ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمىي بايان
ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ قىممىتى (سوئال 648 – 673)
بۆلۈم: “ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ قىممىتى (سوئال 648 – 673)”جاۋاب: ئەخلاق ــ ئىنساننىڭ روھىدا يەرلىشىپ ئادەت ھالىغا كەلگەن قىلىقلار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىش - ھەرىكىتى، گەپ - سۆزى، ئىدىيىسى، مىجەز - خۇلقى، مۇئامىلە، مۇناسىۋىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆلچەملەشتۆرۈپ قېلىپقا سالىدىغان مىزان. ئەخلاق ــ كۆندىلىك تۇرمۇشتا چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئومۇمىيلىقى، رولى، تەسىرى ۋە تەربىيە جەھەتتىن مەنىۋى كۆچلەرنىڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەخلاق گۈزەل ئەخلاق (ياكى ياخشى ئەخلاق) ۋە يامان ئەخلاق (ياكى ناچار ئەخلاق) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
جاۋاب: گۆزەل ئەخلاق – ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۆتۆن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ۋە دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئەخلاقلاردۇر. بۇ ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاقمۇ دېيىلىدۇ. ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاق دائىرىسىگە كىرىدىغان ياخشى ئىشلار ۋە ئادەتلەر ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار: ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۆ ـ ۋاپالىق، ئىمان ـ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۆمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەبى جاسارەتلىك، سېخى، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۆتۆن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.
جاۋاب: يامان -ئەخلاق ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيىتىمىزگە ۋە پۆتۆن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە دىنىمىزدا توسۇلغان قىلىقلاردۇر. يامان ئەخلاقلارنىڭ تۆرلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار: يالغان ئېيتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ھارام يېيىش، ئاتا – ئانىنى قاخشىتىش، ئائىلىسىدىكىلەرنى رەنجىتىش، قوشنىلارنى ئازارلاش، خىزمەتداشلىرىغا چوڭلۇق قىلىش، باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، تۆھمەت قىلىش، كۆرەلمەسلىك، قورقۇنچاقلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ھايۋانلارنى قىيناش، ھورۇنلۇق، تەمەگەرلىك، پۇرسەتپەرەسلىك، پىتنىخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق ۋە باشقىلاردۇر.
جاۋاب: دىنىمىزنىڭ بۇيرىغان ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىشنى ۋە ئىنسانلارنى ئەڭ ئېسىل ئەخلاقلارغا ئېرىشتۆرۈشنى مەقسەت ۋە غايە قىلغان. ئىنسانلار دىنىمىزدا بۇيرۇلغانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئەڭ گۆزەل ۋە ئەڭ ئېسىل ئەخلاقلارغا ئىگە بولغان بولىدۇ. چۆنكى دىنىمىزنىڭ بۇيرۇغانلىرى ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە، مۇھىتقا ۋە پۆتۆن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان بارلىق ناچار ئەخلاق ۋە يامان خۇيلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ پايدىلىق ئىشلارغا يۆزلەندۈرىدۇ. ئەخلاق رەھمەتنىڭ تۆرتكىسى بىلەن ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
جاۋاب: قېنى ئويلاپ …كۆرۈڭ. بىر لەھزە مەن بىلەن بىرگە تەپەككۇر .قىلىڭ. ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، خىيانەتچىلىك، بىر - بىرىگە ئىشەنچسىزلىك، شەپقەتسىزلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر دەۋر سۆرگەن بىر جەمئىيەتتە رەھمەتنى تاپقىلى بولامدۇ؟ بىر - بىرىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، بىر - بىرىگە خىيانەت قىلىدىغان، بىر - بىرىنى ئالدايدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بىر ئائىلىدە رەھمەتنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟ شۇڭا كەسكىن ئېيتالايمىزكى، «مەن پەقەت گۆزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۆچۆنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن ھەدىس بىلەن بىز﴿ سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ﴾ئەۋەتتۇق دېگەن ئايەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى روياپقا چىقىرىدىغان ھالقىلىق مۇناسىۋەتتۇر. چۆنكى ئەخلاق بولماستىن رەھمەت ئەنبىيا -107 سۆرىسى ئايەت. (ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.) ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
جاۋاب: دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تۆزىتىش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن: ئىبادەتلەرنىڭ بېشى بولغان ناماز ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ﴾ يەنى «ھەقىقەتەن ناماز قەبىھ ئىشلاردىن 4، گۇناھلاردىن «توسىدۇ دەيدۇ. مەلۇمكى، قەبىھ ئىشلار بىلەن گۇناھلار ناچار ئەخلاقنىڭ نەتىجىسىدۇر. تەلەبكە تىلشۇناس ئالىم ئابدۇلقاھىر -جۇرجانىي قەدىمدە ئىران، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى ) ( رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ خۇراسان مەملىكىتى بىلەن كاسپى دېڭىزى بويىدىكى تەبەرىستان رايونى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان جۇرجان دېگەن شەھەردە دۇنياغا كېلىپ ھىجرىيىنىڭ -471 يىلى (م 1078) ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەپسىرشۇناسلىق ئىلمى، ئەرەب ئەدەبىياتى، شېئىر، مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس، بەدىئىي ئىپادىلەش سەنئەتلىرى بويىچە كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلىرى مەۋجۇد. ئىبنى قەييىم جەۋزى – ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى. ئۇ ھىجرىيىنىڭ -691 يىلى ) ( (م 1292) دەمەشىقتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەدە ئوقۇغان. تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىدە توشقان ئالىم. ئۇنىڭ فىقھىشۇناسلىقتا قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار. ھىجرىيىنىڭ يىلى-751 (م 1349) دەمەشىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى. (ئەنكەبۇت سۆرىسى -45 ئايەت.) لايىق ھالدا، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئادا قىلىنغان ناماز يامان ئەخلاقلاردىن چوقۇم توسىدۇ ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دېگەن: «مەن نامازنى پەقەت مېنىڭ ئۇلۇغلىقىم ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان، بەندىلىرىمگە يامانلىق قىلمىغان، گۇناھ - مەسىيەتكە داۋام قىلمىغان، كۆندۈزلىرى مېنى ياد ئەتكەن، پېقىرلارغا، مۇساپىرلارغا، تۇللارغا ۋە خاپىلىق تارتىپ قالغانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان كىشىدىنلا 1 قوبۇل «قىلىمەن . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ نامىزىڭىز سىزنى ئىنسانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك قىلالمىسا، سىز ناماز ئوقۇپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلمىگەن بولىسىز. زاكاتنىڭ غايىسى ۋە مېۋىسىدىن مەقسەت گۆزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. چۆنكى ئۆزىنى زاكات ۋە سەدىقىلەرنى بېرىشكە ئادەتلەندۈرگەن ئادەم يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت قىلىشنى، شۇنداقلا سېخىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. زاكاتنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ غايىسى ھەققىدە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: ﴿خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا﴾ يەنى «ئۇلارنى گۇناھلاردىن پاكلاش ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىش ئۆچۆن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىرقىسىمىنى زاكات 2 ھېسابىدا «ئالغىن . ئايەتتىكى ﴾ياخشىلىقلىرىنى﴿ دېگەن ئىبارە، زاكاتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بارلىق ياخشىلىقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سېخىيلىق ۋە مەردلىكتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاقمۇ زاكات كۆپەيتىپ بېرىدىغان ياخشىلىقلاردىن بىرىدۇر. گۆزەل ئەخلاقتا چوقۇم ئىبادەتنىڭ ساۋابى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: بىراۋغا» ئوچۇق چىراي ئېچىشىڭدا سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دېگەنلىكى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. روزىنىڭ بۇيرۇلىشىنىڭ غايىسى ھەققىدە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ يەنى ئى» !مۆمىنلەر گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۆچۆن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى» 4 (. زۇبەيدى رىۋايىتى. (تەۋبە سۆرىسى -103 ئايەت.) تىرمىزى رىۋايىتى. (بەقەرە سۆرىسى -183 ئايەت.) ئايەتتىكى گۇناھلاردىن﴿ ساقلىنىشىڭلار ﴾ئۆچۆن دېگەن ئىبارە، روزىنىڭ ئىنساننى گۇناھتىن يىراق تۇرىدىغان ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان گۆزەل ئەخلاققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەجنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ غايىسى ھەققىدە قۇرئان كەرىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَىٰ ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ﴾ يەنى ھەج» ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر. بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان يەنى) ئېھرام (باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ ئاخىرەتلىكىڭلار) (ئۆچۆن 1 ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر» ئايەتتىكى: گۇناھ﴿ قىلىش ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى ﴾قىلىنىدۇ دېگەن ئىبارە بىلەن ئەڭ﴿ ياخشى ئوزۇق ﴾تەقۋالىقتۇر دېگەن ئىبارە ھەج ئىبادىتىنىڭ كىشىلەرنى گۇناھلاردىن، كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن يىراق بولغان تەقۋالىق دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىدىغان گۆزەل ئەخلاققا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىقى ۋە باشقا پۆتۆن ئىبادەتلەر مۇسۇلمانلار يەتمەكچى بولغان مۇكەممەللىكنىڭ شوتىسى ۋە گۆزەل ئەخلاقلارغا ئادەتلىنىشنىڭ يولىدۇر. ئورۇندىغۇچىسىغا بۇ دۇنيادا پايدىسى بولمىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا پايدا يەتكۆزەلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
جاۋاب: ئىنسان تەنتەربىيە ئارقىلىق جىسمانىي ساغلاملىققا ئېرىشسە، ئىبادەت ئارقىلىق روھىي گۆزەللىككە ۋە گۆزەل ئەخلاقلارغا ئېرىشىدۇ. بەزى كىشىلەر مەسجىدتە ناھايىتى ئەخلاقلىق، ئەمما مەسجىدنىڭ سىرتىدا، جەمئىيەتتە، ئائىلىسىدە، ئىش ئورنىدا، ئۇ باشقا ..ئىنسان. ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق چوڭ ئايرىلىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىدا، مۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار مەۋجۇد: بىرى، ئەخلاقى ناچار، ئەمما ئىبادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇندايدىغانلار، يەنە بىرى، ئەخلاقى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرنى ياخشى ئورۇندىمايدىغانلار بەقەرە سۆرىسى -197 ئايەت. ) ( ياكى ھېچ ئورۇندىمايدىغانلار. جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇئامىلە ئىشلىرىدا ناھايىتى راستچىل، دۇرۇس ۋە ئىشەنچلىك، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئىبادەتلەرگە ناھايىتى ھېرىسمەن بولسىمۇ، ئەخلاقى ناچار بولغانلىقتىن بىرىنى ئالدايدۇ، يەنە بىرىگە ئازار قىلىدۇ. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھېچقايسىسى ئىسلامدىن ئەمەس! سۇ بىلەن ئوت بىرلىشەلمىگەندەك، تەلەبكە لايىق ئورۇندالغان ئىبادەت بىلەن يامان ئەخلاق بىرلىشەلمەيدۇ.
جاۋاب: دىنىمىزنىڭ ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشقا قويغان تەلىبى بىلەن ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىشقا قويغان تەلىبى ۋە چاقىرىقى بىردۇر. يەنى ئىسلام نەزىرىدە ئەخلاق بىلەن ئىبادەت ئىككىسى بىردۇر. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆپ كۆرگىلى بولىدۇ. راستىنلا بەختكە ئېرىشىدىغان ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۆپەتلىرىنى بايان قىلغان جىمى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەردە، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئىبادىتى ماختالغان. مەسىلەن: مۇمىنۇن سۆرىسى مۇنداق باشلانغان: ﴿قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ * الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ﴾ يەنى «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار شۇنداق(مۆمىنلەركى نامازلىرىدا ئاللاھنى)ئۇلۇغلىغانلىقتىن ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.«بۇ ئىبادەت. ﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ﴾ يەنى»ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بۇ. «بولغۇچىلاردۇر ئەخلاق. ﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ﴾ يەنى ئۇلار» زاكات بەرگۆچىلەردۇر.«بۇ ئىبادەت. ﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ * إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ * فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ﴾ يەنى»ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن يەنى) (ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر. ئۆز ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن جىنسىي يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنىمايدۇ. بۇنىڭ سىرتىدىن جىنسىي) تەلەبنى (قاندۇرۇشنى تەلەب قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.«بۇ ئەخلاق. ﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ﴾ يەنى»ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.«بۇ ئۇستاز ئەمر»مۆمىننىڭ خالىدنىڭ «ئەخلاقى ناملىق ئەسىرىدىن. ) ( ﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ﴾ يەنى نامازلىرىنى» ۋاقتىدا)، تەلەبكە 1 (لايىق ئادا قىلغۇچىلاردۇر». بۇ ئىبادەت. دېمەك، دىنىمىزنىڭ بىزدىن تەلەب قىلىدىغىنى ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ھەر ئىككىسىدۇر.
جاۋاب: شەكسىزكى، مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۆسىگە لايىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشتۆرگەن نەرسە گۆزەل ئەخلاق بىلەن سەمىمىي ئىبادەتتۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۆيگۆسىكە ئېرىشكەن ياخشى بەندىلەرنىڭ سۆپەتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن بىرگە بايان قىلغان. مەسىلەن: فۇرقان سۆرىسىدە مۇنداق كەلگەن: ﴿وَعِبَادُ الرَّحْمَٰنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا﴾ يەنى «مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ياخشى) (كۆرىدىغان بەندىلىرى، زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق) سۆز قىلسا، ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ ۋە ئۆز يولىغا داۋام قىلىدۇ. بۇ ئەخلاق. ﴿وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا﴾ يەنى «ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە -ئۇزۇن) (ئۇزۇن قىيامدا ناماز)تۇرۇپ ئوقۇش (بىلەن ئۆتكۆزىدۇ.«بۇ ئىبادەت. ﴿وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ ۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا * إِنَّهَا سَاءَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا﴾ يەنى «ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى يىراق قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن ئايرىلمايدۇ. جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر، دەيدۇ». بۇ ئىبادەت. ﴿وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَٰلِكَ قَوَامًا﴾ يەنى «ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ»(2). مانا بۇ ئەخلاق.
جاۋاب: ھەرىكەتنىڭ-ئىش گۆزەل بولىشى ئۆچۆن نەپسنى پاكلاش ۋە روھنى يۆكسەلتىش ئارقىلىق ئىشنى ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلاش كېرەك. چۆنكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى تۆزەلمەستىن، تاشقى ھەرىكىتىنىڭ تۆزەلگەنلىكى ئىشقا يارىمايدۇ. مۇنداق ئىنسان ياسالمىلىقتىن خالىي بولالمىغانلىق سەۋەبلىك، ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاقنى ھاسىل قىلالمايدۇ. ئىنسان روھىي دۇنياسىنىـ گۆزەل ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش – ھەرىكىتى گۆزەل، سۆز – ئىپادىسى گۆزەل، مۇھىتى گۆزەل بولالايدۇ. ئىپپەت – ھايالىق، گۆزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام – غەيرەتلىك، سەۋر – تاقەتلىك، تىرىشچان، سەمىمىي – ساداقەتلىك، كەمتەر، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر – بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە، ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالسا ياكى تاشقى كۆرۈنۆشكىلا ئەھمىيەت بېرىلسە، گۆزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مۇنداقلار ئىش – ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، …جېدەلخور. قاتارلىق يامان قىلىقلارغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنى گۆزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. ئىسلام دىنىدا بولسا، گۆزەل ئەخلاق ئىماننىڭ كامالىتى ۋە ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان ئادەم گۆزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( كۆندۈزى 1 روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولىدىغان ئەمەل گۆزەل ئەخلاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۆزىدىغان ئىشلارنىڭ 2 ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى «ئەخلاقتۇر دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ گۆزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: «مەن ئەخلاقى گۆزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ 3 يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت «قىلالايمەن دەپ كورسەتكەن. تەقۋالىق گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەدىستە ئىنسانلارنى جەننەتكە ئەڭ كۆپ كىرگۆزىدىغان نەرسە ئىبادەت دېيىلگەن ئەمەس، بەلكى ئەخلاق !دېيىلگەن مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد )غەزالى ( «مۇسۇلماننىڭ ناملىق «ئەخلاقى ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۆچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەب قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغالله «يا !رەسۇلەللاھ بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت «بېرىدىكەن دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ» دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: يەنە» بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 5: ئۇ» جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم رىۋايىتى. (ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. (ئىسلاھاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غەزالى يىلى-1917 مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا) كەلگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ ئالىي دىنىي ماقاملىرىدا ۋە قەدىمىي ئىلىم يۇرتى ئەزھەرنىڭ دەۋەت» ئىشلىرى دا كومىتېتى» خىزمەت قىلغان، مەككىدىكى ئۇممۇلقۇرا»«ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئالجىرىيىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدە كېيىن-ئىلگىرى بولۇپ بىر قانچە يىل ئۇستازلىق قىلغان.»ئەل مىسىردىكى ئىخۋانۇل «مۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان، بۇ سەۋەبتىن ئىككى قېتىم تۆرمىگە ئېلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيە ماۋزۇلىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىسلامىي ئەسەرلەرنى يازغان، يىلى-1996 سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيىدا سۆزلەپ تۇرغان پەيتىدە يۆرىكى توختاپ قېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، مەدىنىدىكى ‹بەقى› قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «گۆزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك 1 ھەممىنى بۇزىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.»
جاۋاب: گۆزەل ئەخلاق ئىماننى تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۇنى كۆچلەندۈرىدىغان ئامىلدۇر. دەرىجە جەھەتتە ئەخلاق بىلەن ئىمان بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق «كىشىدۇر دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۆنى «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنداق ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئۆچ قېتىم تەكرارلىغان، بۇ ۋاقىتتا ساھابىلەردىن بىرى !يارەسۇلەللاھ“ئۇنىڭدىن ئۇ قانداق “ئادەم دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قوشنىسى» ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان 3 ئادەم» دەپ جاۋاب بەرگەن. قېنى ئويلاپ !كۆرۈڭ بالكونىغا يايغان كىرنىڭ سۆيىنى ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىلىرىغا ياكى يولغا ئېقىتىپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغانلار بىلەن ماشىنىسىنى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان ياكى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يۇندا ياكى ئەخلەتلەرنى تۆكىدىغان، ئۆيىگە كىرىپ، چىقىش جەريانىدا قوشنىلىرىنى راھەتسىز قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى ئىمانىمىز كامىل دەپ ئېيتالامدۇ؟ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.
جاۋاب: ئادەم ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىقلا ھەقىقىي ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ئەۋلادلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاق تەربىيىسى قەيەردە ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، شۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئەخلاق ساپاسى، تەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىق ئەۋلادلارغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق غايە تۇرغۇزۇش، دەۋرگە ماس قەدەمدە قانداق ئىلگىرىلەش، قانداق قىممەت يارىتىش، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، نېمىنى سۆيۆش، نېمىلەردىن نەپرەتلىنىش توغرىسىدا تەلىم بېرىلىدۇ. ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى. ) ( ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. ) ( ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
جاۋاب: شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەت بولۇپ، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ پىرىنسىپلىرى بىر. بەلكى شەرىئەتنى بىر يۆرۈش ئەخلاقتىن ئىبارەت بىرلا ماۋزۇنىڭ ئىچىگە كىرگۆزۈشكە بولىدۇ. چۆنكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئورۇنداشقا تۆرتكە بولىدىغان نەرسە يەنىلا ئەخلاقتۇر.
جاۋاب: ئىسلام ئېتىقادى ھەقىقەتتە ئىلمىي ھەقىقەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە، سۆپەتلىرىگە، پەيغەمبەرلەرگە، ئاللاھ)ساماۋىي (چۆشۆرگەن كىتابلارغا، غەيبلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى باردۇر. ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باش ئېگىش ئەخلاقىي پەزىلەت بولۇپ، بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا تۆرتكە بولغان نەرسە يەنىلا ئەخلاقتۇر. چۆنكى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش گۆزەل ئەخلاق بولسا، ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن يۆز ئۆرۈش رەزىل ئەخلاقتۇر. ئۇنىڭغا تۆرتكە بولغان نەرسىمۇ نەپسىي خاھىشنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىپ ھەقىقەتنى رەت قىلىش ۋە ئۇنى يامان كۆرۈشتۇر. ھەقىقەتنى سۆيۆش ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان ئادەمنىڭ بۇ گۆزەل ئەخلاقى ئۇنى ھەقىقەتكە باش ئېگىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش، ھەق ئىگىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما بۇ گۆزەل ئەخلاقتىن مەھرۇم بولۇپ، ئۆزىنىڭ نەپسىي خاھىشىنى ئەقلىگە ھاكىم قىلىۋالغانلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەق ئىگىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان باتىل ئېتىقادلار ئەخلاقىي بۇلغىنىشلاردىن كېلىپ چىققان خۇراپاتلار بولۇپ، بۇلغانمىغان ساپ ئەخلاقنىڭ تۆرتكىسى بۇنداق باتىل ئېتىقادلارنى ئەلۋەتتە رەت قىلىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام شەرىئىتىدىكىـ ئىبادەت پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا قىلىنىدىغان، ئۇنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىش بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرىگە شۆكرى قىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى، ئۇنىڭغا يېقىنلىق ئىزدەشنى ۋە ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيۆشنى تەلەب قىلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىتائەتچانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىتائەت قىلىنىشى زۆرۈر بولغان بىرىگە ئىتائەت قىلىش ئەخلاقىي بۇرچ بولۇپ، ئۇنىڭ تۆرتكىسى ھەقىقەتنى سۆيۆش ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاقتۇر. چۆنكى ئىتائەت قىلىنىشى زۆرۈر بولغان بىرىنىڭ ئىتائەت قىلىنىشى ئۇنىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋە ھەقىقەت ئۆزىنىڭ زىتىغا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان ئادەمنىڭ بۇ گۆزەل ئەخلاقى ئۇنى ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان قۇلچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تۆرتكە بولىدۇ. نېمەت بەرگۆچىگە شۆكۆر قىلىشمۇ گۆزەل ئەخلاق بولۇپ، بۇ نىڭغا تۆرتكە بولغان نەرسە ياخشىلىق قىلغاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش، نېمەت بەرگۆچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت پەزىلەتتۇر. ئاللاھ تائالا نېمەت بەرگەنلىكى ئۆچۆن ئۇنىڭغا شۆكۆر ئادا قىلىش بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ھەقلىقتۇر. گۆزەل ئەخلاقلىق ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەققىنى ئادا قىلغاندەك، ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنىمۇ مۇكاپاتسىز قويمايدۇ. مۇندا قىلىش ۋاپادارلىقتىن سانىلىدۇ. ۋاپادارلىق بولسا گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئۆزى.
جاۋاب: مال-پۇل مۇئامىلىسى توغرىلىق بىلەن ئادالەت ئۆستىگە قۇرۇلغان مۇئامىلە بولۇپ، توغرىلىق بىلەن ئادالەتنى سۆيۆش گۆزەل ئەخلاق قاتارىدىن سانىلىدۇ. توغرىلىق ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان ئادەم مال-پۇل مۇئامىلىسى ۋە قانداقلا بىر مۇئامىلىدە چوقۇم ئىسلام پىرىنسىپى بىلەن ئىش كۆرىدۇ. «مۇئامىلىدۇر-دىن» دېگەن سۆزمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولىشى كېرەك. ئەمما توغرىلىق ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇ گۆزەل ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغانلار باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا-ھەق تاجاۋۇز قىلىش، ھەقسىزلىق قىلىپ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش قاتارلىق يامانلىقلارنى قىلىدۇ. چۆنكى ھەقسىزلىق بىلەن زۇلۇم ھەقىقەت ئۆزىنىڭ نەپسىي خاھىشىغا زىت كەلگەن ۋاقتىدا، ئۇنى يامان كۆرۈش ۋە ئۇنىڭدىن يۆز ئۆرۈشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي قىڭغىرلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان نەرسە.
جاۋاب: ئائىلە ھاياتى ئۆچۆن بەلگىلەنگەن ئىسلامىي ئەھكاملار ۋە -قائىدە پىرىنسىپلار ئەخلاق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، ئەخلاق بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق يۆلەنچۆكىدۇر. مەسىلەن: ئائىلە نىزامى، شەخسلەرنىڭ ھوقۇقلىرى-ھەق ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق، بىرىنى-بىر چۆشىنىش ۋە بىرىگە-بىر يول قويۇش، بىرىنى-بىر كەچۆرۈش، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە يارىتىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكىگە ئاساسەن ئادالەت بىلەن بۆلۆشۆش، ئۆيلىنىش، ئاجرىشىش، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، مىراسنى ھەققانىي تەقسىم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىر گۆزەل ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش بىلەنلا توغرا يۆنىلىشكە قاراپ يول ئالىدىغان ئىشلاردۇر. چۆنكى دۆلەتنىڭ پىرىنسىپلىرى-قانۇن ئۆي ئىچىگە يارىمايدۇ. ئۆي ئىچىدە پەقەت ئاللاھتىن قورقۇشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي ۋە ۋىجدانىي پىرىنسىپلارلا ئىشقا يارايدۇ. ئىچمەك-يېمەك ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە مۇناسىپ ھالدا كىيىنىش ئىشلىرىمۇ بۇ ماۋزۇغا قوشۇلىدۇ.
جاۋاب: ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئەخلاق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر بىر شەخسنىڭ ھاياتتىكى دىنىي ۋە دۇنيالىق ۋەزىپىسىنى، ئائىلە ئەزالىرىغا، قوشنىلىرىغا، جامائىتىگە-يۇرت ۋە پۆتۆن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بۇرچىنى ۋە ۋەزىپىسىنى چىن كۆڭلىدىن قېتىرقىنىپ ئادا قىلىش ئىشى كىشىدىكى ھەقىقەتنى سۆيۆش، باشقىلارغا يول قويۇش، كەچۆرۈش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۆچۆن ئۆز نەپسىنىڭ تەلەبلىرىدىن ۋاز كېچىشتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاقنىڭ تۆرتكىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
جاۋاب: -ئەھدە مىساق، كېلىشىم ۋە ۋەدىلىشىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەت ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى-ھەق قوغداش، ھەقسىزلىككە ۋە زۇلۇمغا يول قويماسلىق ئۆچۆندۇر. مۇنداق مۇئامىلىلەرنى بىراۋنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماستىن ھەققانىي ھالدا ئېلىپ بېرىش پەقەت گۆزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرۈش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۆنكى گۆزەل ئەخلاق كىشىنى ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش، ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش، ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق پەزىلەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.
جاۋاب: ئىسلامىي يوسۇنلار-قائىدە ئىنساننىڭ تۇرۇشى-يۆرۈش ۋە -ئىش پائالىيەتلىرىدە، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بىر خىل توغرىلىق، ھەققانىيلىق ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكنى گەۋدە قىلغان روھىي گۆزەللىكتۇر. ئۇنىڭدا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ياخشى ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى راھەتسىز قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلەيدىغان ھەر قانداق سۆز-گەپ ۋە ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر مۇجەسسەم بولغان بولىدۇ. بۇ يوسۇنلار-قائىدە پەقەت گۆزەل ئەخلاقتىن نېسىۋە ئالغان كىشىلەردىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالايدۇ. چۆنكى بۇ ئىشلار دۆلەتنىڭ جازا قانۇنى بىلەن قورقۇتۇپ قىلدۇرغىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارنى ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن چىققان ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنى-ئىش ئۆز كونترولى ئاستىغا ئالىدىغان ئەخلاقنىڭ كۆچى بىلەنلا قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
جاۋاب: گۆزەل ئەخلاق ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر جەمئىيەت ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئەخلاق بۇزۇلغان ھامان كىرزىسلار باش كۆتىرىدىغانلىقىدا شەك يوق. شەك قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتلەردىن بىرى شۇكى، دۇنيادا ئىنسانلار توپلىشىپ ياشايدىغان قانداقلا بىر جەمئىيەت بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئەزالىرى گۆزەل ئەخلاققا باغلانماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىرىنى-بىر چۆشىنىپ، بىرىگە-بىر يول قويۇپ ۋە بىرى-بىر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەختلىك ھالدا ھايات كەچۆرىشى ۋە راۋاج تېپىشى مۇمكىن !ئەمەس مۇنداق قىلماستىنمۇ راۋاج تاپقان ئىنسانلار جەمئىيىتى بار دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ئۇ پەقەت ماددىي مەنپەئەتلەر بىلەن باغلانغان ھەمكارلىقتۇر، بەس. مۇنداق جەمئىيەت ئەزالىرىدا ماددىي مەنپەئەت باغلىنىشىدىن باشقا ئۇلۇغۋار پەزىلەتلەر بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى چوقۇم كىرزىسقا يۆز تۇتىدۇ. چۆنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ساغلام بولىشى ئۆچۆن ئەڭ ئاددى تەلەپ ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئىشەنچ ۋە بۇ ئىشەنچنى يەردە قويمايدىغان ئەمىنلىكتىن ئىبارەت گۆزەل راستچىللىقتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاق ھۆكۆم سۆرمىگەن بىر جەمئىيەتتە كىشىلەردە ھوقۇقلارنىڭ-ھەق قوغدىلىشىغا، پەن-ئىلىم، مائارىپ ۋە يېڭىلىق خەۋەرلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنچ بولامدۇ؟ ئىشەنچتىن ئىبارەت گۆزەل ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغان بىر جەمئىيەت كىشىلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق، مۇقىملىق، خاتىرجەملىكنىڭ مىساللىرىنى تاپقىلى بولامدۇ؟ ئارىسىدا بىرلىك، ئىناقلىق، ئۆزئارا مۇھەببەت-سۆيگۆ بولمىغان بىر مىللەت قانداقمۇ پارلاق كېلەچەك قۇرالىسۇن؟ ئۆزىنىڭ ھەققىنى تەلەب قىلىش يولىدا دۈشمەنلەرگە ۋە زالىملارغا قارشى شۇجائەت، قورقماس ئىرادە بولمىغان بىر مىللەت قانداقمۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلسۇن؟ ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، نەپسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۆچۆنلا ياشايدىغان، قۇربان بېرىشنى ياقتۇرمايدىغان بىر ئىنسان قانداقمۇ ئىنسانىي كامالەتلەرگە يېتەلىسۇن؟ تەجرىبىلەر، تارىخىي ۋەقەلىكلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى يۆكسىلىشتىن بولغان نېسىۋىسى ئۇلارنىڭ -ئەخلاق پەزىلەتتىكى يۆكسىلىش دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. قانداقلا بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى تەرەپتىن يېقىلىشى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي تەرەپتىن يېقىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بولىدۇ.
