)

بۆلۈم: “يولۇچىلار نامىزى (قەسرى ۋە مۇقاملار ھۆكمى) (سوئال 429 – 433)”
429سوئال:يولۇچى نامىزى دېگەن قايسى ناماز؟#

جاۋاب: يولۇچى نامىزى – سەپەر ئۈستىدە بولغانلارنىڭ بەش ۋاخ نامازلارنىڭ پەرزلىرىنى قەسر قىلىپ (4 رەكئەتنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇشى دېگەنلىكتۇر.

430سوئال:شەرىئەتتە قانداق كىشى يولۇچى ھېسابلىنىدۇ؟#

جاۋاب: شەرىئەتتە يولۇچىلىق بەلگىلىك بىر مۇساپىگە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. 15 كۈندىن ئاز تۇرۇش نىيىتى بىلەن 85 كىلومېتىرلىق بىر مۇساپىنى نىيەت قىلىپ يولغا چىققان كىشى يۇرتىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ يولۇچى ھېسابلىنىدۇ. 85 كىلومېتىرلىق بۇ مۇساپىنى مەيلى ئايروپىلان بىلەن، مەيلى پويىز بىلەن، مەيلى باشقا قاتناش قوراللىرى بىلەن، مەيلى پىيادە باسسۇن، ھەرھالەتتە بۇ سەپەر يولۇچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

431سوئال:يولۇچىلارغا ئائىت ھۆكۈملەر قايسىلار؟#

جاۋاب: يولۇچىلارغا ئائىت ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىلەر: (1) يولۇچىلار تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى قەسر قىلىپ (ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇيدۇ. ئەمما ئىككى رەكئەتلىك ۋە ئۈچ رەكئەتلىك پەرزلەر قىسقارتىلمايدۇ، بەلكى تولۇق ئوقۇلىدۇ. (2) يولۇچىلار بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن، پېشىن، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇمايدۇ(1). ئەمما ۋىتىر نامىزى، بامداتنىڭ سۈننىتى، تەھەججۇد نامىزى، چاشگاھ نامىزى، تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى قاتارلىقلارنى ئوقۇيدۇ. (3) يولۇچىلار ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ بىر ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ («نامازلارنى جەمئى قىلىش» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى). (4) يولۇچىلار تاھارەت بىلەن كىيىلگەن (مەسھى قىلىشقا سالاھىيەتلىك) ئاياق كىيىملىرى ياكى قېلىن پايپاقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ كېچە كۈندۈز مەسھى قىلسا بولىدۇ («ئاياق كىيىملەرگە مەسھى قىلىش» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى). (5) يولۇچىلار رامىزاندا خالىسا روزا تۇتىدۇ، خالىسا تۇتمايدۇ. يولۇچىلىقى تاماملانغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ. ئەمما رامىزاندا قىينىلىپ قالمىسا تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر. (6) يولۇچىلىق مۇددىتى — كىشى ئۆز مەھەللىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ تاكى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئۆز يۇرتىغا ياكى تۇغۇلغان يۇرتى بولمىسىمۇ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەردىكى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ يولۇچىلىق مۇددىتى تۈگىگەن بولىدۇ ۋە نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇشقا باشلايدۇ. (7) سەپەردە نامازنى قازا قىلغان كىشى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى سەپەردىكى بويىچە قەسر قىلىپ ئوقۇيدۇ. مۇقىملىق ھالىتىدە قازا قىلغان نامازلارنى سەپەردە ئادا قىلماقچى بولسا تولۇق ئوقۇيدۇ، شۇنىڭدەك ئولتۇراقلىشىپ قالغان يۇرتتىن تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان كىشىمۇ نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇيدۇ. (8) يولۇچى مۇقىم (يولۇچى بولمىغان) ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا، تۆت رەكئەتنى تولۇق ئوقۇيدۇ. ئارتۇق ئوقۇغان كېيىنكى ئىككى رەكئەت ناماز نەپلە نامىزى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. (9) يولۇچى مۇقىملارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولسا، نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋۋال جامائەتلەرگە ئۆزىنىڭ يولۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ياكى سالامدىن كېيىن «مەن يولۇچىمەن، نامىزىڭلارنى تولۇقلاڭلار» دەپ قويۇشى ياخشىدۇر. يولۇچى ئىمام ئىككى رەكئەتتىن كېيىن سالام بەرگەندە، جامائەت سالام بەرمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قالغان ئىككى رەكئەتنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇپ تاماملاپ بولۇپ، ئاندىن سالام بېرىدۇ. (10) يولۇچى بىرەر ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، بۇ نامازنى يول ئۈستىدە ئوقۇماقچى بولسا، قەسر قىلماستىن، تۆت رەكئەت قىلىپ تولۇق ئوقۇيدۇ. چۈنكى بۇ ناماز ئۇنىڭ مۇقىملىق ھالىتىدە ئۇنىڭ زىممىسىگە تۆت رەكئەت بولۇپ تەيىنلىنىپ بولغان بولىدۇ.

(1) چۈنكى «سەھىھۇلبۇخارى»دىكى 1102-ھەدىستە، «سەھىھ مۇسلىم»دىكى 689-ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەپەردە بۇ سۈننەتلەرنى ئوقۇمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
432سوئال:مۇقىمنىڭ يولۇچىلىق ھۆكۈمىگە كىرىشىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: مۇقىم تۆۋەندىكى شارائىتلاردا يولۇچىلىق ھۆكۈمىگە كىرىپ نامازلارنى قەسرى قىلىپ ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ: (1) سەپەر قىلىشقا بەل باغلاپ يولغا چىقىش. سەپەر مەيلى ئىبادەت ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ساياھەت ياكى تىجارەت ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى گۇناھ ئىشلەش ئۈچۈن بولسۇن پەرقى يوق. (2) يولغا چىقىپ مەھەللىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىدىن ئايرىلىشى. يولغا چىقماستىن، سەپەرنى نىيەت قىلغان كىشى يولغا چىقمىغىچە شەرىئەتنىڭ كەڭچىلىكلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان يولۇچى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. (3) سەپەر مۇساپىسىنىڭ 85 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى شەرتتۇر(1).

(1) الدر المختار 1-توم، 723-بەت؛ مراقي الفلاح 71-بەت.
433سوئال:يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكۈمىگە كىرىشىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكۈمىگە كىرىپ نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) يولۇچىنىڭ بارغان يېرىدە 15 كۈندىن كۆپرەك تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىشى. يولۇچى بارغان يېرىدە 15 كۈندىن كۆپ تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈتۈشى بىلەنلا مۇقىملىق ھۆكۈمىگە كىرىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نامازلارنى تولۇق ئوقۇيدۇ. ئەمما 15 كۈن تۇرۇش بىرلا شەھەرگە مەخسۇس بولماستىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ شەھەرلەردە تۇرىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا مۇقىم ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدىن 15 كۈنلۈك سەپەرنى نىيەت قىلىپ يولغا چىققان يولۇچى بۇ 15 كۈننىڭ يېرىمىنى خوتەندە، قالغان يېرىمىنى قەشقەردە ئۆتكۈزمەكچى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇقىم ئەمەس، بەلكى يولۇچى ھېسابلىنىدۇ. (2) يولۇچىنىڭ تۇرماقچى بولغان يېرىنىڭ مۇقىم بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولۇشى شەرتتۇر. مەسىلەن: بىراۋ سەپەرگە ئاتلىنىپ ئۆيىدىن چىقىپ، مەھەللىسىنىڭ قاتناش بېكەتلىرىنىڭ بىرىدە ياكى يول ئۈستىدىكى بېكەتلەردە قاتناش كۈتۈپ ياكى باشقا ئېھتىياجلىرى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ تۇرۇشى يولۇچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن كۈتۈش جەريانىدا ۋاقتى كىرگەن نامازلارنى قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ(1).

(1) تحفة الفقهاء 52-بەت.

ھېيت نامازلىرى ۋە تەشرىق تەكبىرلىرى (سوئال 434 – 442)

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرى ۋە تەشرىق تەكبىرلىرى (سوئال 434 – 442)”
434سوئال:ھېيت نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: ھېيت سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: قايتىش، قايتىلاش ۋە بىرىنى-بىر يوقلاش دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا – ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ھەر يىلى خۇشاللىقنى قايتىلاپ بېرىشى دېمەكتۇر. بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزا ھېيتى، يەنە بىرى قۇربان ھېيتىدۇر. ھەر ئىككى ھېيتتا ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىبتۇر.

435سوئال:ئىككى ھېيت نامىزى كىملەرگە ۋاجىب بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇش جۈمە نامىزى پەرز بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاجىبتۇر.

436سوئال:ھېيت نامازلىرى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: ھېيت نامازلىرى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن تولۇق چىقىپ تەخمىنەن 30 مىنۇتتىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. كۈن تولۇق چىقىپ بولماستىن ئوقۇلغان ھېيت نامىزى ئادا تاپمايدۇ، بەلكى ئۇ نەپلە نامىزى ھېسابلىنىدۇ. ھېيت نامازلىرىنىڭ ۋاقتى پېشىننىڭ ئالدىنقى ۋاقىتلىرىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ، خۇتبىنى ئاڭلاش سۈننەتتۇر. ھېيت نامازلىرى جامىلاردە ياكى چوڭ مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ. كىچىك مەسجىدلەردە ئوقۇش مەكرۇھتۇر(1).

(1) مراقي الفلاح 90-بەت؛ الدر المختار 1-توم، 779-بەت.
437سوئال:ھېيت نامازلىرى قانداق ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى رەكئەتتىن ئىبارەت ھېيت نامازلىرىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە)دىن كېيىن، ئىمام جاراڭلىق ئاۋازدا ئۈچ قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ھەر بىر تەكبىردە قوللىرىنى قۇلاقلىرىغا كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە تەكبىردىن كېيىن قوللىرىنى ئىككى يان تەرىپىگە چۈشۈرىدۇ. پەقەت ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن قوللار يان تەرەپكە چۈشۈرۈلمەستىن، كىندىكنىڭ ئۈستىگە قويىلىدۇ. ئاندىن ئىمام فاتىھە سۈرىسى بىلەن يەنە بىر سۈرە ئوقۇپ بولۇپ، تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا ئەگىلگەندە، جامائەتمۇ بىرگە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە بىرگە سەجدىلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرۇشىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتە ئىمام قىرائەت (فاتىھە بىلەن يەنە بىر سۈرە)نى ئوقۇپ بولۇپ، رۇكۇغا ئەگىلىشتىن ئاۋۋال يەنە ئۈچ قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئۈچ تەكبىرنى خۇددى ئالدىنقى رەكئەتتىكىدەك ئېيتىدۇ. ھەر قېتىمدا قوللار قۇلاقلارغا كۆتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئىككى يان تەرەپكە چۈشۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئىمام يەنە بىر تەكبىر بىلەن رۇكۇغا ئەگىلىدۇ. جامائەتمۇ بىرلىكتە رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ ئولتۇرىدۇ. ئاندىن «تەھىييات»، «سەللى»، «بارىك» ۋە «رەببەنا»لارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام ئىككى تەرەپكە سالام بېرىدۇ. جامائەتمۇ بىرگە سالام بېرىدۇ ۋە نامازدىن چىقىدۇ.

438سوئال:تەشرىق تەكبىرلىرى دېگەن قانداق تەكبىر؟#

جاۋاب: تەشرىق تەكبىرلىرى مۇنۇ تەكبىرلەردۇر: «اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَاللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، وَلِلَّهِ الْحَمْدُ» ئوقۇلىشى: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمدۇ».

439سوئال:تەشرىق تەكبىرلىرى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: تەشرىق تەكبىرلىرى - قۇربان ھېيتنىڭ ئەرفە (ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇنقى) كۈنى بامدات نامىزىدىن باشلاپ، ھېيتنىڭ 4-كۈنى ئەسىر نامىزىغىچە جەمئىي 23 ۋاخ نامازنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.

440سوئال:تەشرىق تەكبىرلىرىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: تەشرىق تەكبىرلىرىنى ھەر بىر پەرز نامازدىن كېيىن، مەيلى يالغۇز بولسۇن، مەيلى جامائەت بىلەن بولسۇن، مەيلى يولۇچى بولسۇن، مەيلى مۇقىم بولسۇن، ھەر قانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشىلەرنىڭ ئوقۇشى ۋاجىبتۇر.

441سوئال:تەشرىق تەكبىرلىرىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم قانداق قىلىدۇ؟#

جاۋاب: تەشرىق تەكبىرلىرىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمگە ئۇنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ(1).

(1) تحفة الفقهاء 60-بەت.
442سوئال:ھېيت نامازلىرىغا بېرىشتىكى سۈننەت ئەمەللەر قايسىلار؟#

جاۋاب: ھېيت نامازلىرىغا بېرىشتا سۈننەت بولغان ئىشلار مۇنۇلار: (1) روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېيىش. (2) قۇربان ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن يېمەسلىك. (3) ھەر ئىككى ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇپ، ئېسىل كىيىنىپ بېرىش. (4) ھەر ئىككى ھېيتتا سەدىقىنى كۆپ بېرىش. (5) ھەر ئىككى ھېيت نامىزىغا بېرىشتا يولدا تەكبىر ئېيتىپ بېرىش.

تەراۋىھ نامىزى ۋە رامىزان خەتمىسى (سوئال 443 – 451)

بۆلۈم: “تەراۋىھ نامىزى ۋە رامىزان خەتمىسى (سوئال 443 – 451)”
443سوئال:تەراۋىھ نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى - رامىزان ئېيىدا ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان مەخسۇس نامازدۇر.

444سوئال:تەراۋىھ نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئاخشاملىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. خۇپتەندىن بۇرۇن ئوقۇلسا تەراۋىھ ھېسابلانمايدۇ.

445سوئال:تەراۋىھ نامىزى قانچە رەكئەت؟#

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى 20 رەكئەت ئوقۇش ئەۋزەل، ئەمما 8 رەكئەت ئوقۇسىمۇ ئادا تاپىدۇ.

446سوئال:تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر.

447سوئال:تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش شەرتمۇ؟#

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئەۋزەل، ئەمما يالغۇز ئوقۇسىمۇ ئادا تاپىدۇ. ئەمما بۇ نامازنى بىر مەھەللىدە ھېچكىم جامائەت بولۇپ ئوقۇمىسا، شۇ مەھەللە جامائەتلىرىنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا جامائەت بولۇپ ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر(1).

(1) التسهيل الضروري لمسائل القدوري 87-بەت.
448سوئال:تەراۋىھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى تۆت رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى خۇپتەن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت پەرزىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى تۆت رەكئەتنىڭ ھەممىسىدە قىرائەت (فاتىھە بىلەن ئايەتلەر) ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ.

449سوئال:رامىزاندىكى تەراۋىھ نامىزى جەريانىدا قۇرئاننى خەتمە قىلىش شەرتمۇ؟#

جاۋاب: بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىش شەرت ئەمەس، ئەمما مۇنداق قىلىش ساۋابى كۆپ بولغان بەكمۇ ئەھمىيەتلىك سۈننەت ئەمەللىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈشكە باشلىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىدا قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن ئىنتايىن كۆپ مەشغۇل بولغان. تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغان شەكىلدە يېنىكرەك ئوقۇش ياخشىدۇر.

450سوئال:رامىزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيالمىغان ياكى كەم ئوقۇغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كېلەمدۇ؟#

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا ئوقۇيالمىغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سۈننەت ئەمەل. سۈننەتنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.

451سوئال:بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولىشى دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولۇشى توغرۇلۇق ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى ئىختىلاپلاشقان. بەزىسى دۇرۇس ئەمەس دېگەن قاراشتا بولسا، كۆپ سانلىقى دۇرۇسلىقىنى سۆزلىگەن. دۇرۇس دېگۈچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى)غا ئىمام بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن. ئەمما پەرز نامازلاردا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئىمام بولۇشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى بىرلىككە كەلگەن(1).

(1) الجوهرة النيرة شرح القدوري 1-توم، 99-بەت.

كېسەللەر نامىزى، كۇسۇف، خۇسۇف ۋە قورقۇنچ نامازلىرى (سوئال 452 – 460)

بۆلۈم: “كېسەللەر نامىزى، كۇسۇف، خۇسۇف ۋە قورقۇنچ نامازلىرى (سوئال 452 – 460)”
452سوئال:كېسەل كىشى نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟#

جاۋاب: كېسەل كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئۆرە تۇرالمىسا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرالمىسا ياتقان يېرىدە ئىشارەت-ئىما بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ.

453سوئال:ئۆرە تۇرالمايدىغان بىمار نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟#

جاۋاب: ئۆرە تۇرالمايدىغان ياكى ئۆرە تۇرسا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغان بىمار، ئولتۇرۇپ رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى نورمال كەيپىيىتى بويىچە قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالىغان بولسىمۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئولتۇرۇپ ئوقۇلغان نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى ئىما-ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ياستۇق ياكى ئورۇندۇق قويۇپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى سەجدە يەرگە قىلىنىدۇ. يەرگە سەجدە قىلالمىسا باشقا نەرسە ئۈستىگە سەجدە قىلمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سەجدە پەقەت ئىشارەت-ئىما بىلەنلا قىلىنىدۇ.

454سوئال:ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەن بىمار قانداق قىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار، ئىككى پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ ياتىدۇ. مۇمكىنچىلىك بولسا ئىككى پۇتىنى قىبلىگە ئۇزارتماسلىقى ئۈچۈن ئىككى تىزى ئازراق كۆتۈرىلىدۇ ۋە بىمارنىڭ ئاسمانغا قارىماستىن قىبلىگە قارىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ئېگىزرەك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئىما-ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ، قىبلىگە قاراپ ياتىدۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرگە بېشى بىلەن ئىما-ئىشارەت قىلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئوقۇغاندىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر(1).

(1) فتح القدير 1-توم، 375-بەت.
455سوئال:ئىما - ئىشارەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىما - ئىشارەت — نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرگە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە باشنى ئېگىش دېمەكتۇر. ئەگەر بىمار بېشى بىلەن ئىما-ئىشارەت قىلىشتىنمۇ ئاجىز كەلسە، كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ ئاجىز كەلسە نامازنى ئوقۇمايدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ كەچۈرىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە: ﴿فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ﴾ «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار»(1) دېيىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇنى تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭلار»(2) دېگەن. تاقىتى يەتمىگەنلىكتىن ئىبادەتلەرنى ئورۇندىيالمىغانلارنىڭ بۇ كەمچىلىكىنى ئاللاھ تائالا كەچۈرىدۇ.

(1) تەغابۇن سۈرىسى 14-ئايەت.
(2) بۇخارىي رىۋايىتى.
456سوئال:ئىستىسقا نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: ئىستىسقا - ئېھتىياج تۇيۇلغاندا مەخسۇس ناماز، خۇتبە ۋە دۇئالار ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت ۋە يامغۇر تىلەش دېمەكتۇر.

457سوئال:ئىستىسقا نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: ئىستىسقا نامىزىدا ئەزاننىڭ ئورنىغا: «الصَّلَاةُ جَامِعَةٌ» (ئەسسەلاتۇ جامىئەتۇن، يەنى توپلىنىپ ناماز ئوقۇلىدۇ) دەپ كىشىلەر نامازغا چاقىرىلىدۇ. ئاندىن ئەزان ياكى تەكبىر ئېيتماستىن، خۇددى ھېيت نامىزىغا ئوخشاش قىرائىتىنى ئۈنلۈك قىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدۇ. نامازدىن كېيىن ئىمام ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ. خۇتبىدە ئاللاھ تائالادىن يامغۇر سوراپ دۇئا قىلىنىدۇ.

458سوئال:كۇسۇف ۋە خۇسۇف نامازلىرى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: كۇسۇف - كۈننىڭ تۇتۇلۇشى، خۇسۇف - ئاينىڭ تۇتۇلۇشى دېگەنلىكتۇر. كۈن تۇتۇلغاندا ئاللاھتىن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشىنى سوراپ خۇددى جۈمە ياكى ھېيت نامازلىرىغا ئوخشاش جامائەت بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش سۈننەتتۇر. ئەمما ئاي تۇتۇلغان ۋاقىتتا جامائەت بولۇپ مەسجىدتە ياكى ھەركىم ئۆز ئۆيىدە ئۆز ئالدىغا خۇددى نەپلە نامازلارغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت خۇسۇف نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر.

459سوئال:قورقۇنچ نامىزى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قورقۇنچ نامىزى - دۈشمەن ياكى يىرتقۇچلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەھىمىسى ئېنىق بولغان شارائىتلاردا پەرز نامازلارنى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئايرىم كەيپىيات بىلەن ئوقۇش دېمەكتۇر.

460سوئال:قورقۇنچ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قورقۇنچ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِن وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَىٰ أَن تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُّهِينًا﴾ «(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن)، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن. كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى»(1). قورقۇنچ نامىزىدا ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن تۆۋەندىكى ئىككى ئىش جائىزدۇر: (1) ئۇرۇش ئەسناسىدا مۇجاھىدلارنىڭ پەرز نامازلارنى يۇقىرىقى ئايەتتە كۆرسىتىلگەن شەكلىدە ئوقۇشى جائىزدۇر. (2) شىددەتلىك قورقۇنچ تۈپەيلى مۇجاھىدلارنىڭ بىر يەرگە كېلىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى مۇمكىن بولمىغان شارائىتتا، ئۇلارنىڭ نامازلارنى ئۆزلىرى تۇرغان يېرىدە يالغۇز ئۆز ئالدىغا ئوقۇشى جائىزدۇر. شۇنداقلا قاتناش قوراللىرى ئۈستىدە بولۇپ، نامازنى تولۇق كەيپىيىتى بىلەن ئوقۇش قىيىن بولغاندا، قاتناش ئۈستىدە تۇرغان پېتى ئىما-ئىشارەت بىلەن ئوقۇشى جائىزدۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلەنگەن تەرىپى قىبلىگە توغرا كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن پەرقى يوقتۇر. يەنى قاتناش قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەن بولسا، شۇ تەرەپ ئۇلارنىڭ قىبلىسى بولۇپ بەلگىلەنگەن بولىدۇ.

(1) نىسا سۈرىسى 102-ئايەت.

مۇستەھەب ۋە نەپلە نامازلار (تەھەججۇد، تاۋاپ، تەۋبە، ئىستىخارە) (سوئال 461 – 477)

بۆلۈم: “مۇستەھەب ۋە نەپلە نامازلار (تەھەججۇد، تاۋاپ، تەۋبە، ئىستىخارە) (سوئال 461 – 477)”
461سوئال:مۇستەھەب نامازلار قانداق نامازلار ۋە ئۇلار قايسىلار؟#

جاۋاب: مۇستەھەب نامازلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە ئوقۇغان ياكى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىغا يول قويغان، تەكىتلىك سۈننەت دەرىجىسىگە يەتمىگەن نامازلار بولۇپ، تەكىتسىز سۈننەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى (2) چاشگاھ نامىزى (3) تەھەججۇد نامىزى (4) تاۋاپ نامىزى.

462سوئال:تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى - مەسجىدكە سالام بېرىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، قانداقلا بىر ۋاقىتتا، قايسىبىر مەقسەت بىلەن مەسجىدكە كىرگەن مۇسۇلمان كىشىنىڭ (ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلارنىڭ سىرتىدىكى قايسىبىر ۋاقىتتا) ئىككى رەكئەت «تەھىيەتۇل مەسجىد» نامىزى ئوقۇشى مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەسجىدكە كىرگىنىڭلاردا، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇماستىن ئولتۇرماڭلار»(1).

(1) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
463سوئال:چاشگاھ نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: چاشگاھ - قۇياش تولۇق چىقىپ بولغاندىن باشلاپ پېشىن ۋاقتىغا 45 مىنۇت قالغىچىلىك بولغان ۋاقىتلار دېمەكتۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاشگاھ نامىزىنى گاھىدا سەككىز رەكئەت، گاھىدا ئالتە رەكئەت، گاھىدا تۆت رەكئەت ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

464سوئال:تەھەججۇد (كېچە) نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: تەھەججۇد - كېچىدە ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئورۇندا كېچىلىرى ئوقۇلىدىغان ئىختىيارىي ناماز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. پەرز نامازلاردىن قالسا تەھەججۇد نامىزىنىڭ ساۋابى ناھايىتى كۆپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچە نامىزىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە: «كېچە نامىزىنى چىڭ تۇتۇڭلار، چۈنكى ئۇ ياخشىلارنىڭ ئادىتى، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدىغان ئەمەلدۇر»(1) دەپ كۆرسەتكەن.

(1) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
465سوئال:تەھەججۇد نامىزى قانچە رەكئەت ۋە قانداق ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئازى ئىككى رەكئەت، كۆپىنىڭ چېكى يوق. ھەر ئىككى رەكئەتتە ياكى تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇلىدۇ. ئەمما ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.

466سوئال:تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى قايسى؟#

جاۋاب: تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. بۇ ۋاقىت دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىشى ۋە گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلاردۇر.

467سوئال:تاۋاپ نامىزى دېگەن قايسى ناماز؟#

جاۋاب: كەبىنى تاۋاپ قىلغان كىشىلەر تاۋاپنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكئەت ناماز بولۇپ، ئۇنى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ(1) ئارقىسىغا كېلىپ تۇرۇپ ئىككى رەكئەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(2).

(1) مەقامۇ ئىبراھىم – ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندا ئۈستىگە دەسسەپ تۇرغان تاش بولۇپ، ئورنى كەبىنىڭ شەرقى-شىمال تەرىپىدىكى نەپىس شېشىنىڭ ئىچىدە.
(2) ئىمام تىرمىزى ۋە نەسائىي رىۋايىتى.
468سوئال:تاۋاپ نامىزىنى مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇش شەرتمۇ؟#

جاۋاب: تاۋاپ نامىزىنى مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇش ئەۋزەل بولسىمۇ، ئۇنى مەسجىد ھەرەمنىڭ قايسىبىر يېرىدە ئوقۇشقا بولىدۇ. خۇسۇسەن ھەج كۈنلىرىدىكىگە ئوخشاش ئادەم كۆپ، ھەرەم قىستىلاڭغۇ ۋاقىتلاردا بۇ نامازنى باشقا ئازادە جايدا ئوقۇش ياخشىدۇر.

469سوئال:نەپلە دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: نەپلە لۇغەتتە - زىيادە دېمەكتۇر. شەرىئەت ئىستىلاھىدا، پەرز، ۋاجىب ياكى سۈننەت بولمىغان، ئەمما دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان ئىختىيارىي ئەمەل-ئىبادەت دېمەكتۇر. نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى كۆپتۇر.

470سوئال:نەپلە نامازلىرى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: نەپلە نامازلىرىنى كېچە-كۈندۈزنىڭ (ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلارنىڭ سىرتىدا) قايسىبىر ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشقا بولىدۇ.

471سوئال:نەپلە نامازلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: نەپلە نامازلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر بىر قانچىسى بېرىلىدۇ: (1) تەۋبە نامىزى (2) ئىستىخارە نامىزى (3) ھاجەت نامىزى.

472سوئال:تەۋبە نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: تەۋبە نامىزى ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەب قىلىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، بۇ نامازنىڭ بۇيرۇلغانلىقىدا پۈتۈن ئىسلام ئۇلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئىككى ياكى تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن گۇناھلىرىغا كەچۈرۈم سورايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى چوقۇم مەغپىرەت قىلىدۇ»(1) دەپ كۆرسەتكەن.

(1) مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم م. ئالبانىينىڭ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»دىن.
473سوئال:تەۋبە نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: تەۋبە نامىزى، ئومۇمەن گۇناھ سادىر قىلغاندىن ياكى بۇ نامازنى ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈككەندىن كېيىنلا ھامان ئوقۇلىدۇ. گۇناھ قىلغان كىشى دەرھال تەۋبە قىلىشى لازىم. تەۋبىدىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشى ۋە گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ.

474سوئال:ئىستىخارە نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: ئىستىخارە - ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر. بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ-بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى بىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سىلەر بىرەر ئىشقا ئاتلانماقچى بولغاندا، ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇڭلار: ﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيمِ، فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلَا أَقْدِرُ، وَتَعْلَمُ وَلَا أَعْلَمُ، وَأَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي، فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي، ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، اللَّهُمَّ وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعاقِبَةِ أَمْرِي، فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ، وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ، ثُمَّ ارْضِنِي بِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن؛ سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن؛ سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىش (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نېسىپ قىلغىن، ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن»(1). ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىڭلارنى سوراڭلار». بۇ ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ-بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مەنىۋى ئىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇيدۇ. ئىستىخارە نامىزى خۇددى بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇپ بولۇپ ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ.

(1) بۇخارى رىۋايىتى.
475سوئال:ئىستىخارە قىلغان كىشى مەنىۋى بىشارەتنى قانداق ئالىدۇ؟#

جاۋاب: ئىستىخارە قىلغان كىشىنىڭ چۈشىدە بىر نەرسە كۆرۈشى شەرت ئەمەس. پەقەت ئىستىخارە قىلغاندىن كېيىن، كۆڭۈلنىڭ مايىللىقى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشنى قىلىشقا ئاتلىنىپ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشتا زىيان يوق.

476سوئال:ھاجەت نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجى بولغان كىشى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، نامازدىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىدۇ. ئاندىن ھاجەت دۇئاسىنى (ياكى ئۆزى بىلىدىغان دۇئالارنى) ئوقۇپ بولۇپ، ھاجىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئاللاھتىن سورايدۇ.

477سوئال:ھاجەت نامىزىدا قايسى دۇئانى ئوقۇش ئەۋزەل؟#

جاۋاب: ھاجەت نامىزىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش ئەۋزەل: ﴿لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْحَلِيمُ الْكَرِيمُ، سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ، الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ، أَسْأَلُكَ مُوجِبَاتِ رَحْمَتِكَ، وَعَزَائِمَ مَغْفِرَتِكَ، وَالْعِصْمَةَ مِنْ كُلِّ ذَنْبٍ، وَالْغَنِيمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ، وَالسَّلَامَةَ مِنْ كُلِّ إِثْمٍ، اللَّهُمَّ لَا تَدَعْ لَنَا ذَنْبًا إِلَّا غَفَرْتَهُ، وَلَا هَمًّا إِلَّا فَرَّجْتَهُ، وَلَا حَاجَةً هِيَ لَكَ رِضًا إِلَّا قَضَيْتَهَا يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تولىمۇ ھەلىمدۇر. ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر. ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلنى، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان تەۋبىنى، مېنى ھەر قانداق گۇناھتىن ساقلىشىڭنى، پۈتۈن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۈرۈشىڭنى ۋە ھەرقانداق يامانلىقتىن ئامان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بەرگىن ۋە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق ھاجەتلىرىمنى راۋا قىلىپ بەرگىن، ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكى بولغان ئاللاھ!» يۇقىرىقىلاردىن باشقا نەپلە نامازلىرى كۆپتۇر.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.