تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسى ھەم ماھىيىتى (سوئال 116 – 119)

بۆلۈم: “قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسى ھەم ماھىيىتى (سوئال 116 – 119)”
116سوئال:قەدەر (تەقدىر) دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قەدەر — ئاللاھنىڭ كائىناتتا بولىدىغان ھەرقانداق ۋەقە-ھادىسىلەرنى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ قىلىدىغان بارلىق ياخشى-يامان سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئالدىنئالا بىلىپ، شۇ بويىچە بەلگىلىشى دېمەكتۇر.

(1) قەمەر سۈرىسى 49-ئايەت
(2) يۇنۇس سۈرىسى 61-ئايەت
117سوئال:قازا دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قازا — ئاللاھنىڭ شۇ ئالدىنئالا بىلگىنى ۋە بەلگىلىگىنىگە ئاساسەن، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ۋە ئىجرا قىلىشى دېمەكتۇر.

118سوئال:قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟#

جاۋاب: تەقدىر ئىنساننى مەجبۇرلايدىغان بىرلا يول ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ تاللىشى بىلەن باغلىق تارماق يوللارغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانغا تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. ئاللاھ بەندىنىڭ كەلگۈسىدە نېمىنى تاللايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ يېزىپ قويغان، شۇڭا تەقدىر كىشىنى زورلاش ئەمەس.

(1) تەكۋىر سۈرىسى 29-ئايەت
119سوئال:قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: تۆۋەندىكى 4 ھەقىقەتكە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) كائىناتتىكى ھەرقانداق پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدىغانلىقى. (2) ئىنسانلارغا يېتىدىغان بارلىق ياخشىلىق ۋە بەختسىزلىكلەرنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقى. (3) ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ھەرىكەت ۋە تۇرمۇشى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقى. (4) ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى تاللاش ئىختىيارىنىڭ ئۆزىدە بارلىقى.

(1) ھەدىد سۈرىسى 22-ئايەت
(2) ئەنئام سۈرىسى 17-ئايەت
(3) مۇلك سۈرىسى 15-ئايەت

قازا-قەدەر بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پايدىسى (سوئال 120 – 122)

بۆلۈم: “قازا-قەدەر بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پايدىسى (سوئال 120 – 122)”
120سوئال:قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟#

جاۋاب: كېسەللىك، يوقسۇللۇق ۋە كۈلپەتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلىش پەرزدۇر. «تەقدىردە نېمە بولسا شۇ بولىدۇ» دەپ سەۋەب قىلماستىن ئولتۇرۇۋېلىش گۇناھتۇر ۋە ئىسلامغا زىتتۇر.

121سوئال:قازا ۋە قەدەرگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟#

جاۋاب: كائىناتتىكى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدۇ، ئىنسان بولسا ئاللاھ بەرگەن ئەقىل ۋە ئىختىيار بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئاللاھ ياخشىلىققا رازى بولىدۇ، يامانلىققا رازى بولمايدۇ دەپ ئىمان ئېيتىش لازىم.

122سوئال:قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى نېمە؟#

جاۋاب: مۇسىبەت كەلگەندە ئۆزىنى يوقاتماي سەۋر قىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا كۆرەڭلەپ كەتمەي شۈكۈر قىلىدۇ. كۆڭلى خاتىرجەم، روھى كۈچلۈك بولىدۇ.

ھىدايەت ۋە زالالەت ئەھكاملىرى (سوئال 123 – 127)

بۆلۈم: “ھىدايەت ۋە زالالەت ئەھكاملىرى (سوئال 123 – 127)”
123سوئال:ھىدايەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھىدايەت — توغرا يول، توغرا يولغا يېتەكلەش دېمەكتۇر.

124سوئال:زالالەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: زالالەت — ئازغۇنلۇق، ھەق يولدىن چەتنەش دېمەكتۇر.

125سوئال:بەندىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ئازدۇرۇۋېتىش راستتىنلا ئاللاھتىنمۇ؟#

جاۋاب: ھەئە، ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇش ئاللاھتىندۇر. ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچكىم ھىدايەتكە كېلەلمەيدۇ.

(1) فاتىر سۈرىسى 8-ئايەت
126سوئال:ئاللاھ قانداق ئادەملەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە قانداق ئادەملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ؟#

جاۋاب: ھىدايەتنى خالاپ تىرىشقان، تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلەنگەنلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ؛ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ پاسىقلىقنى تاللىغانلارنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

(1) نەجم سۈرىسى 30-ئايەت
(2) سەف سۈرىسى 5-ئايەت
(3) رەئد سۈرىسى 27-ئايەت
127سوئال:قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەب قىلىشقا زىت كېلەمدۇ؟#

جاۋاب: ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. سەۋەب قىلىش ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى، نەتىجىنى يارىتىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ».

(1) نەجم سۈرىسى 39-ئايەت

تەۋەككۈل ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى (سوئال 128 – 129)

بۆلۈم: “تەۋەككۈل ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى (سوئال 128 – 129)”
128سوئال:تەۋەككۈل قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟#

جاۋاب: شەرىئەتتە: ئاللاھقا چىن ئىشەنچ بىلەن يۆلىنىش ۋە ئىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش دېمەكتۇر.

129سوئال:تەۋەككۈل قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟#

جاۋاب: ئاۋۋال قولىدىن كېلىشىچە بارلىق سەۋەبلەرنى تولۇق قىلىش، ئاندىن نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ يۆلىنىشتۇر. سەۋەب قىلماستىن تەۋەككۈل قىلىش ساختا تەۋەككۈلدۇر.

قازا-قەدەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب (سوئال 130 – 131)

بۆلۈم: “قازا-قەدەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب (سوئال 130 – 131)”
130سوئال:توغرا يولغا ئەگەشمەسلىكنى ۋە گۇناھنى تەقدىردىن كۆرۈش توغرىمۇ؟#

جاۋاب: توغرا ئەمەس، بەلكى نادانلىق ۋە ئاللاھقا قىلىنغان بۆھتاندۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل ۋە تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن.

(1) بەلەد سۈرىسى 8-10 ئايەتلەر
(2) ئەنئام سۈرىسى 148-ئايەت
131سوئال:ئاللاھنىڭ تەقدىردە يېزىپ بولغانلىقى شۇ ئىشقا زورلىغانلىقى بولامدۇ؟#

جاۋاب: ياق، ئالدىن بىلىپ يېزىپ قويۇش مەجبۇرلىغانلىق ئەمەس. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ پەرەز قىلىپ يېزىپ قويسا، بۇ مەجبۇرلىغانلىق بولمىغاندەك، ئاللاھنىڭ ئالدىن بىلىپ يېزىپ قويۇشىمۇ بەندىنى زورلىغانلىق ئەمەس.

ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىن تاشقىرى ئىشلار ۋە لەۋھۇلمەھپۇز (سوئال 132 – 134)

بۆلۈم: “ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىن تاشقىرى ئىشلار ۋە لەۋھۇلمەھپۇز (سوئال 132 – 134)”
132سوئال:ئىنساننىڭ ئىختىيارىدا بولمىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە جايى، ئاتا-ئانىسى، جىنسى، بويى، چىرايى، تۇغما قىزىقىش ۋە ئەجىلى قاتارلىقلار ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىن تاشقىرى ئىشلاردۇر. ئىنسان بۇلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

133سوئال:لەۋھۇلمەھپۇز دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: لەۋھۇلمەھپۇز — ئاللاھ ئەزەلدە كائىناتتىكى بارلىق ھادىسە ۋە ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويغان مۇھاپىزەتلىك چوڭ تاختا (دەپتەر) دېمەكتۇر.

(1) بۇرۇج سۈرىسى 21-22 ئايەتلەر
134سوئال:بەندىلەرنىڭ ئىشلىرى قانداق خاتىرىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: ھەربىر ئىنساننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە كېرامەن كاتىبىن (ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر) بولۇپ، پۈتۈن سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئېنىق خاتىرىلەپ ماڭىدۇ.

(1) ئىنفىتار سۈرىسى 10-12 ئايەتلەر
(2) قاف سۈرىسى 17-18 ئايەتلەر
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.