تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ھەرەمەين، كەبە ۋە مەسجىدى ئەقسا

مەككە، كەبەتۇللاھ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ پەزىلىتى (سوئال 1846 – 1870)

بۆلۈم: “مەككە، كەبەتۇللاھ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ پەزىلىتى (سوئال 1846 – 1870)”
1846سوئال:مەككە مۇكەررەمە شەھىرى قانداق شەھەر؟#

جاۋاب: مەككە مۇكەررەمە– ئىسلام دىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا پارلىغان مۇقەددەس جاي پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى تەل پۈنۈپ تۇرىدىغان مەنىۋى مەركىزىدۇر مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا، دۇئالىرىدا ۋە باشقىمۇ دىنى پائالىيەتلىرىدە يۈزلىنىدىغان قى بلىسى، ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىدە تاۋاپ قىلىدىغان ئورنى بولغان كەبە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە جايلاشقان بۇ ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەز رىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن ئۇلۇ ۋە مۇبارەك شەھەر.

(1) ) ئال ئىمران سۈرىسى96 - ئايەت.
1847سوئال:مەككە مۇكەررەمە شەھىرى قاچان بارلىققا كەلگەن؟#

جاۋاب: مەككە ئىلگىرى جانلىق ياشىمايدىغان قاقاس ۋادى بولۇپ، مىلادىيىدىن تەخمىنەن 2000 يىللار بۇرۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشى ۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ جايدىن زەمزەم ب لىق ۇ ى چىقىشى بىلەن يىراقتىكى قەبىلىلەر كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلى شى نەتىجىسىدە مەككە مۇكەر رەمە شەھىرى بارلىققا كە لگەن.

(1) ) ئال ئىمران سۈرىسى96 - ئايەت.
1848سوئال:مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە كىملەر ئولتۇراقلاشقان؟#

جاۋاب: مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئومۇمەن ئەرەبلەر ئولتۇراقلاشقان كېيىنچە بۇ شەھەر شا ( م سۈرىيە)، يەمەن ۋە شەرقىي شىمالىي ئافرىقا، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى ئارىسىدا قاتنايدىغان كارۋانلارنىڭ سودا– سېتىق قىلىش مەركىزىگە ۋە چ ۈشۈپ ئۆتىدىغان ئۆتىڭىگە ئايلانغان كېيىنچە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئەمالىقىلەر، ئاندىن جۇرھۇملار ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان.

(1) ) ئال ئىمران سۈرىسى96 - ئايەت.
1849سوئال:مەككە مۇكەررەمە شەھىرى قاچاندىن بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرىيىنىڭ 8 -يىلى ( )م مەككىنى ئازات قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس مەركىزىگە ئاي لانغان شۇنىڭدىن بىرى بۇ شەھەر مۇسۇلمانلارنىڭ باشق ۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە مەسجىدى ھەرەم.

(1) ) ئال ئىمران سۈرىسى96 - ئايەت.
1850سوئال:مەسجىدى ھەرەم قانداق مەسجىد؟#

جاۋاب: مەسجىدى ھەرەم ― يەر يۈزىدىكى جىمى مەسجىدلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىدۇر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەسجىدى: ھەرەمنى تەرىپلەپ﴿ ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر﴾(1) دېگەن مەسجىدى ھەرەم مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان

(1) ئال ئىمران سۈرىسى 96 - ئايەت.

(1) ) ئال ئىمران سۈرىسى96 - ئايەت.
1851سوئال:مەسجىدى ھەرەمنىڭ ھازىرقى كۆلىمى قانچىلىك؟#

جاۋاب: مەسجىدى ھەرەمنىڭ ھازىرقى كۆلىمى 190 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدا بۇرۇن 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايتتى داۋاملىق كېڭەي تىلىپ كەلدى 1960 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى 250 مىلي ون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ مەسجىدى ھەرەمنى كېڭەيتىپ ياساپ چىقىپ، بىرلا ۋاقىت تا مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىغان، ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلارمۇ قىستالمايدىغان ھ الەتكە كەلتۈرگەن 1988 - يىلى مەسجىدى ھەرەمنى كېڭەيتىش پىلانى بويىچە قۇرۇلۇش، باشلىنىپ 1994 - يىلىنىڭ بېشىدا بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغان ھازىر مەسجىدى ھەرەمدە بىرلا ۋاقى تتا 900 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئازادە ناماز ئوقۇيالايدۇ مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئاستىغا پۈتۈنل ەي ئىسسىقنى ئۆتكۈزمەيدىغان مەرمەر تاش بېس ىلغان مەسجىدى ھەرەمنىڭ يەتتە جايىدا ھەر ب ىرىنىڭ ئېگىزلىكى 92 مېتىر كېلىدىغان يەتتە چوڭ مۇنارىسى بار مەسجىدى ھەرەمنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى.

1852سوئال:مەسجىدى ھەرەمقاچان بىنا قىلىنغان؟#

جاۋاب: مەسجىدى ھەرەمنىڭ تارىخى كەبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسا لامنىڭ زامانىدا كەبە بىنا بولغاندىن بىرى مەسجىدى ھەرەم مەۋجۇدتۇر ئادەم ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتۈپ بىر قانچە ئەسىرلەر جەريانىدا كەبە ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك يېقىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلىدىن باشقا پۈتۈن تاملىرى قۇم بارخانلىرى ئاستىداقا لغان ۋە مەسجىدى ھەر ەمنىڭمۇ ئىزى قالمىغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا كەلگەندە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق كەبىنىڭ ئورنىنى كۆرسەتكەن ۋە ئىبراھىم ئەل ەيھىسسالا م ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇلىنى قايتا قوپۇرۇپ چىققا ندا مەسجىدى ھەرە ممۇ ئەسلىگە كەلگەن ئىسلامدىن كېيىنكى مەسجىدى ھەرەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا مەسجىدى ھەرەم كېڭەيتىلمىگەن ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ھەرەمنىڭ دائىرىسىنى كېڭەي كەنت ۋە ئۇنىڭغا دەرۋازىلارنى بېكىتى كەن مەقامۇ ئىبراھىم ئەسلىدە كەبىنى ڭ تېمىغا چاپلاشتۇرۇلغان ھالدا بولۇپ، خەلىپە ئۆمەر ھاجىلارنىڭ تاۋاب قىلىش جەريان ىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەقامۇ ئىبراھىمنى كەبە تېمىدىن يىراقلا شتۇرۇپ ھازىرقى ئورنىغا بېكىت ەن ك شۇنىڭ بىلەن خەلىپە ئۆمەر تارىختا مەقامۇ ئىبراھىمنى كەبىنىڭت ېمىدىن يىراقلاشتۇرغان ۋە مەسجىدى ھەرەمگە دەرۋازىلارنى بېكىتكەن تۇنجى كىشى بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىغا كەلگەندە، خەلىپىنىڭ پەرمانى بىلەن مە سجىدى ھەرەم تېخىمۇ كېڭەيتى پ لى، ئۇنىڭغا راۋاقلار بىنا قىل ىنغان شۇنىڭ ب ىلەن خەل ىپە ئوسمان مەسجىدى ھەرەمگە تۇنجى بولۇپ راۋاقلارنى بىنا قىلغان شەخس بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
1853سوئال:ھەرەمنىڭ چىگرا دائىرىسى نەدىن نەگىچە؟#

جاۋاب: ھەرەم توغرۇلۇق كەلگەن شەرىئەت دەلىللىرى تۆت خىل مەنىدە كەلگەن مەسجىدى ھەرەم سۆزىدىن گاھ مەككىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەسجىد ھەرەمنىڭ ئۆزىلا مەقسەت قىلىنىدۇ گاھ ئۇنىڭدىن مەسجىدى ھەرەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار مەقسەت قىلىنىدۇ گاھ ئۇنىڭدىن مە ككە شەھىرى مەقسەت قىلىنىدۇ گاھ ئۇنىڭدىن مەككە شەھىرى بىلەن ھەرەمنىڭ ھەممىسى مەقسەت قىلىنىدۇ ھەرەم بىلەن ئۇنىڭ چىگرىسىنىڭ ئىچىدىكى جايلا رنىڭ ھەممىسى ھەرەم ھېسابلىنىدۇ ھەرەمنىڭ چېگرىسىنى تۇنجى بولۇپ سىزغان كىشى ئىبراھى م ئەلەيھىسسالام بولۇپ، پەرىشتە جىبرىل نىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن سىزىپ چىققان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە ئازات بولغاندىن كېيىن تەمىم ئىبنى ئەسەد ئەل خۇزائىي دېگەن كىشىنى ئەۋەتىپ ھەرەمنىڭ چېگرىسىنى قايتىدىن يېڭىلاتقان ھەرەمنىڭ ھازىرقى چېگرىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭىلاتقان چ ېگرىنىڭ ئۆزىدۇر.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
1854سوئال:ھەرەمنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىرى بار؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا ھەرەم ئۈچۈن مەخسۇس ئەھكاملار ۋە پىرىنسىپ لارنى بېكىتكەن مەسىلەن: ھەرەمنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى جايلاردا ئۇرۇش قىلىش، ھايۋانلارنى، قۇشلارنى ئو ۋلاش، ھەرەمنىڭ دەرەخلىرىنى كېسىش، ئۆزى ئۈنگەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈزۈش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ ھەرەمنىڭ ئەڭ ئۇلۇ تەرىپى شۇكى، ھەرەمدە قىلىنغان ياخشى ئەمەررگە: ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام« مېنىڭ بۇ مەسجىدىمدە بىر ۋاب ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى باشقا مەسجىدلەردە مىڭ ۋاب ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر مەسجىدى ھەرەمدە بىر ۋاب ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابى باشقا مەسجىدلەردە يۈز مىڭ ۋاب ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر»(1) دېگەن.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
1855سوئال:ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ھەرەمنىڭ چېگرىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟#

جاۋاب: ئۆلىمالار بىر ۋاب نامازغا يۈز مىڭ ۋاب نامازنىڭ ساۋابى يېزىلىش خۇسۇسىيىتى ھەرەمنىڭ ھەممىسىن ( ى مەككە شەھىرىنى) ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى مەسجىدى ھەرەمگىلا خاسمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقان دەلىل– ئىسپات جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قاراش ھەرەم چىگرىسى ئىچىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن قاراشتۇر شۇنداقتىمۇ مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىچىدە ئوقۇلغان نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئىكە نلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق مۇپتىسى مەرھۇم ئابدۇللا ئىبنى ب از مۇنداقد ېگەن: « ھەرەم چىگرىسىنىڭ ئىچىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مەسجىدى ھەرەمدىن سانىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەسج ىدى ھەرەمدە ئوقۇلغان نامازغا ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ھەرەم چىگرىسىدىكى جايلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇلغان نامازلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دۇنيادا مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەم بىلەن مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىدىن باشقا ھەرەم يوق پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقسا ئۇلۇ ۋە بەرىكەتلىك مەسجىد ھېسابلانسىمۇ، ئۇ ھەرەم دېيىلمەيدۇ »

كەبە ۋە ئۇنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
1856سوئال:كەبىنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدە قانداق ئورنى بار؟#

جاۋاب: كەبە- مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى، ئەقىدىنىڭ مۇنارى ۋە ئىبادەتنىڭ رەمزىدۇر قۇرئان كەرىمدە﴿ ئاللاھ ئۇرۇش قىلىش مەنئى قىلىنغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن يۈكسىلىش ۋەسىلىسى قىلدى﴾(1) دېيىلگەن كەبە ― كۇب شەكىللىك ئۆي دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كۈل رەڭ تاشتىن قۇرۇلغان ئەڭ قەدىمىي ئىبادەت ئۆيىدۇر كەبە بەيتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆيى)، بەيتۇل ئەتىق (قەدىمىي ئۆي) ۋە بەيتۇل ھەرەم (قان تۆكۈش چەكلە نگەن ئۆي)دەپ ئاتىلىدۇ.

(1) مائىدە سۈرىسى97 - ئايەت.
1857سوئال:كەبە قاچان بىنا قىلىنغان؟#

جاۋاب: كەبىنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىپ، ئۇنىڭدا بالىلىرى بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىپ ئۆتكەن بىر ھەدىستە، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىل ەن ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە بېر ىپ ھەج قىلغانلىقى بايان قىلىنغان مەلۇمكى، نۇھ ۋە ھ ۇد ئەلەيھىسسالاملار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ئىدى چو ڭ بىر سەلنىڭ كېلىشى سەۋەبلىك كەبە يىقىلىپ يەر بىلەن تەڭ بولۇپ كەتكەن پەقەت تاملىرىنىڭ ئۇلى قۇم بارخانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپقا لغان بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىس مائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھيىگە ئاساسەن كەبىنىڭ ئۇلىنى قايتىدىن قوپۇرغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى تۇنجى بىنا قىلغان كىشى ئەمەس، بەلكى كەبىنىڭ ئۇلىنى قۇم بارخانلىرى ئاستىدىن قايتا قوپۇرۇپ چىققان كىشىدۇر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلىنى قوپۇرغان كەبىنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز گەز (تۆت مېتىر ئەتراپىد، )ا كەڭلىكى 22 ( گەز 11 مېتىر ئەتراپىدا) ۋە ئۇزۇنلىقى 32 (گەز 15 مېتىر ئەتراپىدا) ئىد ى كەبىنىڭ ئۈستى ئوچۇق، ئىككى جايدىن كىرىش ئېغىزى بولۇپ ئىشىك بېكىتىلمىگەن ئىبر اھىم ئەلەيھىسسالام ھەجەرۇل ئەسۋەدنى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتا باشلايدىغان ئورۇن سۈپىتىدە ھازىرقى ئورنىغا بېكىتكەن كەبىنىڭ رېمونت قىلىنىش باسقۇچلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئەمالىقەلەر، كېيىنچە جۇرھۇملار، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھ ىسسالامنىڭ 5 - بوۋىسى قۇسەي ئىبنى كىلاب قاتارلىقلار كەبىنى بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن 5 يىل ئىلگىرى مەككىنى سەل بېسىش سەۋەبلىك كەبىنىڭ بىر بۆلۈكى يىقىلىپ كەتكەندە، ئەرەبلەرنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەر كەبىنى قايتا رېمونت قىلىش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ، كەبىنى يىقىتى شتىن قورقىدۇ كەبىنى يىق ىت سا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشىدىن قورقۇپ ئىككىلىنىپ قالىدۇ شۇ ۋاقىتتا ۋەھب ئىبنى ئەمر دېگەن كىشى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ« ئاللاھ بىزنىڭ ياخشى نىيىتىمىزنى بىلىدۇ، بىز پەقەت ياخشى ئىشنى نىيەت قىلدۇق »د ەيدۇ ۋە كەبىنىڭ بىر تەرىپىنى چېقىپ تاشلايدۇ باشقىلار ئۇنىڭغا بىر بالايى– ئايەت يېتىشىنى كۆزىتىپ تارقىلىپ كېتىدۇ ئەتىسى قارىسا كەبىنى يىقىتقان ۋەھب

(1) مائىدە سۈرىسى 97 - ئايەت ئىبنى ئەمرگە ھېچ نەرسە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممە بىرلىكتە كەبىنى يىقىتىپ تاشلايدۇ شۇنى ڭ بىلەن كەبىنى قايتا بىنا قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلىنىپ ھەر بىر قەبىلە كەبىنىڭ بىر تەرىپىنى بىنا قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەبىنى پۈتتۈرۈپ چىقىدۇ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ئورنىغا قويۇش قىسسىسى، كەبىنىڭ نۆۋەتتىكى رېمونتى پۈتۇپ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ۋاق تىدا قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭگى– جېدەل يۈز بېرىدۇ، ھەر قەبىلە ھەجەرۇل ئەس ۋەدنى ئورنىغا ئۆزى قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەرەپنى تالىشىپ ھەتتا ئۇرۇش چىقىشقا ئاز ق الىدۇ شۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئۇمەييە ئىبنى مۇغىرە ئەل مەخزۇمىي دېگەن كىشى بۇ تالاش تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىشىكىدىن كىم دەسلەپ كىرسە شۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشى بويىچە ئىش قىلىشقا رازى بولۇش تەكلىبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ بارچە قەبىلە ئۇنىڭ ب ۇ تەكلىبىنى قوبۇل قىلىپ ھەرەمگە كىم ئاۋۋال قەد ەم باسىدۇ، دەپ كۈتۈپ تۇر ۇ شىدۇ شۇ ئارىدادە ل مۇھەممەد ئەل ەيھىسسالام كىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھا مان ھەممىسى بىر ئاۋازدا « بۇ راستچىل كىشى، بۇ مۇھەممەد، بىز ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا رازىمىز »ەپد ۋارقىرىشىدۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلا رغا بىر كىيىم ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ ئۇلار بىر كىيىم كەل تۈر، گەندىن كېيىن كىيىمنى يېيىپ سېلىپ ئوتتىۇرىسىغا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى قويىدۇ ۋە ھەممە قەبىلىنى چاقىرىپ: «كېلىڭلار ھەر قەبىلىدىن بىر كىشى بۇ كىيىمنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتسۇن »د ەيدۇ ئۇلار ھەجەرۇلئەسۋەدنى كۆتۈرۈپ كەبىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئورنىغا ئېلىپ كېلىشكەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قوللىرى بىلەن ھەجەرۇلئەسۋەدنى ئېلىپ ئورنىغا قو يىدۇ شۇنىڭ بىلەن كەبىنىڭ نۆۋەتتىكى بىناسى ئاخىرلىشىدۇ، جېدەل– ماجرالارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ھۇجرە قىسسىسى قۇرەيش قەبىلىسى كەبىنى پەقەت ھالال تاپقان پۇل– مال بىلەنلا رېمونت قىلىشنى نىيەت قىلغان بولۇپ، ھالال پۇل يېتىشمىگەنلىكتىن كەبىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى«ھۇجرە »د ەپ ئاتىلىدىغان جاينى كەبىدىن چىقىرىپ تاشلىغان ۋە ئۇنىڭ كەبىدىن ھېسابلىنىدىغانلىق ىنى بىلدۈ رۈش ئۈچۈن ئەتراپىغا يېرىم دۈگلەك تام سېلىپ قويغان بۇ تام ھازىر«ھەتىم »دەپ ئاتىل ىدۇ شۇنداق قىلىپ كەبىنىڭ ئېگىزلىكىنى 18 گەز (توققۇز مېتىر ئەتراپىدا) كۆتۈرىدۇ كەڭ لىكىدىن ئۈچ مېتىر قىسقارتىدۇ ئۈستىنى ياغاچ بىلەن ياپىدۇ ۋە ئىككى ئىشىكنىڭ بىرىنى يېپ ىۋېتىپ بىر ئىشىكنىلا قالدۇرۇپ قويىدۇ كەبىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رېم ونت قىلىنىشى كەبە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، زامانىمىزغا قەدەر كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ كەلگەن 1979 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى رېمونتى ئەمەلگە ئاشقان كەبىنىڭ ئىچى ھەر يىلى قەمەرىيە ئايلىرىدىن شەئبا ( ن 8 - ئاي)دا بىر قېتىم، زۇلھەجج ( ە 12 - ئاي)دا يەنە بىر قېتىم جەمى ئىككى قېتىم يۇيۇلىدۇ يۇيۇشتا زەمزەم سۈيى، گۈل سۈيى ۋە خۇشپۇراقلىق ئەتىرلەر ئىشلىتىلىدۇ يۇيۇپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۈستىگە قىممەتلىك خۇشپۇراقلىق ماددىلار چېچىلىدۇ كەبىنىڭ ئىچىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلگەن سۈپۈرگە، چېلەك ۋە لۈڭگە قاتارلىقلار مۇراسىمغاقا تناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا تەۋەرۈك قىلىپ ساقلىشى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىدۇ كەبىنىڭ ئىشىكى كەبىنىڭ ئىشىكى ―كەبىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان ۋە يەر يۈزىدىن 1⁄2 (ئىككى يېرىم مېتىر) ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن ئىشىكتۇر ئىشىكنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتر ئالتە س انتم، ېتىر كەڭلىكى بىر مېتىر 68 سانتمېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىشىك ھىجرىيە 1399 يىلى 22 – زۇلقە ئدە (مىلادىيە 1979 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر)كۈنى 280 كىلو گرام ساپ ئالتۇندىن ياسىلىپ ھ ازىرقى ئورنىغا قويۇلغان كەبىنىڭ ئىشىكى ھۆسنىخەتلەر بىلەن ئويۇلغان ئايەتلەر بىلەن نەق ىشلەنگ ەن كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىگە ئىسمى يېَىلغان ئۇيغۇر خەتتات كەبىنىڭ ئال تۇن ئىشىكىدە پارقىراپ تۇرغان ھۆسنىخەتلەرنىڭ ئىچىدە« واضوع الخو عبود الورةيم أموين (» بۇ خەتلەرنى يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئەمىن) دېگەن بىر جۈملە سۆز كەبىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان ھەر قاندا ق ئادەمنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ بۇدە ل بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ ئىسمى ئىدى سەئۇدى ئەرەبىستانى دا تونۇلغان مەشھۇر خەتتات ۋە نەققاش ئابدۇرېھىم ئەمىن 1925 - يىلى ئانا ۋەتەننىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبى ستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ش ەھىرىدە«دارۇلئەيتام »د ا ئوقۇغان 1938 –يىلى مەككىگە كېلىپيەرلىشىپ بىر ئۇستىنىڭ يېنىدا تىكىشچىلىكنى ئۆگەنگەن 1962 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىس تانىدا تۇنجى قېتىم«كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسى» قۇرۇلغاندا، ئابدۇرەھىم ئەمىن بۇ ف ابرىكىغا ئىشقا كىرگەن ۋە كەبىنىڭ ھەر يىلى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان يوپۇقىغا ئالتۇن يىپ بىلەن نەقىشلە پ يېزىلىدىغان ئايەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغان كېيىنچە، بۇ كىشى مەزكۇر فابرىكىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەن 1979 -يىلى كەبىنىڭ ھازىرقى ئالتۇن ئىشىكىنى، تەييارلاشتا ئۇنىڭدىكى ھ ۆسنىخەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئويۇپ چىققان ۋە ئۆز نامىنىڭ كەبىنىڭ ئا لتۇن ئىشىكىگە يېزىلىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەرەپكە نائىل بولغان ئابدۇرېھىم ھاجىم 1980 - يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەد سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپۆئ زىنىڭ قاغىلىقتىن ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم، نىڭ بالىسى بولمىغانلىقتىن بىر ئوغۇل، بىر قىز ئىككى بالىنى بېقىۋالغان ئىكەن ھازىر ئابدۇرېھىم ھاجىملارن ىڭ مەككىدىكى چوڭ ئۆيىدە بۇ ئىككى ب الا ئولتۇرماقتا خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە م ۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان مۇلتەزەم مۇلتەزەم ― كەبىنىڭ ئىشىكى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەد ئوتتۇرىسىدىكى جاي كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە« مۇلتەزەم دۇئا ئىجابەت بولىدىغان جايدۇر بۇ جايدا ئاللاھقا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ»(1) دەپ كۆرسەتكەن ھۇجرە ھۇجرە ― كەبىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يېرىم دۈگلەك تام بىلەن كەبىنىڭ ئارىلىقىدىكى بوش جاي بولۇپ، بەزى رىۋايەتلەردە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ جاينى ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ھاجەر ئىككىسىگە يېتىپ قوپۇش ئۈچۈن سېلىپ بەرگ ەن ئۆي ئىدى، شۇڭا ئۇ «ھۇجرە ئىسمائىل» (ئىسمائىلنىڭ ئۆيى)دەپ ئاتالغان، دېيىلىدۇ. ئەمما توغرىسى بۇ جاي ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن بىر قانچە ئەسىر كېيىن، قۇرەيش قەبىلىسى، كەبىنى رېمونت قىلغىنىدا ھالال مەبلە يېتىشمىگەنلىكتىن كەبىنىڭ شىمال تەرىپىدىن چىقىرىۋەتكەن جاي، بولۇپ كەبىدىن ھېسابلىنىدۇ بەزى ئۆلىمالار ھۇجرەنىڭ ھەممىسى كەبىدىن ئەمەس، پەقەت كەبىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئۈچ مېتىر جايلا كەبىدىن سانىلىدۇ دەپ قارايدۇ شۇڭا ھۇجرەنىڭ ئىچىدىن تاۋاپ قىلغان كىشىنىڭ قىلغان تاۋىپى ئادا تاپمايدۇ چۈنكى ئۇ كەبىنىڭ ئىچىدىن تاۋاپ قىلغان بولىدۇ ھۇجرەنىڭ ئىچىدە پەرز ناماز ئوقۇسا ئادا تاپمايد ۇ ھەتىم ھەتىم ―كەبىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھۇج رەنىڭ ئەتراپىغا قۇپۇرۇلغان يېرىم دۈگلەك تام بولۇپ، تاۋاپ قىلغۇچىلار تاۋاپنى بۇ تامنىڭ سىرتىدىن قىلىدۇ. بۇ تام ئاق مەرمەرد ىن ياسالغان ئېگىزلىكى بىر مېتىر 30 سانتمېتىر، تام يۈزىدىكى كەڭلىكى بىر مېتىر بە ش سانتمېتىر كېلىدۇ كەبىنىڭ يوپۇ قى بەزى تارىخىي مەنبەلەر كەبىگە تۇنجى بولۇپ يوپۇق ياپقان كىشىنىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى سۆزلىسە، بەزى مەنبەلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئەدنان دېگەن كىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپ كەبىگە يوپۇق ياپقانلىقىنى سۆزلە يدۇ ئەمما ئىشەنچلىك رىۋايەتلەر كەبىگە مىلادىيە 350 - يىلى تۇببە ئەبۇ كەرەب دېگەن كى شىنىڭ تۇنجى بولۇپ يوپۇق ياپقانلىقىنى سۆزلەيدۇ شۇ تارىختىن بىرى كەبىگە يوپۇق يېپىش ئىشى داۋام قىلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 5-بوۋىسى قۇسەي ئىبنى كىلابنىڭ زامانىغا كەلگەندە كەبىگە ھەر يىلى بىر قېتىم يوپۇق يېپىش مۇراسىمى يولغا قويۇلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن كەبىگە يەمەندە توقۇلغان يوپۇق يېپىلغان كېيىن بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىككىنچى خەلىپە

(1) تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم ئالبانىي«بەك ئاجىز » دەپ باھالىغان ئۆمەرنىڭ زامانىغا كەلگەندە، كەبىگە ياپىدىغان يوپۇقنى مىسىردا توقۇتۇپ كېلىشكە باشلىغان مىسىر شۇ زاماندىن تاكى 1962 - يىلىغىچە ھەر يىلى كەبىگە يوپۇق يېپىش شەرىپىگە نائىل بولۇپ كەلگەن ئىدى 1962 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا« كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسى » قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەبىگە يوپۇق يېپىش شەرىپى س ەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن كەبىنىڭ يوپۇقى يىلدا بىر قېتىم يەڭگۈشلىنىدۇ كەبىنىڭ ئالماشتۇرۇلغان كونا يوپۇقى پارچە- پارچە قىلىنىپ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا شەخسلەرگە ھەدىيە قىلىنىدۇ ( ھەر يىلى ھىجرىيە زۇلھىججە 12 - ئاي)ن ىڭ - كۈنى كەبىگە يوپۇق يېپىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ مۇراسىمغا مەككە مۇكەررەمە رايونىنىڭ ئەمىرى مۇتلەق ئىشتىراك قىلىدۇ كەبىنىڭ يوپۇقىنىڭ خىراجىتى كەبىنىڭ يوپۇقى ئەزەلدىن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىراجىتى بىلەن ئەمەس بەلكى كەبە ئۈچۈن ئاتالغان مەخسۇس ۋەقىپتىن خىرا جەت قىلىناتتى ئۆز ۋاقتىدا پادىشاھ ئىسمائى ل قەلاۋۇن مىسىردىن ئۈچ يېزىنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن يىغىلغان پۇلىنى كەبىنىڭ يوپۇقى نى توقۇش ئىشىغا ۋەقپ قىلغان كېيىنچە ئوسمان كىيلار خەلىپىلىكىنىڭ سۇلتانى سەلىم يەنە مىسىردىن يەتتە يېزىنى سېتىۋېلىپ ئۇنىمۇ كەب ىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش ئىشىغا ۋەقپ قىل غان ئىكەن كېيىن مۇھەممەد ئەلى پاشا مىسىردا ھاكىمىيەت يۈزگۈزگەندە، مىسىر ھۆكۈمىتى تەركىب ىدە كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش مۇئەسسەسەسى قۇرغان شۇندىن بىرى كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش ۋە ئەۋەتىش ئىشلىرى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆ تكەن كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش ابرىكىسى 1962 - يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە«كەبىنى ڭ يوپۇقىنى توقۇ ش فابرىكىسى » قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم توقۇپ چىقىلغان يوپۇق كۈتۈلگ ەندىنمۇ ئا لاھىدە ئېسىل ۋە كۆركەم بولۇپ چىققان فابرىكىدا ئىشلەيدىغان لارنىڭ ئومۇمى سان ى 240 كىشى بولۇپ، كەبىنىڭ يوپۇقىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئىشچىلارنىڭ مائاشى ۋە كېرەكل ىك خام ئەشيا چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا يىلىغا 17 مىليون رىيا ( ل 4 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلىنىدۇ كەبىنىڭ يوپۇقىنىڭ رەڭگى ۋەشەكلى كەبىگە يوپ ۇق يېپىش پائالىيىتى باشلانغان ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىختىن بېرى ھەر يىلى كەبىگە يېپىلىپ كەلگەن يوپۇقلار يوپۇقلارنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ خاھىشى بويىچە ھە رخىل شەكىلدە ۋە ھەرخىل رەڭدە ۋە ھەرخىل ماتېرىيالدا توقۇلۇپ كەلگەن پەقەت ئابباسىيلار خەلىپىسى ناسىرنىڭ زامانىغا كەلگەندە كەبىگە يېپىلىدىغان يوپۇقنىڭ قارا رەڭلىكي ىپەكتىن توقۇلۇشى قانۇنلاشتۇرىلىدۇ شۇندىن بېرى تا ھازىرغىچە كەبىنىڭ يوپۇقى قارا رەڭلى كيىپەكتىن توقۇلۇپ كەلمەكتە كەبىنىڭ ھازىرقى يوپۇقى مەسجىدى ھەرەمگە كىرگەن كىشىنىڭ كۆزىگە ئەڭ ئالدى بىلەن ھەرەمنىڭ ئوتت ۇرىسىدا قەد كۆتىرىپ تۇرغان كەبە چېلىق ىدۇ كەبىگە قارا رەڭلىك يىپەك يوپۇق يېپىلغان يو پۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا 47، مېتىر ئۇزۇنلۇقتا 14 مېتىر كەڭلىكتە ئالتۇ ندىن ھەل بېرىلگەن 120 كىلوگرام كۈمۈش يىپ بىلەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى كەشتىلەنگەن مەقامۇ ئىبراھىم.

(1) مائىدە سۈرىسى97 - ئايەت.
1858سوئال:مەقامۇ ئىبراھىم دېگەن قانداق جاي؟#

جاۋاب: مەقامۇ ئىبراھىم ― ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغان ۋاقتىدا دەسسەپ تۇرغان ئاق، قارا ۋە سېرىق ئۈچ خىل رەڭگە مايىل بولغان تۆت چاسىلىق يۇمشاق سۇ تې شى بولۇپ، ئۇزۇنلىقى تەخمىن ەن يېرىم مېتىر كېلىدۇ ئورنى كەبىنىڭ شەرق شىمال تەرىپىگە جايلاشقان.

(1) ) بەقەرە سۈرىسى125 - ئايەت.
1859سوئال:مەقامۇ ئىبراھىمدا قانداق مۆجىزە بار؟#

جاۋاب: مەقامۇ ئىبراھىم دېيىلگەن بۇ تاشتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەدىمىنىڭ ئىزى چۈشۈرۈلگەن مۆجىزە باردۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسا لامنىڭ مۇبارەك ئىككى پۇتى دەسسەپ تۇرغان تاشنى يۇمشىتىپ بەرگەن نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى تاشنىڭ ئىچىگە پېتىپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئىزى ھەتتا بارماقل ىرى بىلەن ناھايىتى ئوچۇق ھالدا تاشقا چۈش ۈپ قالغان ۋە ھازىرغىچە شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلمەكتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە﴿ماقامۇ ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار﴾(1) دەپ ئەمر قىلىش ئارقىلىق ھەرەمگە كەلگۈچىلەرنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرىغان شۇڭا كەبىنى تاۋاپ قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئىككى رەكئەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇشى مۇستەھەب (تەكىتسىز سۈننەت)تۇر مەقامۇ ئىبراھىمدىكى گۈمبەزنىڭ ئ ې لىپ تاشلىنىشى ئىلگىرى مەقامۇ ئىبراھىم مىستىن ياسالغان تۆت چاسىلىق چوڭ بىر رېشاتكىنىڭ ئىچىدە ئىدى، ئۈستىدە تۆت تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان چوڭ گۈمبەز بار ئىدى بۇ ئورۇن كەبىنىڭ يېنىدىن كۆپ يەرنى ئىگىلىۋالغانلىقتىن، ھاجىلار سانىنىڭ كۈندىن– كۈنگە كۆپىيىپ ب ېرىشى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئىشلىرىدا تارچىلىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ شۇنىڭ بىلەن م ەقامۇ ئىبراھىمنى باشقا جايغا يۆتكىۋېتىپ كەبىنى ڭ ئەتراپىنى ئازادىلاشتۇرۇش پىكرى ئوتت ۇرىغا چىقىدۇ بۇ پىكىر دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئۆلىمالار بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىخت ىلاپلىشىد ۇ بەزىسى بۇ پىكىرگە قوشۇلىدۇ بەزىسى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى«ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى (»رابطة العالما)إلسلامي ھىجرىيە 1384 يىلى 25 - زۇلھەججە (مىلادىيە 1965 - يىلى 27 - ئاپرېل) كۈنى مەقامۇ ئىبراھىمنى يۆتكىمەستىن ئۆز ئورنىدا قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىكى رېشاتكا، گۈمبەز ۋە باشقا ئارتۇق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، مەقامۇ ئىبراھىمنى نەپىس ئەينەكتىن ياسالغان

(1) بەقەرە سۈرىسى 125 - ئايەت چاققان شېشىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويۇش ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقىرىدۇ ھىجرىيە 1387 - ( يىلى رەجەب 1967 - يىلى ئۆكتەبىر) ئېيىدا بۇ قارار ئەمەلگە ئاشىدۇ ھىجرىيە 1418 – يىلى (مىلادىيە 1997 - يىلى) غا كەلگەندە، مەقامۇ ئىبراھىم ھازىرقى شەكلىدە ئالتۇن يالىتىلغان مىس رېشاتكىنىڭ ئىچىگە ئېلىنىپ، ئەتراپىغا خرۇستال ۋە ئىسسىققا ھەم چېقىلىشقا قارشى كۈچلۈك نەپىس ئەينەك بىلەن قورشىۋېتىلىدۇ زەمَەم سۈيى.

(1) ) بەقەرە سۈرىسى125 - ئايەت.
1860سوئال:زەمزەم سۈيى دېگەن قانداق سۇ؟#

جاۋاب: زەمزەم سۈيى― ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھى سسالام ئۇسسۇزلىقتىن يىغلاپ ئىككى پۇتىنى ئۇرغان يەردىن چىقىرىپ بەرگەن مۇبارەك سۇدۇر.

1861سوئال:زەمزەم سۈيى قاچان چىقىشقا باشلىغان؟#

جاۋاب: مىلادىيىدىن تەخمىنەن 2000 يىللار ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئە مرى بىلەن ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى شۇ ۋا قىتتىكى سۇسىز، گۈل– گىياھسىز، قاقاسلىق چۆل مەككىگە ئېلىپ كېلىپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ ھ اجەر سۇ ئىزدەپ سافا بىلەن مەرۋە ئىككى تا ئوتتۇرىسىدا يۈگۈرگەن بولسىمۇ سۇ تاپالماي دۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالا م قاتتىق ئۇسسۇزلىقتىن قىين ىلىپ ئىككى پۇتىنى يەرگە ئۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئاستىدىن بۇلاق چىقىدۇ ئانىسى ھاجەر سۇنى كۆرۈپ قاتتىق خوش ال بولىدۇ ۋە سۇنى بېكار ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ«زەمزەم »(توختا)دەيدۇ شۇندىن بىرى بۇ سۇ «زەمزەم سۈيى »د ەپ تونۇلىدۇ زەمَەم قۇدۇقىنىڭ قايتىدىن ئېچ ىلىشى ۋە ئورنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىب چۈشىدە بىر كىشىنىڭ ئۇنى زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ئۇجاينى ئېچىشنى تەۋس ىيە قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمۇتتەلىب ز ەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنىنى كولا شقا باشلايدۇ ئاخىرىدا زەمزەم سۈيىنى چىقىرىدۇ شۇندىن بىرى زەمزەم سۈيى چىقىشقادا ۋام قىلىپ كەلمەكتە.

1862سوئال:زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنى نەدە؟#

جاۋاب: زەمزەم قۇدۇقى مەسجىدى ھەرەمنىڭ سەيناسىدىكى مە قامۇ ئىبراھىمنىڭ جەنۇپ تەرىپى ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان كەبىدىن 21 مېتىر ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدتىن 18 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، چوڭ ق ۇرلىقى 43 مېتىر كېلىدۇ قۇدۇقنىڭ تېگ ىدە ئۈچ دانە بۇلاق بار بۇلارنىڭ بىرى ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىدا يەنە بىرى سافات ېغىنىڭيېنىدا ئۇچىنچىسى مەرۋەنىڭ يېنىدىدۇر بۇرۇن زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئىككى كۆلچىكى بار بولۇپ، بىرى زەمزەم قۇدۇقى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى كىشىلەر بۇ جايدىن زەمزەم ئىچەتتى يەنە بىرى سافا تەرەپكە ئېقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن تاھار ەت ئالاتتى كېيىنچە، كەبىنى تاۋاپ، قىلغۇچىلارغا قىستىلاڭغۇ بولۇپ قالغانلىق سەۋەبتىن، زەمزەم كۆلچەكلىرى تاقىۋېتىلىپ كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى مەيداننىڭ ئاستىغا كىشىلەر پەلەمپەي بىلەن كىرىپ ئىچىدىغان قى لىپ كرانلار (جۆمەكلەر) بېكىتىلگەن 2003 - مىلادىيە يىلىغا كەلگە ندە ھەرەمنىڭ سەيناسىنى ئازادىلەشتۈرۈش مەقسىتى بىلەن زەمزەم قۇدۇقىغا چۈشىدىغان ئېغىز تاقىۋېتىلىپ، زەمزەم سۈيى سەينانىڭ يان تەرىپىدىن تۇ رۇبىلار ئارقىلىق چىقىرىپ قويۇلغان.

1863سوئال:زەمزەم سۈيىنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىرى بار؟#

جاۋاب: ئادەتتىكى سۇلارنى ئۇنىڭغا ساقلىغۇچى ماددىلارنى ئارىلاشتۇرماستىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ساقلىغاندا ئۇنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ئەمما زەمزەم سۈيى بۇنىڭ ئەكس ىچە بولۇپ، بىرخىل تەمى بىلەن داۋام قىلىدۇ زەمزەم سۈيىنىڭ تەمى دۇنياۋى بىر تەم بو، لۇپ بېرەر قېتىم زەمزەم سۈيى ئىچكەن ئادەم ئۇنىڭ تەمىنى بىلىۋالىدۇ- دە، قايتا ئىچك ەن ھامان ئۇنى پەرق ئېتەلەيدۇ زەمزەم سۈيىنى دۆلەتلەر ئارا يۆتكەش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش بىل ەنمۇ ئۇنىڭ تەمى قەتئى ئۆزگەرمەيدۇ بۇ دىگەنلىرىمىز نەزىرى يە ياكى قەدىمقى كىتابلارن ىڭ خەۋىرى ئەمەس، بەلكى تەجرىبە ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنىدۇر زەمزەم سۈيى ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىن بىرى بۇ قاقاسلىق چۆل رايونغا كەلگۈچىلەرنى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇرۇپ ۋ ە ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ كەلمەكتە زەمزەم سۈيىنىڭ بەزى كېسەللىك لەرگە شىپا بولغانلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلارمۇ ئاز ئەمەس ھازىرغىچە زەم زەم سۈيى زىيان قىلغان بېرەر جانلىق كۆرۈلمىگەن زەمَەم سۈيىنىڭ مۆجىَىسى - ئەسىرنىڭ بىئولوگىيە ئالىملىرى زەمزەم سۈيىنىڭ تا قىيامەتكىچە سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۆجىزىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق ب ىر سۇنىڭ پاك ىز لىقتا، تەبىئىيلىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە زەمزەم سۈيى ئېرىشكەن خۇسۇسىيەتلەرگە يېتەلمەيدىغانل ىقىنى سۆزلىمەكتە قىسقىسى، زەمزەم سۈيى مىڭلارچە يىللاردىن بىرى مىقدارى ئازىيىپ كەتم ەستىن ياكى ئېتىلىپ چىقىپ پالاكەت تۇغدۇرماستىن بىر خىل چىقىپ كەلمەكتە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى فەيسەلنىڭ زامانىدا 1971 - يىلى تىببىي مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى ياۋروپا نەشرىيات مەرك ەزلىرىدىن بىر ىگە« زەمزەم سۈيىنى ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كەبىنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ئور ۇنغا جايلاشقان ھ ەمدە مەككە شەھىرىنىڭ يەر ئاستى كېرە كسىز سۇ يوللىرىدىن كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە توپلى ش ىدۇ ۋە زەمزەم سۈيىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ »دېگەن مەزمۇندا بىر پ ارچە دو كلات يوللايدۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ فەيسەل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ زىرائەت ۋە سۇ ئىنشائات مىنىستىرلىكىگە پەرمان چۈشۈرۈپ، زە مزەم سۈيىدىن ياۋروپا تەجرىبىخانىسىغا ئەۋەتىشنى بۇيرۇيدۇ مۇتەخەسسىسلەر مەككىگە يېتىپ كېلىپ زەمزەم قۇدۇقىنىڭ تېگىدى كى بۇلاقلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ لېكىن ئۇلار زەمزەم قۇدۇقىنىڭ مەنبىئىنى تاپالما يدۇ ئاخىرىدا، قۇدۇق سۈيىنى موتورنىڭ ياردىمى بىلەن سىرتقا شورا، پ چىقارغاندىن كېيىن زەمزەم سۈيىنىڭ قۇدۇقنىڭ يان تەرەپلىرىدىن ئەمەس، بەلكى قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى قۇملار ئاستىدىكى بۇلاقلاردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ شۇنداقلا زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئەتر اپى پەقەت لا قۇرۇق، قاقاسلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ ئاندىن ئۇلار زەمزەم سۈ يىدىن نەمۇنە ئېلىپ ياۋروپا تەجرىبىخانىسى غ ا ئەۋەتىدۇ تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇرغان مۆجىَە مۇتەخەسسىسلەر زەمزەم سۈيىنى ياۋروپا تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، زەمزەم سۈيىنىڭ باشقا ئادەتتىكى سۇلار بىلەن بولغان پەرقى ئېنىقلاندى ياۋروپا تەجرىبىخ انىسى «زەمزەم سۈيى ئىچىشكە تامامەن بولىدىغان سۇ ئىكەن زەمزەم سۈيىنى ئىچىشكە بولماي، دۇ دەيدىغان دەۋا ئىلمىي ئاساسى بولمىغان قۇرۇق سەپسەتىدۇر »دېگەن نەتىجىنى ئېلان ق ىلدى زەمزەم سۈيىدە كالسى يوم بىلەن مىگنىسيوم ماددىلىرى ئادەتتىكى سۇلارنىڭكىدىن ئا لاھىدە يۇقىرى بو لۇپ چىققان ھاۋانىڭ ئوتتەك ئىسسىق كۈنلىرىدە كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارن ىڭ زەمزەم سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن باشقىچە روھلىنىپ ۋە جانلىنىپ قالىدىغانلىقىنىڭ س ەۋەبى بۇنىڭدىن بايقالغان بۇنىڭدىن باشقا يەنە زەمزەم سۈيىدە مىكروبلارغا قارشى ناھاي ىتى كۈچلۈ كدەرىجىدە فلورىدا ماددىسى بار ئىكەن شۇڭا ھەر يىلى مەككىگە كېلىپ توپلىشىدىغانت ەخمىنەن 3 مىليون ھاجىنىڭ ھەر خىل يوقۇملىنىشلاردىن ساقلىنىپ قېلىشى ۋە بەزى كېسەررنىڭ بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن شىپا تې پ ىپ قېلىشىنىڭ سىرى زەمزەم سۈيىدە ئىكەن زەمَەم سۈيى ئىچىشنىڭ پايدىسى.

(1) مۇسلىم ۋە بەززاز رىۋايىتى.
(2) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(3) ئىبنى قەييىمنىڭ«پەيغەمبەرلىك تىبابىتى» ناملىق ئەسىرى244 - بەت.
1864سوئال:زەمزەم سۈيى ئىچىشنىڭ پايدىسى نېمە؟#

جاۋاب: ھەج قىلغۇچى، ئۆمرە قىلغۇچى ۋە شۇنداقلا ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ زەمزەم سۈيىدىن ئىچىشى مۇستەھەبتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەمزەم سۈيىدىن ئىچكەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدى سلەر كۆپ ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت: قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەمزەم سۈيىنى تەرىپلەپ« ئۇ مۇبارەك سۇدۇر، ئۇ ئاچلىققا تائام، كېسەلگە شىپادۇر»(1): دېگەن يەنە ئۇ« زەمزەم سۈيىنى نېمە مەقسەت بىلەن ئىچسە شۇنىڭغا پايدا قىلىدۇ»(2) دېگەن يەنى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئىچسە، ئۇسسۇزلىقى قانىدۇ، ئاچ، لىقتىن تويۇنۇش مەقسىتى بىلەن ئىچسە، ئاچلىقى پەسىىيىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەلدىن شىپا تېپىش مەقسىتى بىلەن ئىچسە كېسەلدىن شىپا تاپىدۇ، دېگەنلىك - ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ئىبنى قەييىم جەۋزىيە مۇنداق دېگەن: « مەن ۋە باشقىلار زەمزەم سۈيىنىڭ كېسەررگە قانداق شىپا بولىدىغانلىقىنى تەجرىبە قىلىپ كۆردۇق مەن زەمزەم سۈيى ئىچىش بىلەن كۆپلىگەن كېسەللىكلەردىن شىپا تاپتىم ئەتراپىمدا بەزى كىشىلەرنىڭ بىر-ئىككى ھەپتە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت ھېچ نەرسە يېمەستىن پەقەت زەمزەم سۈيى ئىچىش بىلەنلا ھېچقانداق ئاچلىق ھېس قىلماستىن ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ۋە شۇنداق تۇرۇپمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»(3)

(3) ئىبنى قەييىمنىڭ«پەيغەمبەرلىك تىبابىتى» ناملىق ئەسىرى 244 - بەت قىبلە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار.

(1) مۇسلىم ۋە بەززاز رىۋايىتى.
(2) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(3) ئىبنى قەييىمنىڭ«پەيغەمبەرلىك تىبابىتى» ناملىق ئەسىرى244 - بەت.
1865سوئال:قىبلە دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قىبلە- مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا، دۇئا قىلغاندا يۈزلىنىدىغان تەرەپ ئۇ بولسىمۇ كەبىدۇر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلق ناماز، دۇئا ۋە ق ىبلىگە قاراپ تۇرۇپ بېجىرىلىدىغان بارلىق ئىبادەتلىرىنى شۇ قىبلە تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرۇ پ ئادا قىلىدۇ مۇندىن باشقا مۇسۇلمان ئۆلۈكلەرنى يەرلەشتىمۇ ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قىبلىگە ق ارىتىپ ۇ قوي لىدۇ كەبىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ يۈزىنى ۋە كۆكسىنى كەبىگە قارىتىپ تۇرىشى، كەبىنىڭ ئۆزىنى كۆرەلمەيدىغان ۋە يىراقلاردىكى كىشىلەرنىڭ كەبىنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىپ تۇرىشى نامازنىڭ دۇرۇس بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر ئاللاھ تائالا ناماز ئوقۇغاندا، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق: دەيدۇ﴿ (ئى مۆمىنلەرۇ) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسج ىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار﴾(1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ- مەككىدىكى ئادىتى بويىچە 17 ئاي پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقساغا قاراپ ناماز ئوقۇغ ان ئىدى يەھۇدىيلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى«ئۇ بىزگە ئەگىشىدۇ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قىبلىمىزگ ( ە ئىرۇسالىمغا) قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ »دەپ ئەيىبلەشكە باشلىغاندا، پەيغ ەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى پەرىشان بولاتتى ۋە كېىچىلىرى سىرتقا چىقىپ ئۇپۇققا قارا پ، قىبلە ھەققىدە ئاللاھ تائالادىن بىرەر ۋەھيى كۈتەتتى.

(1) بەقەرە سۈرىسى144 - ئايەت.
(2) بەقەرە سۈرىسى144 - ئايەت.
1866سوئال:كەبە قاچان قىبلە بولغان؟#

جاۋاب: ھىجرىيىنىڭ ئىككىنچى يىلى (مىلادىيە 623 م) نىڭ بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن مەدىنىدىكى كېيىنچە«مەسجىدى قىبلەتەين » (ئىككى قىبلىلىق مەسجىد) دەپ تونۇلغان بەنى سەلىمە مەسجىدىدە پى شىن نامازدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇ پ بولغان ۋاقىتتا، پەرىشتە جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن مۇھەممەد: ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ﴿ بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشنى تىلەپ) قايتا- قايتا ئاسمانغا قارىغانلىغىڭنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن﴾(2) دېگەن ۋەھىيسىنى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نامازدا تۇرغان پېتى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە بۇراپ قويىدۇ شۇندىن باشلاپ مۇسۇلمانلار ناماز ۋە دۇئالىرىدا مەسجىدى ھەرەمدىكى قىبلىگە (كەبىگە) قارايدىغان بولىدۇ (1) بەقەرە سۈرىسى 144 - ئايەت (2) بەقەرە سۈرىسى 144 - ئايەت نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ سىرى: نامازدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ سىرلىرىدىن (1) ناماز ئوقۇغان كىشى يۈزىنى كەبە تەرەپكە قارىتىش بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى كەبە تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى يۈز بى لەن گەۋدە مۇئەييەن بىر تەرەپكە يۈزلەنمەستىن، ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بولسا، ئىنساننىڭ بارچە ئورگانلىرى خ الىغانچە ھەرىكەت قىلىشى، جۈملىدىن كۆز ھەر تەرەپكە قارىشى بىلەن كۆڭۈل مۇ شۇلار بىلەن مەش غۇل بولۇپ كېتىپ، نامازنىڭ دۇرۇس يوسۇندا ئادا قىلىنىشىغا ئەلۋە تتە سەلبىي تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا قىبلىگە يۈزلىنىش پەرز قىلىنغان بولىشى مۇمكىن (2) نامازدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش بىلەن ئىنساننىڭ قەلبى ئارام تاپىدۇ ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ چۈنكى يەر شارىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار نامازدا شۇ كەبە تەرەپكە يۈزلىنىدۇ بۇ ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىنى ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ئىبادەتتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئورتاق ئىكە نلىكىنى ھ ېس قىلدۇرىدۇ (3 ) قىبلىگە قاراش ئارقىلىق قەلبنى، ئەقىلنى ۋە پۈتۈن ئەزالارنى ئاللاھقا قۇلچىلىق ئادا قىلى شتىن ئىبارەت بىر مەقسەتكە قارىتىش بىلەن ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىخلاسنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ (4 ) قىبلىگە يۈزلىنىش مۇسۇلمانلارنى گەرچە ئۇلار مۇساپە جەھەتتىن بىر- بىرىدىن يىراقتا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ئو رتاق مەقس ەتتە بىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.

(1) بەقەرە سۈرىسى144 - ئايەت.
(2) بەقەرە سۈرىسى144 - ئايەت.
1867سوئال:ھەجەرۇل ئەسۋەد دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھەجەرۇل ئەسۋەد ― كەبىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى بۈرجىكىگە ئورنىتىلغانيەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1 5 (بىر يېرىم) مېتىر كېلىدىغان، كۈمۈش رام كا ئىچىگە ئېلىنغان تۇخۇم شەكىللىك، رەڭگى قىزىلغا مايىل، دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان قارا تاشتۇر ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزغان ۋاقتىدا، كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلانىڭ تاۋاپنى باشلاپ ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر نىشانە ئورنىدا، ھا زىرقى ئورنىغا بېكىتكەن شۇندىن بىرى بۇ تاش كەبىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ كەلمەكتە.

1868سوئال:ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەجەرۇل ئەس ۋەدنى سۆيۈشى مۇستەھەب (يەنى تەكىتسىز) سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنى تاۋاپ قىلغىنىدا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيەتتى: يەنە بىر ھەدىستە« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجەرۇل ئەسۋەدنى لۇرەجەھ دەۋسەئ سۆيۈپ تۇرۇپ ئۇزۇنغىچە يىغلاپ كەتتى»(1) دەپ كەلگەن بۇ ئادەم كۆپ بولم ىغان ۋە قىستىلاڭغۇ بولمىغان ۋاقىتلاردا شۇنداق ئەمما ھەج ۋە رامىزان ئايلىرىغا ئوخشاش ھەرەمدە ئادەم كۆپ، قىستىلاڭغۇ بولغان ۋاقىتلاردا ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىغا بارماستىنيىراقتىن قول ئىشارىتى قىل ىپ سالام بېرىش يېتەرلىكتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنى تا ۋاپ قىلغان ۋاقتىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا « ئەي ئۆمەرۇ سەن كۈچلۈك ئادەمسەن، سەن بۇ جىسمىڭ بىلەن ئاجىزلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىسەن ھەجەرۇل ئەسۋەدتە قىستىلاڭغۇ پەيدا قىلما ئۇنىڭ يېنىدا بوشلۇق تاپالى ساڭ سۆيگىن، بولمىسا تەكبىر ئېيتىپ كېتىۋەرگىن»(2) دېگەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىق ئەمەس.

(1) ھاكىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.
(2) ئىمام شافىئىي رىۋايى تى.
(3) فتاوى وأحكام الحج والعرة من موقع يوسف القرضاوي.
1869سوئال:ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىق ئەمەس مۇ؟#

جاۋاب: كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ بۇ تاشنى سۆيۈشى پەقەت ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىدى چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى كەبىگە ياكى ھەجەرۇل ئەسۋەدكە چوقۇنۇشنى بۇيرىغان ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿قەدىمى ئۆي كەبىنى تاۋاپ قىلسۇن﴾ ۋە﴿ بۇ كەبىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن﴾ دېگەن ئەمر ىگە ئاساسەن قىلىنىغاندەك، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى جارى قىلدۇرغانلىق يۈزىسىدىن قىلىنىدۇ. بۇ ئورۇندا ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ مەشھۇر سۆزى يېتەرلىك ئۇ ھەجەرۇل ئەسۋە دنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: « مەن ئەلۋەتتە بىلىمەنكى، سەن كىشىگە پايدا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاشسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام ئىدى، سېنى سۆيمىگەن بولاتتىم»(3) ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر مۇھەممەد ئە لەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن 5 يىل ئىلگىرى مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى كەبىنى قايتا رېمونت قىلغان ۋاقتىدا، قەبىلىلەر ھەجەرۇل ئەسۋەدنى كەبىن ىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى ئورنىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىدۇ ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇبا رەك قوللىرى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ ھازىرقى ئورنىغا قويغان - ھىجرىي ( ە 930 م) يىلى قەرامىتە كۇففارلىرى ھەرەمگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەجەرۇل، ئەسۋەدنى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەل ئەھسا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىپ 339 - ھىجرىيە يىلى تولۇق 22 يىلدىن كېيىن، ئۇنى كەبىدىكى ئۆز ئورنىغا ئەكىلىپ قويغان

(2) ئىمام شافىئىي رىۋايىتى

ھەجە رۇل ئەسۋەدنىڭ كۈمۈش بىلەن قاپلىنىشى ھەجەرۇل ئەسۋەدنى تۇنجى بولۇپ كۈمۈش بىلەن قاپلاتقان كىشى مىلادىيىنىڭ - يىللىرىدىكى مەككە ھۆكۈمدارى ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، شۇ نىڭدىن كېيىن خەلىپىلەر ۋە بايلار ئۇنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن قاپلايدىغان بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىدىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1331 - ھىجرىي ( ە 1903 م) يىلى ھەجەرۇل ئەسۋەدنى خالىس كۈمۈش بىلەنلا قاپلاتقان كىشى سۇلتان مۇھەممەد رىشاد خان ئىدى 1366 - ھىجرىي ( ە 1946 م) يىلى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابد ۇلئەز ىز ھەجەرۇل ئەسۋەدنى رېمونت قىلدۇرغان ئاندىن 1375 - ھىجرىي ( ە 1955 )م يىلى پادىشاھ سۇئۇد ئۇنى يېڭى كۈمۈشتىن قايتا قاپلاپ چىققان رۇكنى يەمانى رۇكنى يەمانى ― كەبىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ھەجەرۇل ئەسۋەدكە قاراپ تۇرىدىغان بۇلۇڭى بولۇپيەمەن دۆلىتى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە بولغانلىقتىن ئەرەبلەر جەنۇپ تەرەپكە قاراپ تۇرغان ھەرقانداق نەرسىنى يەمەن (ياكى يەمان) دەپ ئاتايتتى شۇ سەۋەبتىن بۇ بۇلۇڭ رۇكنى يەمان ( ى جەنۇپ تەرەپتىكى بۇلۇڭ) دەپ ئاتالغان ھەجەرۇل ئەسۋەد جايلاشقان بۇلۇڭ بىلەن رۇكنى يەمانى بۇلۇڭى ئىككىسىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسس الام كەبىنىڭ ئۇلىنى قۇپۇرغاندا بىرگە قوپۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم كەبىنى ۋ تا اپ قىلغىنىدا رۇكنى يەمانىنى مۇبارەك قوللىرى بىلەن سىلايتتى شۇندىن بىرى ئۇنى سىلاش سۈننەت بولۇپ داۋام قىلغان رۇكنى يەمانىنى سۆيۈش يوق، پە قەت قول بىلەن سىلىنىدۇ قول بىلەن تۇتۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا قول ئىشارىتى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغ ەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق قىلمىغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى ۋە پەيغەمبەر مەسجىدى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى.

(1) ھاكىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.
(2) ئىمام شافىئىي رىۋايى تى.
(3) فتاوى وأحكام الحج والعرة من موقع يوسف القرضاوي.
1870سوئال:مەدىنە مۇنەۋۋەرەشەھىرى قانداق جاي؟#

جاۋاب: مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى-، مۇقەددەس ئىككى ھەرەمنىڭ بىرى جايلاشقان پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ بېرىپ ھايا تىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر تولۇق ئون يىل ياشىغان ۋە مۇبارەك قەبرە شەرىپى ئورۇن ئالغان جاي.

(1) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.