ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنىڭ ئەقلىي-پەننىي دەلىللىرى
ئىلىم-پەن، كائىنات ۋە ئىنسان يارىتىلىشى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش (سوئال 1916 – 1938)
بۆلۈم: “ئىلىم-پەن، كائىنات ۋە ئىنسان يارىتىلىشى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش (سوئال 1916 – 1938)”جاۋاب: ئىلىم- پەن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى يېتىشتۈ رۈپ بەرگەن كىم ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆست ۈ رۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ (تەبىئىيكى) باشقا ئىلاھ يوقتۇر﴾(1) دەيدۇ ئىلىم پەن بىزگە بىر دەرەخنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تۇپراقتىكى ئوزۇقلىرىنى قانداق ئالىدىغا نلىقىنى، بۇ ئوزۇقلارنى يوپۇرماقلىرىغىچە قانداق يەتكۈزىدىغانلىقىنى، مېۋىلەرنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىكى تەم، رەڭ شەكىلنىڭ قانداق يوسۇندا پەيدا بولىدىغانلىقىنى شەرھلىمەكتە ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل قانۇنىيەت ۋە نىزام سىستېما ئاست ىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان ق ىلماقتا ئىلىم پەن يەنە بىزگە بىر جانلىقنىڭ ئىچ قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەقلىمىزنى ئاچماقتا بىئولوگىيە ئالىملىرى«ھەر بىر جانلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاجايىپ مۇكەممە ل بىرەردىن فابرىكا ئىكەنلىكىنى كۆردۇق »دەيدۇ ئادەمنى چاقىدىغان زەھەرلىك ھەرە شېرىن ۋە شى پالىق ھەسەل بېرىدۇ يىپەك قۇرۇتى رەخت توقۇيدۇ قولسىز ئۆمۈچۈك تور توقۇيدۇ تىلسىز ق وي سۈت بېرىدۇ مۇندىن باشقا يەنە ئىلىم پەن بىزگە شۇنى، ئىسپاتلىدىكى ئاددى بىر س امان بىلەن سۇدىن تەركىپ تاپقان ھەلەپتىن سۈت ئىشلەپ چىق ىرىش ئەقىل ئىدراكسىز قوينىڭ ياكى كالىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى، قوي كالا ھەرە، ئۆمۈچۈكيىپەك قۇرۇتى ۋە باشقا جا نلىقلار رەسسامنىڭ پۇرشىسىغا، ئاپتورنىڭ قەلىمىگەياغاچچىنىڭ رەندىسى بىلەن ھەرىسىگە ۋە دېھقاننىڭ كەتمىنىگە ئوخشاش بىرەردىن سايمانلاردۇر ئەمما ۋ ۇجۇدقا چىقىرىش ئىشىنى ڭ ئىگىسى شۈبھىسىزكى، پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىجادكارى بولغان ئاللاھتۇرۇ ئاسترونومىيە ئىلىمىنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەھۋالى بىلىندى بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارى قۇياشنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ناھايىتى تېزلىكتە ئۇچىۋاتقان بىر س ەييارە يۇلتۇزى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق قاناتسىز، موتورسىز، پلوتسىز ۋە ئاۋازسىز ئۇچىۋاتقان بۇ يەرشارى سەييارىسىنىڭ ئۈستىدىكى يولۇچىلار راھەت ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ساياھەت قىلىۋاتماقتا يەرشارى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشقا داۋام قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن قۇ ياشنىڭ ئەتراپىدا تېزلىكتە ئۇچۇشىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئەمما ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇچىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ كېچىلەر، كۈندۈزلەر ۋە مەۋسۇملار بۇ ئىككى ئايلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر يەرشارى قۇياشقا ھازىرقى مۇساپىسىدىن ئازراق يېقىنلاش سا كۆيۈپ ھالاك بولىمىز، ئۇزاقلاشسىمۇ مۇزلاپ ھالاك بولىمىز قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئۈزىۋاتقان يەر شارىلا ئەمەس، بەلكى باشقا سەييارىلەرمۇ باردۇر. بۇ سەييارىلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر سەييارە ئۆزىنىڭ
(1) نەمل سۈرىسى 60 ئايەت - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئوقىدا سەير قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكىپمۇ قالمايدۇ بۇ سىستېما قانچىلىغان مىليون يىللاردىن بېرى ھېچبىر بۇزۇلماستىن، بىرخىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە بۇنداق ئىنچىكە نىزامنى ۋە قانۇنىيەتنى كىم بېكىتتى دۇنيانى جانلىقلار ياشاشقا بولىدىغان ھالغا كىم كەلتۈردى پلوتلىرى ئىچىدە بار تۇرۇپ ئايروپىلانلارنىڭ بەزىدە بىر بىرىگە بەزىدە بولسا تاغلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ۋە بەزى چوڭ شەھەرلەردە ئاپتوموبىل لارنىڭ كۈندە دېگۈدەك بىر بىرىگە ئۇرۇلۇش قازالىرى، بەزىدە قاتناشنىڭ زىچلىقىدىن يوللار تاقىل ىپ قېلىپ قاتناش ۋ اسىتىلىرى قوزغىلالماي سائەتلەرچە ساقلاپ كېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ بى لەن قارار گاھىغا بېرىشتىن كېچىكىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار نەچچە مى ڭ قېتىم يۈز بەرگەن ۋ ە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرغان بىر رېئاللىق بولغان يەردە، سەييارە يۇلتۇزلىرىدىن ئىبارەت بۇنداق چوڭ جىسىملارنى بىر بىرىگە سوقۇشتۇرماس، تىن ياكى بىرەرسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەستىن تەكشى ئايلاندۇرىۋاتقان زادى قايسى ئىلىم پەن بۇزۇلمىغان ۋىجدان ۋە ساپ ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر قانداق ئادەم شۇنداق جاكارلايدۇكى، بۇ سوئاللارنىڭى«ئاللاھ»تۇرۇ تەبىئەت.
جاۋاب: تەبىئەت كائىناتتىكىلەرنىڭ توپلىمى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، كائىناتنىڭ ئىككىنچى ئىسمىدۇر ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچىدىغانلار تەبىئەتكە سېغىنماقتا بۇلارن ىڭ پەلسەپىسى خۇددى پادىشاھقا ئىسيانكارلىق قىلىپ جاللاتتىن مەدەت تىلىگەن ئىسيانكا رنىڭ پەلسەپىسىگە ئوخشاش بىر مەنتىقسىز پەلسەپىدۇر تەبىئەتمۇ ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلار قاتارىدىكى بىر ئەسەر ياكى سەنئەتتۇر سەنئەتكارنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن سەنئەتنى سەن ئەتكار دەۋېلىش ئىزاھنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر قۇياش، سۇ، ئوتيۇلتۇز ۋە باشقا تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنغۇچىلارمۇ مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىش قىسسىسىنى مەزكۇر مەبۇدلىرىغا مەنسۇپ قىلىشتا تەبىئەتكە چوقۇنغۇچىلار بىلەن ئە ينى ئەقىدىگە ئورتاق بولماقتا ناتۇرالىز ( م تەبىئەتپەرەسلى )كبۇتپەرەسلىكنىڭ زامانىۋىلاشقان يېڭى نامىدۇر ئىنكار ماۋزۇسىدا يېڭىلىق يوقتۇر ئاتالغۇلار ئۆزگەرگەن بولىسىمۇ، بۇتپەرەسلەرنىڭ مەنتىق ئۆلچىمى ئۆزگەرگىنى يوق، قانداقلا بىر مەملىكەتتە قانۇنلا بولىدىكەن ئۇنى چىقارغان بېرەر رەئىسي اكى پادىشاھ بولغان بولىدۇ دۇنيادا ھېچبىر قانۇن ئۆزلىكىدىن تۈزۈلۈپ قالمايدۇ چىقىرىلغان ق انۇننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ، شۇ رەئىسنىڭ ياكى پادىشاھنىڭ نوپۇزى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى ھېچبىر قانۇن باشقۇرغۇچىسىسىز ئۆزلىكىدىن يۈرمەيدۇ كائى ناتمۇ كاتتا بىر مەملىكەتتۇر ئۇنى ياراتقان زات ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بېكىتكەن زاتنىڭ ئۆزىدۇر ئۇنى يۈرگۈزۈش ئىشىمۇ ئاشۇ زاتقا ئائىتتۇر ھەر قانداق بىر سەنئەتكار ئۆزىنىڭ ياراتقان سەنئىتىدىن ئەلۋەتتە مۇكەممەلدۇر بۇ ماۋزۇدا، ئۈستەل بىلەن ياغاچچىنىڭ، كىتا ب بىلەن ئاپتورنىڭ ۋە بىنا بىلەن بىناكارنىڭ مىساللىرىنى ئەسكە ئېلىش بىزگە يېتەرلىكتۇر جانلىقلارنىڭ جانسىزلاردىن ئەلۋەتتە ئۈستۈنلىكى بىر رېئاللىقتۇر جانلىقلاردىن ئاجىز بولغان جانسىز ماددىلار ئۆزلىرىنى يارىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە جانلىقلارنى قانداق يارىتالىسۇن ۇ تۇپراققا كۆمۈلگەن ئۇرۇقچە تۇپراق، ھاۋا، سۇ ۋە ئۇغۇتتىن ئىبارەت تۆت ماددا بىلەن ئۇچرىشىدۇ بو ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل ئىدراكتىن مەھرۇم، بىلمەيدىغان، كۆر مەيدىغان ۋە ئاڭلىم ايدىغان، ئۇرۇقنى تونۇمىغاننىڭ ئ ۈ ستىگە، ئۆزلىرىنىمۇ تونۇمايدىغان جانس ىز ۋە ئاج ىز ماددىلاردۇر ئۇرۇقمۇ ئەقىل ئىدراكسىزلىق ۋە باشقا سۈپەتلەردە بۇلار بىلەن ئوخشاشتۇر، ئەمما بۇ ئۇرۇقتىن ئۈنۈپيېتىشىپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئەقىلنى ھەيرانلىقتا قالدۇرىدىغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە گۈزەل بىر سەنئەتتۇر ئۆسۈملۈكلەر زىرائەتلەر، مېۋىلەر ۋە ئوتياشلار يۇقىرىقى 4 خىل ماددىنىڭ ئۆزىدە بولمىغان شەكى، ل، ھەجىم تەم، رەڭ ۋە پۇراقلىرى بىلەن يارىتىلىدۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە ب ىرىگە ئوخشىمايدىغان، نۇقسانسىز يېتىشىپ چىقىدۇ ئەگەر«شەيئىيلەرنى تەبىئەت ياراتقان »دېگەن دەۋا راست بولىدىغان بولسا، ئەقىل ئىدراكسىز ۋە ئىلىم ھېكمەتسىز تەبىئەت بۇلارنى قانداق مەيدانغا چىقىرالىدى.
جاۋاب: تەبىئەت ئۆزلىكىدىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇتلەق كۈچ ئەمەس، بەلكى ئ ۇ تەسىر ئاستىدا قالغان بىر سەنئەت ياكى ئەسەردۇر تەبىئەت ئۆزىگە يېتەكچىلىك ق ىلىدىغان سىرتقى مۇتلەق ئىرادىگە بويۇن ئېگىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ ۋە يېڭى يارىتىلىشلار ئۈچۈن مەيدان ھازىرلايدۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سەنئەت بېرەر بىناغا، بېرەر رەسىمگە ۋ ە بېرەر كىتابقا ئوخشايدۇ«بۇلارنىڭ يارىتىلىشى ئۆزلىرىدىكى شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرىدىن كېلىپ چىق قان » دېگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەبگالىقىنى ۋە نادانلىقىنى ئېلان قىلغۇچىلاردۇر بېرەر بى نا قۇرۇپ چىقىشتا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىلانىنى سىزىش ئۈچۈن ئىننېنېرغا ۋە ئۇنى شۇ پىلان بوي ىچە پۈتتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىناكارغا ئېھتىياجلى ق بولغان يەردە، كائىناتتىكى ھەر بىر س ەنئەت ۋە ھەر بىر مەۋجۇدات ئۆزىنىڭ يارىتىلىشىدا بېرەر ياراتقۇچىغا ئېھتىياجلىق ئەمەسم ۇ ۇ يارىتىلىش دەلىلى پەيلاسو پ كانت (1) ( Kant: ) مۇنداق دېگەن ئىكەن«ئانىسىدىن كور تۇغۇ لغان ئادەم يورۇقلوقنى بىلمىگەنگە ئوخشاش، قاراڭغۇلۇقنىمۇ بىلمەيدۇ بىلىمسىز ئادەم ئۆزى نادان بولغانلىقى ئۈچۈن جاھالەتنى بىلمەيدۇ يوقسۇلنىڭ بايلىقى بولمىغاچقا، ئىسراپچىلىقنى بىلمەيدۇ ھالبۇكى، بىز ئىنسانلاردا ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈگە بار بولغان بىر زات ھەققىدىكى چۈشەنچە باردۇر. ئەگەر ئۇ زات بولمىغان بولسا ئېدى، بۇنداق چۈشەنچىمۇ بىزدە بولمىغان بولاتتى مەلۇمكى، بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىز ۋە ئويلىغىنىمىز باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى دەل
(1) ( ئىمانوۋېل كانت 1724-1804) گېرمانىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ، مائارىپ، دىن، تارىخ قاتارلىق ماۋزۇلاردا ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋىي نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرا قويغان كۆپلىگەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى ئاللاھتۇر» كائىناتنىڭ بىر باشلانغۇچى بولغانلىقى ياكى بولمىغا نلىقى مەسىلىسى ئىنسانلار ئۈچۈن قەدىم ق ى تارىخلاردىن بىرى تەپەككۇر ماۋزۇسى بولۇپ كەلمەكتە مىلا دىدىن بۇرۇنقى 300 يىللىرىدا ياشىغان سوقرات ( (Sokrates ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى، سۆزلىگەندە ياشلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزدى دېگەن تۆھم ەت بىلەن ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن، شۇنىسى ئېنىقكى، تارىخ بويىچە، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن بىلىم ئىگىلىرى: ئىشەنمىگەنلەدىن ھەسسىلەپ كۆپتۇر مەسىلەنAristo Farabi، Leibniz، Kant، Descart، ، ۋە بۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن پەيلاسوپلار بىلىم ئىگىلىرى ئا ۋۋالقى سەۋەب كە ( يەنى ئاللاھقا) ئىشىنەتتى ۋە بۇ ھەقىقەتنى ھەرخىل مېتودلار بىلەن ئوچۇقلايتتى.
جاۋاب: ماددىنىڭ ئەزەلدىن بار بولماستىن، بەلكى كېيىن يارىتىلغانلىق ىنى قارار قىلىدىغان پىكىر ساماۋىي دىنلار بىلەن كەلگەن چۈشەنچىدۇر ماتېرىيالىستىك پىكىردىكى چۈشەنچىلەرنىڭ خۇلاسىسى ماددىنىڭ ئەزەلدىن بار ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ ئۇلار بۇ چۈشەنچىسى بويىچە تەپەككۇر قىلىپ“ئۇنداقتا ئاللاھقا ھاجەت يوق” دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ چۈنكى، ماددىنىڭ بىر باشلانغۇچى بار دېگەنلىك ئۇنى مەيدانغا چىقارغان ب ىر پەيدا قىلغۇچى بار، دېگەن ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ شەرق ۋە غەربنىڭ ئىبنى سىنا، فارابى ۋە باشقا كۆپلىگەن پەيلاسوپلىرى« يوقتىن بار بولۇش »دېگەن تېمىدا بۇ ماۋزۇنى يېتەرل ىك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغان ئۇنى مۇندا ق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇ: كائىناتتىكى ھەر قانداق نەرسە تۇرماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇ پەيدا بولۇش ياكى تۇغۇلۇش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇيېتىشىدۇ، ئۆمۈر سۈرىدۇ، ئاخىرى ئۆلىدۇي اكى باشقا ماددىغا ئۆزگىرىپ تۈگىشىدۇ مەسى لەن: ئىنسان تۇغۇلۇپ ئاخىرى ئۆلىدۇ دەل دەرەخلەر ئاخىرى كۆيۈپ كۈل بولىدۇ ياكى چىرىپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ ئۆسۈملۈ كلەر ئىنسان ۋە ھايۋانلارغا يەم بولۇپ تۈگىشىدۇ جاماداتلارمۇ ئاخىرى باشقا ماددىلارغا ئايلىنى ش بىلەن تۈگىشىدۇ بۇ خۇددىيۇلتۇزلارنىڭ 5 مىليارد يىل ئۆمۈر سۈرۈپ ئاندىن ب اشقا ئاسمان جىسىملىرىغا ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ئوخشاشتۇر ئۆمۈرگە ئىگە بولغان ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچراپ تۇرىدىغان جانلىق جانسىز ھەر قانداق بىر مەۋجۇدات ئۆزىنىڭ بىر باشلانغۇچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى نامايان قىلماقتا دۇن يادىكى ھەرقانداق بىر نەرسە پەيدا بولۇش ياكى تۇغۇلۇش ئارقىلىق يېڭىدىن مەيدانغا كېلىدۇ ئەقىل ۋە مەنتىق بىلەن شۇنداق ھۆكۈم قىلىمىزكى، دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك داۋام قىلغۇچى ئەمەس بىز كۆرىۋاتقان ھەر قانداق نەرسىنىڭ بېرەر باشلان غۇچ نوقتىسى باردۇر. بۇ دېگەنلىك، دۇنيادىكى ھەر نەرسىنى ياراتقان ۋە مەيدانغا كەلتۈ رگەن بىرى بار دېگەنلى، كبولۇپ ئۇ ئاللاھتۇرۇ ئاجايىپ قانۇنىيەت.
جاۋاب: كائىناتتىكى ھەر بىر مەۋجۇدات ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە يارىتىلغان بىز ئىنسانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارغا دىققەت قىلىپ قويمايمىز ۋە ھەر نەرسىنىڭ بۇنداق مۇكەممەل شەكىلدە يارىتىلىشى ھېچقانچىلىك ئاجايىپلىق ئەمەس، بەلكى بۇ شۇنداق تەبىئىي قانۇنىيەت، دەپ ئويلايمىز ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا، ئەھۋال بىز كۈتكەندەك: بولماي قالسا، بىز ئۇنى ئاجايىپ ئەھۋال دەپ سانىغانلىقتىن ئەجەبلىنىپ كېتىمىز مەسىلەن ئىككى باشلىق بىر بوۋاق دۇنياغا كەلسە، تېلېۋىزىيە، گېزىت ژۇرناللار ۋە بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بارچە دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بېغىشلايدۇ تىببىي مۇتە خەسسىسلەر بۇ ھادىسە ھەققىدە پىكىر مۇلاھىزىلىرىنى بايان قىلىشىدۇ، ئادەملەر بۇ كەمتۈك تۇغۇلغان بوۋاققا ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا قانچىلىغان كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئىشلەملەرنىڭ، باسقۇچلارنىڭ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسىدە بۇن داق ساغلام ۋە بېجىرىم تۇغۇلغانلىقلىرىنى كۆرمەيدۇ ۋە ئويلىمايدۇ ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك بېرەر ئىش بولىدىغان بولسا، ئۇ دەل مىليونلىغان يىللار مابەينىدە بۇ مۇكەممەل قانۇنىيەتنىڭ قانداق داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىدۇر بىر: بىئولوگىيە ئالىمى مۇنداق دېگەن ئىكەن« بىر بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى، ئۇنىڭ بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر چۈنكى بوۋاقنىڭ شەكىللىنى شى جەريانىدا ھەركۈنى مەلۇم مىقداردىكى ھۈجەيرىلەر مەلۇم جايلارغا يۆتكىلىپ، ئۆزگىر ىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئىقتىدارىغا كېلىدۇ ھ البۇكى، بۇ ھۈجە يرىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ »چۈنكى، بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئىسپاتلىغاندەك بىزنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە ھۈجەيرىلەردۇر ھەر بىر ھۈجەيرىدە بولغان ماددىلار بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنىڭ شەكلى، كۆزىمىزنىڭ ۋە چ ېچىمىزنىڭ رەڭگى، ئېگىز ياكى پاكار بولۇشىمىز، چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز بولۇشىمىز قاتارلىق ئايرىمچىلىقلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ ھۈجەيرلەردىكى ئەڭ ئاددى بۇزۇقلۇق بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ ھۈجەيرىلەر كۆپ ھاللاردا ئىشلەم خاتالىقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا تۈزىتىلىدۇ بۇنداق كۆپ تەكرارلىنىدىغان خاتالىقلار تۈپەيلى بوۋاق لا رنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ناھايىتى چوڭدۇر مىليون لارچە قېتىم بۇنداق خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ شەپقىتى بىلەن ئى شلەملەر قاي تا تۈزىتىلىپ، ھەر ئىش ئۆز يولىغا كىرىپ تۇرىدۇ ئاقساقلىق، چولاقلىق، كورلۇق، پاڭلىق ۋە باشقا ھەرخىل كەمتۈكلۈكلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلارنى كۆرىمىز ئىنسانلار ئارىسىدىن مىڭدىن بىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شۇ جىسمانىي كەمتۈكلۈككە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلار بولما يدىغان بولسا، بىز كەمتۈكسىز، ساق ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ شۇنداق قانۇ، نىيىتى ئۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلغان بولاتتۇق ئەمما ئۇنداق ئەمەسۇ ئەگەر بۇ ئىشلار تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بەزى بوۋاق ل ر كەمتۈك تۇغۇلىدۇ ئاللاھ تائالا جىسمانىي تەرەپتىن كەمتۈك ئىنسانلارنىمۇ يارىتىشى ئارقىلىق ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى دېگۈچىلەرگە ئەجەللىك رەددىيە بەرمەكتە ۋە«سېنىڭم ۇ شۇنداق كەمتۈك تۇغۇل ىشى ڭ مۇمكىن ئېدى، ئەمما كەمتۈك بولمىدىڭ، ساغلام تۇغۇلدۇڭ ئۇنۇتمىغىنكى ئۈستۈڭ دىكى نېمەتلىرىم كۆپتۇر» دېمەكتە - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى تاسادىپىيلىق.
جاۋاب: ، مەلۇمكى، تاسادىپىيلىق دېگەن نە نىزام نە سسىتېما بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ۋە ئۇشتۇمتۇت مەيدانغا چىقىدىغان نادىر ھادىسە دېمەكت ۇر ئىنساننى مىسال قىلايلى: بىر ئىنساندا 208 پارچە ئۇستىخاننىڭ بولىدىغانلىقىنى تىببىي مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىمەكتە ئەگەر ئىنساننىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى تاساد ىپىيلىق بىلەن، بولىدىغان بولسا بىر ئىنساننىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى يەنە بىر ئىنساننىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسىغا ئوخشىمىغان بولماسمىدى تاسادىپىيلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇشتۇمتۇت ھادىسە ھەمىشە ۋە ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بولىۋېرەمدۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر بىر بوۋاق، ئۆزىنىڭ ئاۋازى، بارماقلىرىنىڭ ئىزلىرى، سىماسى سۆزلەش ئۇسۇلى ۋاھاكازا بىر قانچە جەھەتتىن يەنە بىرسىدىن پەرقلىق بولۇپ تۇرۇ، پ ئۇنىڭ بىرخىل پىلاندا يارىتىلىشى تاسادىپىلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماق تا پروفېسسور جاك كۇيس يارىتىلىشتا تاسادىپى لىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە: « ئەگەريەر يۈزىدە ھاياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئېھتىمال ھېسابلارغا باغلايدىغان بولساق بىزنىڭ مەۋجۇد بولىشىمىزنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز »دېگەن ئامېرىكىلىق پروفېسسور مېخائىل ھارت ئېھتىماللىق ھېسابى بىلەن بېرەر جانلىقنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە تاسادىپىيلىق يولى بىلەن ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنساننىڭ مە يدانغا كېلىشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلىغان يۇقىرىقى ئىككى ئالىم: شۇنداق بىر ئوچۇقلاش بىلەن سۆزىنى تاماملىغان” ئىلىم ۋەقەلىكلەرنىڭ«نېمە ئۈچۈن» لىرى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى«قانداق »ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش دېمەكتۇر بىز بىلىم ئادەملىرىمىز ئەڭ كىچىك مەۋجۇداتتىن ئەڭ چوڭىغىچە ئاتومدىن يۇلتۇزلارغىچە سوزۇلغان پۈتۈن كائىنات ئەڭ مۇكەممەل بىر نىزام، خارىقى ئادەت بىر سىستېما بىلەن تۇرماقتا ئۇنىڭ ئ ۈ ستىگە بۇ كائىناتنىڭ ئەقىلنى مەس قىلىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلىرى كۈنسېرى ئاشماقتا «قولىڭىزدىكى تەڭگە پۇلنى بىر مىليون قېتىم ھاۋاغا ئاتسىڭىز ۋە بۇ پۇل ھەر قېتىمدا ئەينى يۈزى بىلەن چۈشسە، شۇ ۋاقىتتا تاسادىپىيلىققا ئىمكانىيەت بار دېمەكتۇر »دېگەن بىر تەبىئىي پەن ئالىمى ئىلىمنىڭ تاسادىپىيلىقنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئوچۇقلايدۇ ۋىجدان ۋەدىن.
جاۋاب: بەزى پەيلاسوپلار ۋىجداننىڭ دىننىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، زامانىمىزدا بۇ نەزىرى يىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان چۈنكى ئىنسانلاردا يارىتىلىشتىن بېرى مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن«ۋىجدان » دەپ ئاتالغان بىر كۈچنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ كۈچ بىلەن ياخشى ياماننى، توغرا خاتانى ئايرىۋالالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمما بۇ كۈچنىڭ، تەلىم تەربىيىلەر بىلەن كۈچلەنگىنىدەك ناچار ئادەتلەر يامان دوستلار ۋە سەل بىي جەمئىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئاجىزلىشىدىغانلىقى، ھەتتا يوقىلى پ كېتىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت ۋىجداننىڭ ھەركىمدە ئوخشا ش سەۋىيىدە بولمايدىغانلىقىمۇ بۇنىڭ مىسالى، ئەگەر ۋىجداننىڭ بولغانلىقىلا كۇپايە قىلىدىغان بولسا بىراۋغا قىلىپ قويغان كىچىككىنە ب رى شەپقەتسىى زلىك ياكى ئاددىغىنە بىر خاتالىقى ت ۈپەيلى بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان ئىن سانلار بى لەن ئازراق مەنپەئەت يۈزىسىدىن ئادەم ئۆلتۈرىدىغان، ئۆز يارانلىرىنى سېتىۋېتىدىغان سېتىۋاتىدىغان ئىنسانلارنىڭ ھالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىش كېرەك دۇنيادا شۇنداق ۋ ەھشىي ئىنسانلار كۆر ىلىدۇكى، ئۇلاردا يەرلەشكەن ناچارلىق ۋە خەسىسلىك تۈپەيلى ئۇلاردا «ۋىجدان » دېگەن نەرسە يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلانغان «، ياخشى بىر ۋىجدانغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، دىنىي تەربىيىدە ۋە ئەخلاقتا يۈكسەلگەن دىيانەتلىك بىر جەمئىيەتتە ياشاش كېرەك ۋىجدان ئۆزى يالغۇزلا ئىنسانغا نە يارىت ىلىشنىڭ مەقسەتلىرىنى، نە توغرا خاتانى، نە ياخشى ياماننى ئايرىپ بېرەلمەيدۇ ۋىجداننىڭ يولىد ىن ئازماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىگە يول كۆرسىتىدىغان بېرەر رەھبەرگە مۇھتاجدۇر بۇ رەھ بەر بولسىمۇ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ دىنىدۇر » دېگەنJane Jecuse نىڭ بۇ سۆزلىرى نېمە دېگ ەن توغرا ئېيتىلغان دېمەككى، توغرا يوسۇندا ھەقىقىي دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيە ئالغان ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن چوقۇم مەنئى قىلالايدۇ ۋە گۈزەل ئەخلاق دائىرىس ىدە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ قىسمەن دىندارلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچ ارلىقلار ئۇلاردا توغرا دىنىي تەربىيىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەكس ئېتەلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى يەرشارىلىشىش ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى.
جاۋاب: يەرشارىلىشىش ئاتالغۇسىنى كىشىلەر ھەرخىل تەبىرلەر بىل ەن شەرھلىمەكتە بەزىلەر ئۇنى« مىللەتلەر، دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توسقۇنلارنى ۋ ە مۇساپىلەرنى ئېلىپ تاشلاش» دەپ شەرھلىسە، بەزىلەر« دۇنيانى كىچىك بىر شەھەرگە ئايلاندۇرۇش» دەپ شەرھلەيدۇ شۇڭا فرانسىيىلىكلەر يەرشارىلىشىش ئاتالغۇسىنى ( Mondialisition ) دەپ ئات ( سا، ئامېرىكىلىقلارGlobalization ) دەپ ئاتايدۇ.
جاۋاب: يەرشارىلىشىش ئېقىمى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا بىر نەرسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى ھەم مىگە ئومۇملاشتۇرۇش دېگەن مەنىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، قايسىبىر شەھەر ۋە قايسىبىر دۆلەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
جاۋاب: يەرشارىلىشىشنى بەزى ئۆلىمالار مۇستەملىكىنىڭ يېڭى ئاتالغۇسى دەپ شەرھلىگەن چۈنكى زامانىمىزدىكى يەرشارىلىشىش ئېقىمى كۈچلۈكلەرنىڭ پايدىسىغا ۋە ئاجىزلارنىڭ ھالاكىتىگە، بايلارنىڭ تېخىمۇ چوڭى يى شىغا، نامراتلارنىڭ تېخىمۇ نامر ات بولۇپ كېتىشىگە شەرت– شارائىت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىدۇ چېلىشىشقا كىرگەن بەستلىك ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمىغ ان ئۇرۇق، ئاجىز ئادەمنى يىقىتى پ تاشلىشى تۇرغان يەردە كاپىتالىست بىلەن ئاددى بىر سودىگەر قانداقمۇ رىقابەت مەيدانىغا چۈشەلىسۇن ۇ يەرشارىلىشىش نامى بىلەن تىجارەت، ئىقتىساد، ئىمپورت، ئېكسپورت ياكى مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىش چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلى ق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەرلىك خەلقنىڭ يەۋاتقان نېنىنى ئەجنەبىيلەرگە تارتىپ ئېلىپ بەرگەنلىك، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى يوق قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىغا ئوخش ىغان پەن تېخنىكا، تەشۋىقات، ئېلان، كۈچ– قۇۋۋەت ۋە بايلىق تەرەپلەردىن ئۈستۈن دۆلەتلەرن ىڭ ئالدىدا ھەر تەرەپتىن ئاجىز ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى قوللىرىدىكىنى تارتقۇزۇپ قويۇ شتىن باشقا نېمە قىلالايدۇ ۇ يەرشارىلىشش بىلەن ئالەمشۇمۇللۇقنىڭ پەرقى.
جاۋاب: يەرشارىلىشش بىلەن ئالەمشۇمۇللۇق ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار چۈنكى ئالەمشۇمۇللۇق باراۋەرلىكنى تەقەززا قىلسايەرشارىلىشىش مۇئەييەن بىر دۆلەتتىكى مەلۇم بىر مەدەنىي ەتنى ياكى قانداقلا بىر تۈزۈمنى باشقا دۆلەتلەرگە تېڭىش ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئىسلام دىنى ئالەمشۇمۇل بىردىن ئۇنىڭدىكى ئالەمشۇمۇللۇق پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ھۆرمەتتە، ھەق– ھوقۇقلاردا باراۋەرلىكىنى، ئۆز گىچىلىكلىرىنى تونۇش ۋە قوغداشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىدۇق﴾(1) د ېيىش ئارقىلىق ئىنسان ئۇرۇغىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنى ئىزاھلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇ نداق دېگەن: «، ئى ئىنسانلارۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، )ئاتاڭلار (ئادەم ئەلەيھىسسالام) بىر ئەرەبنىڭ ئەجەمگە (ئەرەب ئەمەس مىللەتلەرگە، ئەجەمنىڭ ئەرەبكە ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىككە، قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىككە ھېچقانداق ئۈستۈنلىكى يوق، پەقەت تەقۋا دار بولغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك بولىدۇ»(2) بۇ ھەدىس ئەينى ۋاقىتتا قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ پىرىنسىپ ىنى ئىزاھلىغان: ﴿ ئى ئىنسانلارۇ سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئبارەت ) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر﴾(3) قۇرئان كەرىم بۇ ئايەت ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك باراۋەرلىكنى ئېلان قىلغان، مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان ۋ ە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى«نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق »قىلىپ ياراتقانلىقىنى ئېتىراپ ق ىلغان ئىسلام دىنىنىڭ خۇسۇسىيەتلەر ۋە ئۆزگىچىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، كىملىكىنى ۋە ئۆزگىچىكىلىكىنى يوق قىلىۋېتىشىغا يو ل قويماسلىقنى قارارلاشتۇرغانلىقىدۇر ئىسلام دىنى ھەر بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەندەك، ھايۋانلار ئالەمىدىكى ھايۋان تۈرىنىڭمۇ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«ئى تلارمۇ باشقا ئۇممەتلەرگە ئوخشاش بىر ئۇممە ( ت، خەلق) بولمىسا ئىدى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمر قىلغان بولاتتىم»(4) دېگەن سۆزى ئىتلارنىڭمۇ ياشاش ھەققىنى تونۇغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭمۇ مەۋجۇدلىقى قوغدىلىدىغان مەخلۇقات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى ئىدى بۇ ھەدىس ئاللاھت ائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى﴿ مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئ ۇ ممەتلەردۇر﴾(5 ) دېگەن ئايەتنى ئىزاھلايدۇ ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش زۆرۈر بولغان يەردەيەر يۈزىنىڭ خو جايىنى قىلىپ يارىتىلغان ھۆرمەتلىك ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى قوغداش زۆر ۈر ئەمەسمۇ ۇيەرشارىلىشىش مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگىچىلىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇشنى غايە ۋە مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي (1) ئىسرا سۈرىسى 70 - ئايەت (2) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى (3) ھۇجۇرات سۈرىسى 13 - ئايەت (5) ئەنئام سۈرىسى 37 - ئايەت - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى تۈزۈملىرىنى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە، خۇسۇسەن ئىسلام ئەللىرىگە تېڭىشقا تىرىشىۋاتقىنىغا ئوخشاش بۇنداق قىلىش باراۋەرلىكتىن سانالمايدۇ بۇ ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان قېرىنداش لارچە مۇئامىلىمۇ ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەقىقانىيەتچىلەر ئارمان قىلىدىغان ئوخشاشنىڭ ئوخشاشقا قىلىدىغان مۇئامىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى خوجايىننىڭ خىزمەتچىسىگە، كۈچلۈكنىڭ ئاجىزغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىدۇر، بەس ئەمما دېمۇكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش بۇن ىڭدىن مۇستەسنا چۈنكى دېمۇكراتىيە ئۈچ ىنچى دۇنيا ئەللىرى ئارزۇ قىلىپيېتەلمەي كېلىۋاتقان بىر ئارمان بىر دۆلەتنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكى باشقا بىر دۆلەتكە ياكى بىر مىللەتكە، ئومۇملاشتۇرۇلغاندا باشقىلارنىڭكىنى ئۆزلىرىگە ئومۇملاشتۇرغان مىللەتنىڭ ياكى دۆ لەتنىڭ ئۆزگىچىلىكى تەدرىجى ھالدا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش نەتىجىسىدە، ئاخىرى پۈتۈنلەي يو قىلىپ تۈگەيدىغانلىقى تەبىئىيدۇر بۇ ئاخىرقى ھېسابتا مىللەتنى يوق قىلغانلىقتۇر.
جاۋاب: مىسىردىكى ئەزھەر ئىلىم يۇرتى، مەككىدىكى ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى، ئىران، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار، ۋاتىكان خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭدىن ئادەملىرى يەرشارىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ سەلبىي ئېقىمغا قارشى تۇرۇشتا بىرلەشكەن چۈنكى ئۇلار بۇ ئېقىمنىڭ ئىمان، ئەخلاق پىرىنسىپ لىرىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى قۇل قىلىشىغا، چوڭ بېلىقلارنىڭ كىچىك بېلىقلارنى يەپ تۈگىتىشكە شەرت– شا رائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان خەتەرلىك ئېقىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان (1)
سىكۇلارىَم ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى.
جاۋاب: ئىنگىلىز تىلىداSecularism، ئەرەب تىلىدا«الملمانيوس »د ەپ تەلەبپۇز قىلىنىدىغان دىننى سىياسەتتىن ئايرىش ئېقىمى 16 – ئەسىردىن كېيىن ياۋروپا جەمئىيىتىدە تەدرىجىي ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئېقىمدۇر سىكۇلارىزم بىلەن ئاتېئىزم ئىككىسى قوشكېزەك بولۇپ، ھ ەر ئىككىسى بىر زاماندا مەيدانغا چىققان ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ چىقىش سەۋەبى ھەم مۇددىئاسى بىر- بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
جاۋاب: سىكۇلارىزم ئېقىمىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان بىردىنبىر سەۋەب ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ياۋروپا خ رىستىئان چىركاۋلىرىنىڭدىن نامى بىلەن خەلقنى مى سلىسىز دەرىجىدە ئېزىشى ۋە ئۇلارغا ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم سېلىشى سەۋەبلىك خەلقنى دىندىن نەپرەتلەندۈرۈۋەتكەن لىكى ئىدى: بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرا ئەسىرلەر دىكى ياۋروپا جەمئىيىتى.
جاۋاب: ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا جەمئىيتى دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ياۋروپادا يېگانە ھاكىمىيەت ماقامى بولىۋالغان خرىستىئاندىن ئادەملى رىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى ياۋروپانىڭ خرىستىئان چىركاۋلىرى ئەينى زامانلاردا جاھالەت بى لەن خۇراپاتنىڭ بىردىنبىر مەنبىئى ئىدى بىرىنچى: دىنىي ئېتىقاد (1 ) ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش ئەقىدىسى خرىستىئانلارنىڭ ئاللاھ، ئىسا ۋە مۇقەددەس روھ ئۈچى، بىر ئىلاھنى تەشكىل قىلىدۇ دەيدىغان سەپسەتىسى ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر خۇراپاتتۇر ئۇلار ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمۇ ھەقتۇر، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ بىر- بىرىگە قارىمۇقار شى سۆز چۈنكى ئىلاھتا ئۈچلۈك بولغان يەردە ئۇنى بىر دېيىشكە يول قالمايدۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ تونۇشتۇرغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ئىنجىل تېكىستلىرىمۇ كۆپ«ئىسا ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېدى” سېنىڭ ھەقىقىي يالغۇز بىرلا ئىلاھ ئىكەنلىكىڭنى ۋە مېنىڭ سەن ئەۋەتكەن ئەلچى ئىكەنلىكىمنى تونۇغانلار ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ ھايات مەڭگۈلۈكتۇر” »(1) مىلادىيە - يىلى شەرقىي رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئەمرى بىلەن چاقىرىلغان«نىقىيە » قۇرۇلتىيىدا، خرىستىئان دۇنياسىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك قارارى بىلەن يۇقىرىقى ۋە بۇنىڭدىن باشقا خۇراپىي ئەقىدىلەر قانۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى
(1) ئىنجىل يۇھەننا 17 - - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى (1 ) خرىستىئانلارنىڭ« كرېست» ئېتىقادى خرىستىئانلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە، ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتە يېيىش چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يەپ قويۇپ، خاتالىق سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئا دەم ئەۋلادلىرىنى جازالايدۇ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەپقەتلىك بولسىمۇ، ئادالەت ب ىلەن شەپ ق ەتنى بىرگە ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، ئۇ بەندىلىرىنى ئادەم ئەلەيھىسسالام س ادىر قىلغ ان بۇ خاتالىقنىڭ گۇناھىدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوغلى بولغان ئىسانى قۇربان قىلىشنى تال لىغان شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ تائالا ئوغلى ئىسانى ئادەم شەكلىدە دۇنياغا ئەۋەتى پ، ئۇنى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ياشاتقاندىن كېيىن، ئىنسانىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش يولىدا ئۇنى« كرېست» قا مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزگەن
(2) ئاللاھ نامىدىن گۇناھلارنى كەچۈرۈ ۋرېتى ش ئېتىقادى خرىستىئان چىركاۋلىرىدىكىدىن ئادەملىرى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ھېسابلىغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ماددىي بەدەل ئارقىلىق ئاللاھ نامىدىن كەچۈرىۋېتىدۇ شۇڭا خرىستىئانلار قانچىلىك چوڭ گۇناھلارنى ۋە ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلسىمۇ، پۇل بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھتىن پاكلانغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىدۇ 1896 - يىلى رومادا چاقىرىلغان چوڭ قۇرۇلتايدا خرىستىئاندىن ئادەملىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ نامىدىن كەچۈرەلەيدىغانلىق ھەققى رەسمىي تۈردە كۈچكە ئىگە قى لىنغان ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خرىستىئاندىن ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق ھەققى بارلىقىنىدە ۋا قىلاتتى ۋە ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلاتتى شۇڭا ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى خرىستىئان چى ركاۋلىرى كىشىلەرگە«را ف غۇن (كەچۈرۈم) بېلىتى »دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس بىلەتلەرنى مەجبۇرى ساتاتتى ئۇلارنىڭ گۇمانىچە، بۇ بىلەتلەردىن قانچىلىك كۆپ ئالغان كىشىنىڭ شۇنچىل ىك كۆپ گۇناھى كەچۈرىلەتتى
(3) ئىبادەت سىستېمىسى خرىستىئانلارنىڭ ئاخشاملىرى نان بىلەن ھاراق ئىستېمال قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى سانىلىدۇ خرىستىئاندىن ئادەملىرىنىڭ گۇمانىچەيېيىلگەن نان ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ گۆشى، ئىچىلگەن ھاراق ئۇنىڭ قېنىدۇر
(4) خرىستى ئاندىن ئادەملىرىنى خاتالىقلاردىن پاك دەيدىغان ئېتىقاد رومادا 1896 - يىلى چاقىرىلغان چوڭ قۇرۇلتايدا، خرىستىئاندىن ئادەملىرىنىڭ خاتالىقلاردىن مەسۇم ۋە گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارغا قانداقلا بىر ئىش، تا ئۇنىڭ“نېمە ئۈچۈن”لىكىنى سورىماستىن ئىتائەت قىلى شنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى رەسمىي تۈردە قارار لاشتۇرۇلغان شۇڭا ئۇلارغا قارشى چىقىش جىنايەت ۋە دىندىن چىق قانلىق ھېسابلىنىدۇ
(5) خرىستىئانلاردىكى تەركىيدۇنيالىق خرىستىئان راھىبلىرى ۋە راھىبەلىرى ئومۇمىي ھايات ساھەسىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ھالدا، چىركا ۋدا خىزمەت قىلىشقا بەلگىلىنىدۇ، ئۇلاردا تۇرمۇش قۇرۇش بولمايدۇ. بۇ خىل ئادەت ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىلەردىن ۋە ئائىلە ھاياتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىستەكلىرىنى پەقەتلا بوغۇپ تاشلىماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك، چىركاۋلاردا زىنا– پاھىشىلەرنىڭ كۆپىيى گ شىە سەۋەب بولغان چۈنكى ھەقىقىيدىن ئىنسانلارنىڭ نەپسىي ئىستەكلىرىنى پەقەتلا بوغۇۋېلىش ئەمەس، بەلكى يوللۇق ھالدا قوللىنىشقا چاقىرىدۇ ئىككىنچى: ئىقتىسادىي تۈزۈم ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ياۋروپا خەلقى بۇرژۇئازىيە تۈزۈمى سايىسىدا ياشايتتى ئەينى ۋاقىتتىكى خرىس تىئان چىركاۋلىرى خەلقنى ئېزىشتە يەرلىك بۇرژۇئازىيە كۈچلىرى بىلەن بىر ئىدى بەلكى بۇرژۇئازىيە كۈچلىرىنى باشقۇراتتى چۈنكى ھاكىمىيەت چىركاۋلارنىڭ قو لىدا ئىدى خەلقنىڭ پۈتۈن بارلىقى ۋە يەر– ماكانلىرى، ھەتتا تېرىلغۇ يەرلىرىمۇ چىركا ۋنىڭ ئىگىلىكىدە بولۇپ، دېھقا نلار، چارۋىچىلار ۋە سانائەتچىلەر پەقەت چىركاۋنىڭ ھېساب ىغا ئىشلەيتتى، چىركاۋ بەرگەننى يەيتتى، بەرمىگەننى تەلەب قىلىش ھەققى يوق ئىدى ئىشچىلارغا بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ئىش ھەققى بولمايتتى شۇ ۋاقىتتىكى ياۋروپا جەمئىيىتىدە ئىنسانلار خوجايىنلار ۋە ق ۇ للاردىن ئىب ار ەت ئى ككى تەبىقىگە بۆلۈنەتتى خوجايىنلاردىن ئادەملىرى بىلەن بىر ئۇچۇم بۇرژۇئازىيە كۈچلىرىنى قۇللار ئومۇم خەلقنى تەشكىل قىلاتتى شۇ سەۋەبتىن خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى پې قىرلىق ۋە مۇھتاجلىق ئىچىدە ئۆمۈر سۈرەتتى ئۈچىنچى: سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم (1 ) ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ياۋروپادا ھاكىمىيەت مۇتلەق خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ قولىدا بولغانلىقتىن، سىياسەتلەرنى شۇلار ئۆزلىرى بەلگىلەيتتى چىركاۋلاردىن نا مى بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرەلگۈسىز ئېغىر سېلىقلارنى ۋە باجلارنى بەلگىلەيتتى بۇرژۇئ ازىيە كۈچلىرىدىن ئاد ەملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلقنى سۆمۈرەتتى (2 ) خرىستىئان چىركاۋلىرى قانداقلا بىر ئىلىم– پەنگە ۋە تەرەققىياتقا جېنىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرۇپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى چىدىغۇسىز ئازاب– ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلاتتى چىركاۋنىڭ مۇستەبىدلىكىگە قارشى چىققان ياكى ئىلىم– پە نگە يول ئالغان ياكى بىرەر ئىلمىي كەشپ ىياتنىڭ ئارقىسىدىن يۈرگەن كىشىلەرنى ھايات قالدۇرماسلىق خرىستىئان چىركاۋلى رىنىڭ ئالدىنقى پىرىنسىپى ئىدى زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئالىم گالىلى گالىلىيونىڭ شۇ سەۋەبلىك كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆ لۈمگە بۇيرۇلغانلىقىمۇ بۇنى ڭ بىر مىسالى چىركاۋلار خەلقنى ھەدەپ جاھالەت بىلەن قالاقلىققا ئىتتى رگەن بولۇپ، قارشى چىققانلارنى جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئەڭ ئېغىر جازالارغا تارتاتتى 1487 - يىلى ئىسپانىيىدە قۇرۇلغان«تەپتىش مەھكىمىلىرى »مۇ چىركاۋلارغا ق ارشى چىققۇچىلار ب ىلەن ياۋروپا بۇددىستلىرىنى جازالاش ئۈچۈن قۇرۇلغان شۇۋاقىتتا“تەپتىش مەھكىمىلىرى”نى ڭ مىڭ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇلاردىن 32 مىڭىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان چېركاۋلارنىڭ زۇلۇملىرىنىڭ نەتىجىسى.
جاۋاب: : بۇ زۇلۇملار تۆۋەندىكىلەرگە سەۋەب بولدى (1 ) خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭدىن نامى بىلەن ياۋروپا خەلقىگە قىلغان ھەددىدىن ئاشقان - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ياۋروپا خەلقى ئەسىرلەرچە قاراڭغۇلۇق، جاھال ەت، قاششاقلىق ۋە نادانلىقتا ئۆمۈر سۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان ۋە ياۋروپا خەلقىنىڭ ھايات سۈرىشى ئۈچۈن ساناپ بولالىغۇسىز شەرتلەر ۋە چەكلىمىلەرنى بەلگىلىگەننىڭ سىرتىدا، ئۇلارنىڭ ھايات ساھەسىدىكى پۈتۈن تەقدىرىنى قولىغا ئېلىۋالغان خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيى تىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى بۇ ئۇچىغا چىققان زۇلۇملىرى، ئازاب– ئوقۇبەتلىرى ۋە ھەقسىزلىكلىرى خەلقنى ياشاشتىن زىرىكتۈرگەندەك، ئۇلارنى دىندىن قاتتىق نەپرەتلەندۈرىۋەتكەن ئىدى شۇ سەۋەبتىن ئۇلاردا دىننىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە دىنىي بېسىم دارلارنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن ھايات كەچۈرۈش ئارزۇسى تۇغۇلغان بۇنىڭغا چاقىرغۇچىلار مارتىن لۇسېر، دېكارت، ۋولتېر ۋە باشقا پىكىر ئىگىلىرى ئىدى 1789 - يىلى تۇنجى بولۇپ فرانسىيىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارقا– ئارقىدى، ن قوزغىلىشقا باشلىدى ۋە ئاخىرى غەلىبە قىلىپ خرىستىئاندىن ئادەملىرىنىڭ زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدى بۇ ئىجابىي نەتىجە (2 ) دىن نامىدىن تۈرلۈك ئازاب– ئوقۇبەتلەرنى كۆپ تارتىپ دىندىن زېرىكىپ، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ كەتكەن ياۋروپا خەلقنىڭ كۆڭلىدە، ئۇلارغا زۇلۇم قىلغ ان چىركاۋلارنىلا، ئەمەس بەلكى دىننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتەك يېڭى پىكىر ئېقىمى بىلەن دىنسىزلىق روھىن اھايىتى تىز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى شۇنداق قىلىپ ئۇلاردا ئېتىقاد جەھەتتە ئاتېئىزم پىكرىAteisim، قانۇن– تۈزۈمدەSecularism ئېقىمى مەيدانغا چىقىپ ئەمەلگە ئاشۇ رۇلدى بۇ سەلبىي نەتىجە Secularism ئاتالغۇنىڭ سى كېڭەيگەن مەنىسى Secularism دېگەن ئاتالغۇ دەسلىپىدە چىركاۋلارنىڭ ئىگىلىكىدە بولغان يەر– جاي ۋە تېرىلغۇ زېمىنلەرنى ۋە دىنىي ھاكىمىيەتنى دىنىي بولمىغان ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان بو، لۇپ ئۆز ۋاقتىدا شۇ ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى كېيىنچە بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللۇنۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، جون ھوليۇكJ.H دېگەن كىشىSecularism: ئاتالغۇسىنى” ئىنساننىڭ ئەھۋالىنى ئىمان مەسىلىسىگە باغلىماستىن، ماددىي يوللار ئارقىلىق ئىسلاھ قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشى نىش” دەپ چۈشەندۈرگەن (1) ئەمما بۇ تەرىپ كۆپلىگەن مۇتەپەككۇرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان بولۇپ، ئۇلارSecularism ئاتالغۇسىنى” دىننى دۆلەتتىن ئايرىش” يەنى چىركاۋلارنى مەركەز قىلغان دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى دۆلەت سىياسىتىدىن ئايرىش ( Sparation of chuch and state، ) دېگەن مەنىدە تەرىپلىگەن بولۇپ بۇ تەرىپ شەرق ۋە غەرب دۇنياسىدا بىردەك كەڭ تارقالغان ئومۇمىي تەرىپتۇر بۇ تەرىپ بىلەنSecularism سىياسىي ساھەگىلا خاس بولىدۇ بەزى ھالەتلەردە ئىقتىسادىي ساھەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (2)
(1) ئىلمانىيە تەھتەل مىجھەر 12 - بەت
(2) بەندەر ئىبنى سالىھنىڭ«ئەل ئىلمانىيە»، «ئەل ئىلمانىيە تەھتەل مىجھەر » ناملىق ئەسەرلىرىسىن Secularism ئېقىمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى.
جاۋاب: Secularism د ىن ئىبارەت پىكىر ئېقىمى كېيىنچە، دىندىن يىراق تۇرۇش، دىننى كىشىلەرنىڭ شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ھاياتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، پەقەت مەسجىدي اكى چىرك اۋلارغىلا خاس بولغان مەنىۋى ئالاقە قاتارىدا كۆرۈش دەۋرىگە ئۆتتى شۇ سەۋەبتىن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئومۇمەن دىننىڭ روھىنى ئەمەلىي ھايا تىدا ياشى تىش روھىدىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ قالغان ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىمۇ، دۇئالىرىمۇ، دىنىي پائالىيەتلى رىمۇ چىركاۋلاردىلا بولىدۇ. ئەمما ئاتا– ئانىسى ياكى ئەجدادلىرى خرى ستىئان بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەنلا ئۆزلىرى ئىختىيارسىز ھالدا خرىستىئان دىنىغا مەنسۇب بولۇپ قالغان بولسىمۇ بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار دۇنيادىكى خرىستىئانلار سانىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ كىشىلەرنى خرىستىئان دىنىدىن نەپرەتلەندۈرۈشى سەۋەبلىك ياۋروپالىقلاردا دىنسىزلى ق روھى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئورۇن ئالغانكى، چىركاۋلارغا بېرىپ تۇرىدىغان شۇ ئىنتايىن ئاز س اندىكى خرىستىئانلارمۇ بۇ ئىشنى بىر خىل ئەنئەنە ئورنىدا كۆرىدۇ مۇسۇلمانلار Secularismتۈزۈمىگە مۇھتاج ئەمەس.
جاۋاب: مۇسۇلمانلار ياكى ئىسلام دۇنياسى دىننى سىياسەتتىن ئايرىشنى تەقەززا قىلىدىغان Secularism تۈزۈمىگە ئەسلا مۇھتاج ئەمەس چۈنكى ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ توغرا ئەقىدىسى ۋە ئىلغار شەرىئىتى بىلەن ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئال، غان ھاكىمىيەت تۈزۈمى ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ جەۋھىرىنى تەشكىل قىلغان، ئىنسانلارنىڭ - مەيلى ئۇلار مۇسۇلمان بولسۇن ياكى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلسۇن– ھەممىسىنىڭ ب ەختلىك ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ئۆمۈر سۈرۈشىگە كاپالەت قىلغان، تەرەققىياتقا، ئىلىم– پەنگە ق اتتىق تەشەببۇس قىلىدىغان، ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل بىر دىندۇر ياۋروپا خەلقى مۇستەبىت چىركاۋلارنىڭ بېسىمدارلىقىدىن قۇتۇل غاندىلا ھاياتلىقنىڭ تەمىنى تېتىيالىغان بولسا، مۇسۇلم انلار ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن يىراقلاشقان، سىياسەتنى باشقىلارغا بېرىپ قويۇپ ئۆزلىرى تەركىيدۇنيالىقنى تاللىۋالغاندىن كېيىنلا خار– زەبۇنلۇق، ئاجىزلىق، ئېزىلىش، مۇ ستەملىكە قىلىنىش، كۈچلۈكلەرگە بېقىنىش، ئۆزلى رىنىڭ ھەق– ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولۇش، باش قىلار سىزىپ بەرگەن ئەندىزە ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇش قاتارلىق بەختسىزلىكل ەرگە گىرىپتار بولدى خرىستىئانلارنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ۋە خورلۇقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دىننى ھاياتلىق ساھ ەلىرىدە تولۇق جارىي قىلدۇرالمىغانلى، قتىن ئەجدادلىرىنىڭ ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئالتۇن دەۋرلىرىدىكىگە ئوخشاش تە تبىق قىلالمىغانلىقتىن بولغان.
جاۋاب: مۇسۇلمانلارنىڭ خرىستىئانلار مۇھتاج بولغانSecularism تۈزۈمىگە مۇھتاج: ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە (1 ) ئىسلام دىنىدا خرىستىئان دىنىدا بولغىنىدەك«دىن ئادەملىرى» دەپ ئاتىلىدىغان دىنىي - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى بېسىمدار سىنىپى يوق ئۆلىمالار ئەلنىڭ مۇئەللىملىرى ۋە ھەقسىز خىز مەت قىلىدىغان كىشىلىرىدۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولغانلار ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ تونۇيدۇ ئىسلام تارىخىدىكى ئۈلگىلىك خەلىپىلەردىن باشلاپ ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىكى ئىش باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ ئەمەۋىيلەر خەلىپىسى مۇئا ۋىيەنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن ئەبۇ مۇسلىم خۇلانىي خەلىپىگە” ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى خىزمەتكارۇ” دەپ سالام بەرگەندە، خەلىپىنىڭ ئۇنىڭدىن خوشلانغانلىقىمۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىش باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىدىمۇ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خىزمەتك ارى دەپ تونۇيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر (1) (2 ) ئىسلام دىنىدا مۇقەللىد ( ئاتا– ئانام مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مەنمۇ مۇسۇلمانلىققا مەنسۇپمەن) دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى قوبۇل ئەمەس بۇنىڭدا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ق ەدىمدىن ھازىرغىچە بىردەك ئىتتىپاقتۇر چۈنكى ئىمان تەقلىد بىلەن بولمايدۇ بەلكى ھەركىم ئاللاھنى ڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى تونۇپ، ئۆز ئەركىنلىكى ۋە مۇتلەق ئىختىيارى بىلەن قانائە تلىك ھالدا مۇسۇلمان بولۇشى تەلەب قىلىنىدۇ شۇڭىمۇ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئايەتلەر كۆپ ئەمما خرىستىئان چىركاۋلىر ىنىڭ، پۈتۈن مەسىلىلىرىدە ئىش ئەكسىچە بولۇپ« گەپ سورىماۇ شۇنداق ئېتىقاد قىلۇ»دەيدىغ ان پىرىنسىپى ھۆكۈم سۈرىدۇ
(3) ئىسلام دىنى ئەقىلنى قەدىرلەيدىغان، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى پەرز سانايدىغان، ئىلىم– پەنگە تەشەببۇس قىلىدىغاندىن ئەمما خرىستىئان چىركاۋلىرى خۇراپاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئەقىلغا قىممەت بەرمەيدىغان، ئىلىم– پەنگە جېنى بىلەن قارشى تۇرىدىغ ان جاھالەت ۋە قاراڭغۇلۇق مەنبىئىدۇر (4 ) ئىسلام دىنى ھاياتلىقنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىق يا كى مۇشكىلىدىن چىقىشنىڭ يولىنى ھازىرلاپ بولغان بىردىن شۇڭا ئىسلا م شەرىئىتى يۇقىرىسى دۆلەت، تۆۋىنى ئائىلە ھاياتىغىچىلىك پۈتۈن ھاياتلىق مەيدانلىرى ئۈچۈن مۇئەييەن پىرىنسىپ لارنى ۋە قائىدە– تەرتىبلەرنى بەلگىلىگەن ئەمما يەھۇدىي ئەسى للىك خرىستىئان ئالىمى پاۋلۇ، سنىڭ خرىستىئان دىنىغا چوڭ ئۆزگىرىش كىرگۈزگىنىدىن كېيىن بۇدىن مەنىۋىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان كەمتۈك بىر دىنغا ئايلىنىپ قالغانلى قى سەۋەبلىك، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا مۇناسۋەتلىك ھېچقانداق قانۇن– تۈزۈم، تەرتىب– ئىنتىزام بو لمىغانلىقى ئۈچۈن مۇستەبىت چىركاۋلار ئۆز خاھىشلىرى ب ويىچە ئادالەتتىن ھېچ ئەسىرى بولمىغان قانۇن– تۈزۈملەرنى بەلگىلىۋېلىپ ئىنسانلارنىڭ ھ اياتىنى دوزاخقا ئايلاندۇرغان مۇنداق بىر ئەھۋالدا، خرىستىئانلار دىننىڭ بېسىمىدىن قۇتۇ، لۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق يوللىرىنى بە لگىلەش ئۈچۈن زامانىۋىي قانۇن– تۈزۈملەرنى تۈز ۈشكە تامامەن ھەقلىق ئىدىSecularism ئەنە شۇنداقلار ئۈچۈن زۆرۈر ئەمما مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئارقىغا چېكىنىشتۇر (5 ) ئىسلام دىنىدا پىكىر ۋە مۇنازىرە قىلىش ئەركىنلىكىيېڭى چىققان مەسىلىلەر، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ھۆكۈمى بايان قىلىنمىغان ئىشلار ئۈستىدە ئىجتىھاد قىلىش
(1) شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە توپلىغان قىسسىلەردىن پۇرسىتى بار شۇڭا مۇجتەھىدلار قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان پۈتۈن، مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ كەلمەكتە ئەمما خرىستىئان دىنىدا شەرىئەت بولمىغانلىقتىن چىركاۋلار ئۆتمۈشلەردىكى قاراڭ غۇلۇق دەۋرلىرىدە قارار قىلىپ بېكىتىۋەتكەن بەزى دىنىي قائىدىلەردىن كىشىلەر ھازىرمۇ قۇتۇلالمىغان خرىستىئان دىنىدا تالاق بولمىغانلىقى ۋە ھاياتلىقنىڭ تەقەززاسى بەزىدە تالاقنى لازىم قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۇ مەسىلىگە خرىستىئان دىنىدىن يول تاپالمىغان خرىستىئان ئال ىملىرىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى تالاققا رۇخسەت قىلىش قانۇنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى
(6) ئىسلام دىنىدا گۇناھلارنى ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن ھېچكىم كەچۈرەلمەيدۇ ھەتتا پەيغەمبەرمۇ شۇنداق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھ ۇ ئەنھاغا« قىزىم مال– مۈلكۈمدىن نېمە سورىسىڭىز سوراڭ، ئەمما مەن ئاللاھنىڭ ئالد ىدا سىزگە ھېچ نەرسە قىلىپ بېرەلمەيمەن » دېگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى.
جاۋاب: دىننىي سىياسەتتىن ئايرىش پىكرى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا پېتىنالماي كەلگەن ئىدى پەقەت يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنى 1924-يىلى ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى يېقىلغاندىن كېيىن بۇ ئېقىم ئىسلام دۇنياسىغا رەسمى كىرىشكە باشلىغان ئىدى.
جاۋاب: Secularism ئېقىمىنىڭ ئىسلام دۇن ياسىغا يامراپ كىرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىر قانچە تەرەپتىن ئىزدىنىشكە بولىدۇ (1 ) مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن يىراقلىشىپ، تۈرلۈك خۇراپاتلارغا چۆمۈپ كەتكەنلىكى ۋە كىشىلەردە ئۆز ئېتىقادىنى ۋە دىنىي تەلىماتلارنى قوغداش ئېڭ ىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى، جاھ الەت ۋە نادانلىقنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى تاشقى كۈچلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا پىكرى جەھەتتىن ھۇجۇم باشلىشىغا شەرت شارائىت– يارىتىپ بەرگەن
(2) كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۇففارلار نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغانلىقى تاشقى كۈچلەرنىڭ پىكىر ئۇرۇشى قوزغىشىغا ۋە مۇسۇلم انلارنى ھەق دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزلىرىگە ھەر تەرەپتىن قۇل قىلىش يولىدا زىيانلىق ۋە خەتەرلىك پىكىر ئېقىملىرىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇشىغا سەۋەب بولدى مۇستەملىكىچىلەر ئۆز پىكىر لىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللانغاننىڭسى رتىدا، ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان«غەربچە مەكتەبلەر» نى قۇرۇپ چىققان ۋە ئىسلام دىنىغا مەنسۇب بولغان بە زى ئازغۇن مەزھەبلەرنى ھەر جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈپ مۇسۇلمانلارنى ئەقىدە ۋە پىكىر تەرەپتىن بۇزۇش رولىنى ئوينىغان
(3) مۇستەملىكىچىلەر كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەت لىرىدە« تەرەققىي پەرۋەرلىك»، « ئىلغارلىق» دېگەنلەرگە ئوخشاش قارىماققا چىرايلىق ئىسىملار بىلەن ئاتالغان كۆپلىگەن مۇئەسسەسەلەرنى
(1) بەندەر ئىبنى مۇھەممەد رىباھنىڭ«ئىلمانىيە » ناملىق ئەسىرى 18 - بەت - ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنى ڭ بارلىقى قۇرۇپ چىقىپ، مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ مېڭىسىنى زەھەرلەشتە غەلىبە قىلغان بۇ ئەينى ۋاقىتتا “ پىكىر ھۇجۇمى” ئىدى
(4) دىنىي ۋە مىللىي غ ۇرۇرىنى يوقىتىپ، ماددىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىۋالغان بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ياۋروپانىڭ ھ ەر قانداق نەرسىسىنى ئىلغىماستىن قوبۇل قىلىشقا ئالدىرىشى ئەسلىدە، ئىلىم– پەن نەدە بولسا، ئۇنى ئۆگىنىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز تۇرسا، ئۇلار ياۋروپانىڭ ئىلىم– پەن تەرەققى ياتىغا قىزىقىش روھىنى ئۆگىنىشكە قىزىقماستىن، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك پىكىر ئېقىملىرىنى قوب ۇل قىلغانلاردۇر (5 ) ياۋروپا ئەللىرىگە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مۇسۇلمان ياشلىرىدىن ئۆز دىنىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەنلەر ياۋرو پانىڭ ماددىي جەھەتتىكى تەرەققىيات ۋە باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، ئۆتمۈشلەردىكى خرسىتىئان چىركاۋلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلىم– پەننىڭ دۈشمىنى بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن دىننى سىياسەتتىن ئايرىش ئېقىمىنىڭ چى ققانلىقىنى ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ ئەزەلدىن تەرەققىي پەرۋەر، ۋە ئوقۇش، ئۆگىنىشنى پەرز قىلغان ھەتتا ياۋروپالىقلار ئۆتمۈشلەردە خەت يېزىش ئۈچۈن تېرىلەرنى ۋە دەرەخنىڭ قوۋزاقلىرىنى ئىشلەتكەن چاغلاردا، مۇسۇلمانلارنى كىتاب، ماتېرىياللىرىنى ئۆزلىرى باغدادتا ئىشلەپچىقارغان قەغەزلەرگە يېزىش تەرەققىياتىغا ئىگە قىلغان بىردىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغانياكى بىلمىگەن ھالدا” بىزمۇ دىننى سىياسەتتىن ئايرىساق تەرەققىي قىلىدىغان ئوخ شايمىز” دەپ جۆيلىگەنلىكتىنياۋروپانىڭ بۇ ئېقىمىنى تەشۋىق قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ خېمىرىدا تەرەققىيات روھى بار بولۇپ، ئۇنى غەپلەت، جاھالەت ۋە كەمسىنىشلەر قاپل ىۋالغان ئۇلار ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىكى ئەجدادلىرىنىڭ رو ھىغا، ۋارىسلىق قىلالىسا بۇ ئۇلارغا يېتىدۇ ياۋروپالىقلارنىڭ يېزىقچىلىق، تەرجىمە، تازىلىق دوختۇرلۇق، ھەتتا بەزى قانۇن- تۈزۈملەرنى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگەنگەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەتتا بۇنى ئۆزلىرى مۇ سۆزلىمەكتە.
جاۋاب: ئىسلام دۇنياسىدا ياۋروپانىڭSecularism پىكرىنى تەشۋىق قىلغانلارنىڭ مەشھۇرلىرى: مىسىردا ئەھمەد لۇتفىي سەييىد، ئىسمائىل مەزھ ەر، قاسىم ئەمىن، تاھا، ھۈسەين، ئابدۇلئەزىز فەھمىي، جامال ئابدۇنناسىر، ئەھمەد ھەسەن زىيات، فەرەج فودە ئىراقتا مىشىل ئەفلەق، ھىندونېزىيە سۇھارت و ۋە ئۇنىڭ سېپىدىكىلەر، تۈركىيىدە مۇس تافا كاما ل ئاتا تۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىدۇر.
جاۋاب: ئىسلام دۇنياسى باشتا مىسىر ۋە ئىراق بولۇش سۈپىتى بىلەنSecularism ئېقىمىنى خۇددى ئۇلارنى پۈتۈن دەرتلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان، مۇشكىلاتلىرىنى ھەل ق ىلىدىغان ۋە ئۇلارنى بەخ، تلىك قىلىدىغان بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ تۈزۈم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ ئۇنى سىناپ كۆردى ئەمما ئۇلارSecularism دىن كۈتكەنلىرىدىن بىرەرسىگىمۇ ئېرىشەلمىدى بەلكى قاتمۇقات كىرىزىسلارغا يولۇقتى ئى سلام دۇنياسىنىڭ ھازىرقى كزى رى سقا تولغان ئەھۋالى بۇنىڭغا گۇۋاھ بولماقتا ئون ئىككى نچى بۆلۈم شەك- شۈبھىلەرگە رەددىيە ھەقدىن ئىلىمگە قارشى ئەمەس.
